چىرايلىق گۈلسارە

چىرايلىق گۈلسارە

作者:شەبنەم | 阅读:825 次


📑 章节目录

第14章:14-قىسىم

كەچ كىرىشكە يېقىن گۈلسارە بىرىنچى قەۋەتتىكى ئۆيلەرنى ۋە ھويلا ئاراملارنى تازىلاپ بولدى .
-   بولدى گۈلسارە بۈگۈن مۇشۇنچىلىك قىلىڭ ، بۈگۈن بەكلا چارچاپ كەتتىڭىز،   قاسىم بۈرگە   گېپىنى تۈگىتىپ ئەركىنگە تېلېفون قىلدى .
-   ھە ، ئەركىن ئاداش .  گۈلسارە ھازىر ئىشتىن چۈشتى .   قالغىنىنى ئەتە كېلىپ تازىلىسىمۇ بولىدۇ .  گۈلسارەنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويغىن .
-   ھە ، شۇنداقمۇ ؟  بولىدۇ بولىدۇ ، بىز ھازىرلا يېتىپ بارىمىز .  
ئەركىن تېلېفوننى قويىۋەتتى .
-   بۈگۈن بەكلا جاپا چەكتىڭىز گۈلسارە .  بۇ سىزنىڭ بۈگۈنكى ئىش ھەققىڭىز .  قاسىم بۈرگە گۈلسارە شۇنداق دېگەچ يۈز يۈئەن پۇلنى تەڭلىدى،
-   قاسىمجان ئاكا بۇ پۇل بەك كۆپ بوپ كەتتىمۇ ، مەن يېزىلاردا ئۆي تازلىسام ئەللىك يۈئەن بېرەتتى .  ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئىش ھەققىمنى ئەزەلدىن ئانام دېيىشىپ كېلىۋاتقان .
-   ھە ، بۇ كۆپ ئەمەس ، بىزنىڭ شەھەرلەردە ئۆي تازىلىسا يۈز يۈئەن بېرىدۇ .  مەن ئانىڭىز بىلەن  يۈز يۈەن بېرىشكە دېيىشكەن .
-  ھە ، مەيلى ئەمىسە ئۇنداقتا ئېلىۋەردىم .
-  ھە ، ئېلىۋېرىڭ ، ھېچقىسى يوق .
ئۇزۇن ئۆتمەي ئەركىن بىلەن گۈلگىنە يىتىپ كەلدى  .
گۈلسارە سىرتقا چىقىپ ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن . كۆپچىلىك قاسىم بۈرگە بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قېلىشتى،
ھايالشىمايلا گۈلگىنە بىلەن گۈلسارە ئۆيگە يىتىپ كەلدى .
گۈلگىنە ماشىنىدىن چۈشكەچ .
-  ئەمىسە بىز كىرىپ كەتتۇق ئەركىن ئاكا ، ئەتە كۆرۈشەيلى.
-  بولىدۇ، ئەتە سىلەرنى ئالغىلى كىلىمەن ،
-  ماقۇل، گۈلگىنە ئەركىنگە قاراپ كۆزىنى قىىسپ قۇيۇپ ھويلىغا كىرىپ كەتتى
- ئانا  بىز قايتىپ كەلدۇق  .  گۈلگىنە ھويلىغا كىرىپ ئانىسى ئايىمخاننى توۋلىدى .
-   ھە ، قايتىپ كەلدىڭلامۇ قىزىم .   قانداق بولدى بۈگۈنكى ئىش ھەققىنى بەردىمۇ ؟ پۇل دەردىدە  ئولتۇرالماي قالغان  ئايىمخان ئالدىراپ  شۇنداق دېدى .
-   ھە بەردى ئانا ، مانا .  گۈلسارە يۈز كوي پۇلنى ئانىسى ئايىمخانغا تەڭلىدى .
-   ھە  ياخشى بوپتۇ ئەكىلە .  ئەمدى ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ  تېز تاماق ئەت .  قورساق ئېچىپ كەتتى .
-   ماقۇل ، ئانا .  گۈلسارە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
ئايىمخان  يۈز يۈەن پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ، گۈلگىنە بىلەن ھۇجرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
-    بۇجۇۋاينىمەك بۈگۈن يۈز يۈەنگە ئىشلەپتۇ دېسە خېلى كارغا كەپتۇ .  ئايىمخان خۇشاللىقتىن ھىجاراپ كەتتى .
