چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:831 次
📑 章节目录
第15章:15-قىسىم
ئۇ خۇددى باشقا ياققا قارىسا گۈلسارە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن غايىپ بولۇپ كېتىدىغاندەك . ئۇنىڭغا تىكىلىپلا قاراپ تۇراتتى .
گۈلسارە قاسىمنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىدىن سەل ئەيمىنىپ ئىشلارنىمۇ دىگەندەك ياخشى قىلالمايۋاتاتتى، ئۇ چېچىلىپ ياتقان كىيملەرنى رەتلەپ كىيىم ئىشكابىغا سالدى،
ئۆيلەرنى خېلى ئۇزۇن يىغىشتۇرۇپ پاكىز تازلىغاندىن كىيىن قاسىم بۈرگىنىڭ ھۇجۇرىسى باشقىچە يورۇپ كەتتى، گۈلسارە كارۋات كىرلىكنى رەتلەپ بولغاندىن كىيىن ئارقىسغا ئۆرۈلۈپ ئۆزىنىڭ يېنىدىلا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان قاسىم بۈرگىنى كۆرۈپ چۆچۆپ كەتتى، قاسىم بۈرگە خۇددى گۈلسارەنى يەۋىتىدىغاندەكلا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى،
ـ قا، قاسىمجان ئاكا سىزگە بىرە ئىش بولدىمۇ؟ مەن بىرە ئىشنى خاتا قىلمىغاندىمەن، گۈلسارە ھودۇقۇپ كەتكەن بولۇپ بۇ گەپلەرنى تەسلىكتە ئىيىتتى،
ـ ياق گۈلسارە سىز ھىچنىمنى خاتا قىلمىدىڭىز،سىز بەكلا گۈزەل، سىزنى كۈرۈپ ئەقلى ھۇشۇمنى يۇقىتىپ قۇيۋاتقىلى بەكلا ئۇزۇن بولدى، مەن سىزگە ئاشىق بولدۇم گۈلسارە سىزدىن ئۆتۈنەي ماڭا ئىچىڭىز ئاغىرسۇن
قاسىم شۇنداق دەپلا گۈلسارەنىڭ ئالدىدا تىزلاندى،
ـ ھە؟ بۇ نىم قىلغىنىڭىز قاسىمجان ئاكا سىز نىم دەۋاتىسىز تىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، مەن ئۆيڭىزنى تىزلا تازلاپ بولۇپ قايتىپ كىتىمەن،
گۈلسارە قاسىمنىڭ بۇ قىلقىدىن ھودۇقۇپ كەتكەن بولۇپ ئۇنى ئورنىدىن يۆلەپ تۇرغۇزماقچى بولدى،
ـ ياق مەن ئورنۇمدىن تۇرمايمەن، سىز ماڭا ماقۇل بولمىغۇچە مەن ھەرگىز ئورنۇمدىن تۇرمايمەن، مەن ئۆلۈپ قالاي دىدىم گۈلسارە سىزنى ھەربىر كۆرگۈنۈمدە يۈركۈم جايدىىن قوزغۇلۇپ كىتىدۇ، مەن سىزگە ئاشىق گۈلسارە، ماڭا ماقۇل بولۇڭ سىز نىم دىسىڭىز مەن قىلىشقا رازى، قاسىم گۈلسارەگە يالۋۇرۇپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى،
ـ مەن سىزگە ماقۇل بولمىغۇچە ؟ بۇ نىم دىگىنىڭىز قاسىمجان ئاكا، مەن نىمىگە ماقۇل بولىمەن؟
قاسىم بۈرگىنىڭ سۆزلىردىن ھىچنىمنى ئاڭقىرالماي گاڭگىراپ قالغان گۈلسارە ئۇنىڭدىن ياندۇرۇپ شۇنداق سورىدى.
