چىرايلىق گۈلسارە

چىرايلىق گۈلسارە

作者:شەبنەم | 阅读:837 次


📑 章节目录

第9章:9-قىسىم

-  ھەي يىتىمەك، گۈلگىنە نەگە كەتتى،
ئايىمخان قىزىنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ گۈلسارەگە   زەھرىنى چېچىشقا باشلىدى .
-   ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن ئانا،   ئېتىزلىقتىن  قايتىش يولىدا ئۇنى ئۇچراتقان ئىدىم .  ئۇ بىر يەرگە بارىدىغانلىقىنى دېمىگەن .  ئۇنى ئۆيگە قايتىپ كېلىدىغان چېغى دەپتىمەن .
-   ئۆزۈڭنىڭ سىڭلىسى بولغان بولسا .   ئۇنىڭغا كۆيۈنەر بولغىيتتىڭ .  نېمە ئىش قىلىشى ، نەدە يۈرۈشى نېمە بولۇشى بىلەن ئەلۋەتتە كارىڭ يوق ، سەن يتىمەكنىڭ،   سېنى باققۇچە ئىتتىن بىرنى باققان بولسامچۇ ئىسىت! .  ھۇ ۋاپاسىز قانجۇق .  ئايىمخان   گۈلسارەنى تىللاپ كوتۇلداپ ھويلىنى بېشىغا كەيگەن ئىدى .
بۇ چاغدا گۈلگىنە ئاللىقاچان شەھەردىكى   مەلۇم بىر ئارامگاھتا   ئەركىن ، قاتارلىقلار بىلەن .  ئاۋۋالقىدەكلا كۆڭۈل ئېچىۋاتاتتى .  قۇلاقنى يارغۇدەك ناخشا مۇزىكا .  ۋە بۇرۇننى ئېچىشتۇرغىدەك تاماكا ئىسى،    
-   گۈلگىنە جېنىم . كىلىڭە مەن بىلەن بىر رومكا سۇقاشتۇرۇڭ،   ئەركىن شۇنداق دەپ ئىستاكانغا يېرىم قۇيۇلغان  ھاراقنى  گۈلگىنەگە سۇندى .
-   ئەركىن ئاكا .  مەن ھاراق ئىچىپ باقمىغان دېسەم مېنى تومپايكەن دېمەڭ ، بىراق مەن راستىنلا . ...
-   ھېچقىسى يوق ، يېنىڭىزدا مەن تۇرسام نېمىدىن ئەنسىرەيسىز .
جاننىڭ راھىتى بۇ ...
-   ھە ، مەيلى ئەمىسە مەست بولۇپ قالسام مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويۇڭ جۇمۇ .
-   ئەلۋەتتە سىزنى مەلىكىنى كۈتكەندەك كۈتىمەن مەن .  ئەركىن شۇنداق دەپ گۈلگىنەنىڭ بۇرنىنى چىمدىپ قويدى .
گۈلگىنە ئەركىننىڭ قولىدىكى يېرىم ئىستاكان ھاراقنى ئالدىدە  ئەركىننىڭ قولىدىكى ھاراققا يىنىككىنە تەككۈزۈپ قۇيۇپ  يېرىم ئىستاكان ھاراقنى گۈپپىدە كۆتۈرۈۋەتتى .
گۈلگىنەنىڭ ھاراقنى ھېچ كۆتۈرۈۋەتكىنىنى كۆرگەن قاسىم بۈرگە  ئەركىنگە قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى .
ئارقىدىن  نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن .  قاسىم يەنە يېرىم ئىستاكان ھاراقنى كۆتۈرۈپ كەلگىنىچە گۈلگىنەگە تۇتتى .
-   گۈلگىنە مەندەك قاسىمجان ئاكىڭىزنى كۆزگە ئىلماي قالمايدىغانسىز،  سىزگە بىر قەدەھ تۇتاي .
-   ۋاي ۋۇي ، قاسىمجان ئاكا .  سىزنى نېمە دەپ كۆزگە ئىلمىغۇدەكمەن مەن .  بولىدۇ .  گۈلگىنە قاسىمنىڭ قولىدىكى يېرىم ئىستاكان ھاراقنى قولىغا ئالدىدە  ئاۋۋالقىدەكلا كۆتۈرۈۋەتتى .
شۇنداق قىلىپ  يېرىم سائەتكىچە گۈلگىنە نەچچە ئىستاكان ھاراقنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن . ئۇنىڭ مەڭزىللىرى قىززىرىپ بېشى قايغاندەك بولدى،   ئارقىدىن ئۇ يەنە ئىستاكانغا ھاراقنى قويدىدە كۈتۈرۋەتتى،  شۇنداق  قىلىپ گۈلگىنە ئاخىرى قاتتىق مەس بولۇپ  ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئۇيقۇغا كەتتى .
-   قاسىم ئاداش ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ .  قىزلارنى ئاپىرىپ قويۇپ ، بىزمۇ قايتامدۇق ئەركىن گۈلگىنەگە  قاراپ  قويۇپ شۇنداق دېدى .  بۇ جايدا يەنە ئالدىنقى كۈندىكى ئەقىدەمۇ بار ئىدى،
22ياش  نايناق قىز
-  قاسىمجان ئاكا .  مېنىڭ بۈگۈن كەتكۈم يوق ، سىز بىلەن بىللە قالغۇم بار .
ئەقىدە شۇنداق دەپ قاسىمنىڭ بوينىغا گىرە سالدى، قاسىم ئەقىدەنىڭ نازۇك بەللىردىن تۇتقاچ ئۇنىڭ ئۇياتلىق يەلىرنى ئاستاغىنە سىيلاپ تۇرۇپ.
-  ماقۇل  ئۇمۇقۇم بۈگۈن سىزگە ھەمرا بولاي، شۇ تاپتا قاسىمنڭ قانلىرى ئۇرغۇپ مۇشۇ يەردىلا ئەقىدەنى باغرىغا باسقۇسى كەلدى،
شۇنداق قىلىپ قاسىم بۈرگە ئەقىدەنى، ئەركىن گۈلگىنەنى قولتۇقلاپ يېقىنلا جايدىكى ئەركىننىڭ خالىغاندا قىزلا بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجارە ئۆيىگە كەلدى،
ئۇلار ئۆيگە كىرىپ ئىككى ياتاق ئۆيگە ئىككى قىزنى ئېلىپ كىرىپ كىتىشتى،
ئەركىن ياتاققا كىرىپ گۈلگىنەنى كارىۋاتقا ئەكىلىپ ياتقۇزۇپ قۇيۇپ ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقاپ قويدى ئاندىن ئۇ كارۋاتتا ئۆزىنى تاشلاپ ياتقان گۈلگىنەنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭ كىيىملىرنى بىر -  بىرلەپ سالدۇرۇشقا باشلىدى، كىيىملىرنىڭ بىرى تەرىپىدىن سالدۇرلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان گۈلگىنە ئاستا كۆزىنى ئېچىپ كۆز ئالدىدىكى ئەركىننىڭ كۆزلىرىگە خۇمالىق باققىنىچە ئاستاغىنە ئۇنىڭ بويۇنلىرغا گىرە سالدى، پۈتۈن بەدىنى ئوت بولۇپ يانغان گۈلگىنە ئەركىننىڭ ئۆزىنى قۇچاقلىشنى ساقلىماستىن ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى، ...
گۈلسارە بىلەن ئايىمخان گۈلگىنەدىن ئەنسرەپ ئۇنىڭ پۈتۈن دوسلىردىن گۈلگىنەنىڭ سۈرۈشتىسنى قىلغان بولسىمۇ ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئېرشەلمەي ئۈمۈدسىزلىك بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدى،
بۇ جەرياندا ئايىمخان گۈلسارەنى شۇنچىلىك تىل ھاقارەتلەرگە كۆمىۋەتتىكى خۇددى گۈلسارە گۈلگىنەنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەممەسلىكىنىڭ جاۋاپكارىدەك ·
ئەتىسى  كۈن   چۈش بۇلاغا يېقىن  گۈلگىنە ئۇيقۇدىن ئويغاتتى،  ئاخشامقى ھاراقنىڭ تەسىرىدىن ئۇنىڭ بېشى قاتتىق ئاغرىۋاتقان بولۇپ .  ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىپ . ئۆزىنىڭ ئەركىننىڭ قوينىدا ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ياتقانلىقىنى كۆردى،
ئۇ قاتتىق ھودۇقۇپ كەتكەن بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،
-  بۇ بۇزادى نىمىش ئەركىن ئاكا، بىز نىمىش قىلدۇق؟
ئەركىن تەسلىكتە كۆزىنى ئېچىپ ئورنىدىن تۇردى،
-  بىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلدۇق ئۇمۇقۇم، سىزنىڭ قىز ئىكەنلىكىڭىزنى  ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، مەن ھەقىقەتەنمۇ تەلەيلىك ئىكەنمەن،
-  نىمە؟  سىز ماڭا چېقىلدىڭىزما ئەركىن ئاكا؟
-  بۇ نىم دىگىنىڭىز گۈلگىنە جېنىم، ئاخشام ئۆزىڭىز بوينۇمغا ئېسىلىپ قۇينۇمغا ئۆزىڭىزنى ئاتقان تۇرسىڭىز،  مەن،ئۇنداق قىممايلى دىسەممۇ سىزنىڭ ماقۇل دىيىشڭىز مۇمكىن ئەمەستە؟
-  سىز ...
-  بولدى جېنىم بولدى، ھىچقىسى يوق ھامىنى بولدىغان ئىشلا ئۇ، بۇ دىگەن قايسى زامان دەيمەن، تېخىچە ئۆزىڭىزگە ئەركەك چىۋىننى قوندۇرماي يۈرسىڭىز زاماننىڭ  كەينىدە قالىسىز،
گۈلگىنە قاتتىق لىۋىنى چىشلىۋەتكەندىن كىيىن، كىيىملىرنى كىيىشكە باشلىدى،
ئەركىن كىيملىرنى كىيىپ بولۇپ كارۋات قىرغىقىدا جىمجىت ئولتۇرغان گۈلگىنەگە دىدى.
-  بولدى گۈلگىنە بۇنچە جىمىپ كەتمىسىڭىزچۇ، سىز دىگەن مىنىڭ بىز بەرىبىر بۇ ئىشلارنى قىلاتتۇق، سىزنىڭچە مۇناسىۋىتمىزنى يىقىنلاشتۇرماي ئۆتىشىمىز مۇمكىنمۇ، يەنە كىلىپ مەن دىگەن ئوغۇل بالا سىزنى تاشلىۋەتمەيمەن.
گۈلگىنە بېشىنى كۈتۈرۈپ تۇمشىقىنى ئۇچلىغاچ دىدى.
-  ئەمىسە گىپىڭىزدە تۇرۇڭ جۇمۇ.
-  ئەلۋەتتە سىز دىگەن مىنىڭ مەلىكەم يۈرۈڭ گۈلگىنە ئەمدى سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قۇياي، ئۆيڭىزدىكىلە ئەنسىرەپ قالمىسۇن
ئەركىن گۈلگىنەنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن  دېيىشكە تېگىشلىك سۆزلەرنىڭ ھەممىنى قىلىۋاتاتتى .
- بولىدۇ،
گۈلگىنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەركىننىڭ بىلىكىنى قولتۇقلىۋالدى .  ئۇلار ئۆيدىن چىقىپ .  قاسىم بۈرگۈنى  ئويغاتقاندىن كېيىن ، قاسىم بۈرگىنىڭ مەشۇقى ئەقىدەنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كىيىن  گۈلگىنەنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويماقچى بولدى .  ھەش پەش دېگۈچە ئۇلار  گۈلگىنەنىڭ  ئۆيگە يېتىپ كەلدى .
بۇ چاغدا كۈن چۈشتىن قايرىلغان بولۇپ گۈلسارە بىلەن ئايىمخان   تېخىچە گۈلگىنەنىڭ خەۋىرىنى ئالالماي  ھويلىدىكى كاتتا ئولتۇراتتى،     قوتاندىكى قويلار مەرىشىپ  ھويلىنى بېشىغا كەيگەن بولسىمۇ ، ئايىمخاننىڭ كۆڭلى جايىدا بولمىغاچ بۈگۈن  گۈلسارەنى ئوت ئالغىلى ئەۋەتمىگەن ئىدى .
  ھەش پەش دېگۈچە گۈلگىنەمۇ ئۆينىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى .  گۈلگىنە ماشىنىدىن چۈشكەندىن كىيىن ئەركىن ئۇنىڭغا
-   سىزنى يەنە  ئالغىلى كېلىمەن جېنىم .
