چىرايلىق گۈلسارە

چىرايلىق گۈلسارە

作者:شەبنەم | 阅读:836 次


📑 章节目录

第8章:8-قىسىم

-   ھەي گۈلسارە .  بۈگۈن سەن ئىشقا بامايسەن ، شۇڭا ئەتىگەندە بېرىپ قويلارغا ئوت ئېلىپ كېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆيلەرنى پاكىز تازىلىۋەت .   مەن قوشنا مەھەللىگە تويغا بېرىپ كېلەي .
-   ماقۇل ، ئانا .
  ئايىمخان گۈلسارەگە شۇلارنى دەۋېتىپ گۈلگىنەنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى .
-   گۈلگىنە قىزىم .   قوشنا مەھەللىدە توي بار ئىكەن  مەن بىلەن بىللە بارامسەن .
-   مېنىڭ بارغۇم يوق ئانا .  ئۆزۈڭ بېرىپ كەل .  گۈلگىنە  نەچچە كۈندىن بېرى  ئەركىن ئاكىسىنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى . ئۇ شىرىن  خىياللارغا ئەسىر بولغىلى نەچچە كۈن بولغان بولۇپ .  ھېچكىمنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلمىگەنلىكىدىن خۇي تۇتقان ئىدى .
-   مەيلى ئەمىسە قىزىم .  بولمىسا شەھەرگە كىرىپ ئويناپ كەل .
ئايىمخاننىڭ شەھەرگە بېرىپ ئويناپ كەل دېگەن سۆزىدىن .  گۈلگىنە  ئويلىنىپ قالدى .
-   ئۇ كەلمىسە مەن بارسام بولىدىغۇ .  بىراق مەن ئۇنى نەدىن تاپامەن .
گۈلگىنە  شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن .
-   ماقۇل ، ئانا ، سەن مېڭىۋەر .
گۈلگىنە ئانىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن .  خىيالغا چۆكتى .
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي گۈلسارە ئېتىزلىققا، ئايىمخان تويغا كېتىپ گۈلگىنە ئۆيدە يالغۇز قالدى،  ئۇ  چاچلىرىنى يۇيۇپ تارىغاندىن كېيىن .  ئەركىن ئېلىپ بەرگەن كىيىمدىن بىر قۇرنى كەيدى .  ئاندىن ئەينەك ئالدىغا كېلىپ .  ئۆزىگە ھەۋەس بىلەن قارىۋەتكەندىن كېيىن .  چىرايلىق گىرىم قىلدى دە .  دەرۋازىغا قۇلۇپنى سېلىپ ئاچقۇچنى جايىغا تىقىپ قويدى .  بۇ چاغدا كۈن خېلى بىر يەرگە بارغان بولۇپ گۈلسارە ئوتلىرىنى ئېلىپ ئېتىزلىقتىن قايتماقچى بوپ تۇراتتى،
-   قانداق ئەھۋالىڭ گۈلسارە .  ئەجەب كەم دىدار بولۇپ كەتتىڭغۇ .  ماڭا جاۋاب بېرىمەن دەپ قويۇپ مۇشۇنداق ھەپتە ئون كۈن يوقاپ كېتەمسەن .  تۇيۇقسىز گۈلسارەنىڭ كەينىدىن ئىليارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
-  ھە ، قانداق ئەھۋالىڭ ئىليار ئاكا،   مەن شۇ بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم .
-   بىلدىم  ئايىمخان دېگەن دەللال سېنى خەقنىڭ ئىشلىرىنى قىلغىلى سالغان ئوخشىمامدۇ .
گۈلسارە ھېچنېمە دېمىدى.
-  ماڭا جاۋاب بېرىمەن دېگەن ئىدىڭ .
-   مەن ئۆيگە قايتىشقا ئالدىراپ قالدىم ئىليار ئاكا ئۆيدە گۈلگىنە يالغۇز قورسىقى ئېچىپ كەتسە ...
-   ھەي گۈلسارە  گۈلگىنە دېگەن نايناق بوۋاق بالىما.  ئۇ قورسىقى ئېچىپ كەتسە ئۆزى بىر نەرسە قىلىپ يېيىشنى بىلمەمدۇ .  سەن نېمە دەپ بۇنىڭدىن ئەنسىرەيسەن
گۈلسارە يەنىلا ھېچنېمە دېمىدى .