ـ مىنىڭ سىزگە ئېرىشكۈم با، سىزنى ئۆزۈمنىڭ قىلغۇم با ماڭا ماقۇل بولۇڭ، مەن سىزگە ئىگە بولىمەن، سىزنى تاشلىۋەتمەيمەن، خالىسڭىز ھەتتا سىز بىلەن توي قىلىمەن.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان گۈلسارەنىڭ كاللىسىدا تۇيۇقسىز چاقماق چاققاندەك چۆچۆپ كەتتى،
ئۇنىڭ كۆزلىرى قىززىپ كۆز جىيەكلىرى ياشقا تولۇپ دىدى،
ـ مەن ھازىرلا ئۆيگە كىتىمەن، مىنىڭ بۇنداق بىمەنە گەپلەرنى ئاڭلىغۇم يوق، مەن بۇ يەرگە تازلىق قىلىپ پۇل تاپقىلى كەلگەن سىزنىڭ بىمەنە سۆزلىرىڭزنى ئاڭلىغلى ئەمەس،
قاسىمنىڭ غەرىزنى چۈشەنگەن گۈلسارە كەسكىنلىك بىلەن شۇنداق دىدى دە ھۇجۇردىن چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ماڭماقچى بولدى.
ـ ياق مەن سىزنى كەتكىلى قويمايمەن گۈلسارە، مەن بۇ كۈننى كۈتكىلى بەكمۇ ئۇزۇن بولدى، مىنىڭ سىزگە ئېرىشكۈم با، بۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانچىلىك بەدەل تۆلسەم ئەرزىيدۇ،
قاسىم بۈرگە ئورنىدىن تۇرۇپ گۈلسارەنىڭ ئالدىنى توستى.
ـ ئەمدى بولدى قىلىڭ قاسىمجان ئاكا، ماڭا بۇنداق دىيىشكە قانداق پېتىندىڭىز؟ بۇنداق ئىشنىڭ بولىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس! گۈلسارە قاتتىق غەيرەتكە كىلىپ شۇنداق دىدى.
ـ نىمىشقا ئەجىبا سىز ماڭا شۇنداق ئۆچما؟
ـ بۇ ئۆچ بولۇش بومماسلىق مەسىلسى ئەمەس، مىنىڭ سىز بىلەن توي قىلشىم بىللە بولشىم ھەرگىزمۇ مۇكىن ئەمەس، سىز يۈزىڭىزنى قېلىن قىلىپ ھازىر مەندىن مۇشۇنداق پەسكەش ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلۋاتسىز بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، سىز ئۇچۇقتىن ئۇچۇق ماڭا ھاقارەت قىلۋاتىسىز، گۈلسارە شۇلارنى دىگەندىن كىيىن يەنە ماڭماقچى بولىۋىدى قاسىم بۈرگە گۈلسارەنىڭ قولىغا ئېسىلۋالدى،
- سىز بىلمەيسىز گۈلسارە بىزنىڭ تەقدىرمىز قۇشۇلغان، مەن ھىچقانداق قىزبالنى سىزنى ياخشى كۆرگەنچىلىك ياخشى كۆرمىگەن مەن سىزگە ھازىر ھەم بۇنىڭدىن كىيىن ئىگە بولىمەن بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ،
- ماڭا ھاقارەت قىلىپ تۇرۇپ يەنە ماڭا ئىگە بولماقچىمۇ، مىنڭ سىزنى ياخشى كۈرشۈم ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، بۇ نىيتىڭىزدىن يېنىڭ،
- مەن سىزگە ھاقارەت قىلمىدىم گۈلسارە، مەن سىزنى بەخىتلىك قىلىمەن، سىزنى جاپا تارتقۇزمايمەن، بارلىق غەم ئەندىشدىن قۇتۇلىسىز، مىنى رەت قىلماڭ،
قاسىم بۈرگە گۈلسارەنى مەجبۇرى تارتىپ قۇچاقلاپ كۈتۈرۋالدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۈتۈن ھۇجۇدى قىززىپ يۈركى قېپىدىن چىقىپ كىتدىغاندەك سۇقۇپ كىتىۋاتاتتى،
- مىنى قۇيىۋىتڭ قاسىمجان ئاكا، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئۇنداق قىمماڭ، مىنى قۇيىۋىتىڭ گۈلسارە قاسىمنىڭ مۆرىسىگە مۇشلىغىنىچە ئۇنىڭغا يالۋۇردى،
بىراق قاسىمنىڭ قۇلقىغا گۈلسارەنىڭ يالۋۇرۇشلىرى كىرمەيۋاتاتتى، ئۇ گۈلسارە كۆتۈرۈپ كارۋات يېنىغا ئېلىپ كەلدى دە ئۇنى كارۋاتقا تاشلىدى،
- مىنى كەچۈرۈڭ گۈلسارە مىنىڭمۇ سىزنى خاپا قىلغۇم يوق بىراق ماڭىمۇ ئامال يوق بوپ قالدى،
قاسىم شۇ گەپلەرنى قىلغاچ كىيىملىرنى سېلىپ گۈلسارەنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى.
