چىرايلىق گۈلسارە

چىرايلىق گۈلسارە

作者:شەبنەم | 阅读:828 次


📑 章节目录

第11章:11-قىسىم

-  نىمە قىلدىم، تۈنۈگۈن  ئۇنى مەندىن تارتىۋالغىنىڭ يالغانما گۈلسارە مەن ئىليار ئاكامنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم ئۇنىڭغا سۈيۈڭنى چىقىرپ ئۇنى ئازدۇرۇپ ئۇنى ئۆزۈڭگە قارتىۋاپسەن ئەسلىدە مەن ئۇنىڭغا ياتلىق بولامەن دەپ ئويلىغان سەن مىنىڭ ئارزۇيۇمنى نابۇت قىلدىڭ مەن ئەمدى قانداق قىلمەن،
 گۈلگىنە گىپىنى توختىتىپ يىغلاپ كەتتى،
گۈلگىنەنىڭ يەنە يىغلىغىننى كۆرگەن ئايىمخان گۈلسارەگە قاراپ زەردە بىلەن دىدى.
ـ  ساڭا دەپ قۇياي گۈلسارە مەن سىنىڭ ئىلياركاسكىغا ياتلىق بولشىڭغا ھەرگىز يول قويمايمەن، نوچى بولساڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئاناڭنى باشلاپ كەل، مىنى بۇنىڭدىن كىيىن ئانا دەپ چاقىرما، سەندەك تۇزكور قىزىم يوق، سىنىڭ قىزىم گۈلگىنەگە قىلغانلىرىڭنى بىر ئۆمۈر كەچۈرمەيمەن، تۈفىي...  ھۇ پاسكىنا بۇزۇق!
ئايىمخان،  چېچىنىڭ ئاغرىقىدىن بېشىنى تۇتۇپ يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالغان گۈلسارەگە بىرنى تۈكۈرگەندىن كىيىن  ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي شۇ گەپلەرنى قىلۋىتىپ گۈلگىنەنى ئېلىپ گۈلسارەنىڭ ياتاق ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى،
ئەسلىدە گۈلگىنە ئانىسى ئايىمخانغا  ئۆزىنىڭ ئىليار بىلەن ئوينىغىلى بارماقچى بولغاندا ، گۈلسارەنىڭ ئىليارنى گۈلگىنە بىلەن ئوينىغىلى بېرىشقا يول قويماي ئىليار كاسكىنى قولتۇقلاپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى .  شۇنىڭ بىلەن گۈلگىنەنىڭ ئاچچىققىغا پايلىماي،  مەھەللە دوقمۇشىدا تۇرغىنىدا قاسىم بۈرگە بىلەن  ئۇنىڭ ئاغىنىسى ئەركىنگە ئۇچراپ .  ئۇلار بىلەن بىللە شەھەرگە كىرىپ  بىللە ئوينىغانلىقىنى،   كېيىن  ئۆزىنىڭ قاتتىق ئازابلىنىپ   بىر قانچە رومكا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن مەست بولۇپ قېلىپ مەسلىكتە  ئەركىننى ئىليار دەپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ھېلىقىدەك ئىش قىلىپ قىزلىقىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيىتقان ئىدى،
ئەزەلدىن قىزىنى پاشا چېقىۋالسىمۇ گۈلسارەدىن كۆرىدىغان ئايىمخان .  بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن گۈلسارەگە چىش تىرنىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتتى .  ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ؛
ـ ھۇ بېششىڭنى يەيدىغان يىتىمەك، بېشىمىزغا مۇشۇ بالايئاپەتلەرنى كەلتۈردىغانلىقىڭنى نىمىشقىمۇ بىلمىگەندىمەن، قىزىم  گۈلگىنەگە قىلغانلىرىڭنى بىر - بىرلەپ ، ساڭا قايتۇرمايدىغان بولسام ئايىمخان بولماي كېتەي . سەندىن چۇقۇم ھىساپ ئالىمەن
ئايىمخان ئۆز ئۆزىگە شۇنداق دىگەندىن كىيىن گۈلگىنە ھۇجۇرسىغا ئەكىرىپ ياتقۇزدى.
-   بولدى ئەنسىرىمىگىن چىرايلىق قىزىم .  ھېچقىسى يوق .  سەن چوقۇم ئىليار كاسكىغا ياتلىق بولىسەن .  ئاناڭ ئايىمخانلا بولىدىكەن .  مەن چوقۇم سېنى ئارزۇيۇڭغا يەتكۈزىمەن .  گۈلسارە دېگەن بۇ بۇزۇققا  ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرسەتمىسەم ھېساب ئەمەس .