-   ھە ، بولدى بولدى ، بىز ماڭغاچ پاراڭلىشايلى .
ئىليار كاسكى شۇنداق دەپ .  گۈلسارەنىڭ  ئۆشنىسىگە ئارتىۋالغان مۈرىسىدىكى بىر خالتا ئوتنى قولىغا ئالدى .
ئۇلار يانمۇ يان   ئېتىزلىقتىن ئۆيگە قايتىش يولىدا كېتىۋاتاتتى .
-   بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئانامغا ئېيتتىم .
-  ھە؟   تىللاخان ھاممام نېمە دېدى ؟   ھەيرانلىقتا قالغان گۈلسارە  تېزلا سوئال سورىدى .
گۈلسارەنىڭ تېزلا بۇ  سوئالنى سورىشىدىن ئىليار كاسكى كۆڭلىدە خۇش بولدى .
-   ئانام ئۇ بىزنىڭ ئىشىمىزغا قارشى ئەمەس ئىكەن .  دادام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ سىلەرنىڭ ئۆيگە ئەلچىلىككە بارىدىغان بولدى .
گۈلسارە لەسسىدە جىمىپ كەتتى .
-   نېمە بولدۇڭ گۈلسارە گەپ قىلمايسەنغۇ؟
-   مەن نېمە دېيەلەيمەن ئىليار ئاكا،  ئانام ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئىشىمىزغا قوشۇلمايدۇ .  ئۇنىڭ مېنى ياتلىق قىلىش نىيىتى يوق .
-   شۇڭا مەن ساڭا بىز يىراق جايلارغا كېتەيلى دېدىم .  ناۋادا ئاناڭ قوشۇلمىسا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر قوشۇلغاندىن  كېيىن . باشقا جايغا كېتەيلى .  ئاندىن ئازراق پۇل تېپىپ تويىمىزنى قىلساق بولىدۇ .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان گۈلسارە ئىچىدە خۇش بولدى .
-   دېمەك تىللا خان ھاممام بىزنىڭ ئىشىمىزغا قارشى ئەمەس ئىكەندە .
-   ئەلۋەتتە ئانام ھەرگىزمۇ قارشى ئەمەس .
-   ماڭا قارىغىنە گۈلسارە مەن بىلەن بەخىتلىك بولۇشنى خالامسەن .
ئىليار بىلەن گۈلسارە پاراڭلىشىپ كېتىۋېتىپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا كوچا دوقمۇشىغا يېقىنلاپ قالغان ئىدى .
ئىليار جايىدا توختاپ گۈلسارەنى ئۆزىگە قاراتتى .
-   ماڭا جاۋاب بەرگىنە مەن بىلەن بىللە ئۆتۈشنى خالامسەن ؟
شۇ تاپتا گۈلسارەنىڭ يۈزى چوغدەك قىزاردى .  ئۇ  قاتتىق غەيرەتكە كېلىپ  كۆڭلىدىكىنى ئىليار كاسكىغا دېمەكچى بولدى .
-   مەنمۇ خالايمەن ئىليار ئاكا .  بىراق  بۇ كاج تەقدىرنىڭ   بىزنى ئازابقا قويۇشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن .
گۈلسارەنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان ئىليارنىڭ خوشاللىقتىن   يۈرىكى يېرىلغۇدەك بولدى .
گۈلسارە ئىليار كاسكىنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكىنى،   ۋە ئەدەپ ئەخلاقلىقىنى بەكمۇ ياقتۇراتتى،  ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان .
-   ئىككىمىز بىللە بولىدىكەنمىز ، ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن قورقمايمىز گۈلسارە ماڭا ئىشەن .  مەن سېنى جاپادا قويمايمەن .
ئۇلار شۇنداق پاراڭلىشىپ تۇرغاندا يىراقتىن گۈلگىنە نايناقلىغىنىچە يېتىپ كەلدى .
-   ۋاي ۋۇي ،  بۇ يەردە نېمە ئىشلار بولۇپ كەتتى ئەمدى ؟
ئۇنىڭ چىرايىدىن  بىزارلىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى .
-    گۈلسارە دېگەن بۇ بۇزۇق،   يەنە سىزگە چاپلىشىۋالغان ئوخشىمامدۇ ئىليار ئاكا ،
ئۇ شۇنداق دەپ ئىليارنىڭ قولتۇقىغا ئېسىلماقچى بولىۋىدى .
-   ئاغزىڭىزغا  بېقىپ سۆزلەڭ گۈلگىنە .  گۈلسارەنى مېنىڭ ئالدىمدا بۇزۇق دېگۈچە بولماڭ .
 ئىليار شۇنداق دەپ گۈلگىنەنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى .
-   ۋوي .  ئىليار ئاكا ، بۇ نېمە دېگىنىڭىز،   ئەجەبا گۈلسارە سىزنى سېھىرلىۋەتمىگەندۇ ھى، ھى، ھى،
-   ئۇنداق ئىش يوق ، بىز يولدا ئۇچرىشىپ قېلىپ ،  بۇ يەردە پاراڭلىشىپ قالدۇق،
-   ھە .  ئۇنداقتا گېپىڭلار تۈگىگەن بولسا سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى ، ئىليار ئاكا .  
گۈلگىنە ئەركىلەپ تۇرۇپ ئىليار كاسكىغا شۇنداق دېدى .
-  گېپىڭىز بولسا باشقا چاغدا دەڭ ، مەن گۈلسارەنىڭ  ئوتلىرىنى ئۆيىڭلارغا ئاپىرىشىپ بېرەي .
-   ھە ، بولدى ، ئىليار ئاكا ، مەن ماڭغاچ تۇراي .  بۇ ئوتلارمۇ ئانچە ئېغىر ئەمەس .  ئۆزۈم ئېلىپ كېتەلەيمەن .   گۈلسارە شۇنداق دەپ ئىليارنىڭ قولىدىكى ئوتنى تارتىپ ئالدى،
-   شۇ شۇ سەن مېڭىۋەرگىن گۈلسارە  ئۆيدە قىلىدىغان ئىشىڭ جىققۇ دەيمەن .  ئاندىن كەچتە ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ قوي .  گۈلگىنە شۇنداق دەپ گۈلسارەگە بۇيرۇق سوقۇپ قويدى .
گۈلسارە گۈلگىنەگە ھېچنېمە دېمەستىن ئوتنى كۆتۈرۈپ يولىغا راۋان بولدى .
-   نېمە گېپىڭىز بار ئىدى ، تېز دەڭ .  
ئىليار كاسكى گۈلگىنەنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىگە  قىزىقمىسىمۇ  ئۇنى  تېزراق كەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىراتتى .
-   قايسى كۈنى ئۆيىڭىزگە بارسام يوقكەنسىز ئىليار ئاكا،  شەھەرگە كىرىپ ئويناپ كېلەيلى دېگەن ئىدىم .  ۋاقتىڭىز بولسا بۈگۈن بېرىپ ئويناپ كەلسەك قانداق دەيسىز؟
-   ھە ، مۇشۇ ئىشمىدى،   بۈگۈن مېنىڭ ۋاقتىم يوق ، باشقا كۈنى بولسۇن .  سىز بېرىپ ئويناپ كەلگەچ تۇرۇڭ ئەمىسە،   ئىليار شۇنداق دەپ قويۇپ گۈلسارەنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كەتتى .
ئۇ تېزلا گۈلسارەگە يېتىشىپ گۈلسارەنىڭ قولىدىكى  ئوتنى ئالماقچى بولىۋىدى .
ـ  ئەمدى قايتىپ كېتىڭ ئىليار ئاكا،  مەن سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى كۈتىمەن
گۈلسارە شۇنداق دەپ ئىليارغا يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى .
ـ   بولىدۇ ، مەن دادام ئاپاملارنى ئېلىپ تېزلا بارىمەن . ئىليار شۇلارنى دىگەندىن كىيىن گۈلسارە ئاستا ئاستا ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كەتتى،
ئۇ يىراقلاپ كېتىۋاتقان  گۈلسارەنىڭ  سىماسىغا قاراپ  ئۆزىنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىۋاتاتتى .
كوچا دوقمۇشىدا  ئىليار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان گۈلگىنەنىڭ قاتتىق غەزىپى تاشتى .
ـ   ھۇ بۇزۇق پاسكىنا .  قاراپ تۇرۇپ ، ئىليار ئاكامنى مەندىن تارتىۋالدى دېسە .  خەپ توختاپ تۇر .  سەنلەرنى ھەرگىز مۇرات مەقسىتىڭگە يەتكۈزمەيمەن .
ئۇ ئۆز-  ئۆزىگە شۇنداق ئاچچىقلاپ تۇرۇشىغا،  يىراقتىن قاسىم بۈرگىنىڭ قىزىل رەڭلىك پىكاۋى يېتىپ كەلدى دە،  گۈلگىنەنىڭ يېنىغا كېلىپ توختاپ  ماشىنىنىڭ ئەينىكى چۈشۈرۈلۈپ   ئىچىدىن ئەركىننىڭ بېشى كۆرۈندى .
-   ۋاي ۋۇي ، گۈلگىنە جېنىم   بىز سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە ماڭغان ئىدۇق ، ئەجەب بۇ يەردە تۇرۇپسىزغۇ .
-   ئەجەب ئەمدى كەپسىزغۇ ئەركىن ئاكا .  گۈلگىنە تۇمشۇقنى ئۇچلاپ  ئەركىلەپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى .
-  ھە، بىلىپ بىلمەي مەلىكەمنى ساقلىتىپ قويۇپتىمەن دە .  ئەسلىدە نەچچە كۈن ئاۋۋال كېلەتتىم ئازراق ئىشلار تۈپەيلى كېلەلمەي قالدىم .  مېنى كەچۈرۋېتىڭ ھە مەلىكەم .  ئەركىن شۇنداق دەپ ماشىنىدىن چۈشۈپ ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى  ئېچىپ گۈلگىنەنى ماشىنىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى .
-   قېنى ماشىنىغا چىقىڭ گۈزەل مەلىكەم .  مەن بۈگۈن سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى ياندۇرۇپ سىزنى خۇش قىلىشقا مەسئۇل بولىمەن.
تېخى باياتىنلا ئىليار كاسكى تەرىپىدىن كۆزگە ئىلىنمىغان گۈلگىنە ئەركىننىڭ بۇ قىلىقلىرىدىن ئۆزىنى ئاسماندا ئۇچىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتى .
-  ھى، ھى، ھى،   بولىدۇ ، ئۇنداقتا بۈگۈن مېنى خۇش قىلالمىسىڭىز،   مېنى بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئىزدىمەڭ .  گۈلگىنە شۇنداق دەۋېتىپ ماشىنىغا چىقتى .
-  ماقۇل خاتىرجەم بولۇڭ مەلىكەم،
ئەركىن  ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋېتىپ .  ئالدىدىكى شوپۇر ياردەمچى ئورۇنغا چىقىپ ئولتۇردى .
-   ۋاي ۋۇي ، گۈلگىنە مەندىن ، تىشلىق سورايمۇ دېمەيسىزغۇ ؟  ئاق ئاتلىق شاھزادىڭىزنى كۆرگەندە  كۆزىڭىز باشقا ئادەمنى كۆرمەيدىكەن دېسە .
  قاسىم بۈرگە ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى ئەينىكدىن  گۈلگىنەگە قارىغاچ شۇنداق دېدى .
-  ھە ، ئۇنداق ئەمەس ، قاسىمجان ئاكا .  ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
-   ياخشى ، ياخشى ئالامەت دەڭە . كەتتۇق ئەمىسە .
  كۈن چۈش بولاي دېگەن چاغ يازنىڭ ئاپتىپىدا قاتتىق تەرلەپ كەتكەن ئۇلار ماشىنىنىڭ ئەينەكلىرىنى ئېچىۋتىپ ناخشىنى بولىشغا قۇيۇپ شەھەر تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى،
   ئىليار كاسكىنىڭ ئانىسى تىللاخان  ھويلىدىكى دەرەخنىڭ سايىسىغا  قويۇلغان كاتنىڭ ئۈستىدە پۇتىنى ئالماپ ياتقان .  ئىليارنىڭ دادىسى   تۇسۇننىڭ  يېنىغا كېلىپ  ئولتۇرۇپ دېدى .
