چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:843 次
📑 章节目录
第18章:18-قىسىم
بۇ كۈنلەردە گۈلسارە ھىچكىمگە گەپ قىمماس بوپ كەتكەن ئىدى.
گۈلسارە ھويلىدىكى كاتتا ئولتۇرۇپ ئۆزى يالغۇز خىيال سۈرىۋاتاتتى .
ـ قانداق ئەھۋالىڭ گۈلسارە، تىز سىرىتقا چىققىنە ساڭا دەيدىغان گىپىم بار، تۇيۇقسىز سىرىتتىن ئىليار كاسكىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى . ئىليار ئاۋالقىدەكلا تامنىڭ تۈيىدە تۇرۇپ بويۇنداپ گۈلسارەنى چاقىرۋاتاتتى.
- ئىليار ئاكا!
ئىليار كاسكىنى كۆرگەن گۈلسارەنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى.
- تېز سىرتقا چىقە گۈلسارە ھېلى بىكا ئاناڭ كۆرۈپ قالىدۇ .
ئىليار كاسكىنىڭ بۇ گېپىدىن گۈلسارە ئەندىكىپ كەتتى .
- مەن ... مەن چىقالمايمەن ئىليار ئاكا . مېنى كەچۈرگىن .
گۈلسارە شۇنداق دەپ ، ئۆي تەرەپكە ماڭماقچى بولدى
-توختا گۈلسارە بۇ نېمە دېگىنىڭ . سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي سىرتقا چىققىن بىز پاراڭلىشايلى .
- مېنىڭ سەن بىلەن پاراڭلاشقۇم يوق ، ئەمدى قايتىپ كەتكىن ئىليار ئاكا
گۈلسارە شۇنداق دەپلا يۈگۈرگەن پېتى ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى .
گۈلسارەدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى كۆرگەن ئىليار كاسكى تېزلىك بىلەن گۈلسارە بىلەن كۆرشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھويلىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
ئۇ ئەمدى دەرۋازا تەرەپكە قاراپ نەچچە قەدەم ئېلىشىغا، تۇيۇقسىز قاسىم بۈرگىنىڭ ماشىنىسى دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى دە ئەركىن ، گۈلگىنە ۋە قاسىم بۈرگە قاتارلىقلار . ماشىنىدىن چۈشتى . .
- گۈلگىنە ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۆزلىرىدىن سەل يىراقتا تۇرغان ئىليار كاسكىنى كۆرۈپ،
- ۋوي قانداق ئەھۋالىڭىز ئىليار ئاكا ئەجەب بۇ يەردە تۇرىسىزغۇ ؟ بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن ئوخشىمامسىز .
- ھە! ياقەي . ئاخشام قوشنىمىزنىڭ توخۇسى يوقاپ كېتىپتىكەن ئۇنى مۇشۇ ياققا كېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ . ...
- ھە ، توخۇ ئىزدەپ مېڭىپسىز دە بوپتۇ ئەمىسە . يەنە كۆرۈشەرمىز! گۈلگىنە شۇنداق دەپ قويۇپ ، قاسىم بۈرگە ۋە ئەركىن قاتارلىقلار بىلەن دەرۋازىدىن كىرىپ كەتتى،
ئىليار قاسىم بۈرگە بىلەن ئەركىننىڭ گۈلگىنە بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنلىكىدىن سەل گۇمان قىلىپ قالدى .
- ئۇلار نېمە دەپ گۈلگىنە بىلەن ئۇنىڭ ئۆيگە بىللە كىرىپ كېتىدىغاندۇ ؟ ئەجىبا بۇ گۈلگىنە خالىغانچە ئوغۇللانى ئۆيىگە باشلاپ ئالاقە قىلدىغان بولۇپ كەتتىمىكىنە، بىراق گۈلسارەگە يامان تەسىر بېرىپ قويمىسا بولاتتىغۇ . ئۇ ئۆز -ئۆزىگە شۇنداق دەۋەتكەندىن كېيىن . دالدىراق جايغا بېرىپ يوشۇرۇنۇپ ئولتۇردى ، ئۇ قاسىم بۈرگە بىلەن ئىليار كاسكىنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى ئىدى .
ئۇنىڭ بۈگۈن گۈلسارەنىڭ گىپىىدىن ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەي كۆڭلى بەكلا پەرىشان بولغان ئىدى .
قاسىم بۈرگە بىلەن ئەركىن ھويلىغا كىرگەندىن كىيىن ئاۋۋالقىدەك كاتقا كېلىپ ئولتۇردى . . بۇ چاغدا ئايىمخان ئۇخلاۋاتقان بولۇپ گۈلگىنە كىرىپ ئايىمخاننى ئويغاتتى .
- ئانا قاسىمجان ئاكام بىلەن ئەركىن ئاكام كەلدى ئۇلار توي ئىشىنى مەسلىھەتلەشمەكچى .
- ھە ، مانا ھازىر چىقاي قىزىم . ئايىمخان ئۇيقۇسىنى تەسلىكتە ئېچىپ ئىرغاڭلاپ ھويلىغا چىقتى .
- قانداق ، ئەھۋالىڭىز ھامما ؟
- ياخشى بالىلىرىم .
-
مۇنداق ئىش ئىدى ھامما ، ئۆيدىكىلەر گۈلسارەگە ئەلچىلىككە كەلمەكچى ئىدى . سىزنىڭچە قاچان كەلسە بولا؟
- ھە بولىدۇ قاچان كەلسە بولىۋېرىدۇ بالام،
- ئۇنداقتا گۈلسارە ، بۇ توي ئىشىغا قوشۇلدىمۇ ؟
- ئەلۋەتتە قوشۇلىدۇ دە .
- مەن بۇ توي ئىشىغا ھەرگىزمۇ قوشۇلمايمەن، مېنىڭ ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشۇم ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس .
تۇيۇقسىز ئايىمخاننىڭ ئارقا تەرىپىدىن گۈلسارەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى . ئەسلىدە گۈلسارە ئاشخانا ئۆيدە بولۇپ قاسىم بۈرگە بىلەن ئايىمخاننىڭ باياتىنقى گەپلىرنى ئېنىق ئاڭلىغان ئىدى .
- مەن سىلەرگە يەنە بىر قېتىم دەپ قوياي . مەن بۇ ھايۋانغا ھەرگىز ياتلىق بولمايمەن ، بۇ توي ئىشىغا مەڭگۈ قوشۇلمايمەن .
- ئاغزىڭنى يۇم گۈلسارە . بۇنداق يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىشنى نەدىن ئۆگەندىڭ، ھۇ بېششىڭنى يەيدىغان جۇۋاينىمەك سەن زادى نېمە قىلماقچى، ناۋادا سەن . قاسىمجانغا ياتلىق بولمايدىغان بولساڭ . مەن سېنى قانداق قىلدىكەنمەن قېنى،
- ياق ، ئايىمخان ھامما ، گۈلسارەنى زورلىمايلى . مەن ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكۈچە ، ئۇنى ساقلايمەن . مېنى كەچۈرۈڭ گۈلسارە . مەن ئالدىڭىزدا خاتالىق ئۆتكۈزدۈم .
شۇ تاپتا گۈلسارەنىڭ كۆزلىردىن يەنە ياش قۇيۇلدى،
- بۇنداق جاھىللىق قىلمىغىن گۈلسارە، بولىدىغان ئىش بولدى . مەيلى نېمىلا قىلمىغىن بۇ ئىش ئەمدى ئورنىغا كەلمەيدۇ . قاسىمجان ئاكام ئۇ سەن ئويلىغاندەك ئۇنچە ئەسكى بالا ئەمەس . قىز بالا چوڭ بولسا ھامىنى ياتلىق بولىدۇ . ئۇ ساڭا مەسئۇل بولىمەن دېگەن ئىكەن ، سەنمۇ ئۇنى رەت قىلمىغىن .
گۈلسارە گۈلگىنەنىڭ گىپىگە ھىچنىمە دىيەلمىدى، ئۇ نىمىمۇ دىيەلىسۇن، ئەمدى بولغاندا كۆڭلۈمدە ئىليار ئاكام بار ئىدى . نېمىشقا ئۇنىڭغا ياتلىق بولغىلى قويمايسىلە، ئۇ ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەندە ئۇنى رەت قىلغان ئىدىڭلارغۇ . ئەمدى نېمە دەپ قاسىم بۈرگىنىمۇ رەت قىلمايسىلە دېسۇنمۇ، ئەمدىلىكتە بۇ گەپلەرنى ئايىمخانغا دېگەننىڭ نېمە ئەھمىيىتى، ئۇ ئاللىقاچان ئىليارغا ماس كەلمەيدىغان بىر قىزغا ئايلانغان تۇرسا گۈلسارە ئۈندىمەستىن ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى .
- بىز قايتايلى ئايىمخان ئاچا .
- ھە ، بولىدۇ ئوغلۇم ئەلچىلەرنى ئەۋەتىۋېرىڭ توينىڭ ئىشىنى مەسلىھەتلىشىپ ، مۇۋاپىق كۈندىن بىرنى تاللاپ تويۇڭلارنى قىلايلى .
- رەھمەت سىزگە ئايىمخان ھامما، قاسىم خۇشاللىق بىلەن ئايىمخانغا رەھمەت ئېيتىتى .
شۇنداق ، قىلىپ قاسىم بۈرگە بىلەن ئەركىن ئايىمخاننىڭ ئۆيىدىن كەتكەندىن كېيىن .
ئايىمخان گۈلسارەنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەلدى.
- ساڭا دەپ قوياي گۈلسارە كۆڭلۈڭدىكىنى مىنى بىلمەيدۇ دېمە . سەن شۇ تۇرسۇننىڭ ئوغلى ئىليار كاسكىدىن يەنە تاما قىلىپ ئولتۇرىسەنغۇ دەيمەن . ئەمدى تولا ئىيار كاسكىدىن ئۈمىد كۈتمە . سېنىڭچە ئۇ سىنىڭ باشقىلارنىڭ ئادىمى بوپ بوغىنىڭنى بىلسە يەنە سىنى خوتۇنلۇققا ئالاما، ئەركىشى دىگەن غورۇرلۇق كىلىدۇ، خەق چېقىلىپ قويغان سەندەك بىرىنى يەنە باشقا بىرنىڭ ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس، قاسىم بۈرگىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا مەسئۇل بوغىنى سىنىڭ تەلىيىڭ، قىزبالا دىگەن قىزلىقىنى يۇقاتتىمۇ تۈگىدى دىگەن گەپ، سەن ھازىر پەقەت قاسىم بۈرگە تەرىپىدىنلا ئەتىۋارلىنالايسەن، بۇنى بىلۋال، سىنىڭچە ئىليار كاسكىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئىشلارنى بىلسە سېنى يەنە ئوغلىغا ئېلىپ بېرىمىز دەمدۇ ، ئەمدى ساڭا بۇلارنى چۈشەندۈرىۋەرمەيمەن گۈلسارە ، ئەمدى ئىليار كاسكىغا ياتلىق بولۇش خىياللىرىڭنى يىغىشتۇر .
-شۇنداق مىنىڭ ئىليار ئاكامغا كۆڭلۈم بار ئىدى، ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، بىراق ھازىر مەن ئىليار ئاكامغاماس كەممەيمەن، ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەمدى ئاغزىمغا ئېلىشقىمۇ پېتىنالمايمەن . گۈلسارە ئاخىرى چىداپ بولالماي ئايىمخانغا ئىچىدىكىنى دەۋەتكەندىن كىيىن بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى .
شۇ تاپتا ئايىمخاننىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ گۈلسارەنىڭ بۇ گەپلىرنى ئاڭلىغان گۈلگىنەنىڭ ئاغزى قۇلقىغا يەتتى.
- ھە ، شۇنى بىلگەن ئىكەنسەن .ئەمدى ئىليار كاسكىدىن ئۈمۈد كۈتمەي ، قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بول . سەن ئېتىراپ قىلمىغان بىلەن ئاللىقاچان ئۇنىڭ ئادىمى بولۇپ بولدۇڭ . يەنە دېسەم يەنە شۇ گەپ گۈلسارە، قاسىم بۈرگىنىڭ ساڭا ئىگە بولغىنى سىنىڭ بەختىڭ
ئايىمخان گېپىنى تۈگىتىپ گۈلسارەنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقىپ كەتتى.
گۈلسارە ئايىمخاننىڭ گەپلىردىن ئويلىنىپ قالدى،
- قاسىم دىگەن بۇ ئىپلاسنى مەن ماڭا ئىگە بول دىدىممۇ، ئۇ نىمىشقا مىنىڭ ھاياتىمنى نابۇت قىلىدۇ، نىمىشقا مىنىڭ ئارزۇلىرىمنى ۋەيران قىلىدۇ، ئۇنىڭ مىنى نابۇت قىلدىغانغا زادى نىم ھەققى بار! مەن ئۇنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن گۈلسارە ئۆز ـ ئۆزىگە پىچىرلاپ قويدى،
ئىككى كۈندىن كېيىن . ...
قاسىم بۈرگە بۈگۈن ئانىسىغا بولغان ئەھۋالنى ئېيتۋىدى قاسىم بۈرگىنىڭ ئانىسى دەرھال بۇ ئىشقا قارشى چىقتى .
قاسىم بۈرگىنىڭ ئانىسى
- ئۇ قىزنى نىم قىلشىڭدىن قەتتى نەزەر مەن ھەرگىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلشىڭغا قۇشۇلمايمەن
- قوشۇلمىساڭ ئامال يوق ئانا مېنىڭ گۈلسارەنى ئالغىنىم ئالغان . ناۋادا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىسام . ئۇ مىنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرىز قىلدۇ، مۇشۇنداق بولۇشىنى سەن خالامسەن ؟
- ۋوي يۇۋاشىنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە دەپ قارسام شۇنداق يۇۋاش تۇراتتى ئۇ قىز ئەمدى سىنى ئەرىز قىلامدىكەن!
