چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:838 次
📑 章节目录
第19章:19-قىسىم
-بولدى قىلسىڭىزچۇ دادىسى، ئاران بىرتال ئوغلىڭىز با جۇمۇ سىزنىڭ. ئەمىسە شۇنداق بولسۇن دادىسى گۈلسارە دىگەن بۇ قىز گەرچە ئوغلىمىزغا ماس كەممىسمۇ ئوغلىمىز ئۈچۈن ماقۇل دىمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق.
مەريەمخان قاسىمنىڭ دادىسغا شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ چىقىپ كەتتى.
نەچچە كۈندىن بىرى گۈلسارە بىلەن كۈرشەلمىگەن ئىليار كاسكىنىڭ بەكلا ئىچى سىقىلدى.
- ئانا ئايىمخان گۈلسارەنى ئۆيگە سۇلاپ قۇيۇپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، ئۇنىڭغا زادى نىمىش بوغاندۇ.
ئوغلىنىڭ گۈلسارەدىن غەم ئەندىشە قىلۋاتقىنىدىن سەل ئىچى پۇشقان تىللاخان ئوغلى ئىليار كاسكىنىڭ يېنىغاكىلىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن،
- ئەمدى بولدى قىل ئوغلۇم گۈلسارەنى ئۇنتۇپ كەت،
- بۇ نىم دىگىنىڭ ئانا، قانداقمۇ بىر ئادەمنى ئۇنتۇپ كىتىمەن دەپلا ئۇنتۇپ كەتكىلى بوسۇن، يەنە كىلىپ مىنىڭ گۈلسارەنى ئۇنتۇپ كىتىشىم تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ماڭا ئېيتە سەن بىرە گەپ سۆز ئاڭلىغان ئوخشىمامسەن ؟
- ئۇنداق ئەمەس بالام، ئايىمخاننىڭ ئۇ كۈنكى ئەلپازىدىن گۈلسارەنى بىر ئۆمۈر ساقلىساڭمۇ ساڭا ئەپ بەگۈسى يوقتەك ھىس قىلۋاتىمەن شۇ،
- بۇنىڭ بىلەن كارىم يوق ئانا، مەن پەقەت گۈلسارەنى ماقۇل كەلتۈرسەملا بولدى، بىراق ئۇنىڭغا زادى نىمىش بولغاندۇ، ئايىمخان ئۇنى ئۆيدىن تالاغا چىققىلى قويمىغلى ھەپتە بولدى،
ئىليار كاسكى شۇلارنى ئانىسى تىللاخانغا دەپ بولۇپ، يەنىلا گۈلسارەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بېقىش قارارىغا كەلدى،
- ئانا مەن سىرىتقا چىقىپ كىرەي، تىزلا قايتىپ كىلىمەن،
- ھە بولىدۇ بالام، تىزراق قايتىپ كەل،
ئىليار كاسكى ھەش ـ پەش دىگۈچە ئايمخاننىڭ دارۋازىسى ئالدىغا كىلىپ دەرۋازىنى چەكتى،
ـ تاڭ! تاڭ! تاڭ!
بۇ چاغدا گۈلگىنە ھويلىدىكى كاتتا يېتىپ تىلفۇن سۆزلىشۋاتقان بولۇپ ئۇ دەرۋازىنى ئېچىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى،
ـ كىم؟
ـ مەن ئىليار!
گۈلگىنە ئىليار كاسكىنىڭ گۈلسارەنى ئىزدەپ كەلگىنىنى پەرەز قىلىپ قۇلقىدىكى تىلفۇننىڭ قۇيۇش كۈنۈپكىسنى بېسىپ تىلفۇننى قۇيىۋەتكەندىن كىيىن دەرۋازىنى ئاچتى،
بۇ چاغدا گۈلسارە ھۇجۇرسىدا بولۇپ ئۇ ئىليارنىڭ كەلگىنىدىن بىخەۋەر ئىدى،
ـ ۋوي ئىليار ئاكا سىزنى قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى، قانداق بوپ كەپ قالدىڭىز؟
ـ ھە، مەن شۇ سىلەرنى يوقلاپ كەلگەن، گۈلگىنە ئانىڭىز ئاڭلاپ قامماستا خاپا بولماي گۈلسارەنى چاقىرىپ قويسڭىز ئۇنىڭغا دەيدىغان ئىككى ئېغىز گىپىم بار ئىدى.
ـ ھە بولىدۇ ئىليار ئۇنداقتا سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، ئۇ ھۇجۇرسىدا ئىدى مەن ئۇنى چاقىرىپ چىقاي،
ـ ھە ماقۇل، رەھمەت سىزگە گۈلگىنە
ـ ياقەي رەھمەت دىگۈدەك ئىش يوق ئىليار ئاكا،
گۈلگىنە گۈلسارەنىڭ ئىليار كاسكى بىلەن كۈرۈشمەيدىغىنىنى بىلگەچكە ئىككىلەنمەيلا ماقۇل بولۇپ گۈلسارەگە ئىليار كاسكىنىڭ كەلگىنىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن ماڭدى، ئۇ گۈلسارەنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئىشىكنى چەكمەستىن كىرىپ كەلدى،
بۇ چاغدا گۈلسارە كارىۋاتتا ياتقان بولۇپ گۈلگىنە ئۇدۇللا كىلىپ دىدى.
ـ ئىليار ئاكامنىڭ ساڭا دەيدىغان گىپى بار ئىكەن، ئۇ سىنى ئىزدەپ كەپتۇ، تىز چىقىپ ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كىر
ئىليار كاسكىنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلىغان گۈلسارە ئۈندىمەستىن لىۋىنى قاتتىق چىشلىدى،
ـ ساڭا گەپ قىلۋاتىمەن ئاڭلىمىدىڭما؟
ـ مىنى مىجەزى يوقكەن سىرىتقا چىقالمايدىكەن دەپ قويغىن گۈلگىنە،
ـ راس دەۋاتامسەن؟
ـ سەندىن ئۈتۈپ قالاي گۈلگىنە تىز چىقىپ كەتكىن، مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكۈم يوق،
ـ ھە مەيلى ئەمىسە، مەن يەتكۈزۈپ قۇياي،
گۈلگىنە بۇرۇپلا چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ماڭدى، ئۇ ئىشىكنى گۈپپىدە قىلىپ يېپىۋەتكەندىن كىيىن ئالدىراپ دەرۋازا ئالدىغا كىلىپ، گۈلسارەنى ساقلاپ تۇرغان ئىليار كاسكىغا قاراپ.
ـ كەچۈرۈڭ ئىليار ئاكا، گۈلسارەنىڭ مىجەزى يوقكەن، ئۇ سىز بىلەن كۈرۈشكىلى چىقالمايمەن دەيدۇ،
ـ ھە؟ ئۇ ئاغرىپ قالدىما،؟ ئۇنىڭغا زادى نىمىش بولدى، بوممايدۇ، مەن ئۇنىڭ بىلەن چۇقۇم كۈرشىمەن،
ئىليار كاسكى ئالدىدا تۇرغان گۈلگىنەنى ئىتتىرۋىتىپ ھويلا ئىچىگە كىرىپ كەتتى،
ـ خىڭ... تازىمۇ بىر كۈرۈشكىسى يوق تۇرسىمۇ مەجبۇر كۈرشەمدىكىنە،
ـ ھەي توختاڭ ئىليار ئاكا، توختاڭ دەيمەن
گۈلگىنە ئىليار كاسكىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كىرىپ كەتتى، ئىليار گۈلسارەنىڭ ھۇجۇرسى ئالدىغا كىلىپ توختىغاندىن كىيىن يېپىپ قۇيۇلغان ئىشىككە قاراپ توۋلىدى.
ـ گۈلسارە ساڭا نىمىش بولدى، مەن بۈگۈن سەن بىلەن كۈرۈشمىسەم قەتتىي بولمايدۇ، مەن قېشىڭغا كىرسەم بولامدۇ گۈلسارە ماڭا جاۋاپ بەر!
ئىليار كاسكىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئايىمخان ئۆي ئىچىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ،
ـ بۇ ... بۇ نىمشى بوپ كەتتى ئەمدى، نىم ئەدەپسىزلىك بۇ، سىنى كىم كىرگۈزدى؟
ـ مىنى كەچۈرۈڭ ئايىمخان ھامما، گۈلسارەنى ئاغرىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، سىزدىن ئۈتۈنۈپ قالسام ، ، مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈرشىۋېلىشمغا قۇشۇلغان بولسىڭىز ئىليار كاسكى ئايمخانغا قاراپ يالۋۇرۇغىنىچە شۇنداق دىدى.
ـ ھەي كاللاڭ قىززىپ قالدىمۇ سىنىڭ، گۈلسارە ئاغرىپ قالامدۇ، ئۆلۈپ قالامدۇ سەن بىلەن نىم ئالاقىسى دەيمەن، ئۇنىڭ بىلەن زادى نىمە مۇناسىۋىتىڭ با،
ـ ئۇنىڭ بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق ئايىمخان ھامما مەن پەقەت ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالدىم،
ـ سەنچۇ گۈلسارەدىن ئەنسىرمەي تىز ئۆيۈڭگە قايتىپ كەت، ئۇنىڭغا ھىچ ئىش بولغىنى يوق تىز ئۆيۈمدىن چىق تىز بول،
ئايىمخان شۇنداق دەپ ئىليار كاسكىنى ئىتتىرىشكە باشلىدى،
ئۆي ئىچىدە ئىشىككە چاپلىشىپ يۇم - يۇم يىغلاۋاتقان گۈلسارەنىڭ ئىچ ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئازاپتىن يۈركى قاتتىق ئاغرىپ تىنالمايلا قېلۋاتاتتى، ئۇ يا سىرىتقا چىقىشى كىرەكلىكىنى يا چىقماسلىقى كىرەكلىكنى بىلەلمەي ئىككىلنىپ تۇرغاندا، ئىليار كاسكى ئايىمخاننىڭ ئالدىدا تىزلاندى،
- سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئايىمخان ھامما مىنى ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم كۈرۈشكىلى قۇيۇڭ، ئۇنىڭ ساق سالامەت تۇرغىنىنى كۆرسەملا ھازىرلا قايتىپ كىتىمەن، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي،
- ئوھۇش، ئۇ يىتمەك ئۆلگىنى يوق تېخى نەچچە كۈن ياقى قوپماي يېتىپ ئارام ئېلۋاتسا نىمىندا قىلىدۇ، ساڭا دىسەم گۈلسارەنىڭ پات ئارىدا تويى بولىدۇ، شۇڭا بۇيەردە تۇلا جىدەل قىلماي تىز قايتىپ كەت، ئۇنىڭ بولغۇسى ئىرى بۇ ئىشلارنى بىلسە ياخشى بوممايدۇ، تىز بول!
- تويى بولىدۇ؟ كى... كىمنىڭ تويى، ئىليار كاسكى ھىچنىمنى چۈشنەلمەي قايتىلاپ سوردى.
- بۇ مۇنداق ئىش ئىليار ئاكا، مەھەللىمىزدىكى قاسىم بۈرگىنىڭ ئۆيدىكىللىرى نەچچە كۈن ئىچىدە گۈلسارەگە ئەلچىلىككە كەلمەكچى، ئانام ئۇنىڭ بۇ توي ئىشىغا ماقۇل بولدى، شۇڭا گۈلسارەنىڭمۇ ئەمدى سىز بىلەن كۈرۈشكۈسى يوقكەن،
ـ ھا، ھا، ھا، نىم دىگەن قىززىق، گۈلسارە قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولامدىكەن، گۈلسارە بىلەن قاسىم بۈرگە توي قىلدىغان بولدى دەپ قۇيۇڭلا! بۇمۇ ھەقىچان سىلە ئىككى پەسكەشنىڭ تاپقان ئىشىغۇ دەيمەن!
ـ بۇ نىم دىگىنڭىز ئىليار ئاكا، گۈلسارە ئۇنى تاللىدى، ئاناممۇ قۇشۇلدى، مۇشۇنداق تۇرسا بىزنى پەسكەش دەپ تىللىغنىڭىز نىمىسى،
ـ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق مەن بۈگۈن بۇ ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى بىلمىگۈچە ھەرگىز كەتمەيمەن،
شۇتاپتا ئىليار كاسكىنىڭ كۆزلىرى قىززىرىپ غەزەپتىن مۇشتىلىرى تۈگۈلگەن ئىدى، ئايىمخان بىلەن گۈلگىنە ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن سەل قورقۇپ قالغاندەك تۇراتتى،
ـ ھە، قارا ئىليار ھازىر قايتىپ تۇر بەك كەچ بوپ كەتتى، ئەتە كىلىپ گۈلسارە بىلەن كۈرۈشۈپ كىتەسەن بۇ ئىشنى ئۇ ساڭا چۈشەندۈرۈپ قويسۇن . ھازىر قايتىپ تۇر ھە،
ئايىمخان ئىليار كاسكىغا شۇلارنى دىدى،
ـ بولمايدۇ . مەن بۈگۈن گۈلسارە بىلەن كۆرۈشمىسەم ھەرگىز كەتمەيمەن .
ـ ھەي ، قارا ماۋۇنى بىر چىرايلىق گەپ قىلسام يەنە ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلىتىدىغۇ، بىزنى بوزەك كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسەن ؟ سەندىن قورقۇپ قالىدۇ دەپ ئويلىغان بولساڭ خاتالىشىپسەن ، يەنە كەتمەيدىغان بولساڭ ئوبدان ئەدىپىڭنى بېرىمەن جۇمۇ .
ئايىمخاننىڭ تۇرۇپلا خۇيى تۇتتى بولغاي ۋارقىراپ سۆزلىگىنىچە ھويلىنى بېشىغا كەيدى.
ئۆي ئىچىدە قانداق قىلارىنى بىلەلمەي يىغلاپ تۇرغان گۈلىسارە تۇيۇقسىز ئىشىكنى ئاچتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن قىززىرىپ كەتكەن بولۇپ قاراشقىلا ئادەمنىڭ ئىچى سىرىلەتتى.
ـ نېمە ئىشىڭ بار ئىدى ئىليار ئاكا . بۇنچە قىلىپ كەتكۈدەك؟
ـ سەن ياخشىمۇ گۈلسارە . ساڭا زادى نېمە ئىش بولدى ؟
ـ ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى ئېليار ئاكا . سەن قايتىپ كەتكىن.
ـ مەن قايتىپ كەتمەيمەن. ماڭا راستىڭنى ئېيتە ساڭا زادى نىمىش بولدى ؟
ـ مېنىڭ سەن بىلەن پاراڭلاشقۇم يوق . ئەمدى قايتىپ كەت، ئارىمىزدا دېيىشكۈدەك ھېچقانداق ئىش يوق .
ـ ئۇلار سىنى توي قىلدىغان بولدى دەيدۇ، بۇ يالغا گەپ شۇنداقمۇ؟
بۇ گەپ چىقىشى بىلەن گۈلسارەنى يەنە يىغا تۇتتى، ئىليار گۈلسارەنىڭ جىمىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئالدىغا نەچچە قەدەم ئېلىپ قايتا سورىدى.
ـ ماڭا ئېيتە بۇ گەپ يالغان شۇنداقمۇ؟
ـ يالغان ئەمەس، مەن شۇنداق بولىشىنى خالايمەن، ئەمدى مىنى ئىزدەپ كەلمىگىن
گۈلسارە شۇ گەپلەرنى تەسلىكتە دىگەندىن كىيىن ئۆي ئىچىگە كىرىپ ئىشىكنى گۈپلا قىلىپ ياپتىدە ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ قۇيدى.
شۇ تاپتا ئۇ ئۈنىنى چىقارماستىن بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىغان ئىدى
ـ كاشكى ئۈلۈپ كەتكەن بولسامچۇ، بۇنچە ئازاپ تارىتماس ئىدىم، سىنىڭ بۇنچە ئازاپلانغان ھالىتىڭنى كۆرمەس ئىدىم، ساڭا بۇ گەپلەرنى دىگۈچە ئۆزۈمنىڭ نىم بوپ كەتكىنىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن ئىليار ئاكا مىنى كەچۈرگىن مەن ساڭا يۈز كىلەلمەيمەن، مەن ساڭا ماس كەممەيمەن، مەن ئۆزۈمنى مەڭگۈ كەچۈرەلمەيمەن ئىليار ئاكا، گۈلسارە ئۆز - ئۆزىگە شۇنداق دىگەچ بۇقۇلداپ يىغلايتى
ئىليار بولسا ئۆز ئورنىدا قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك مىدىر ـ سىدىر قىلماي تۇراتتى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ گۈلسارەنىڭ گەپلىرگە ئازراقمۇ ئىشەنگۈسى كەلمىدى،
ـ ئەمدىغۇ ئىشەنگەنسىز ئىليار ئاكا، گۈلسارە بىلەنمۇ كۈرۈشتىڭىز ئۇ كۆڭلىڭىزگە ئازار بەردى مانا ، باياتىن بىر چىرايلىق گەپ قىلساق گەپلىرمىز قۇلقڭىزغا كىرمىدى دىسە
ـ ھەي تىز بول! تىز قايتىپ كەت بولمىسا ئەمدى ئۆيۈڭگە بېرىپ ئۆيۈڭدىكىلەرنى باشلاپ كەممەي يەنە،
ئايىمخاننىڭ يەنە ئاغزى ئېچىلدى،
ـ ۋاي ۋۇي ئانا ئەمدى ئىليار ئاكامنى قوغلاۋەرمىگىنە، ئۇ يە ئەسكى ئادەم بولمىسا، ئىليار ئاكا، بولمىسا مەن چاي دەملەپ چىقاي چاي ئىچىپ ئاندىن ماڭسىڭىزمۇ بولىدۇ، گۈلگىنە شۇنداق دىگەچ ئىليار كاسكىنىڭ بىلىكىگە ئاستاغىنە ئېسلماقچى بولدى،
ـ مىنى تۇتما، يىراق تۇر ...
ئىليار گۈلگىنەنى سىلكىشلىگىنىچە ئارقىغا بۇرۇلدى،
ـ ۋوي ياخشى كۆڭلۈم بىلەن چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلۋاتسام نىمىشقا بۇنداق قۇپاللىق قىلىسز دەيمەن ئىليار ئاكا
ئىليار ھىچنىمە دىمەستىن تىزـ تىز قەدەملەر بىلەن ئايىمخاننىڭ ھويلىسىدىن چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش سىرغىپ چىققان بولۇپ بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم گۈلسارە ئۈچۈن ياش تۈكىشى ئىدى.
ئۇ ئۇدۇل مەھەللە دوقمۇشىدىكى دۇكانغا كەلدى، ئاندىن ئۇ دۇكاندىن بىر قانچە پوتولكا پىۋا ئېلىپ گۈلسارە بىلەن پاراڭلاشقان ئۆستەڭ بويىغا يتىپ كىلىپ پىۋىنى ئارقا ئارقىدىن ئىچىپ تۈگەتكەندىن كىيىن مەھەللە دوقمۇشىدىكى بىر تۈپ دەرەخ ئاستىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ئاۋالقىدەكلا گۈلسارەنىڭ كىلىشنى كۈتتى، بۇ چاغدا ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ ئەتراپ جىمىپ كەتكەن بولۇپ ،ئاندا ساندا مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ ۋاراق چۇرۇڭ قىلىشقان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى،شۇنداق قىلىپ مىنۇت مىنۇتنى قوغلاپ سائەت سائەتلە ئۆتۈپ يېرىم كىچە بولاي دىگەن بولسىمۇ گۈلسارە تېخىچە كەممىدى،