چىرايلىق گۈلسارە

چىرايلىق گۈلسارە

作者:شەبنەم | 阅读:829 次


📑 章节目录

第17章:17-قىسىم


-ئانا يادىڭدا بولسۇن گۈلسارە ئىليار ئاكامغا ئەمەس ، قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولىدۇ .  ئۇ بىللە ياتقان ئادەم قاسىم بۈرگە تۇرسا قانداقسىگە ئىليار ئاكامغا ياتلىق بولغۇدەك،
-  ھە !  بولىدۇ قىزىم مەن ھازىرلا گۈلسارەنى ناشتىلىق تەييارلاشقا بۇيراي!
-  ئەستا ئانا، ناشتىلىقنى ئۆزۈڭ تەييارلا ئۇنى ھازىر سۇلاپ قويمىساق بوممايدۇ،
گۈلسارە قاسىمجان ئاكامغا ياتلىق بولۇشقا ماقۇل بولغاندا ئاندىن ئۇنى چىققلى قوي،
- ھەراس  گۈلگىنە قىزىم قاسىم بۈرگىنىڭ گۈلسارەنى ئېلىشى مۇمكىنمۇ؟  ئۇ دېگەن يېزىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن بايلاردىن،
-  مەن دەل شۇ ئىشنى دىيىشكىلى ماڭدىم، ناۋادا ئۇ گۈلسارە بىلەن توي قىلىشقا قۇشۇلمىسا مەن گۈلسارەنىڭ ئەرىز قىلىشنى قوللايمەن ھەمدە ئۇنىڭغا ئىسپات بولىمەن، ناۋادا ئۇ پىلانىم بويىچە گۈلسارە بىلەن توي قىلسا ئىليار ئاكام مىنىڭ بولىدۇ،
-  ۋاي ۋۇي مىنىڭ قىزىم نىمانچە ئەقىللىق،
ئايىمخان گۈلگىنەنىڭ پىلانلىردىن تولىمۇ مەمنۇن  بولدى،
-  ئانا، گۈلسارەنى سەن قايىل قىل، ئۇ قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولسۇن،
-  بولىدۇ قىزىم، قاسىم بۈرگە ئۇنى ئالىمەن دىسە ئۇنىڭ تەگمەي ھەددى ئەمەس،  بۇ ئىشنى ماڭا قۇيۇپ بەر،
ئايىمخان شۇنداق دەپ قويۇپ گۈلگىنەنىڭ يېنىدىن چىقىپ  ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى .  ئۇ ھايالشىمايلا ناشتىلىق تەييارلاپ  قىزى گۈلگىنە بىلەن بىللە ناشتا قىلىۋاتاتتى .   تۇيۇقسىز سىرتتىن ماشىنىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
-   ۋوي كىم كەلگەندۇ گۈلگىنە قىزىم ؟
-   مەن چىقىپ قاراپ باقاي ئانا ئەركىن ئاكاملا بولمىسۇن يەنە،  
گۈلگىنە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدى .  ئۇ دەرۋازىنى ئېچىپ .  دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان ئەركىن بىلەن قاسىم بۈرگىنى كۆردى .
-   ۋوي قاسىمجان ئاكا، ئەركىن ئاكا سەھەردىلا كېلىپ قاپسىلەرغۇ؟
-   گۈلسارە قانداقراق تۇرىدۇ گۈلگىنە .  
قاسىم بۈرگە ئالدىراپ سورىدى .
-  ھە،   ئۇ ياخشى .  قېنى ئىچىگە كىرىڭلار .  
گۈلگىنە قاسىم بۈرگە بىلەن ئەركىننى ھويلىغا باشلىدى .
ئۇلار ھويلىدىكى كاتتا   ئولتۇرغان ئايىمخاننىڭ يېنىغا كېلىپ .  سالام قىلغاندىن كېيىن .
-   قانداق ئەھۋالىڭىز ئايىمخان ھامما،   ئاخشام ئالدىراشلا كېتىپ قالدىم،   بۇ ئىشتا مەن خاتالىق ئۆتكۈزدۈم،   بىراق ماڭا ئىشىنىڭ مەن گۈلسارەگە ئىگە بولىمەن .  ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ  ئۇنىڭ يۈزىنى خەلق ئادەم ئالدىدا يورۇق قىلىمەن .  
قاسىم بۈرگە ئايىمخاننىڭ ئالدىغا كېلىپلا ئۇنىڭغا توختىماي سۆز قىلىۋاتاتتى .
قاسىم بۈرگىنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغان گۈلگىنەنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى .
-   ۋاي ۋۇي ، قاسىمجان ئاكا ، بۇنچىۋالا دەپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق .  ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ  گۈلسارەنى تاللىغىنىڭىزنىڭ ئۈزى گۈلسارەنىڭ بەختى .  شۇنداقمۇ ئانا؟
-  ھە!  ھە  گۈلگىنە توغرا دەيدۇ قاسىمجان  بالام،  سىز شۇنداق ياخشى بالا تۇرسىڭىز گۈلسارەنىڭ   بەختى كەلدى دېسە .  ھە ، قېنى كېلىڭلار بۇياققا كېلىپ ئولتۇرۇڭلار بالىلىرىم .
 ئايىمخان شۇنداق دېگەچ ئورنىدىن تۇرۇپ ئەركىن بىلەن قاسىم بۈرگىنى  ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى .
قاسىم كاتقا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەتراپتىن گۈلسارەنى ئىزدىدى .
ئەمەلىيەتتە ئۇ تۈنۈگۈنكى قىلغان ئىشىدىن  سەل پۇشايمان قىلىپمۇ قالغان ئىدى .  چۈنكى ئۇنىڭ گۈلسارەگە  ئىچى ئاغرىغان بولۇپ .  ئۆزىنىڭ ، بۇ ئىشتا نامەردلىك قىلغانلىقىنى  ھېس قىلىپ،  گۈلسارەگە ئاخىرغىچە ئىگە بولۇش  نىيىتىگە كەلگەن ئىدى .  گەرچە ئۇ بۇ ئىشلارنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن بولسىمۇ ، ئاۋۋال ئايىمخاننىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرگە بۇ ئىشنى ئېيتماقچى بولدى .
-   ھە ، گۈلگىنە .  گۈلسارە كۆرۈنمەيدىغۇ .
 ئەركىن قاسىم بۈرگىنىڭ گۈلسارەنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى بولغاي گۈلگىنەدىن شۇنداق دەپ سورىدى .
-   ھە،   گۈلسارە ئۇ ھۇجرىسىدا.
-   ئۇنى چاقىرىپ چىقساڭچۇ قىزىم .  
ئايىمخان گۈلگىنەگە شۇنداق دېگەندىن كېيىن .   گۈلگىنە گۈلسارەنىڭ ھۇجرىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
-   ھە ، بولىدۇ ئانا .  ئاچقۇچنى نەگە قويغان ئىدىڭ .
-  ھە ، ئاۋۇ رامنىڭ  تەكچىسىگە قويۇپ قويدۇم .
گۈلسارە  تېزلىك بىلەن ئايىمخان قويۇپ قويغان يەردىكى ئاچقۇچنى ئالدىدا گۈلسارە ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچتى .
بۇ چاغدا گۈلسارە يەردە ياتاتتى،
-   ھەي گۈلسارە ، تېز ئورنۇڭدىن تۇر ئانام سېنى چاقىرىۋاتىدۇ .
 گۈلگىنە گۈلسارەگە قاراپ شۇنداق دېدى .
ئەمما يەردە ياتقان گۈلسارە جىممىدە ياتاتتى .
-   ئەمدى بولدى قىلغىن گۈلسارە .  مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ مۇشۇنچىۋالا قىلىپ كەتكەن بارمۇ ؟  قاسىمجان ئاكام   سەن بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى،   بۇ سېنىڭ بەختىڭنىڭ كەلگىنى ئەمەسمۇ .
بۇ گەپتىن كېيىن گۈلسارە بېشىنى كۆتۈرۈپ گۈلگىنەگە قارىدى،  ئۇنىڭ   گۈلگىنەگە   قارىغاندىكى كۆزلىرى نەپرەتكە تولغان   بولۇپ .  گۈلسارەنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى .
-   چىقىپ كەتكىن گۈلگىنە .  مېنىڭ ھېچكىمنى كۆرگۈم يوق .
-  سەن!   ساڭا ئەزەلدىن ياخشى گەپ ياراشمايدۇ زادى .
 گۈلگىنە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى .
-   ۋوي گۈلگىنە قىزىم .  گۈلسارەنى چاقىرىپ چىقىڭ دېسەم ئۆزىڭىز چىقىپسىزغۇ .
-   ھە ، ئۇنىڭ ھېچكىم بىلەن كۆرۈشكۈسى يوق ئىكەن ئانا .
-  ھە!   بۇ قىزنى زە .  تازىمۇ جاھىل بالا بولدى .
-   ھېچقىسى يوق ، ئايىمخان ھامما ، ھازىر بىز قايتىپ تۇرايلى .  گۈلسارەنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكەندە ئاندىن كېلەمىز .   گۈلسارەگە ياخشىراق قاراپ قويغان بولسىلا،
-  ھە  بولىدۇ بولىدۇ ، خاتىرجەم بولۇڭ بالام،  
ئايىمخان خۇددى مېھرىبان ئانىلاردەك قاسىم بۈرگە بىلەن ئەركىننى يولغا سالدى .
-   ۋوي گۈلگىنە قىزىم سەن سەھەردە شەھەرگە كىرىمەن  دەۋاتمامتىڭ .  ئەجەب ئۇلار بىلەن بىللە بارمىدىڭغۇ .
-   قاسىم بۈرگە گۈلسارە بىلەن توي قىلىش نىيىتىگە كېلىپ بولغان تۇرسا . بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىشىمنىڭ يەنە نېمە ھاجىتى ، ئانا ، ئەمدى ئەتە بارساممۇ بولىدۇ .  ئاۋۋال بىز  گۈلسارەنى بۇ تويغا ماقۇل كەلتۈرەيلى .
-   ھە ، مەيلى ئەمىسە يۈر ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ باقايلى،
شۇنداق  قىلىپ گۈلگىنە بىلەن ئايىمخان گۈلسارەنىڭ ھۇجرىسىغا ماڭدى .  بۇ چاغدا گۈلسارە ئاللىقاچان ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋالغان بولۇپ .  ئايىمخان ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ ئىشىكنىڭ ئىچىدىن تاقاقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
-   ھەي يىتىمەك ئىشىكىنى  ئىچىدىن تاقىۋېلىپ  نېمە قىلماقچى سەن ؟  تېز ئىشىكنى ئاچ .
ئۆي ئىچىدىن ھېچقانداق سادا كەلمىدى .
-   ھەي گۈلسارە ، مەن ساڭا ئىشىكنى ئاچ دەۋاتىمەن ، ھېلى بىكا ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىدىغان بولسام چاچلىرىڭنى بىرنىمۇ قويماي يۇلۇۋېتىمەن جۇمۇ .
-   مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ئانا ، مېنىڭ ھېچكىم بىلەن كۆرۈشكۈم يوق .
-   ۋوي .  ئەجەبا مەن سەن بىلەن كۆرۈشكىلى خۇشتار ئوخشىمامدىم ،  خەقنىڭ ئۆيىنى تازىلاپ پۇل تېپىپ كەل دەپ شەھەرگە ئەۋەتسەم خەقنىڭ قوينىغا كىرىپ قىلىدىغان ئىشنى قىلىپ ، يەنە تېخى ئۆيگە سولىنىۋالماقچىمۇ سەن .
-  ئانا سىزدىن  ئۆتۈنۈپ قالاي ئەمدى ماڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ.
-   ئەمىسە تېز ئىشىكنى ئاچ .   ساڭا دېسەم گۈلسارە قاسىم بۈرگە قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىپتۇ .  ئۇ سەن بىلەن توي قىلغۇسى بارلىقىنى ، يەنە ساڭا ئاخىرغىچە ئىگە بولۇپ سېنى مەڭگۈ بەخىتلىك ، بايـ  باياشات تۇرمۇشقا  ئېرىشتۈرگۈسى بارلىقىنى ئېيىتتى، ئۇ  بۇ سۆزلەرنى ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن دىدى ، ناۋادا بايا چىققان بولساڭ ئۆز قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلىغان بولاتتىڭ .
ـ   بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئانا ؟ سىز مېنى ياتلىق قىلمايدىغان بولغانغۇ . ئەجەبا سىز مېنى ئاشۇ ھايۋانغا ياتلىق قىلماقچىمۇ ؟
ـ    ئەسلىدە سېنى ياتلىق قىلىش خىيالىم يوق ئىدى ، بىراق سەن  ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ ئادىمىگە ئايلىنىپ بولغان تۇرساڭ ماڭىمۇ نېمە ئامال .
ـ   مەن ھېچكىمگە ياتلىق بولمايمەن .  ئەمدى ماڭا بۇ گەپلەرنى دېگۈچى بولماڭ .
ـ  مەيلى سەن نېمىلا دېمىگىن بولىدىغان ئىش بولدى گۈلسارە بۇلارنى دەپ ئۆزۈڭنى  بۇرۇنقىدەك پاك ھېسابلىغىنىڭنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق .  ناۋادا قاسىمجان ئاكام بىلەن توي قىلمىساڭ بىر ئۆمۈر بەختسىز بولۇپ قالىسەن .
ـ   بولدى قىل گۈلگىنە ، مەن ئۇ قاسىم دېگەن ھايۋاننى .  چوقۇم ئەرز قىلىمەن!
ـ   ئەرز قىلىمەن ؟  سېنىڭ ئىسپاتىڭ بارمۇ  .  يەنە كېلىپ سەن  ئۆزۈڭنىڭ پاكلىقىنى يوقاتقانلىقىڭنى  پۈتۈن خەلقى ئالەمگە ئاشكارىلىماقچىمۇ .  سىنىڭچە مۇشۇنداق قىلساڭ  ئىشلا ئورنىغا كېلەمۇ؟
ـ   ھەي ، ھاماقەت .  قاسىم بۈرگىنى ئەرز قىلىمەن دېگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ يۈزىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىسەن .  مەن ماۋۇ مەھەللىدە يۈزۈمنى نەگە قويىمەن،   سەن بويىغا يەتكەن ھەم توي قىلىش يېشىغا يەتكەن قىز تۇرۇپ ، خەق ماڭا ئەسكىلىك قىلدى دەمسەن .  يەنە كېلىپ  سەن ئۆز رازىلىقىڭ بىلەن قاسىم بۈرگىنىڭ ئۆيىگە بارغان تۇرۇپ ئۇنى  ماڭا ئەسكىلىك قىلدى دېيىشتىن ئۇيالمامسەن .
ـ  مېنى قاسىم بۈرگىنىڭ ئۆيىگە كىم ئەۋەتكەن ئانا .  ئەجەبا سىز ئەۋەتمىدىڭىزمۇ ؟
ـ   مەن سېنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئۆينى تازىلاپ  بېرىپ  پۇل تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتتىم ھەرگىزمۇ  ئۇنداق ئىش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس .  ياشلىقتا قانلىرىڭ قىززىپ   ئۇنداق ئىشنى قىلىپ قويۇپ ، ئەمدى پۇشايمان قىلىپ يىغلىغىنىڭنىڭ نېمە ئەھمىيىتى!
ـ   بولدى قىلىڭ ئانا .  سىز ئەزەلدىن ماڭا ئىشىنىپ باقمىدىڭىز .  ھەر قېتىم مېنى تىلغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەيسىز .
ـ   ياخشىسى گېپىمنى ئاڭلاپ قاسىم بۈرگىگە ئىززەت ئابرويۇڭ بىلەن ياتلىق بول .  شۇندىلا  يۈزۈڭ يورۇق بولىدۇ .  بەرىبىر قىزلىقىڭنى يوقاتقان سەندەك بىر قىزنى  ئەمدى ھېچكىم ئالمايدۇ .
گۈلگىنە بىلەن ئايىمخان گۈلسارەگە شۇلارنى دەۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھۇجۇرسىغا  كىرىپ كەتتى،
گۈلسارە ئايىمخان بىلەن گۈلگىنە كەتكەندىن كىيىن يەنە يىغلاشقا باشلىدى،
ئۇنىڭ ئارزۇسى نابۇت بولدى . ئىليار ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىدى، ئۇ ھازىر بىغۇبار قىز ئەمەس مۇشۇنداق تۇرسا ئۇ قانداقمۇ ئىليارغا ماس كەلسۇن، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئىليارغا بولغان چوڭقۇر مۇھاببىتى ئۇنىڭ يۈركىنى  ئېچىشتۇردى . ئەمدى مەيلى قانداق ئىش يۈر بەرمىسۇن ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر، گۈلسارە تۇرۇپلا ئىليارنىڭ  يىراقلارغا كىتەيلى دىگەن سۆزىنى  ئەسكى ئېلىپ،   ئەينى چاغدىلا ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە  ماقۇل بولۇپ بۇ نەس باسقان مەھەللىدىن كەتمىگىنىگە پۇشايمان قىلدى .
ـ   مېنى كەچۈرۈڭ  ئىليار ئاكا .  مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن، مەن سىزنىڭ سۆيگىڭىزگە لايىق ئەمەس، مەن ئۆز مۇھاببىتىمنى قوغدىيالمىغان قورقۇنچاق بىر قىز، مەن ئۆز ئۆزۈمنى نابۇت قىلدىم، كاشكى سىز بىلەن بىللە كەتكەن بولسام بۇ كۈنلەرگە قالماس ئىدىم،
گۈلسارە ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلاپ ياش تۆككەندىن كىيىن ئاستا ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى.
ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتتى، بۇ كۈنلەردە  ئايىمخان  گۈلسارەنى،  تاماق  ئەتە كەچكىچە يېتىۋېرەمسەن  دەپ ھۇجرىسىدىن  چىقىشقا مەجبۇرلىدى،   گۈلسارە ئايىمخاننىڭ كوتۇلداشلىرىدىن ئىچى پۇشۇپ  ئۆيىدىن چىقىپ  ئايىمخاننىڭ قورسىقىغا  تاماق ئېتىشكە  مەجبۇر بولدى .  ئايىمخان گۈلسارەنى تاماق  ئەتكۈزگەندىن باشقا   گۈلگىنەنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ئوت ئالغىلى ۋە  سىرىتتا ئىشلەپ  پۇل تاپقىلى ئەۋەتمىدى .  بۇ كۈنلەردە گۈلسارە ھىچكىمگە گەپ قىمماس بوپ كەتكەن ئىدى.