-  ماقۇل خوش ئەركىن ئاكا، گۈلگىنە ئەركىن بىلەن خوشلىشىپ ئۆيى تەرەپكە ماڭدى، ئۇ دەرۋازىدىن كىرىپلا ئايىمخان بىلەن گۈلسارەگە كۆزى چۈشتى،
-   ۋاي ۋۇي ، نەگە باردىڭ؟  جېنىم قىزىم!  بىر كېچە ئۆيگە كەلمىدىڭغۇ ، بۇ نېمە قىلغىنىڭ ؟
-   ئۇ توغرۇلۇق پاراڭلاشقۇم يوق ئانا .  ئەمدى مەندىن سوئال سوراۋەرمىگىن مەن چارچاپ كەتتىم .  گۈلگىنە ئانىسى ئايىمخانغا شۇنداق دەپ قويۇپ ھۇجرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
ئايىمخان ئالدىراپ تېنەپ گۈلگىنەنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ .  ئىشىكنى يېپىۋەتكەندىن كېيىن .
-   جېنىم قىزىم .  سەندىن ئەنسىرەپ كېچىنىڭ ياقى كىرپىك قاقمىدىم قېنى ئېيتە زادى نەگە باردىڭ!
  گۈلگىنە ئۆي ئىچىگە كىرىپ قولىدىكى سومكىنى كارىۋات تۆپىگە قارىتىپ ئاتتى .
-   ھەممىسى ئاشۇ بۇزۇقنىڭ ئىشى! ھەممىسى ئاشۇ پاسكىنىنىڭ ئىشى!
گۈلگىنەنىڭ تۇرۇپلا ۋارقىراپ  جارقىرىشىدىن ھېچنېمىنى چۈشىنەلمىگەن  ئايىمخاننىڭ كۆزلىرىنىڭ چەكچىيىپ كەتتى .
-   ماڭا ئېيتە ئانا .  سەن نېمە دەپ خەقنىڭ قىزىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ .  ماڭا رەقىب قىلىپ قويىسەن .  ئۇ مېنىڭ بارلىقىمنى تارتىۋالدى .  مەن ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولدى .  مەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن پاكلىقىمنى يوقاتتىم ئانا ھۈ ھۈ ھۈ گۈلىگىنە يەردىلا ئولتۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى  ئۇ ئۆز كۆڭلىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولۇۋاتاتتى .   ...
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئايىمخاننىڭ كاللىسىدىن  بىر قاپاق سۇ تۆكۈلگەندەك ، ئەندىكىپ  كەتتى .
-  بۇ،   سەن ...  سەن نېمە دەۋاتىسەن جېنىم قىزىم ؟  زادى نېمە ئىش بولدى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساڭچۇ ؟  گۈلسارە دېگەن ئۇ قانجۇق سېنى نېمە قىلدى ؟
- ھۈ،  ھۈ، ھۈ،    گۈلسارە  ئىليار ئاكامنى مەندىن تارتىۋالدى ئانا . ئەسلىدە  مەن  ئۇنىڭ بىلەن شەھەرگە كىرىپ ئويناپ چىقماقچى بولغان .  بىراق گۈلسارە  ئاللىقاچان  ئىليار ئاكام بىلەن ھۈ،  ھۈ،  ھۈ،
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئايىمخاننىڭ  قاتتىق غەزىپى تاشتى .
ئۇ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ  ھويلىغا چىقىپ ئىشىك ئالدىدا .  گۈلگىنەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرغان گۈلسارەنىڭ چېچىدىنلا ئالدى .
-   بۈگۈن مەن سەن قانجۇقنى .  نېمە قىلىۋەتسەم قىلىۋېتىمەن،   سەن ئىليار ئاكام بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق دېگەن ئەمەسمىدىڭ،   ئېيتە ئۇنىڭ بىلەن زادى نېمە مۇناسىۋىتىڭ بار،   ياكى سەنمۇ ئاناڭغا ئوخشاش،   توي قىلماي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ   بالىسىغا ھامىلدار بولدۇڭمۇ .
-   بولدى ئانا .  ئەمدى ئانامنى چىشلەپ تارتماڭ نېمە گەپ بولسىا ماڭا قىلىڭ