- بىراق ئانا مەن ھازىر ئىليار ئاكامغا ماس كىلەمەنمۇ؟
-   ۋاي ۋۇي ، نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن ئوماق قىزىم،   ئىليار كاسكى زادى قانچىلىك ئادەم ئىدى،   سەن ئۇنىڭغا ماس كەلمىگۈدەك،   قاراپ تۇر مەنلا بولىدىكەنمەن تىللا خان سىنى  ئىززەت ھۆرمىتىڭ بىلەن ئوغلىغا  ئېلىپ بەرمىگۈچە ھەرگىز بولدى قىلمايمەن .
ئايىمخان گۈلگىنەنىڭ  چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى .
ئارقا ئارقىدىن ئايىمخاندىن بولىشىغا ئىزا ئاھانەت ۋە تاياق يەپ دەشنام ئاڭلىغان گۈلسارە  يەردە خېلى ئۇزۇن ئولتۇردى، ئۇ بۈگۈن قايتا ـ قايتا ئۆزىنىڭ كاج تەقدىرىدىن ۋە ئۆزىنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇپ قۇيۇپلا تاشلاپ كەتكەن ئانىسىدىن ئاغرىندى، ئۇ بىر ھازا يىغلىغاندىن كىيىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ كارۋاتقا كىلىپ ياستۇقىنى قۇچاقلاپ يېتىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلىغاندىن كىيىن ئۇيقۇغا كەتتى،
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى ئايىمخان بىلەن گۈلگىنەنىڭ يەنە پۇل خەجلىگۈسى كەلدى بولغاي مەھەللىدىكى قوشنىللىرنىڭ ئىتىزلىرىدا قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرنى قىلىشىپ بىردىغان ئىشلىرنى سۈرۈشتۈپ گۈلسارەگە ئىش تېپىپ بەردى.
ـ  ھەي گۈلسارە تىز بول بۈگۈن قوشنا مەھەللىگە بېرىپ قوناق ئوتايسەن
ئايىمخان تاماق ئىتىۋاتقان گۈلسارەنى ئالدىرتىشقا باشلىدى.
ـ  ھە مانا ئانا ھازىرلا گۈلسارە ئالدىراپ قاچا قۇچىنى يىغۇشتۇرۇپ قورسىقىنىمۇ تويغۇزۇپ بولالماستىن ئايىمخاننىڭ ئالدىرتىشى بىلەن  قوشنا مەھەللىگە قوناق ئۇتاش ئۈچۈن ماڭدى،
ـ  ئانا گۈلسارەنى شەھەرگە ئاپىرىپ ئىشقا ساساق قانداق دەيسەن، گۈلگىنە تۇيۇقسىز ئايىمخاننىڭ يېنىغا كىلىپ شۇنداق دىۋىدى ئايىمخان سەل ھەيران بولۇپ.
ـ  قانداق ئىشنى دەيسەن قىزىم؟
ـ  مىنىڭچە شەھەردە ئۆي تازلايدىغان ئىشلا كۆپ، نەچچە كۈنگىچە ئەركىن ئاكام كەلسە ئۇنىڭغا دىسەم گۈلسارە ئىش تېپىپ بەرسە ئۇمۇ بىكا قاممايدۇ ئەمەسمۇ،
ـ  بۇمۇ ياخشى بولغىدەك قىزىم، بىراق بۇ گۈلسارە دىگەن ئالۋاستى سىنىڭ ئۇ ئەركىن ئاكاڭنى ئازدۇرۇپ كەتسە قانداق قىلىسەن.
ـ  ئازدۇرۇپ كەتسە كەتمەمدۇ ئانا، شۇنداق بولسا ئىليار ئاكام ماڭا قالاتتى،
 گۈلگىنە ئايىمخاننىڭ گىپىدىن سەل ئويلىنىپ قالدى،
ئانام توغرا دەيدۇ، گۈلسارە دىگەن بۇ پاسكىنا باشقا ئەرلە تەرەپتىن دەپسەندە بوپ كەتسە ئىليار ئاكام يەنە ئۇنى بۇرۇنقىدەك ياخشى كۈرەمدىكەن قېنى كۈرۈپ باقاي،
گۈلگىنە ئىچىدە شۇلارنى ئويلىغاندىن كىيىن كۆڭلى پاللىدە يۇرۇپ كەتتى،
دەل شۇ چاغدا تۇيۇقسىز سىرىتتىن ماشىنىنىڭ سىگنال چاغان ئاۋازى ئاڭلاندى،
ـ  ۋوي كىم كەگەندۇ ئەمدى
ئايىمخان ئورنىدىن تۇرۇپ دەرۋازا سىرتىغا چىقىپ بېقىش ئۈچۈن   مېڭىۋىدى گۈلگىنە ئۇنى توسۇپ ؛
ـ  توختاپ تۇر ئانا، ئەركىن ئاكاملا كەلگەن بولمىسۇن يەنە، ئۆزۈم چىقاي،
گۈلگىنە تىزلىك سىرتقا چىقىپ دەرۋازا ئالدىدىكى قىزىل پىكاپنى كۆردى،
ـ   قاراپ تۇرماي تېز ماشىنىغا ، چىقىڭە گۈلگىنە جېنىم .  ئەركىن گۈلگىنەگە قاراپ  ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن بېشىنى چىقىرىپ شۇنداق دېدى .