- مىنى قۇيۋەت! ھۇ ئەبلەخ، مىنى قۇيىۋەت.
گۈلسارە قاسىم بۈرگىنىڭ ئاستىدا قالايمىقان تىپچەكلەپ يۇلقۇنۇپ چىقىشقا تىرشاتتى، بىراق گۈلسارەنىڭ ئۇنىڭغا قانداقمۇ كۈچى يەتسۇن ، قاسىم بۈرگە گۈلسارەنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ پۈتۈن كىيملىرنى سالدۇرۇپ تاشلىدى.
بىچارە گۈلسارە تىپىچەكلەپ يۇم يۇم يىغلاپ يالۋۇراتتى، ئۇ ئۆزىنى بەئەينى يالماۋۇز بۆرىنىڭ ئاستىدا تۇرغاندەك تۇيغۇدا بولدى، ئۇ شۇنچە يالۋۇرۇپ يىغلاپ ئارقىدىن، قاسىم بۈرگۈنى بولىشىغا تىللىغان بولسىمۇ خۇددى ئۇنىڭ ئاۋازى سىرىتقا چىقمىغاندەك قاسىم بۈرگە ھىچقانداق ئىنكاسسىز ھالدا ئۇنىڭ كىيملىرنى پۈتۈنلەي سالدۇرۇپ ئانىدىن تۇغما ھالەتكە ئەكىلىپ قويدى.
- مەن سىز نىم دىسىڭىز شۇنى قىلاي سىزگە ئات ئىشەك ئورنىدا ئىشلەپ خىزمىتڭىزنى قىلاي بىراق سىزدىن ئۈتۈنۈپ قالاي ماڭا چېقىلماڭ
گۈلسارەنىڭ يىغلاپ ئاۋازى بوغۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ تېخىچە ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشتىن توختىمىدى،
- ئەمدى بولدى قىلىڭ جىنىم مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپمۇ ماڭا يالۋۇرۋاتامسىز ئەمدى كەيپىمنى ئۇچۇرماڭ،سىزنى بەخىتلىك قىلمەن، سىز مىنىڭ مەڭگۈ مىنىڭلا
قاسىم گىپىنى تۈگۈتۈپلا گۈلسارەنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرگە سۆيۈشكە باشلىدى، گۈلسارە مەيلى قانچىلىك قارشىلىق كۆرسەتسۇن ھىچقانداق پايدىسى بولمىدى.
شۇنداق قىلىپ گۈلسارە گۈلگىنەنىڭ ئارزۇسى بويىچە قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بىرىپ چىشىنى چىشلەپ كۆزىدىن ياش قۇيۇلغان پېتى قىزلىقىنى يوقاتتى ...
قاسىم گۈلسارە بىلەن خېلى ئۇزۇن ھەپىلەشكەندىن كىيىن ئورنىدىن تۇردى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ گۈلسارەنىڭ ئۈستىگە ئەدىيالدىن بىرنى ئېلىپ كىلىپ يېپىپ قويدى، ئاندىن ئۇ كىيملىرنى كىيىپ كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردى، ئۇ تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ قولىدىكى تاماكىنى قاتتىق شورىۋەتكەندىن كىيىن گۈلسارەگە قاراپ دىدى
- مىنىڭ كەچۈرۈڭ گۈلسارە، ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتىم، بىراق ماڭا ئىشنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ سىزگە مەسئۇل بولىمەن،
ئۇ گۈلسارەگە ئىچ ئاغرىتتى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا ئۇنىڭغا چېقىلغىندىن ئىچىدە سەل پۇشايمان قىلغاندەكمۇ ئىدى، بىراق مەيلى قانداقلا بولمىسۇن قاسىم قىلدىغاننىڭ ھەممىنى قىلدى، شۇڭا ئۇ بۇ خىياللارنى قىلىشتىن ۋاز كىچىپ گۈلسارەنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭ چاچلىرنى سىلاشقا باشلىدى،
قاسىم تۇيۇقسز گۈلسارەنىڭ ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغنىنى كۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى،
- گۈلسارە سىزگە بىرە ئىش بولمىغاندۇ گۈلسارە، ئۇ گۈلسارەنىڭ يۈزىنى سلىغاندا ئۇنىڭ كۈزىدىن بىر تامچە ياشنىڭ ئېقىپ چۈشكىنىنى كۈرۈپ سەل ئارقىغا چىكىنىپ ئولتۇردى، قاسىم شۇنداق ئولتۇرۇپ
ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتتى گۈلسارە يەنىلا جىمجىت ياتاتتى، كۈن كەچ بولدى، قاسىم ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقىپ ئەركىنگە تىلفۇن قىلدى،
- ۋەي ئەركىن ئاداش، گۈلسارەنىڭ بۈگۈن مىجەزى يوق، گۈلگىنەگە دەپ قوي ئۆيگە ئۆزى قايىتقاچ تۇرسۇن
قاسىم گىپىنى تۈگىتىپلا تىلفۇننى قۇيىۋىتىپ ھۇجۇرىغا كىرىپ كەتتى،
ئۇ ھۇجۇرىغا كىرگەندە گۈلسارە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرنى كىيىۋاتقان بولۇپ قاسىم ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن قولىنى سوزدى،
- مەينەت قۇلۇڭنى مەندىن يىراق تۇت ئەبلەخ، گۈلسارە غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن قاسىمغا قارىدى،
- ھە، ماقۇل ماقۇل مەن يىراق تۇراي، بىراق مىنى كەچۈرۈڭ گۈلسارە، ... مىنى راستىنلا كەچۈرۈڭ
- ئاغزىڭىنى يۇم سىنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن
گۈلسارە ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ.
كىيملىرنى تىز تىز كىيىپ قاسىم بۈرگىنىڭ ھۇجۇرسىدىن چىقىپ كەتتى،
قاسىم تىلفۇننى قولىغا ئېلىپ ئەركىنگە قايتىدىن تىلفۇن قىلدى،
- ۋەي ئەركىن ئاداش، گۈلسارە سىرىتقا ماڭدى، ئۆيىگە كەتمەكچى ئوخشايدۇ، گۈلگىنەنى ئېلىپ تىزراق كەل!
- ھە ماقۇل ، ماقۇل ئاداش،
گۈلسارە تەسلىكتە مېڭىپ قاسىمنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ ئۆزىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى توغۇرلۇق دىلو مەلۇم قىلىش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا ماڭغان بولۇپ قاسىم بۈرگە بۇنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى،بىراق ئويلىمغان يەردىن گۈلسارە ئەركىن بىلەن گۈلگىنەنىڭ ئالدىغا ئۇچراپ قالدى، ئەركىن گۈلسارەنى كۆرۈپ ماشىنىنى توختاتتى،