-  دادىسى سىزگە دەيدىغان ئازراق گېپىم بار ئىدى .
50ياش
-   قېنى ئېيتە نېمە گېپىڭ بار،
ـ  ئوغلىمىز ئىليارمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قاپتۇ .  ئۇنى ئۆيلەپ قويساقمىكىن دەيمەن .
-  ھە؟   نېمە ئوغلۇڭ ساڭا بىرەر نەرسە دېگەن ئوخشىمامدۇ ؟
-   بۇ . ...
-   تىلىڭنى چاينىماي تېز ئېيت ، ئۇ خەقنىڭ قىزلىرى بىلەن بىرەر ئىش قىپ قويۇپ .  ئىش تېرىپ يۈرمىگەندۇ ؟
-   نەدىمۇ  ئۇنداق ئىش بولسۇن دەيسىز .  ئوغلىمز  شۇنداق ياخشى تۇرسا .
-   ئەمىسە دېگىنە ئەجەب سېنىڭ ئۇنىڭغا خوتۇن ئېلىپ بەرگۈڭ كېلىپ قاپتىغۇ ؟
-   ئوغلىمىزمۇ چوڭ بولدى،  يەنە كېلىپ ، ئۇ دېگەن بالىنىڭ چوڭى .  شۇڭا ئۇنى ئۆيلەپ قويساق كېلىنىمىز بولسا ئۆينىڭ ئىشلىرىغا يېقىن تۇراتتى .
- ھىم ...   بۇ گېپىڭدىن قارىغاندا  كۆڭلۈڭدە ئويلاپ قويغان بىرى بار ئوخشىمامدۇ .
-   بولىشىغۇ با، بىراق ...
-   ئۇ كىم؟
-   مۇشۇ مەھەللىدىكى ئايىمخاننىڭ قىزى گۈلسارە .
- -  ھىم،  گۈلسارەغۇ ناھايىتى ياخشى قىز،   بىراق ئايىمخان بىلەن قۇدىلىشىش مېنىڭچە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش .  تۇرسۇن تىللاخاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شۇنداق دېدى .
-   ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ دادىسى .   بىز ئاۋۋال ئۇلارنىڭكىگە بېرىپ باقمامدۇق  .  ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئوغلىمىزنىڭ گۈلسارەگە كۆڭلى بار ئىكەن .
-   شۇنداقمۇ ئوغلۇڭ گۈلسارەگە يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرۈپتۇ دە . ھا، ھا، ھا،
-  ئۇلار ئىككىسى كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولدى .  مېنىڭچە بۇ نورمال ئەھۋال دادىسى .  ئوغلۇم كۆڭلىدىكىنى ماڭا ئېيتتى،
-   بولىدۇ .  مەھەللىدىكى بىر قانچە  خوتۇنلارنى ئېلىپ ئەلچىلىككە بارغىن .  ناۋادا قوشۇلسا تويغا پۈتۈشۈپ كېلەسىلە تۇسۇن ئايالى تىللاخانغا شۇنداق دىدى.
- ھە؟   ئۇنداقتا سىز قوشۇلغان ئوخشىمامسىز   ؟
-   مەنغۇ قۇشۇلىمەن، گۈلسارە  ھەقىقەتەن ياخشى قىز .  ئىشچان ھەم ئەقىللىق .  بىراق ، مەن قوشۇلغىنىم بىلەن  ئىش پۈتمەيدۇ دە .  تۇرسۇننىڭ  سۆزنى ئاڭلىغان تىللاخان ئېغىر ئوھسىنىپ قويۇپ دىدى .
-   ئاۋۋال بىر بېرىپ باقايلى دادىسى ، ئاندىن بىر گەپ بولا،   ئوغلىمىزنىڭمۇ كۆڭلى تىنسۇن .
تىللاخان ئەر ئايال شۇنداق مەسلىھەتلەشتى،
كەچ كىرىپ  قاراڭغۇ چۈشۈشكە ھېچقانچە ۋاقىت قالمىغان بولسىمۇ  گۈلگىنە تېخىچە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى .