چىرايلىق گۈلسارە

چىرايلىق گۈلسارە

作者:شەبنەم | 阅读:842 次


📑 章节目录

第12章:12-قىسىم

-   ئىپادىڭىزگە قارايمەن دەپ قويۇڭ . سىزگە  زادى نېمە كېرەك  گۈلگىنە قېنى ئېيتىڭە ؟
ـ   گۈلسارە بەكلا تومپاي ئۇ شەھەرگە كىرىپ ئويناشنى خالىمايدۇ،   ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن .  ئۇنىڭغا شەھەردىن خىزمەت تېپىپ بىرشىڭىز كىرەك،   بۇ چاغدا ئۇ چوقۇم مەن بىلەن بىللە شەھەرگە كىرىدۇ .
ـ   نېمە خىزمەت؟  ئۇ  نېمە ئىش قىلالايدۇ ؟
ـ  ئۇ نېمە ئىشمۇ قىلالايتى، قاسىمجان ئاكا ، ئۇ پەقەت خەقنىڭ ئۆيىنى تازىلاپ بەرسىلا بولدى .
ـ  ھە بولىدۇ، بولىدۇ، مەن چۇقۇم  تېپىپ بېرىمەن .
قاسىم خۇشاللىق بىلەن  شۇنداق ، دېدى .
شۇنداق  قىلىپ ئۇلار ھاياشىمايلا شەھەرگە يېتىپ كەلدى .  قاسىم بۈرگە بىلەن ئەركىن مەسلىھەتلىشىپ گۈلگىنەگە  يان تېلېفوندىن بىرنى ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن .  ئالدىنقى قېتىمقىدەك كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىغا كىرىپ كەتتى .
ئۇلار كەچ كىرگىچە ئويناپ كەچ كىرگەندە  گۈلگىنە يەنە ئەركىننىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى،
ئايىمخان بۇ قېتىم گۈلگىنەنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلگەچكە ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمىدى،
ئەتىسى گۈلگىنە قاسىم ئەركىن قاتارلىقلار  مەسلىھەتلىشىپ ئەركىن بىلەن قاسىم گۈلسارەگە شەھەردىن ئىش تاپقاندىن كېيىن گۈلگىنەگە خەۋەر  قىلىدىغانلىقىنى ئاندىن   ئەركىن قاسىم بۈرگىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ گۈلگىنە بىلەن گۈلسارەنى  شەھەرگە ئېلىپ بارىدىغانغا كېلىشىتى،  بۇ قېتىم يەنە ئەركىن گۈلگىنەگە نەچچە قۇر كىيىم ۋە سومكا ئاياق دىگەندەك بىرمۇنچە  سوۋغاتلارنى ئېلىپ بەردى .  بۇنىڭ ھەممىسى گۈلگىنەنىڭ  گۈلسارەنى قاسىم بۈرگە بىلەن تېزراق يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن  ئىدى،
ـ   بۈگۈن سىزنى بەكلا چىقىمدار قىلىۋەتتىم ئەركىن ئاكا،
ـ  ۋاي -  ۋۇي  بۇ قانچىلىك ئىش ئىدى،  سىزگە بۇنىڭدىنمۇ ياخشى  نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىمەن ئۇمۇقۇم
 ئەركىن شۇنداق دەپ گۈلگىنەنىڭ يۈزىنى چىمداپ قويدى .
گۈلگىنە نەرسە كېرەكلىرىنى كۆتۈرۈپ ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
ئۇ ئۆي ئىچىگە كىرىپ ئانىسنىڭ ئۇخلاپ  ياتقانلىقىنى كۆرۈپ  پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ھۇجرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن . بىركۈنى سەھەردە گۈلگىنەنىڭ يانفونى تۇيۇقسىز سايرىدى،
-  ۋەي، ياخشىمۇسىز ئەركىن ئاكا،
-  ياخشى ، ياخشى تۇمۇچۇم، سىزچۇ ياخشىمۇ؟
-  مەنمۇ ياخشى،
-   ھاممىڭىزنىڭ قىزىغا ئىش تاپقان ئىدۇق .  ئەتە سەھەردە سىلەرنى ئالغىلى بارايلى دېيىشكەن .
-  ھە،   ئەلۋەتتە بولىدۇ .  ئۇنداقتا سىزنى كۈتىمەن،
-  بولىدۇ ، ئۇنداقتا ئەتە كۆرۈشەيلى جېنىم
ئۇلار . شۇنداق دېگەندىن كېيىن  خوشلىشىپ تېلېفوننى قويدى .
شۇ تاپ  گۈلگىنەنىڭ  كاللىسىدا .  گۈلسارەنىڭ  قىزلىقىنى  يوقاتقاندىن كېيىنكى .  ئازابلىق چىرايى  ئەكس ئېتىۋاتاتتى . شۇلارنى ئويلىغان گۈلگىنەنىڭ چىرايىنى خۇشاللىق قاپلىدى .
-   بۇ قېتىم ئىليار ئاكامنى سەندىن تارتىۋالمايدىغان بولسام گۈلگىنە بومماي كىتەي!
-   ئانا . ئانا،  ئۇ ھۇجرا ئۆيىدىن ۋارقىرىغان پېتى ھويلىغا چىقىپ كەلدى
-   ۋاي ۋۇي ، قىزىم نېمە بولدى،   نېمىگە بۇنچىۋالا قارايسەن دەيمەن
-  ئانا  مەن گۈلسارەگە شەھەردىن ئىش تاپتىم .
-   ۋوي شۇنچە تېزمۇ؟
-   ئەلۋەتتە ئىش ھەققىمۇ يۇقىرى دېگىنە تېخى .
-   ياخشى بوپتۇ قىزىم ، ئۇنداقتا قاچان بارىسىلە،
-   ئەتە سەھەردە بارمىز ، ئەركىن ئاكام ئەتە سەھەردە ئالغىلى كېلىدىغان بولدى ئانا .
-   ھە، ياخشى  بوپتۇ قىزىم .
-   ئانا گۈلسارە دېگەن تومپاي كۆرۈنمەيدىغۇ .
-   ئۇ مەھەللە دوقمۇشتىكى ماشىنىچىخانىغا كەتتى قىزىم .  ئوڭشىتىدىغان كۆينىكىم بار ئىدى ، ئۇنى ئوڭشىتىپ كىلىشكە ئەۋەتتىم .
-   ھە ، بوپتۇ ئانا .  مەن دۇكانغا بېرىپ كېلەي ئەمىسە .
-  ماقۇل،  تىزراق قايتىپ كەلگىن،




گۈلگىنە مەھەللە دوقمۇشىدىكى دۇكانغا كىلىپ ئۆزىگە يەيدىغان نەرسە كىرەكلەرنى سېتىۋالغاندىن كىيىن دۇكاندىن چىقتى، ئۇ تۇرۇپلا ئانىسنىڭ گۈلسارەنى مەھەللە دوقمۇشىدىكى كىيىم تىكىش دۇكىنىغا ئەۋەتتى،  دىگىنىنى ئىىسگە ئېلىپ گۈلسارەنى ئانىسى ئايىمخاننىڭ ئىززا ئاھانىتىگە قۇيۇش ئۈچۈن دوقمۇشتىكى كىيىم تىكىش دۇكىنىغا  ماڭدى.
-  تىشلىقمۇ رىزۋانگۈل ئاچا،
كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئالدىدا  ئولتۇرۇپ  ئالدىراش كىيىم تىكىۋاتقان .  ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئايال گۈلگىنەگە قاراپ بېشىنى كۆتۈردى .
-  ھە ، تىشلىقمۇ گۈلگىنە سىڭلىم
  -  مەن ياخشى رىزۋانگۈل ئاچا، ئانام  گۈلسارەنى  دۇكىنىڭىزغا كۆينىكىمنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئەۋەتتىم دېگەن ئىدى،  ئۇ بۇ يەردە كۆرۈنمەيدىغۇ .
-   ھە ، گۈلسارەنى دەمسىز .  ئانىڭىزنىڭ كۆينىكى مانا بۇ يەردە .  ئۇنى ھازىر ئوڭشىغلىۋاتىمەن،  گۈلسارە ئۇ بايا بار ئىدى .  ئۇ سىرتىمىكىن .
- ھە،  مۇنداق دەڭ، ئەمىسە بىز سەل تۇرۇپ كىرەيلى،  گۈلگىنە  كىيىم تىكىش دۇكىنىدىن قايتىپ چىقىپ .  ئەتراپتىن گۈلسارەنى ئىزدىدى .  ئەمما گۈلسارە ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى .
-   ئانام ، بۇ قانجۇقنى  كۆينىكىمنى ئوڭشاپ كەل دەپ ئەۋەتسە نەگە كەتكەندۇ .  راستىنلا ئەرگە تەگكۈسى كەلدىمۇ نېمە بۇ پاسكىنىنىڭ،   گۈلگىنە ئەتراپتىن گۈلسارەنى تاپالمىغاندىن كېيىن .  ئۆزىدىن سەل يىراقتا ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ يېنىغا كىلىپ  ئۇلاردىن سورىدى .
-   ھەي شاكىچىكلە،   گۈلسارەنى كۆردۈڭلارمۇ .
-   ياق ، بىز ئۇنى كۆرمىدۇق .
  ياق ، بىز ئۇنى كۆرمىدۇق .
بالىلار تەڭلا جاۋاب بېرىشتى.
-   مەن ئۇنى كۆردۈم .
ئارىدىن بالىلاردىن بىرى گۈلگىنەگە قاراپ شۇنداق دىدى ·
-   ھە ، شۇنداقمۇ  ئۇنى نەدە كۆردۈڭ ؟
-   ئۇنى نەدە كۆرگەنلىكىمنى دەپ بەرسەم ، ماڭا نېمە بېرىسىز ؟
-   ساڭا ،  ...  ساڭا بۇ شاكىلاتنى بېرەي!
گۈلگىنە سەل ئوينىۋەتكەندىن كېيىن قولىدىكى شاكىلاتنى ، ئۇ بالىغا تەڭلىدى .
-  راستما،  بولىدۇ مەن سىزگە ئۇنى نەدە كۆرگەنلىكىمنى دەپ بېرەي.
-   قېنى ئېيتە ئۇنى نەدە كۆردۈڭ ؟
-   مەن گۈلسارەنىڭ  ئۆستەڭ بويى تەرەپكە  كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم،
-   راست دەۋاتامسەن .
-   ئەلۋەتتە .  ئۇ بايا ئۆستەڭ بويى تەرەپكە قاراپ   مېڭىپتىكەن .
ئۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە ئىليار كاسكىمۇ بار ئىكەن .
ـ ھە!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان گۈلگىنەنىڭ غەزىپى تاشتى .
ـ ھۇ بۇزۇق، ئادەم ئەمەس،  ئىليار ئاكامنى يەنە ئازدۇرۇپسەن دە .خەپ سىنى  كۈپكۈندۈزدە ئۆستەڭ بويىدا ئىليار ئاكام بىلەن  ...
گۈلگىنەنىڭ چىرايى غەزەپتىن ئېسىلىپ كەتتى .  
ـ   ھەي گۈلگىنە ئاچا ، شاكىلاتتىن بىزگىمۇ بەرسىڭىزچۇ، بالىلار گۈلگىنەنىڭ ئارقىسىدىن چۇر قۇرۇشۇپ كەلدى .   گۈلگىنە بالىلارغا قاراپمۇ قويماستىن تېز-  تېز قەدەملەر بىلەن ئۆستەڭ بويى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
ئەسلىدە  ئىليار بىلەن گۈلسارە  مەھەللە دوقمۇشىدا ئۇچۇرشۇپ قالغان بولۇپ ئۇلار پاراڭلىشىش ئۈچۈن ئۆستەڭ بويىغا ماڭغان ئىدى.
-  سىنى شۇنداق سېغىندىم گۈلسارە، يېقىننىڭ ياقى سىنى پەقەتلا كۆرگىلى بولمىدى ئېتىزلىققا ئوت ئالغىلىمۇ كەلمەس بوپ كەتتىڭ،
-  مەن خەقنىڭ ئۆيىگە ئىشقا بېرۋاتىمەن ئىليار ئاكا،
-  قاچانغىچە مۇشۇنداق بوزەك بولۇپ ئۈتەرسەن گۈلسارە، خەقنىڭ ئۆيىدە  ساڭا بىرە ئىش بوپ قالامۇ دەپ كۈندە ئەنسىرەپلا يۈرۋاتىمەن،
-   ئانام ساڭا  ياتلىق  بولشۇمغا قۇشۇلغىچە  مۇشۇنداق جاپا تارتىدىغان ئوخشايمەن ئىليار ئاكا . سەن ماڭا سىنى جاپا تارىتقۇزمايمەن دىگەن ئىدىڭغۇ  مەن شۇ كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتىمەن . سەن بىلەن مۇشۇنداق يېقىن تۇرۇپ پاراڭلىشاغىنىمىزمۇ مەن ئۈچۈن ئالەمچە بەخىت،
گۈلسارەنىڭ بۇ سۆزلىرنى ئاڭلىغان ئىليار كۆزىگە ياش ئالدى،  ئۇ گۈلسارەنىڭ قولىنى تۇتۇپ،
-  ساڭا ۋەدە بىرەي گۈلسارە مەن ھەرگىزمۇ سىنى ئۈمۈدسىزلەندۈرمەيمەن، مەن  ئايىمخان ئاناڭغا سەن ئىشلەپ تېپىپ بىردىغان پۇلنى، ئۇنىڭغا مەن تېپىپ بىرىپ سىنى ئەمدى بۇنداق ئىشلارغا سامماسلىقىنى دەيمەن،
-  ياق ئىليار ئاكا،ئانامغا  ھەرگىز بۇنداق دىمە، بولمىسا ئۇ ساڭا ياتلىق بولشىمغا تېخىمۇ قۇشۇلمايدۇ، گۈلسارە ئىليارنىڭ بۇ سۆزىنى رەت قىلدى.
ـ  مەن سەندەك چىداملىق ئەمەسكەنمەن گۈلسارە مەن ئاناڭنىڭ بۇ قىلىقلىرغا پەقەتلا چىدىمىدىم،
ـ  ھىچقىسى يوق مەن چىدىيالايمەن، ئىشلا ياخشى بوپ كەتكۈچە چۇقۇم چىدايمەن
يىراقتىن ئىليار بىلەن گۈلسارەنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىر بىرگە باققىنىچە  پاراڭلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرگەن گۈلگىنەنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى .
ـ  خىڭ ...  ئىككىڭنىڭ مۇراد مەخسىتىڭگە يەتكىنىڭنى مەن بىر كۈرەي، سىز ئالىدىغان ئادەم چۇقۇم مەن بولۇشۇم كىرەك ئىليار ئاكا،  قاراپ تۇرۇڭ،
گۈلگىنە ئۆز ئۆزىگە شۇنداق دىگەندىن كىيىن گۈلسارە بىلەن ئىليارنىڭ ئۆزى تەرەپكە قاراپ كىلۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئارقىسغا ئۆرۈلۈپ بۇ جايدىن ئايرىلدى، ئۇ شۇ ماڭغان پېتى، ئۆيگە كەتتى ،
گۈلسارە ئىليار بىلەن يانمۇ يان مېڭىپ مەھەللە دوقمۇشىغا يېقىنلاشقاندا خوشلاشتى.
ـ  ئەمىسە ئۆزۈڭنى ئاسرا گۈلسارە، سىنى ھەرۋاقىت سىغىنىمەن.
ـ  مەنمۇ شۇ ئىليار ئاكا گۈلسارە چىرايلىق تەبۇسسۇم قىلىپ قويغاندىن كىيىن كىتىپ قالدى.
ئۇ كىيىم تىكىش دۇكىنىغا كىرىپ ئانىسنىڭ كۆينىكىنى ئالغاندىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ ماڭدى.
گۈلگىنە ئۆيىگە كىلىپ ئانىسغا ھىچنىمە دىمىدى، چۈنكى ئۇ پات ئارىدا گۈلسارە بىلەن ئىليارنى ئايرىۋىتىپ ئۆزى ئىليار ئاكىسغا ياتلىق بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىدى،
كەچ بولغاندا ئايىمخان گۈلسارە ياتقان ئۆيگە كىرىدى
ـ  گۈلسارە ئەتە سەھەردە تەييار بول!   شەھەردىكى بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە ئۆي تازلىغىلى بارىسەن!
ـ  ھە، شەھەرگە بارامدىمەن
گۈلسارە سەل ھەيران بولدى،
  ئەمدى بۇ مەھەللە كويلاردىكى ئىشلار تۈگەپ شەھەرگە بېرىپ ئۆي تازىلايدىكەنمەندە! ئۇف...
گۈلسارە  ئۆز ـ ئۆزىگە شۇلارنى دەپ  ئۇفسىنىپ قويدى، ئۇ يوتقىنىغا كىرىپ ياتقىنىچە ئىليارنى ئەسلەشكە باشلىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىليار ئاكىسنى نەقەدەر ياخشى كۆردىغانلىقى