-  بۇ ئۇنىڭ ئىشنى ياخشى قىپ كەتكىنىدىن ئەمەس، قاسىمجان ئاكامنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ، بۇ قانجۇقنىڭ  نەرىگە   ئوغۇللار كۆيۈپ قالىدىغاندۇ دەيمەن .  تازىمۇ بىر ئىچىمنى سىقىپ .  
گۈلگىنە قاسىمنىڭ بۈگۈن گۈلسارەگە قىلغانلىرىدىن ئىچى سىقىلىۋاتاتتى .  ئۇنىڭ كۆڭلىچە بولسا قاسىم بۈرگە بۈگۈن گۈلسارەنى ئاللىقاچان نابۇت قىلىپ ئىليار ئاكىسىغا مەڭگۈ يېقىن يولىماس قىلىۋەتسە توغرا بولاتتى، بىراق ئىشلا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بومماي قالدى.
-  قاسىم بۈرگىنىڭ گۈلسارەگە كۆزى چۈشۈپ قاپتىما،گۈلگىنەنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلىغان ئايىمخان سەل ئويلىنىپ قالدى،
-  شۇنداق  ، سەن بىلمەيسەن ئانا قاسىم بۈرگە  گۈلسارەگە كۈيۈپ يۈرگىلى خېلى بوپتۇ،
-  ۋاي ۋۇي بۇ گۈلسارە دىگەن يىتمەك راستىنلا  ئېزىتقۇنىڭ ئۆزى، قىزىم ئەتە شەھەردىن يەنە ئىش تاپساڭ بولاتتى، ئايىمخاننىڭ گۈلسارەنى بىر كۈنمۇ بىكا قويغۇسى يوق ئىدى،
-  ھە،  ئەتە ئۇ يەنە قاسىم بۈرگۈنىڭ ئۆينى تازلىغلى بارىدۇ، ئۇنىڭ ئۆينىڭ ئىشى تېخى تۈگىمەپتۇ،
-  ھە مۇنداق دىگىن ئۇنداقتا ئەتە يەنە ئايرىم ھەق بىردىكەندە؟
-  شۇنداققۇ دەيمەن، ھە بولدى مەن چارچاپ كەتتىم بىردەم ئارام ئېلۋالاي
-  ھە ماقۇل ماقۇل، مەن چىقىپ تاماق پىشقاندا ساڭا خەۋەر قىلۋالاي، بىردەم ئارام ئېلىپ يېتىۋالغىن ھە، ئايىمخان ئېرغاڭلاپ مېڭىپ كۈلگىنەنىڭ يىنىدىن چىقىپ كەتتى .
بۇ چاغدا گۈلسارە تاماق ئىتىۋاتاتتى ،ئۇ ھايالشىمايلا تاماقنى پىشۇرغاندىن كىيىن ئۇلار كەچلىك تاماق يەپ  ئارام ئېلىشتى،
ئەتىسى سەھەردە يەنە ئالدىنقى كۈنىدىكىگە ئوخشاش چاغدا ئەركىن گۈلگىنەگە تىلفۇن قىلىپ تىز تەييا بولىشىنى ئۇلارنى ئالغىلى باردىغانلىقىنى ئېيىتتى،
-  ۋاي ۋۇي، بۇ ئەركىن ئاكام نىمانچە سەھەر كىلىدغاندۇ دەيمەن، كۈندە ئادەمنى ئۇخلىغلى قويمايۋاتدۇ دىسە، گۈلگىنە غودۇرلىغىنچە ئورنىدىن تۇردى،
-  بۇ يتىمەكنى ئىشقا ئاپىرمەن دەپ سەنمۇ قېنىپ ئۇخلىيالماۋاتسەن  قىزىم، بولمىسا گۈلسارەنى يالغۇز يولغا سەپ قۇيۇپ سەن قېنىپ ياخشىراق ئۇخلىۋالمامسە قىزىم،
-  بولمايدۇ، ئەركىن ئاكام قۇشۇلمايدۇ، گۈلسارەگە دەپ قوي ئانا تىزراق ناشتىلىق تەييارلىسۇن،
-  بولىدۇ، بولىدۇ ، مەن ھازىرلا دەپ قۇياي،
ئايىمخان ھويلىغا چىقىپ قويلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۋاتقان گۈلسارەنى چاقردى،
-  گۈلسارە ھوي گۈلسارە، تىز ناشتىلىق تەييارلا،
-  ھە مانا، مانا ئانا ھازىرلا تەييا قىلاي، گۈلسارە قولىدىكى ئىشنى تىزلا تۈگىتىپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى،
بىرئازدىن كىيىن  سىرىتتىن ماشىننىڭ سىگنال ئاۋازى ئاڭلاندى .
