چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:841 次
📑 章节目录
第16章:16-قىسىم
گۈلسارە تەسلىكتە مېڭىپ قاسىمنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ ئۆزىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى توغۇرلۇق دىلو مەلۇم قىلىش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا ماڭغان بولۇپ قاسىم بۈرگە بۇنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى،بىراق ئويلىمغان يەردىن گۈلسارە ئەركىن بىلەن گۈلگىنەنىڭ ئالدىغا ئۇچراپ قالدى، ئەركىن گۈلسارەنى كۆرۈپ ماشىنىنى توختاتتى،
گۈلگىنە گۈلسارەنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرى ۋە تاتىرىپ قان دىدارى قالمىغان چىرايىغا قاراپ ئىچىدە ئۆزىنىڭ پىلانىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ بەكلا خۇش بولدى، ئۇ ماشىندىن ئالدىراپ چۈشۈپ، گۈلسارەنىڭ ئالدىغا كىلىپ دىدى.
- نەگە ماڭدىڭ گۈلسارە قاسىمجان ئاكامنىڭ ئۆينى تازلاپ بولغان ئوخشىمامسەن، بۈگۈن نىمانچە بوپ كەتتىڭ،
گۈلگىنە قاسىمغا قاراپ يەنە سۆز باشلىدى
ـ قاسىمجان ئاكا تۈنۈگۈن يۈز يۈەن پۇلنى بىرىپ قۇيۇپ بۈگۈن گۈلسارەنى بەكلا ئىشقا سېلۋەتتىڭىزمۇ نىمە؟ قاراڭە ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا،
گۈلسارە گۈلگىنەنىڭ قەستەن ئۆزىنىڭ ئالدىنى تۇسىۋاتقىنىنى ھىس قىلىپ گۈلگىنەگە دىدى.
- نېرى تۇر گۈلگىنە تۇلا ئالدىمنى توسما،
گۈلسارە گۈلگىنەنىڭ چىرايىغىمۇ قارىماستىن شۇلارنى دىدى،
- ۋوي سەن ساراڭ بوپ قالدىڭمۇ نىمە، مەن نەدە سىنىڭ ئالدىڭنى توستۇم، ھەراس نەگە باماقچى ئىدىڭ ماشىنغا چىق ئۆيگە كىتىمىز ،
ھەقانچە بولسىمۇ ئۆيگە مۇشۇنداق مېڭىپ كەتمەيدىغانسەن؟
ـ مەن ئۆيگە كەتمەيمەن!
ـ نىمە ئۆيگە كەتمەيمەن، بىرە يەدىن تۇردىغان ماكان تاپقان ئوخشىمامسەن!
- مەن ماۋۇ ھايۋاننى ساقچىغا مەلۇم قىلغىلى ماڭدىم، گۈلسارە ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ ۋاقىرىدى،
- بۇ بۇ نىم دىگىنىڭ سەن كىمنى دەۋاتىسەن؟
- ئەلۋەتتە سەن ئاغزىڭدىن چۈشۈرمەيدىغان ماۋۇ قاسىمجان ئاكاڭنى دەۋاتىمەن،
- بۇ ئۇ ساڭا نىمە قىلدى، ئەجىبا ئۇ سىنى ...
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قاسىم ئالدىراپ گۈلسارەنىڭ ئالدىدا تىزلاندى.
- مىنى كەچۈرۈڭ گۈلسارە مىنى ساقچىغا مەلۇم قىمماڭ مەن سىزگە مەسئۇل بولاي، قاسىم يالۋۇرۇپ گۈلسارەنىڭ ئالدىغا كەلدى،
- قوي ئۇنداق گىپىڭنى ھۇ ساختىپەز، سەندەك پەسكەش ھايۋان چۇقۇم جاجاڭنى يەيسەن! مەن سىنى قىلغان ئىشىڭغا چۇقۇم پۇشايمان قىلدۇرمەن
گۈلسارە يىغلامسىراپ تۇرۇپ شۇلارنى دىدى، شۇ تاپتا ئۇ ئاچچىقتىن غال غال تىترەپ جايىدىمۇ تۇرالماي قىلۋاتاتتى.
گۈلگىنە ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ قەستەن كۆيۈنگەن قىياپەتتە،
- ئۆزۈڭنى بېسىۋال گۈلسارە بىز ئۆيگە كىرىپ چىرايلىق دىيىشەيلى،
- نىمىنى چىرايلىق دىيىشمىز ئەجىبا ئۇنىڭ ماڭا قانداق قىغىنىنىمۇ، مەن ئۇنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن، ئۇنى قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلدۇرماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسەممۇ كۈزۈم يۇمۇلمايدۇ،
گۈلسارەنىڭ شۇ تاپتا پۈتۈن بەدىنى تىترەپ ئاغزى گەپكىمۇ كەلمەيۋاتاتتى ئۇ سۆزلەۋېتىپلا تۇيۇقسىز ھوشىدىن كىتىپ يەرگە يىقىلدى.
- تىز قاسىمجان ئاكا ئۇنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا سالايكى ، ناۋادا ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلسا ھەممىمىز چېتىلىپ قالمىز گۈلگىنە قاسىمنى گۈلسارەنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا سېلىشقا بۇيرىدى،
- ھە، بولىدۇ، بولىدۇ مانا ھازىرلا
قاسىم گۈلسارەنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا سالغاندىن كىيىن گۈلگىنە ئەركىنگە ماشىنىنى ئۇدۇل ئۆيى تەرەپكە ھەيدەشنى ئېيىتىتى
ـ تىز ئۆيگە قايتايلى ئەركىن ئاكا،
ـ بولدۇ،
ئۇلار ھايالشىمايلا گۈلگىنەنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدى، گۈلسارە تېخىچە ھوشىغا كەلمىگەن بولۇپ، گۈلگىنە قوشنا قۇلۇم كۆرمەستە قاسىمنى گۈلسارەنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىشكە بۇيرىدى،
- قاسىمجان ئاكا ئەمدى گۈلسارەنى ئۆيگە ئەكىرەيلى
- بولىدۇ
گۈلگىنە دەرھال ماشىندىن چۈشۈپ دەرۋازىنى ئاچتى
ئۇ دەرۋازىنى ئېچىپ تۇرشىغا قاسىم گۈلسارەنى كۆتۈرۈپ ھويلىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى،
- ۋوي بۇ جۇۋاينىمەككە نىم بولدى، ئايىمخان قاسىم بۈرگىنىڭ گۈلسارەنى كۈتۈرۈپ كىرگىنىنى كۆرۈپ سوردى،
- ئۇ ھوشىدىن كەتتى ئانا، قاسىمجان ئاكا ئۇنى بۇ ھۇجۇرغا ئەكىرىڭ، گۈلگىنە قاسىم بۈرگىگە گۈلسارەنىڭ ھۇجۇرسىنى كۆرسەتتى، قاسىم بۈرگە گۈلسارەنى ھۇجۇرغا ئېلىپ كىرىپ كارۋاتقا ياتقۇزغاندىن كىين ئۇنىڭغا قاراپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى،
- بىز ماڭايلى گۈلگىنە، نىم گەپ بولسا تىلفۇندا دىيىشەيلى، گۈلسارەگە ياخشىراق قاراپ قۇيۇڭ
- بولىدۇ قاسىمجان ئاكا،
قاسىم گىپىنى تۈگىتىپ چىقىپ كەتتى
ئايمخان، ھۇجۇرسىغا كىرىپ كەتكەن گۈلگىنەنىڭ ئارقىسىدىن پايپاسلاپ كىرىپ سورىدى،
- ۋاي ۋۇي نىمىش بولدى قىزىم،
- ھىچ ئىش يوق ئانا،گۈلسارە قاسىمجان ئاكام بىلەن ھېلىقىدەك ئىش قىپتىكەن شۇنىڭ بىلەن ھوشىدىن كەتتى، گۈلگىنە كىيملىرنى ئالماشتۇرغاچ ئايىمخانغا شۇنداق دىدى،
-ۋوييەي ۋوي شورى قۇرىغۇر نۇمۇسسىز، نىمىش بولدىكىن دەپتىمەن تېخى قىلدىغاننى قىلىپ ھوشىدىن كەتكەن بوپ يېتىۋالغىنىنى كۆرمەمدىغان بۇنىڭ،قارىغاندا بەك تېتىشىپ كىتىپ... ۋاييەي ۋاي مىنىڭ يۈزۈم قېرىغاندا ما يىتىمەكنىڭ سەت قىلىقلىنى كۆرۈپ نۇمۇستىن ئۆلەي دىدىمغۇ مەن ھۇ بېششىڭنى يەيدىغان خەپ سىنى ئايمخان كوتۇلدىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ گۈلسارەنىڭ ھۇجۇرسىغا ماڭدى،
- ھەي ... توختا، توختا ئانا،نىمىش قىلاي دەيسەن، گۈلسارەنى ئۇرمايدىغانسەن
- ئۇنى ئۇرماي، ياخشى قىپسەن مۇشۇنداق نۇمۇسسسىز پەسكەش ئىشنى جىق قىل دىسەم بولامتى ئەمىسە
- ۋاي ئانا ئۇنى ئۇرىمەن دىمەي، ئۇ ھوشىغا كەلگىچە ئۇنى سولاپ قوي، بېشىمىزغا ئىش تېرىمسۇن يەنە،
- بۇ نىم دىگىنىڭ؟
- ئۇ بايا قاسىم بۈرگىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان ناۋادا ئۇ ھوشىغا كىلىپ شۇنداق قىپ قاسا بىزمۇ چېتىلىپ قالمىز!
- ما ئىشنى كۈرۈڭ قىلدىغاننى قاسىم بۈرگە بىلەن تەڭ قىلىپ ئەمدى ئۇنى ساقچىغا مەلۇم قىلامدىكە تېخى، ئۆزىنڭ بۇزۇقچىلىقىنى پۈتۈن جاھانغا ئاشكارلاپ نىم قىلاي دەيدىكىنە بۇ قانجۇق، ئۇنىڭغا يۈز لازىم بولمىغان بىلەن مانا بىزگە لازىم، ئادەمنى ياشىغىلى قويمامدۇ نىمە بۇ پاسكىنا ، بۇنداق ئىش دىگەننى سىر تۇتقۇلۇق ھۇ تىگى پەس ئايىمخان ئۆز ئۆزىگە كوتۇلدىغىنىچە گۈلسارەنىڭ ھۇجۇرسىغا كىرىپ كەلدى، ئۇ ئۇنىڭ ھوشىغا كەممىگىنىنى كۆرۈپ، يەنە قاخشىدى.
- ۋاييەي ئەمدى مۇشۇنداق ئۆلۈكتەك قاچانغىچە ياتا بۇ تاپ، قوساققا ئاش ئىتەمىكى دىسەم ياتقىنى ياتقان تۇيە مانا ياتقاندىن كىيىن تۈزۈك مۈزۈك يات،
ئايىمخان شۇنداق دىگنىچە گۈلگىنەنىڭ گىپى بويىچە گۈلسارەنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە قۇلۇپتىن بىرنى سېلىپ قويدى.
خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كىيىن گۈلسارە ئاستا كۆزىنى ئاچتى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىدا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى، ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ بولغان ئىشلارنى ئەسكە ئالدى . ئۇ تېخى بايىلا قاسىم بۈرگىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، ساقچىخانىغا ئۆزىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى توغۇرلۇق دىلو مەلۇم قىلغىلى بارماقچى بولغان ئەمەسمۇ؟ قانداق بولۇپ ئۆيىدە بولىدۇ، گۈلسارە شۇلارنى ئويلاپ ئالدىراپ ھۇجۇرسىدىن چىقماقچى بولۇپ ئىشىكنى تارتىۋىدى ئىشكنىڭ سىرىتتىن قۇلۇپلاغلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى، گۈلسارە جىددىلەشكىنىچە ئىشىكنى مۇشلىدى،
- ئانا ئىشىكنى ئېچىڭ مەن ساقچىخانىغا بارمىسام بولمايدۇ،ئانا ئىشىكنى ئېچىڭ، گۈلگىنە تىز ئىشىكنى ئاچ،
بۇ چاغدا ئايىمخانبىلەن گۈلگىنە ئاللىقاچان ئۇيقۇغا كەتكەن بولغاچقا گۈلسارە مەيلى قانچىلىك توۋلىمسۇن ئۆي ئىچىدىن ھىچكىم ئىشىكنى ئېچىپ بەرگىلى چىقمىغان ئىدى.
گۈلسارە يىغلاپ ۋارقىراپ دىگۈدەك ئىشىكنى مۇشلاپ چارچىغان بولسا كىرەك، يەردە ياتقىنىچە كۆزلىردىن يامغۇر كەبى ياش تۆكمەكتە ئىدى، ئۇ ئۆز- ئۆزىدىن سەسكنىپ بىزارلىق تۇيغۇسىدا بولدى.
- مەن بۇ بۇلغانغان تىنىم بىلەن ئەمدى قانداق ياشايمەن، ئىليار ئاكامغا قانداق يۈز كىلىمەن، ئۇنىڭ چىرايىغا قانداق قارايمەن،
گۈلسارە شۇلارنى ئويلىغانچە ئىچ - ئىچىدىن تۈگۈشۈپ كىتىۋاتاتتى،
ئەتىسى سەھەر.
گۈلگىنە كەيپىياتى تولىمۇ ياخشى ھالدا ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرۇپ گىرىم قىلۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، ئايىمخان بولسا قۇساق ئاچلىقىدا مەرەپ ھويلىنى بېششىغا كەيگەن قويلارنى ھەدەپ ئېغىزغا ئاغۇسىز گەپلەر بىلەن تىللاپ ھويلىدىكى كاتتا ياتاتتى،
- ھۇ بېششىنى يەيدىغان مەرەزلە، سەنلەنىڭ قوسقىنى كۈتىرە ئاغانمۇ مەن تولا بېشىمنى ئاغرىتىشما بوممىسا زۇۋانىڭغا ئىشەكنىڭ بىنمىسنى كەپلەپ قويماي يەنە، ھەقاسىڭغا گال پىچاق دورا ئىكەن ئەسلى، ما گۈلسارە دىگەن پاسكىنا قۇڭىنى قىسقان بولسا مۇشۇ كۈنلە يوق ھەقاسىڭغا ...
رابىخان
- ۋاي ۋۇي ئايىمخان ئەتتىگەندە كىمگە كايىۋاتىلا، كىرسەم بولامدۇ يا؟
ئايىمخاننىڭ گىپىنى، دەرۋازىنىڭ ئىچىگە كىرىپ بوپمۇ كىرسەم بولامدۇ دەپ سوراۋاتقان رابىخان بۆلىۋەتتى،
- ھە كىرىپ بوپلىغۇ ئەنە رابىخان قوشنام، ئەتتىگەندە ئىت پوق يىمەستە نىمىگە كىردىلە دەيمەن، مۇرىدىنغۇ ئىس چىقمىغان بۈگۈن
- ھا، ھا، ھا، قىززىق جۇمۇ سىلى ئايىمخان مۇرىللىردىن ئىس چىقمىغان بىلەن قىزلىرى گۈلسارەنى ئىليار كاسكىغا ياتلىق بولدىغان بوپتۇ دەپ ئاڭلاپ بۇ قانداق ئىشتۇ دەپ تىڭ تىڭلاپ كىرگەن،
- ۋوي كىچىدىن شۇنداق چۈش كۆرگەن ئوخشىماملا؟
- بولدى يۇشۇرمىسلا قوشنام، مەھەللىدە شۇ پاراڭ ھازىر،
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئايىمخاننىڭ قۇيقا چېچى تىك تۇردى، ئۇ رابىخاننىڭ گپىگە جاۋاپ قايتۇرماستىنلا رابىخاننى ئۆيىدىن قوغلاشقا باشلىدى،
- ئوھوش ئەتتىگەندە تۇلا ئوغامنى قايناتماي چىقسىلا ئۆيدىن!
- ۋىيەي، بىردەمدە نىم بوللادەيمەن، ئۆيلىردىن قوغلاۋاتاملا مىنى،
- چىقسىلا دىگەنكىن چىقسىلا، مەن كىرسىلە دىگەندە كىرەلا،
ئايىمخان شۇنداق دەپ رابىخاننى ئىتتىرىپ دىگۈدەك ھويلىسىدىن چىقىرۋەتكەندىن كىين دوكۇلداپ گۈلگىنەنىڭ قېشىغا ماڭدى،
- گۈلگىنە قىزىم ما گۈلسارەكنى مەھەللىدە ئىليار كاسكىغا ياتلىق بولدىكەن دەپ سۆز چۆچەك تارقىلىپ كىتىپتۇ دەيدۇ بۇ راسمۇ؟
- بۇنى بىلمەيمەن ئانا، بىراق قۇسقۇمنىڭ ئىچىپ كەتكىنى راس، سەن بۇ ئىشتىن غەم قىمماي، قۇساققا يەيدىغان ناشتىلىق تەييالاپ بەگىنە ئانا، مىنىڭ شەھەرگە باردىغان ئىشىم با، ھە راست ،ئانا يادىڭدا بولسۇن گۈلسارە ئىليار ئاكامغا ئەمەس ، قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولىدۇ . ئۇ بىللە ياتقان ئادەم قاسىم بۈرگە تۇرسا قانداقسىگە ئىليار ئاكامغا ياتلىق بولغۇدەك،