ـ   كەپ قاپسىلەغۇ ئەركىن ئاكا، نەگە بارىمىز؟
ـ ۋوي تۇمۇچۇقۇم  بۇ قانداق سوئال ئەمدى ؟   ئەلۋەتتە سىزنى سېغىنىپ ئىزدەپ كېلىمەن دە .  نەگە بارىدىغىنىمىزغا كەلسەك،   بۈگۈن سىزگە نەرسە كىرەك سېتۋالمىز يەنە تېخى پۇخادىن چىققۇچە  ئوينايمىز ھى، ھى، ھى
ئەركىن شۇلارنى دەپ  سەت ھىجاراپ قويدى .
ـ   ھە ، بولىدۇ  ئۇنداقتا مەن ئۆيگە كىرىپ تەييارلىقىمنى قىلىپ چىقاي .  گۈلگىنە شۇنداق دەپ قويۇپ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ دەرۋازىدىن كىرىپ كەتتى .
ـ   گۈلگىنە قىزىم كىم كەپتۇ ؟  ئايىمخان   گۈلگىنەنىڭ ھويلىغا كىرىپلا ھۇجرىسىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن سورىدى .
ـ   ئانا .  ئەركىن ئاكاملا كەپتۇ .   مەن ئۇلار بىلەن شەھەرگە كىرىپ چىقاي .
ـ   ھە،   بولىدۇ .  بىراق ، بالدۇرراق قايتىپ كەلگىن .  يەنە ھېلىقى گۈلسارە دېگەن  يىتىمەكنىڭ ئىشىنى ئۇنىڭغا  ئېيتشنى ئۇنتۇپ قالما . .
 ئايىمخان ئۆز كۆڭلىدە گۈلسارەنى شەھەرگە ئەۋەتىپ .  تېخىمۇ  كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلاۋاتاتتى،
ـ   ماقۇل ، ئانا .  خاتىرجەم بول،   مەن ئۇنىڭغا چوقۇم شەھەردىن ياخشى خىزمەت تاپقۇزۇپ تۇرىمەن .  گۈلگىنە شۇنداق دەپ مەنىلىك كۈلۈپ قويدى .
گۈلگىنە ھۇجرىسىغا  كىرىپ كېتىپ ھايالشىمايلا،   ناھايىتىمۇ چىرايلىق ياسىنىپ چىقتى،
ـ   ۋاي ۋۇي ، مېنىڭ قىزىم نېمىدېگەن چىرايلىق،شۇڭا  ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى چۈشىدۇ،
ـ  قالغان گەپنى كەچتە دېيىشەيلى ئانا ، مەن كەتتىم ئەمىسە .  گۈلگىنە ئالدىراپ ئايىمخان بىلەن خوشلىشىپ ھويلىدىن چىقىپ كەتتى .
گۈلگىنە چىققاندىن كېيىن ئەركىن  ماشىنىنىڭ  ياردەمچى شوپۇر ئورۇندۇقىدىن چۈشۈپ  گۈلگىنەگە ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردىدە ئارقا ئورۇنغا چىقىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى .
ـ   ۋاي ۋۇي ، جېنىم بۈگۈن بەكلا چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىزغۇ ؟
ئەركىن گۈلگىنەنىڭ يوتىسىنى سىيلىغاچ ئۇنى ئەركىلتىپ  تۇرۇپ شۇنداق دىدى،
ـ  بۇ نىمە دىگىنىڭىز ئەركىن ئاكا، مەن بۇرۇن چىرايلىق ئەمەسمىدىم،
ـ  ھە ياقەي، سىز ئەزەلدىنلا بەك چىرايلىق بىراق بۈگۈن ئالامەت جەلىپكار بوپ كىتىپسىز دەيمەن،
ـ  ھى، ھى، ھى، راسما ئەركىن ئاكا ...
ـ  ھەي، ھەي،  ھەي،   سىلەر ئىككىڭلا  ماۋۇ ماشىنىدا مېنىڭ بارلىقىمنى ئۇنتۇپ قالماڭلار جۇمۇ،   قاسىم بۈرگە نارازى بولغان ھالدا شۇنداق دېدى .
ـ   ۋوي قاسىمجان ئاكا .  سىزنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالغىلى بولسۇن،
ـ   گۈلگىنە سىلەرنىڭ ئۆيدىكى  ھاممىڭىزنىڭ قىزى كۆرۈنمەيدىغۇ .
قاسىم بۈرگە   گۈلسارەنى بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن گۈلگىنەدىن سوراۋاتاتتى .
ـ  ھە،   ئۇ ئۆيدە يوق .   قوشنا مەھەللىگە ئىشقا كەتتى .
ـ  ھە مۇنداق دەڭ،
ـ   قاسىمجان ئاكا .   ئۇنى ئەجەب سوراپ قاپسىزغۇ .
ـ  ھە،   قارىسام  ئۇ بەكلا يېقىملىق كۆرۈنىدىكەن .  شۇڭا سورىغۇم كېلىپ سوراپ قويدۇم شۇ .
ـ   قاسىمجان ئاكا ئەھۋالدىن قارىغاندا گۈلسارەگە كۆڭلىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟  .
ـ  ۋاي ياقەي كۆڭلى بار دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، قاسىم سەل  چوڭچىلىق بىلەن شۇنداق  دىدى،
ـ  ۋاي ۋۇي كۆڭلۈڭ بولغانكى بار دىمەمسەن ئاداش يۇشۇرۇپ يۈرگىدەك ئىش بولمىسا يە،
ـ  ھە بولدى بولدى، بىز  ماڭغاچ دېيىشەيلى ئاداش .  قاسىم بۈرگە
شۇنداق دەپ ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى .
  گۈلگىنە قاسىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشكە قاراپ ئۇنىڭدىن گەپ ئالماقچى بولدى .
ـ   قاسىمجان ئاكا قارىسام گۈلسارەگە راستىنلا كۆڭلىڭىز باردەك قىلىدۇ، ناۋادا شۇنداق بولسا ، مەن سىزگە ياردەم قىلاي .
ـ راسما؟  
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قاسىم بۈرگە بىلەن ئەركىن تەڭلا جاۋاب قايتۇردى .
ـ   ۋاي ۋۇي ، راست بولمايچۇ ؟  بىراق مەن سىزگە ياردەم قىلاي دېمىدىم جۇمۇ ئەركىن ئاكا،
 گۈلگىنە ئەركىننى  گۈلسارەدىن سەل قىزغانغاندەك قىياپەتتە شۇنداق دەپ قويدى،
ـ  ھى، ھى، ھى،   ئەلۋەتتە بىلىمەن جېنىم، مەن  دىگەن پەقەت  سىزنىڭلا،
گۈلگىنەنىڭ بۇ سۆزى قاسىمنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى .  ئۇ ئۆز كۆڭلىدە ئەركىن گۈلگىنەنى كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ  گۈلسارەگە ئېرىشمەكچى بولغان .  بىراق ھازىر گۈلگىنەگە بۇ ئىشلارنى ئېيتماي تۇرۇپ گۈلگىنە ئۆزى ئېغىز ئېچىۋاتىدۇ .
ـ   ماڭا دەڭە گۈلگىنە بايىقى گېپىڭىز راستمۇ؟  قاسىم بۈرگە  گۈلگىنەدىن قايتىلاپ سورىدى .
ـ   ئەلۋەتتە قاسىمجان ئاكا .  سىزدەك كېلىشكەن باي يىگىتنىڭ  گۈلسارەگە كۆزى چۈشكىنى گۈلسارەنىڭ بەختى .
ـ   ۋاي ۋۇي ، سىز نېمانچە ئەقىللىق دەيمەن گۈلگىنە .
 قاسىم بۈرگە قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى .  ئۇنداقتا قېنى ئېيتىڭە بىزنى قاچان كۆرۈشتۈرۈپ قويىسىز،
ـ   بۇنىڭدا سىزنىڭ ئىپادىڭىزگە قارايمەن قاسىمجان ئاكا،  
-   ئىپادىڭىزگە قارايمەن دەپ قويۇڭ . سىزگە  زادى نېمە كېرەك  گۈلگىنە قېنى ئېيتىڭە ؟