- ئانا گۈلسارە ياخشى قىز ماقۇل دىگىن ئۇ باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدۇ.
- ساڭا دىسەم قاسىم، سەن نەچچە كۈندىلا ئۇ قىزدىن زىرىكىسەن شۇ چاغدا ئانام راس دەپتىكە دەيسەن،
- ئاۋال توي قىلاي زىرىككەندە ئاندىن بىر گەپ بولا
- توي قىلىش چاقچاق قىلدىغان ئىشمىكەن، ئايىمخان دىگەن ئۇ خۇتۇن بەكلا ئاچكۆز ئۇ سىنىڭ قېنىڭنى شوراپ بولىدۇ.
- مىنىڭ ئۇ خۇتۇن بىلەن ئىشىم يوق ئانا، مەن پەقەت گۈلسارە بىلەن توي قىلساملا بولدى، سەن دادامغا دەپ ئۇنى ماقۇل كەلتۈر، ئاندىن ئەتە سەھەر ئايىمخاننىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە ئادەم ئەۋەتكىن،
- ساراڭ بولدۇڭمۇ نىمىگە شۇنچە ئالدىرايسەن
- ئالدىرمىساق بولمايدۇ ئانا، ئايىمخان بىرە شۇملۇق پىلانلاپ مىنىڭ بېشىمغا چىقسا خۇش بولامسەن، بۇ گەپنى ئاڭلىغان قاسىمنىڭ ئانىسى مەريەمخان سەل ئويلىنىپ تۇرىۋەتكەندىن كىيىن.
- بولىدۇ مەن ئاۋال داداڭغا دەپ باقاي، ئاندىن باشقا ئىشلارنى مەسلىھەتلىشەرمىز
- ۋاي رەھمەت ساڭا ئانا، ئەمىسە مەن سىرىتقا چىقىپ كىرەي ئەلچىلىككە بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى ياخشى قىل
قاسىم گىپىنى تۈگىتىپ چىقىپ كەتتى.
مەريەمخان قاسىمنىڭ دادىسغا بولۇنغا ئىشلارنى بىر قۇر دىگەندىن كىيىن، قاسىمنڭ دادىسى تىركىپ كەتتى.
50ياش قاسىمنىڭ دادىسى
ـ مەن ساڭا قانچىلىغان قېتىم ئوغلۇڭنى باشقۇر دېدىم! بىراق سەن ئۇنى ئەركە ئۆگىتىپ قويدۇڭ، يا ئۆزۈڭ تۈزۈك باشقۇرمايسە يا مىنى باشقۇرغىلى قويمايسەن قارمامدىغان بىر ئوبدان قىزنى نابۇت قىپتۇ،
ئەمدى نىم دىگۈلۈك بۇ ئىشقا ھۇ يارماس !
ـ ۋاي - ۋۇي سىز ئۆز ئوغلىڭىزنىڭ غېمىنى يىمەي نىم خەقنىڭ دېپىنى چېلىپ يۈرۈيسىز دەيمەن، ئوغلىمىز ئاقكۆڭۈللىكىدىن قىلغان ئىشىمغا ئىگە بولىمەن دەپ، ئۇ قىزنىڭ ئائىلىسنىڭ نامرات ئاتا ئانىسى يوق يىتىملىكىگىمۇ قارماي ئۇنىڭغا ئۆيلىنمەن دەۋاتمامدۇ ئەنە.
- خىڭ... ئوغلۇڭ ئاقكۆڭۈل بولسا نىمىشقا ئۇ قىزنى نابۇت قىپتۇ،ھۇ نان قېپى!
- بولدى قىلىڭە دادىسى، ئەمدى بۇ ئىشلارنى بۇنداق زىغىرلاپ خەلقى ئالەم ئالدىدا ئوغلىمىزنڭ يۈزىنى چۈشۈرەي دەمسىز،
- ۋوي چۈشۈپ كەتكىدەك قانچىلىك يۈزى بار ئىدى ئۇنىڭ، تەييا تېپ بەگەننى بۇزۇپ خەجلەپ كەچكىچە ئۇيۇن تاماشەدىن باش كۈتۈرمىسە،
-بولدى قىلسىڭىزچۇ دادىسى، ئاران بىرتال ئوغلىڭىز با جۇمۇ سىزنىڭ. ئەمىسە شۇنداق بولسۇن دادىسى گۈلسارە دىگەن بۇ قىز گەرچە ئوغلىمىزغا ماس كەممىسمۇ ئوغلىمىز ئۈچۈن ماقۇل دىمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق.