چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:835 次
📑 章节目录
第13章:13-قىسىم
ـ ياق ئىليار ئاكا، دەل شۇ چاغدا گۈلسارە توۋلاپ ئۇيقىنىدىن ئويغىنىپ كەتتى، ئۇ ئەتراپقا قاراپ ئۆزىنىڭ ھۇجۇرا ئۆيىدە ئىلەنلىكىمى بايىتىنقىنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، كۆڭلى سەل ئارامىغا چۈشتى .
ئۇ قايتىدىن ئورنىدا يېتىپ . ئۇيان ئۆرۈلۈپ بۇيان ئۆرۈلۈپ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى، ئۇ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ . ھويلا ئاراملارنى سۈپۈرۈپ ناشتىلىق تەييارلغاندىن كېيىن . قويلارنى قورسىقىنى تويغۇزدى.
ئايىمخان بولسا تېخىچە گۈلگىنەنى ئويغىتالمايۋاتاتتى.
ـ گۈلگىنە ئەمدى تۇر قىزىم ؟ كۈنمۇ خېلى بىريەگە بادى . سەل تۇرۇپ ھېلىقى ئەركىن ئاكاڭ كەلسە . تېخىچە ئورنۇڭدىن تۇرماي ياتساڭ سەت تۇرمامدۇ دەيمەن .
ـ ھە مانا ئانا، ھازىرلا تۇرىمەن .
گۈلگىنە ئۇيقۇسىنى تەسلىكتە ئېچىپ تۇرۇشىغا ئۇنىڭ يانفۇنى سايرىدى، ئۇ يانفۇنىنى قولىغا ئېلىپ ئەركىننىڭ نۇمۇرىنى كۆرگەندىن كىيىن ئېلىش كۇنۇپكىسنى باستى.
ـ ۋەي تىشلىقمۇ ئەركىن ئاكا.
- ياخشى جېنىم ياخشى ئۆزىڭىزچۇ .
- مەنمۇ ياخشى ئەركىن ئاكا .
- تەييار بولدۇڭلارمۇ . مەن تېزلا يېتىپ بارىمەن . ئەركىن گۈلگىنەنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىققان بولۇپ . ئۇ گۈلگىنە بىلەن گۈلسارەنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى،
- ھە ، تەييار بولدۇق .
- بولىدۇ ، ئەمىسە بارغاندا كۆرۈشەيلى ئۇمۇقۇم
- ماقۇل ئەركىن ئاكا،
گۈلگىنە تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىمىمنى كىيىشكە باشلىدى .
ئۇ ھويلىغا چىقىپ يۈزلىرنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن.
- ئانا گۈلسارە كۆرۈنمەيدىغۇ . ئەركىن ئاكام تىزلا يېتىپ كېلىدۇ .
- ھە، ئۇ با قىزىم قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىن سۈت ئەكىرگىلى چىقىپ كەتكەن . ئازراق سۈت بىلەن ناشتا قىلىۋالساڭ ياخشى بولاتتى.
- ھە بولىدۇ ئانا.
گۈلگىنە گۈلسارە ئېلىپ كىرگەن سۈت بىلەن ناشتا قىلىپ بولۇپ تۇرشىغا ھايالشىمايلا ئەركىندىن يەنە تىلفۇن كەلدى.
- بولدى ئانا قورسىقىم تويدى ، ئەركىن ئاكام يېتىپ كەپتۇ . يۈر گۈلسارە بىز ماڭايلى . خوش ئانا.
- ھە بولىدۇ، كەچتە بالدۇرراق قايتىپ كېلىڭلا.
شۇنداق قىلىپ گۈلسارە گۈلگىنەگە ئەگىشىپ ھويلىدىن چىقتى . ئەركىن ماشىنىدىن چۈشۈپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ بەردى.
گۈلگىنە بىلەن گۈلسارە ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن ئەركىن ماشىنىنى ھەيدەپ . شەھەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
ئۇلار يولدا بارغۇچە ئارتۇق پاراڭلاشمىدى، ئۇلار دېيىشىۋالغىنى بويىچە ، گۈلسارەنى ئۇدۇل قاسىم بۈرگىنىڭ شەھەردىكى ئۆينى تازىلاشقا ئېلىپ كەلگەن بولۇپ
ئۇلار قاسىم بۈرگىنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە . قاسىم بۈرگە ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققان ئىدى.
قاسىم بۈرگىنى كۆرگەن گۈلسارە گۈلگىنەگە سەل يېقىنلاپ كىلىپ .
- گۈلگىنە ئۇ مەھەللىمىزدىكى ھېلىقى قاسىم بۈرگە ئەمەسمۇ . ئۇ ئاۋازىنى سەل پەسرەك قىلىپ گۈلگىنەگە شۇنداق دېدى .
- ھەئە ، دەل شۇ . بۇ ئۇنىڭ شەھەردىكى ئۆيى . بۈگۈن سېنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭ ئۇنىڭ ئۆيىنى تازىلاش . تېز ماشىنىدىن چۈشە!
گۈلسارە گۈلگىنەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەل ھودۇقۇپ قالغان بولسىمۇ ، يەنىلا ماشىنىدىن چۈشتى .
- ئەمىسە بىز كەتتۇق گۈلسارە كەچكىچە ئىشنى پاكىز قىلىپ تۈگەتكىن . كەچتە سېنى ئالغىلى كېلىمەن .
- ھە، كۈلگىنە مەن ... گۈلسارە گېپىنىڭ ئايىغىنى دەپ بولغىچە ئەركىن ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى .
- ياخشىمۇسىز گۈلسارە . مېنى تونۇيسىزغۇ دەيمەن، بىر مەھەللىدىن تۇرۇپ تونۇمايمەن دېسىڭىزمۇ قاملاشماس،
قاسىم بۈرگە گۈلسارەگە سەپ سېلىپ قارىغاچ شۇنداق دىدى،
گۈلسارە قاسىم بۈرگىنىڭ نام ئاتىقىنى ئاڭلىغاچقا ئەزەلدىن ئۇنىڭدىن بىزار ئىدى . بىراق ئۇ بۈگۈن بىزارلىقىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى،
- ئەلۋەتتە سىزنى تونۇيمەن قاسىمجان ئاكا . بىراق بۈگۈن سىزنىڭ ئۆيىڭىزنى تازىلىغىلى كەلگىنىمدىن ھەقىقەتەن خەۋەرسىز ئىدىم . شۇڭا مەن سەل ...
- ھەرقانچە بولسىمۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىزنى تازىلىغۇم يوق دېمەيدىغانسىز ھە گۈلسارە ،
- ياقەي .
- ئۇنداقتا ياخشى . يۈرۈڭ ئۆيگە كىرەيلى .
- قاسىم بۈرگە گۈلسارەنى ئىككى قەۋەتلىك داچىسىغا باشلاپ كىردى . ئادەتتە ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى يېزىدا تۇرغاچقا ، بۇ شەھەردىكى داچىسىدا ئادەم تۇرمايتتى .
گۈلسارە قاسىم بۈرگىگە ئەگىشىپ دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىن . قاسىم بۈرگە ئۇنىڭغا ئۆيلەرنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى .
- قاراڭ گۈلسارە بۇ ئۆيلەرنى تازىلىمىغىلى تولىمۇ ئۇزۇن بولدى . بۇ ئۆينى دادام ئاپاملا، مەن ئۆيلىنىپ بولغاندىن كېيىن مېنىڭ تۇرۇشۇم ئۈچۈن ئېلىپ بەرگەن . بىراق مەن تېخى ئۆيلىنىپ بولمىغاچقا . ئادەم تۇرمىغىلى بەكلا ئۇزۇن بولۇپ كەتتى . شۇڭا بۇ ئۆيلەرنى پاكىزراق تازىلاپ بەرسىڭىز مەنمۇ سىزدىن مىننەتدار بولغان بولاتتىم .
- بولىدۇ، مەن چۇقۇم پاكىز تازلايمەن.
- بۇ ئۆيلەر بەكلا چوڭ ، بۈگۈن تازىلاپ بولالمىسىڭىز ، ئەتە تازىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ ئۆزىڭىزنى چارچىتىۋالماي ئالدىرىماي قىلارسىز .
ئۆي تازىلاشقا كېرەكلىك نەرسىلەر ھەممىسى تولۇق . ناۋادا بىرەر نەرسە لازىم بولسا ماڭا دەڭ .
- بولىدۇ قاسىمجان ئاكا .
مەن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتىم ئەمىسە، بىردەم ئارام ئېلىۋېلىپ ، ئاندىن سىرتقا چىقىدىغان ئىشىم بار ، ئەمىسە سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، قاسىم بۈرگە شۇنداق دەپ قويۇپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى .
گۈلسارە بىرنى ئۇف دەۋەتكەندىن كېيىن ئىشنى باشلىۋەتتى . ئۇ ئاۋۋال ئاستىنقى قەۋەتتىكى ، ئاشخانا ، ھاجەتخانا ۋە مېھمانخانا دېگەندەك ئۆيلەرنى بىر بىرلەپ تازىلاشقا باشلىدى .
قاسىم ئارىلاپ ئارىلاپ سىرتقا چىقىپ گۈلسارەنى كۆزىتىپ تۇراتتى ئۇ گۈلسارەنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىشچانلىقىغا ھەۋەس قىلدى .
ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن . قاسىم بۈرگە گۈلسارەنىڭ يېنىغا كېلىپ .
- گۈلسارە سىز ئىش قىلىۋاتقىلىمۇ نەچچە سائەت بولدى ئەمدى بىردەم ئارىمىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ . مەن سىرتقا چىقىپ كىرەي .
- ھە ، ھېچقىسى يوق . قاسىمجان ئاكا مەن ئۇنچە چارچىمىدىم
- ۋاي ۋۇي ، چارچىمىدىم دەيسىزغۇ . گەپ ئاڭلاپ ، بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ . ئالدىرىماي قىلسىڭىزمۇ تۈگەيدىغان ئىشلار بۇ، شۇنداق ، بولسۇن ، ئەمىسە مەن بىردەمدىلا قايتىپ كېلىمەن . قاسىم بۈرگە شۇنداق دەپ بولۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .
گۈلسارە قاسىمنىڭ سۆزىدىن كىيىن قىلىۋاتقان ئىشىنى توختىتىپ . ھويلىدىكى كاتقا كېلىپ ئارام ئېلىپ ئولتۇردى . چارچىمىدىم دېگەن بىلەن ئەلۋەتتە چارچايدۇدە ، ئۇمۇ ئادەم تۇرسا چارچىماسلىقى مۇمكىنمۇ .
بۇ چاغدا گۈلگىنە بىلەن ئەركىن، ئەركىننىڭ ئۆيىدە ئاپپاق چاپاق بولۇشۇپ ئولتۇراتتى،
- ئەركىن ئاكا . قاسىمجان ئاكامغا تېلېفون قىلىپ باقسىڭىزچۇ ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتىدىكىن،
گۈلگىنە قاسىم بۈرگىنىڭ گۈلسارەگە تېخى چېقىلغان چېقىلمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئەركىننى تېلېفون
قىلىپ بېقىشقا ئۈندەۋاتاتتى .
- ھە ، بولىدۇ جېنىم . ئەركىن قاسىم بىرگە تېلېفون ئۇردى،
- ھە ، قاسىمجان ئاداش ، نېمە ئىش قىلىپ كەتتىڭ ؟
- ھە ، گۈلسارە ئىككىمىزگە يىگۈدەك نەرسە ئالغىلى چىقتىم .
- ۋوي قاسىمجان ئاداش . بىردەمدىلا گۈلسارەنى كەلتۈرىۋالغان ئوخشىمامسەن .
- چىك ئا... نەدىمۇ ئۇنداق ئوڭاي ئىش بار دەيسەن . گۈلسارە كەلتۈرۈۋالىمەن دەپلا كەلتۈرۈۋالغىلى بولىدىغان قىز ئەمەس . ئۇ ئەتىگەننىڭ ياقى ئۆي تازلاپ بەكلا چارچاپ كەتكەندەك قىلىدۇ، شۇڭا ئازراق يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يېگەچ بىردەم مۇڭدىشاي دەيمەن شۇ ...
قاسىم بۈرگىنىڭ بەكلا ھاياجانلىنىپ خۇش بولغانلىقنى ھېس قىلغان ، ئەركىن ھەيرانلىقتا سورىدى .
- ۋاي ۋۇي ، بۈگۈن ئۆزۈڭگە ئوخشىمايلا قاپسەنغۇ قاسىم.
- ئەلۋەتتە . مېنىڭ گۈلسارەنى قانچىلىك كۈتكىنىمنى بىلمەيسەن،
ئۇ ئەزەلدىن مېنىڭ قولۇم يەتمەيدىغان يۇلتۇز ئىدى . بۈگۈن ئۇ كۆز ئالدىمدا تۇرسا ئەلۋەتتە ھاياجانلانماي تۇرالامدىم .
- ھە ، مۇنداق دە، بولىدۇ ئەمىسە ساڭا دەخلى قىلماي ئىشىڭنى قىلىۋەگىن ئەمىسە .
ئەركىن گېپىنى تۈگىتىپ تېلېفوننى قويىۋەتتى . باياتىن بېرى ئەركىن بىلەن قاسىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرغان گۈلگىنە سەل ھەيران قالدى،
ئۇ كۆڭلىدە قاسىم بۈرگىنى ئاللىقاچان گۈلسارەگە ئېرىشىپ بولدى دەپ ئويلىغان ئىدى . بىراق ئىش ئۇنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى .
- ئەركىن ئاكا . قاسىمجان ئاكام تېخى گۈلسارەگە چېقىلماپتىغۇ، ئۇ گۈلسارەنى ياخشى كۆرەتتىغۇ ئۇنىڭ نېمە قىلغىنى ؟
- ئۇ ئەلۋەتتە گۈلسارەنى ياخشى كۆرىدۇ . شۇڭا ، ئۇنىڭ گۈلسارەگە چېقىلىشقا كۆزى قىيمىغان گەپ .
- ئۇنداقتا سىز مېنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈپ باقمىغان ئوخشىمامسىز.
- ئومۇقۇم بۇ سىزنىڭ نېمە دېگىنىڭىز،
- بۈگۈن بۇ ئۆيگە كەلگەندىن بېرى ، سىز ماڭا ئىككى قېتىم چېقىلىپ بولدىڭىز . بۇ سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىڭىز بولماي نېمە ؟
- بۇ ئىككىسى ئىككى ئىش جېنىم . سىز دېگەن مېنىڭ . بىز دېگەن كونا ئاشىق مەشۇقلا تۇرساق . سىز كۆز ئالدىمدا تۇرسىڭىز سىز بىلەن ئۇ ئىشنى قىلماسلىقىم قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، ھى ھى ھى،
- ئەسكى، بىزەڭ . گۈلگىنە ئەركىلىگىنىچە ئەركىننىڭ مۈرىسىگە ، يېنىك ئۇرۇپ قويدى .
- كىلىڭە تاتلىقىم بوممىسا بىز يەنە بىر قىتىم ئەركىن شۇنداق دەپلا گۈلگىنەنى كۆتۈرۈپ كارۋاتقا باستىدە ئىككىسى ئىرماش چىرماش بولۇپ كەتتى،
قاسىم قولىدا كاۋاپ ۋە ھەرخىل مېۋە چىۋە ۋە ئىچىملىكلەرنى كۈتۈرگىنىچە ئۆيىگە قايتىپ كەلدى،
ئۇ ھويلىغا كىرىپ كاتتا ئولتۇرغان گۈلسارەنى كۆرۈپ يۈرىكى ئويناپ كەتتى .
گۈلسارە قاسىم بۈرگىنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ .
- قايتىپ كەلدىڭىزمۇ قاسىمجان ئاكا ، خېلى ئۇزۇن ئارام ئېلىۋالدىم . ئەمدى مەن ئىشىمنى قىلاي .
- ھە ، توختاڭ توختاڭ . مەن يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كەلدىم بۇلارنى يەۋېلىپ ئاندىن ئىشلىسىڭىزمۇ ئۈلگۈرسىز،
- رەھمەت سىزگە قاسىمجان ئاكا ، بىراق مېنىڭ قورسىقىم ئاچمىدى .
گۈلسارە گېپىنى تۈگىتىپلا ئىشنى قىلىش ئۈچۈن مېڭىۋىدى .
قاسىم بۈرگە ، قولىدىكى نەرسىلەرنى كات ئۈستىگە قويۇپ .
- بۇلارنى بۇ يەرگە قويۇپ قويدۇم ، ناۋادا يېمىسىڭىز مۇشۇ جايدا تۇرىۋەرسۇن ئەمىسە .
قاسىمنىڭ بۇ يېمەكلىكلەرنى گۈلسارە بىلەن بىللە يېگۈسى بولسىمۇ . گۈلسارەنىڭ ئۆزىدىن خىجىل بولۇپ نەرسە يېمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ قولىدىكى نەرسىلەرنى كاتنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى.
ئەمەلىيەتتە گۈلسارەنىڭ قورسىقى ئاللىقاچان ئېچىپ كەتكەن بولۇپ . ئۇ كات ئۈستىگە قويۇلغان . نەرسىلەرگە قاراپ بىر ئاز تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن . خالتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قورسىقىنى توقلاشقا باشلىدى .
قاسىم بۈرگە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى گۈلسارەنىڭ يەۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىچىدە خوش بولدى .
گۈلسارە كاۋاپ ، مېۋە چېۋىلەردىن يەپ قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كېيىن ئۆي تازىلاشقا چۈشۈپ كەتتى . شۇنداق ، قىلىپ بۈگۈن بىر كۈن قاسىم بىرگە گۈلسارەنى كۆزىتىش بىلەن گۈلسارە ئۆي تازىلاش بىلەن ئۆتتى .
كەچ كىرىشكە يېقىن گۈلسارە بىرىنچى قەۋەتتىكى ئۆيلەرنى ۋە ھويلا ئاراملارنى تازىلاپ بولدى .