-  قوي قۇلۇڭدىكى ئىشنى تىز بول، ئەركىن ئاكام كەلدى ...
.-  ھە ماقۇل،
گۈلگىنە گۈلسارەنى ئەنە شۇنداق ئالدىرتىپ ھويلىدىن چىقىپ كەتتى،
بۈگۈن قاسىم بۈرگە ئەركىن بىلەن بىللە كەلگەن بولۇپ ئۇ گۈلسارەنىڭ دەرۋازىدىن گۈلگىنەگە ئەگىشىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يۈركى تىز تىز سۇقۇپ كىتىۋاتاتتى،
-  سەن بىلمەيسەن ئەركىن ئاداش، مۇشۇ گۈلسارەدە قانداق سىھىر بادۇ دەيمەن ئۇنى كۆرسەملا تىلىم گاچىلىشپ يۈركۈم قاتتق سۇقۇپ باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمەن دىسە،
-  ساڭا دىسەم مەنمۇ ئۇنىڭ بۇنچە جەلىپكار ئىكەنلىكىنى تېخى تۈنۈگۈن بايقىدىم، ئۇنىڭ بەدەنلىرى بەكلا ئۆلچەملىك ئىكەن چىرايىغىغۇ گەپ كەتمەيدىكەن،
ئەركىن كۆزلىردىن شەھۋەت ئۇچقۇنلىرنى ئۇچقۇندىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى،
-  ھەي، ھەي، ساڭا گۈلگىنە دىگەن تۇمۇچۇقنى بەدىمغۇ، يەنە مىنىڭ گۈلسارەمگە كۆزۈڭنى قىزاتىۋاتامسەن
قاسىم چاقچاق ئارلاش تەنە قىلىپ شۇنداق دىدى،
-  ھە بولدى،  بولدى، چاقچاق قىلىپ قويدۇم ئۇلا كەلدى، تىز ماشىندىن چۈش!
قاسىم بۈرگە ماشىندىن چۈشۈپ گۈلگىنە ۋە گۈلسارە بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ماشىنىنىڭ ئىشكىنى ئۇلارغا ئېچىپ بەردى،
-  بۈگۈن ئەجەپ ئۆزىڭىز كەپ قاپسىزغۇ  قاسىمجان ئاكا گۈلگىنە قاسىم بۈرگىگە شۇنداق دىدى،
-  ھە، مىنىڭمۇ قىلدىغان ئىشىم يوق ئىدى،  شۇڭا سىلەرنى ئالغىلى بىللە كەلدىم، قېنى ماشىنىغا چىقىڭلا
-  ھە مۇنداق دەڭ.
ئۇلار ماشىنغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن يەنە شەھەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى،
بۈگۈنمۇ ئوخشاش، ئەركىن، قاسىم بۈرگە بىلەن گۈلسارەنى قاسىم بۈرگىنىڭ ئۆيى ئالدىدا چۈشۈرۈپ قۇيۇپ گۈلگىنەنى ئېلىپ كىتىپ قالدى،
ئىليارنىڭ ئۆيى.
ئىليار نەچچە كۈندىن بىرى گۈلسارە بىلەن كۈرۈشەلمەي ئىچى سىقىلغان ھالدا ئولتۇراتتى، ئانىسى تىللاخان ئوغلىنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى،
-  كۆڭلۈڭ تازا جايىدا ئەمەسقۇ ئوغلۇم،
-  نىمىسنى دەيسەن ئانا، نەچچە كۈن بولدى،  گۈلسارە مەھەللىدە يوق، ئاڭلىسام ئۇ تۈنۈگۈن  كەنىتتىكى قاسىم بۈرگىنىڭ ماشىنىسغا چىقىپ شەھەرگە كىتىپتۇدەك قاسىم بۈرگىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى مەھەللىدىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ،  بىراق گۈلسارە ئاشۇ نايناق سىڭلىسى بىلەن قاسىم بۈرگىنىڭ ماشىنىسغا چىقىپ شەھەرگە كىتىپتۇ، مەن ئەنسىرمەي تۇرالامدىم، قاسىمنىڭ نىم غەرىزى با كىم بىلىدۇ دەيسەن،
-  ئاڭلىسام ئايىمخان گۈلسارەگە شەھەردىن ئۆي تازلايدىغان ئىشلىنى تېپىپ بېرىپ پۈل تاپقىلى  ساپتۇدەك ئۇ قاسىم بۈرگىنىڭ ئۆيىنى تازلىغلى كەتكەن بولمىسۇن يەنە،
-  كۆڭلۈم پەقەت خاتىرجەم ئەمەس ئانا، گۈلسارەگە بىرە ئىش بوپ قالسا قانداقمۇ قىلامەن،
ئىليار كاسكى گىپىنى تۈگىتپ ئورنىدىن تۇرغاچ دىدى،
-  بوممايدۇ ئانا، مىنىڭچە  مەن  يەنىلا بۇيەردە بۇنداق ئاھ ئۇرۇپ ئولتۇرغىچە شەھەرگە كىرىپ قاسىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقاي،
ـ  توختا ئوغلۇم، سەن ئۇيەرگە بارساڭمۇ قاسىم بۈرگە سىنى ئۆيىگە كىرگۈزمەيدۇ،  يەنە كىلىپ گۈلسارە ئۇيەرگە  يالغۇز كەتمەپتۇ، گۈلگىنەمۇ باكەن ھەقانچە بولسىمۇ سەن ئويلىغاندەك يامان ئىشلا بوپ كەتمەس، ئۇ بۈگۈن قايتىپ كەلسە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقىن
ئىليار ئانىسنىڭ گىپىدىن كىيىن سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى،  ئۇ يەنە گۈلسارەگە ئاۋارچىلىق تېرىپ بىرىشتىن ئەنسىردى، ناۋادا ئۇ قاسىمنڭ ئۆيىگە بېرىپ جىدەل تېرىسا ئايىمخان بۇلاردىن خەۋەر تېپىپ يەنە گۈلسارەنى ھاقارەتلەيتى، شۇڭا ئىليار يەنىلا بارماسلىقنى تاللىدى،
گۈلسارە  بۈگۈن قاسىم بۈرگىنىڭ  ئۆينىڭ  ئۈستۈنكى قەۋىتىنى تازىلىماقچى بولۇپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتى،
ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئۈچ ياتاق ئۆي بولۇپ قاسىم بۈرگە ئەڭ ئاۋال گۈلسارەنى ئۆزىنىڭ  ھۇجرىسىغا باشلاپ كىردى  . گۈلسارە ھۇجۇرىغا كىرىپ  قالايمىقان چېچىلغان كىيىم كېچەكلەرگە ۋە ھەر خىل ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرغا كۆزى چۈشتى،
ـ   كەچۈرۈڭ گۈلسارە  ئوغۇل بالا بولغاندىن كېيىن مۇشۇنداق قالايمىقان بولىدىغان گەپ ئىكەن .
ـ  ياقەي قاسىمجان ئاكا نىمىگە كەچۈرۈم سورايسىز، مەن بۇلارنى قىپ كىتەلەيمەن
-  جاپا چىكىدىغان بولدىڭىز.
-  جاپا ئەمەس قاسىمجان ئاكا ئەمىسە مەن تازلاشنى باشلىۋتەي
- بولىدۇ، سىزگە دەخلى قىمماي
ئۇ شۇنداق دەپ قۇيۇپ ئىشىك تۈۋىدە گۈلسارەگە قاراپ تۇردى،    بۈگۈن ئۇنىڭ گۈلسارەدىن پەقەتلا كۆزىنى ئۈزگىسى كەممىدى،  ئۇ  خۇددى باشقا ياققا قارىسا گۈلسارە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن غايىپ بولۇپ كېتىدىغاندەك .  ئۇنىڭغا تىكىلىپلا قاراپ تۇراتتى .