چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:832 次
📑 章节目录
第10章:10-قىسىم
- بولدى ئانا . ئەمدى ئانامنى چىشلەپ تارتماڭ نېمە گەپ بولسىا ماڭا قىلىڭ، گۈلسارە ئايىمخاننىڭ ئۆز ئانىسى ئايگۈلنى چىشلەپ تارتىشىدىن چىداپ تۇرالماي . ئايىمخاننىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى .
- چاڭ!
- ھۇ تۇزكور . سېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىمغا لەنەت بولسۇن . سېنى گۈلگىنەنىڭ ھاياتىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن بېقىپ چوڭ قىلغانمىدىم . بۇنداق بۇلارنى بىلگەن بولسام سىنى بۇرۇنلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسام بوپتىكەن .
قاتتىق بىر شاپىلاق گۈلسارەنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى .
گۈلسارە يۈزنى تۇتقىنىچە ئەمدى ئارقىغا ئۆرۈلۈپ دەرۋازىدىن چىقىپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا . دەرۋازىغا ئالدىغا تىللاخان بىلەن مەھەللىدىكى ، بىر نەچچە ئايال يېتىپ كەلدى .
- ۋوي گۈلسارە قىزىم نەگە ماڭدىڭىز ؟سىزگە نىمىش بولدى ، تىللاخان گۈلسارەنىڭ تاياقتىن قىززىرىپ كەتكەن مەڭزىنى ۋە كۆزىدىكى ياش يۈقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن سورىدى.
- ھىچ ھىچنىمە تىللاخان ھامما؟
گۈلسارە تىللاخان قاتارلىق بىر قانچە ئايالغا قاراپ . ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئەلچىلىككە كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلدى،
- نېمە بىزنى ئۆيگە باشلىمامسىز قىزىم ؟ ئايىمخان تىللاخاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئېرغاڭلاپ دەرۋازا ئالدىغا كەلدى
- ھە ، كېلىپ قاپلىغۇ قوشنام نېمە ئىش بار ئىدى.
- ۋاي ۋۇي ، ئايىمخان ئاۋۋال ئۆيگە كىرىپ دېيىشسەك قانداق!
گۈلسارە تىللاخاننىڭ مۇشۇنداق پەيتتە يېتىپ كەلگىنىدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنۋاتاتتى.
ـ قېنى ماۋۇ ھويلىغا كىرىسسىلە!
ئايىمخان تىللاخان قاتارلىقلارنى ھويلىدىكى كاتقا باشلىغاندىن كېيىن .
- نېمىگە قاراپ تۇرىسەن گۈلسارە ، تېز بېرىپ ، چاي ئېلىپ كەل! دىدى.
- ماقۇل ، ئانا .
گۈلسارە كۆزلىرىدىكى ياشنى سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن . چاي ۋە نان ۋە بىر قانچە تاتلىق تۈرۈملەرنى ئېلىپ كەلدى .
- ھە ، تىللاخان قوشنام نېمە ئىش بار ئىدى، قارىسام بىر ياخشى ئىشتەك قىلىدۇ . ئايىمخان ئۆز كۆڭلىدە تىللاخان گۈلگىنەگە ئەلچىلىككە كەلگەن بولسا كېرەك ، دەپ ئويلىدى.
- بۇ مۇنداق ئىش قوشنام . بىز ئىليارجاننىڭ دادىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ . قىزىڭىز گۈلسارەنى ئوغلۇم ئىليارغا ئېلىپ بېرەيلى دەپ ئەلچىلىككە كەلگەن ئىدۇق .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئايىمخاننىڭ پوزىتسىيەسى قىرىق گرادۇس ئۆزگىرىپ قويۇق چېچى تىك تۇردى .
- خاتالىشىپ قالمىغانلا قوشنام . مېنىڭ پەقەت بىرلا قىزىم بار . بۇ گۈلسارەگە كەلسەك ، ئۇ مېنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ، سىڭلىم ئايگۈلنىڭ قىزى . سىڭلىم ئايگۈل قىزىنى ياتلىق قىلىش توغرۇلۇق ماڭا بىرەر ۋەسىيەت قالدۇرمىغان . شۇڭا مەن گۈلسارەمنى ياتلىق قىلىشنى ئەزەلدىن ئويلىشىپ باقمىدىم . يەنە كېلىپ ئوغۇللىرى ئىليار ئالدىنقى قېتىم قىزىم گۈلگىنەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئۇنىڭ بۇنچە تېز ئۆزگىرىپ . بۇ ئېزىتقۇنى ئالىمەن دېگىنى قىززىق دېسە!
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان گۈلسارەنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى . ئۇ داۋاملىق بۇ گەپلەرنى ئاڭلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەي ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ھويلىدىن چىقىپ كەتتى .
- بۇ نېمە دېگەنلىرى قوشنام، ئوغلۇم ھېچقاچان گۈلگىنەنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن گەپنى قىلىپ باقمىدى . ئۇ گۈلسارە بىلەن كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان . ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرـ بىرىگە كۆڭلى بار . يەنە كېلىپ قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ ، بۇ بۇرۇندىن قالغان قائىدە . ئاپىسى ئۇنى ماڭا ياتلىق قىلىڭ دەپ ۋەسىيەت قالدۇرمىغان دېگەنلرى نېمىسى ئەمدى،
ـ ئوھوش، قارىغاندا سىلەرنىڭ بۇ يېتىمەكنى ئۆيلىرىگە كېلىن قىلىپ، ئۆيلىرىنىڭ ئىشلىرىغا سالغىللىرى كەپ قاپتۇ دە . بولمىسا كېلىن قىلىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالغۇدەك نەرى بار بۇ ساختىپەزنىڭ
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تىللاخان بىلەن بىللە كەلگەن بىر قانچەيلەن كاللىسىنى چايقاپ قويۇشتى .
ـ ماڭا قارىسىلا ئايىمخان . تولا ماڭا ئۇنى بۇنى دىمەي، گۈلسارەنى ئوغلۇم ئىليارغا ياتلىق قىلاملا قىلماملا .
ـ قىلمايمەن دىسەم قانداق قىلاتتىلا، مەن بىلەن ئۇرۇشىدىغان ئوخشىماملا .
ـ مەن بۇ يەرگە سىلى بىلەن ئۇرۇشقىلى كەلمىدىم . سىلىدىن قىز سوراپ كەلدىم .
ـ يەنە دېسەم ، يەنە شۇ گەپ تىللا خان ، مەن بۇ گۈلسارەنى ياتلىق قىلمايمەن . ياخشىسى ماڭا ئېغىزلىرىنى ئۇپراتمىسىلا .
بۇ گەپلەردىن كېيىن تىللاخان ئېغىر ئوھسېنىپ قويۇپ ئورنىدىن تۇردى .
ـ بولىدۇ ئايىمخان . سىلى بۇنداق دېسىلە ماڭىمۇ ئامال يوق ، بىز قايتىپ كېتەيلى .
تىللا خان ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئورنىدىن تۇردى .
ئۇ ئىچىدە باياتىن كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلغان ھالدا ھويلىدىن چىقىپ كەتكەن گۈلسارەگە قاتتىق ئىچ ئاغرىتتى،
گۈلسارە بولسا شۇ يۈگۈرگىنىچە مەھەللىنىڭ سىرتىدىكى ، ئورمانلىق ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
- ھۈ، ھۈ، ھۈ، ئۇ ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ يىغلاۋاتاتتى .
ئۇنىڭ كۆزىدىن بەئەينى يامغۇر كەبى تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار . مەڭزىنى بويلاپ بوينىدىن سىرغىپ چۈشۈپ كىيملىرنى ھۆل قىلىۋەتتى، ئۇ بىر تۈپ دەرەخقە يۆلىنىپ شۇنچىلىك ئازاپلىق يىغلىدىكى ئۇنىڭ يىغىسى ئورمانلىقنى بىر ئالدى،
شۇ تاپتا ئۇنىڭ ياشىغۇسى كەلمەيۋاتاتتى، ئۇنىڭ تارتىشقۇدەك ھېچنېمىسى بولمىسا نېمە دەپ بۇنداق ئازابلىنىپ ياشىغۇدەك، شۇنچە تىركىشىپ ياشىغۇدەك ئۇنىڭ زادى نېمىسى با، ئۇ ئەمدىلا ئىليار ئاكىسى سەۋەبلىك ئۈمىدكە تولىۋىدى . ئۇنىڭ ئارزۇلىرى كۆپۈككە ئايلاندى .
ئۇ ئورمانلىقتا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇرغاندىن كىيىن ئەتراپنىڭ قاراڭغۇلۇققا تولغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئازراق قورقۇنۇش ھىس قىلدى،
گۈلسارە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئورمانلىقتىن چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ماڭدى،
ھەي تەتۈر پەلەك كاج تەقدىر،ئادەم بۇ ھاياتتا مەيلى قانچىلىك ئازاب چېكىشتىن قەتىينەزەر ياشىماي نە ئىلاج دەيسىز، ئۆلىمەن دەپلا ئۆلۈۋالغىلى بولمىسا يا، بېشىمىزغا مەيلى قانداقلا كۈن كەلمىسۇن بۇ كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزمەي ئامالىمىز يوق . گۈلسارە كېتىۋاتقاچ ئىليارنى ئەسكە ئالدى . ئۇنىڭ يەنە كۆڭلى بۇزۇلۇشقا باشلىدى،
گۈلسارە ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئورمانلىقتىن چىقىپ مەھەللە ئىچىگە قاراپ ماڭدى، شۇ تاپتا ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشكەن بولۇپ قاراڭغۇدا يولنى ئىلغا قىلغىلى بولمايۋاتاتتى، گۈلسارە پۇتلۇشۇپ يۈرۈپ مەھەللىنىڭ دوقمۇشىغا كەلگەندە غۇۋا چىراق ئاستىدا ئولتۇرغان بىر گەۋدىنى كۆردى، ئۇ باشقا بىرى بولماستىن دەل ئىليار كاسكى ئىدى،
ئىليار ئانىسى تىللاخان ئۆيگە قايتىپ كىلىپ بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىر قۇر سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن . ئىليار ھېچنېمە دېمەستىن ئۆيدىن قايتىپ چىقىپ . مۇشۇ يەردە گۈلسارەنى ساقلاپ ئولتۇراتتى .
ئىليار كاسكى ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئۆزىنىڭ يېنىغا يېقىنلاپ كەلگەن گۈلسارەنى كۆرۈپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى .
شۇ تاپتا گۈلسارەنىڭ كۆزلىرى يېغىدىن قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن بولۇپ . مۇشۇ تۇرقىدىنلا ئۇنىڭ قانچىلىك يىغلىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى،
- كەلدىڭمۇ گۈلسارە .كەچ بولۇپ كەتتى، يۈر سېنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قوياي . گۈلسارە ھېچنېمە دېمەستىن ئىليارغا ياندىشىپ ماڭدى .
ئۇلار كوچا ئېغىزىدىن ئۆتتى .
شۇنچىلىك جىمجىت، گۈلسارە ئۆزىنى تەسلىكتە تۇتۇپ كۆزلىرىگە كەلگەن ياشنى يۇقۇتۇشقا تىرشاتتى، ئىليار كاسكى بولسا ئىچ ئىچىدىن جىمىپ كەتكەندەك قىلاتتى.
- ماڭا دەيدىغان گىپىڭ يوقمۇ گۈلسارە
تۇيۇقسىز ئىليار كاسكى ئېغىز ئاچتى،
- ساڭا نىم دىيشىمنى بىلمەيمەن ئىليار ئاكا، ئايىمخان ئانامنىڭ قۇشۇلمايدىغانلىقىنى ھەر ئىككىمىز بىلەتتۇق،
- ئەمىسە قانداق قىلمىز گۈلسارە قۇشۇلمايدۇ دەپلا بولدى قىلامدۇق، بىز بەرىبىر توي قىلىشمىز كىرەكتۇ، مىنىڭ سەندىن باشقا بىرىگە ئۆيلىنىشم مۇمكىن ئەمەس گۈلسارە، ماڭا ماقۇل دە بىز يىراقلارغا كىتەيلى،
گۈلسارە جاۋاپ قايتۇرمىدى،
شۇ تاپتا ئىليارنىڭ بوغۇزىغا بىرنەرسە كەپلەشكەندەك بولۇپ داۋاملىق سۆزلەشتىن توختاپ قالدى،
- ئۆيگە كەلدىم ئىليار ئاكا . ئەمدى سەن قايتىپ كەتكىن .
- بولىدۇ مەن قايتىپ كىتەي، بىراق ساڭا ۋەدە بىرەيكى مەن ھەرگىزمۇ سەندىن ۋاز كەچمەيمەن، مەن ئاناڭ سىنى ماڭا ياتلىق قىلىشقا ماقۇل بولغانغا قەدەر سىنى كۈتىمەن،
ئىليار شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ ئارقىسغا ئۆرۈلۈپ كىتىپ قالدى، گۈلسارە كۆزلىردىكى ياشنى سۈرتىۋىتىپ دەرۋازا ئالدىغا كىلىپ دەرۋازىنى چىكىپ ئايىمخاننى ئويغىتىۋىتىشتىن ئەنسىرەپ توختاپ قالدى، ئۇ ئاستا دەرۋازىنى ئىتتىرۋىدى دەرۋازىنىڭ ئۇچۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى، گۈلسارە ھويلىغا كىرىپ گۈلگىنە بىلەن ئايىمخاننىڭ ھۇجرا ئۆيىنىڭ چىرىقىنىڭ يۇرۇق تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇلارنى تېخى ئۇخلىمغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئاستاغىنە ھۇجۇرا ئۆيىگە ئەمدى كىرىپ ئىشىكنى ياپاي دەپ تۇرشىغا ئايىمخان بىلەن گۈلگىنە ئۆي ئىچىگە باستۇرۇپلا كىردى،
- ھەي بۇزۇق كىچىدە نەگە بادىڭ يەنە ئىليار كاسكى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىپ كەلدىڭما،
ئايىمخان شۇنداق دەپلا گۈلسارەنى كەلتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالدىدە ئارقىدىن گۈلسارەنىڭ چېچىدىن ئالدى.
- ۋايجان ئاغرىپ كەتتى مىنىڭ قۇيىۋتىڭ ئانا مەن نىمىنى خاتا قىلدىم ، ئەجىبا سىزنىڭچە مەن سىرىتقا چىقساملا بىرى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىغان قىزمۇ، نىمىدەپ مىنى ھاقارەتلەيسىز، مەن سىزگە قىز بولۇپ بىرە قېتىم سىزنىڭ دىگەن يىرىڭىزدىن چىقمىغان ۋاقتىم بامۇ قېنى ئېيىتڭە ئانا،
گۈلسارە يىغلامسىراپ تۇرۇپ شۇلارنى دىدى.
- ھەي پاسكىنا سەن يەنە نىم قىلساڭ بولاتتى، ئانام سىنى ئۆز قىزدەك كۆرۈپ مەن بىلەن تەڭ بېقىپ چوڭ قىلدى، سىنى مەكتەپتە ئوقۇتتى، مىنى ئاغزىڭدا سىڭلىم دەپ قۇيۇپ ئارقامدىن پىچاق ئۇرغۇنۇڭ يەتمىگەن ئوخشىمامدۇ،
- سەن نىم دەۋاتىسەن گۈلگىنە، مەن ساڭا نىم قىلدىم،