چىرايلىق گۈلسارە

چىرايلىق گۈلسارە

作者:شەبنەم | 阅读:823 次


📑 章节目录

第20章:20-قىسىم


شۇنداق قىلىپ  مىنۇت مىنۇتنى قوغلاپ سائەت سائەتلە ئۆتۈپ يېرىم كىچە بولاي دىگەن بولسىمۇ گۈلسارە تېخىچە كەممىدى،
ـ  ئۇ نىمىشقا مىنى ئىزدەپ كەممەيدۇ، ئۇ مەندىن ئەنسىرەپ مىنى ئىزدەپ كەلسە توغرا بولاتتىغۇ، ئۇ كۆڭلۈمگە ئازار بىرىپ يەنە مەن بىلەن كارى بولمىدى، بۇ ئۇنىڭ نىمە قىلغىنى ئىليار ئۆز -  ئۆزىگە شۇ گەپلەرنى قىلىپ كۆز ياشلىرنى سۈرۈتتى،
-  ئىليار ئوغلۇم بۇ يەردە ئولتۇرۇپسەنغۇ جېنىم بالام، تۇيۇقسىز ئىليار كاسكىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئانىسى تىللاخاننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،
تىللاخان ئاستا كىلىپ ئىليار كاسكىنىڭ بېشىنى سيىلىغاچ دىدى،
-  نىمىگە ئىچىڭ پۇشۇپ بۇ يەردە ئولتۇرىسەن ئوغلۇم تۇرە ئۆيگە كىتەيلى، مەھەللىدىكىلە كۆرسە  سۆز چۆچەك قىلىشىدۇ جېنىم بالام،
تىللاخان ئىليارنىڭ قولتۇقىدىن تارتىپ يۆلەپ تۇرغۇزغاندىن كىيىن ئۆيى تەرەپكە ماڭدى،
ئۇلار بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن ئۆيىگە يىتىپ كەلدى، تىللاخان ئوغلى ئىليارنى ھۇجۇرا ئۆيىگە ئەكىرىپ ياتقۇزغاندىن كىيىن ئىليار ئانىسنىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قۇيۇپ ئانىسغا كۆڭلىدىكىنى ئېيىتتى،
-  سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئانا، مىنىڭ گۈلسارە بىلەن توي قىلىشمغا ياردەم قىلغىن، ئۇ بۈگۈن مەن بىلەن كۈرۈشمەيمە دەيدۇ ،يەنە تېخى قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولىمەن دەيدۇ، مەن بۇنىڭغا قانداق ئىشىنمەن قانداق بەرداشلىق بىرىمەن ئانا،  مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام تۈگۈشۈپ كىتىمەن، مىنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق ماڭا ياردەم قىل،
 ئىليار ئانىسى تىللاخانغا يالۋۇرۇپ كۆز يېشى قىلدى،
تىللاخان ئوغلىنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ قاتتىق ئىچى سىيرىلدى بولغاي كۆزلىردىن ياش سىرغىپ چۈشتى،
-  بولىدۇ ئوغلۇم بولىدۇ، مەن ئەتىلا ئايىمخاننىڭ ئۆيىگە يەنە بىر قېتىم ئەلچىلىككە باراي، سەن غەيرەتلىك بول، بۇ قېتىم نىمىش بولشىدىن قەتتى نەزەر ئايىمخاننى ماقۇل كەلتۈرمەن،
تىللاخان زور ئىشەنىچ بىلەن ئوغلى ئىليارغا شۇ گەپلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ بېشىنى سىلىدى. تىللاخان شۇ تاپتا  ئۆز كۆڭلىدە  مەيلى ئايىمخانغا قانچىلىك يالۋۇرشىدىن قەتتى نەزەر ئۇنى ماقۇل كەلتۈرۈشنى ئويلاشتى، ھەمدە ئايىمخاننىڭ سېسىق گەپلىرنى ئاڭلاشقىمۇ ئۆز كۆڭلىدە تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىدى،
ئەتىسى سەھەر تىللاخان يولدىشى ۋە ئوغلىغا ناشتىلىق تەييارلاپ ھويلا ئاراملىرنى يىغۇشتۇرۇپ ئىشلىرنى تۈگەتكەندىن كىيىن ئوغلى ئىليارغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە بىر قانچە قوشنىسنى باشلاپ ئايىمخاننىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە ماڭدى،
بۇ چاغدا ئايىمخان ھويلىدىكى كاتتا شامالداپ ئولتۇراتتى،
-  تاڭ، تاڭ، تاڭ، ھويلا دەرۋازىىس چىكىلىدى، ئايىمخان دەرۋازىنى ئېچىپ ئىشىك ئالدىدا ئۆزىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرغان تىللاخان ۋە بىر قانچەيلەننى كۈرۈپ چىرايى بىراقلا تۇتۇلدى،
-  ۋوي ئەزىز مىھمان كەپتىغۇ؟ نىمىشلىرى بار ئىدى تىللاخان ئەتىگەن سەدە كەگىدەك!
-  قانداق ئەھۋاللىرى ئايىمخان بىزنى ھويلىغا كىرگۈزمەملا؟
-  ھە قېنى كىرسىلە،
 ئايمخان دەرۋازىنى ئاچتى،
تىللاخان قاتارلىق بىر قانچەيلەن  ھويلىغا كىرىپ كاتقا جايلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن .  ئايىمخان ئېغىز ئاچتى .
-   ھە ، تىللاخان قوشنام نېمە ئىش بىلەن كېلىۋىدىلە ؟  ئەمدىغۇ ئېيتالا .
-   نېمە ئىش بىلەن كېلىتىم ئايىمخان .  شۇ سىلىنىڭ قىزلىرى گۈلسارەنى كېلىن قىلىۋالاي دېگەن .  ئالدىنقى قېتىممۇ قوشۇلمىغان ئىدىلە يەنە يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ كىلشىم، بۇ قېتىم قۇشۇلسىلا ئايىمخان، مەن سىلىگە ناماقۇل بولاي،
ـ    بۇ نېمە دېگەنلىرى تىللاخان،   ماڭا  نىمىگە  ناماقۇل بولىلا دەيمەن .  سىلىگە دېدىمغۇ مەن بۇ  توي ئىشىغا قوشۇلالمايمەن،
ـ   ئۇنداق دېمىسىلە ئايىمخان . ياشلانىڭ بىر -  بىرىگە مەيلى بار ئىكەن  ئۇلارنى مۇرات مەقسىتىگە يەتكۈزەيلى .
-   ۋوي . مېنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىم يوق ئىكەن دېسە،  ئالدىنقى قېتىم ئوغۇللىرى .  مەن گۈلسارەنى   ھەرگىزمۇ ياقتۇرمايمەن دېگەندەك قىلىۋاتاتتى .  ئەمدى بۇنداق دېگەنلىرى نېمىسى .
ئۇلار شۇنداق پاراڭلىشىپ تۇرغاندا . سىرىتتىن ماشىنىنىڭ  ئاۋازى ئاڭلىنىپ .  ئايىمخاننىڭ دەرۋازىسى يەنە بىر قېتىم چېكىلدى .
-  ھە مانا، مانا بۇ كىمدۇ ئەمدى؟  ئايىمخان ئورنىدىن تۇرۇپ دەرۋازىنى ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا ئۆي ئىچىدىن گۈلگىنە يۈگۈرۈپ چىقتى .
-   توختا  ئانا . دەرۋازىنى مەن ئاچاي،
-   ھە ، بولىدۇ قىزىم .
گۈلگىنە ئۆز كۆڭلىدە ئەركىن بىلەن قاسىم بۈرگىنى  كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ، دەپ ئويلىغان ئىدى .  ئۇ ئالدىراپ  بېرىپ دەرۋازىنى ئاچتى .
گۈلگىنە دەرۋازىنى ئېچىپ كۆردىكى . ئىشك ئالدىدا قاسىم بۈرگىنىڭ ئىسىل جابدۇنخان ئانىسى مەريەمخان ۋە مەھەللىدىكى بىر قانچە خۇتۇنلار تۇراتتى،
- ھە؟  مەريەمخان ئاچا سىلە ...
گۈلگىنە ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي مەريەمخانغا قاراپ ھاڭۋاققىنىچە قاراپ تۇراتتى
-  ھە مەن شۇ ئۆيىڭىزدە ئادەم بامۇ قىزچاق،
-   ھە ، ئەلۋەتتە با،  ئانا، ئانا مىھمان كەپتۇ،
گۈلگىنە ئارقىسغا ئۆرلۈپلا  ئايىمخاننى توۋلاشقا باشلىدى .
-   ھە ، مانا ، مانا . كەلدىم قىزىم . كىم كەپتۇ ؟  ئايىمخان ئالدىراپ گۈلگىنەنىڭ يېنىغا كەلدى .
-   قانداق ئەھۋاللىرى ئايىمخان ئاچا،   مەريەمخان ئايىمخانغا قاراپ شۇنداق دىگەچ ھويلىغا كىردى
-  ھە، ياخشى ياخشى مەريەمخان بۇ ئاددىغىنە ئۆيمىزگە كەپ قاپلىغۇ قېنى قېنى  
ئايىمخان ئالدىراپ ئۇلارنى ئىچىگە باشلىغاندىن كېيىن . ھويلىدىكى كاتقا باشلىماستىن ئۇدۇللا ئىسىل ياسالغان ئۆيىگىلا باشلىدى.
ئايىمخان بۇ ئۆينى ئادەتتە ئەزىز مىھمانلارنى كۈتۈشكە ئىشلىتەتتى.
-  ھە قېنى تارتىنماي ئولتۇرشسىلا، گۈلگىنە قىزىم تىز بېرىپ چاي دەملەپ كىلىڭ، مىھمانلا ئۇسساپ كەتتى،
ئايىمخان گۈلگىنەنى چايغا بۇيرۇپ قۇيۇپ ئۆزى داستىخان راسلاشقا مېڭىۋىدى،   مەريەمخان ئۇنى توختىتىۋالدى .
-   ھە ، ئاۋارە بولمىسىلا ئايىمخان ئاچا .  بىز ھازىرلا قايتىمىز، بىز مۇيىم ئىش بىلەن كەلگەن
 ئۇ شۇنداق دەپ باشلاپ كەلگەن بىر قانچە ئايالغا قاراپ كۆز ئىشارىسى قىلىپ قۇيىۋىدى بىر قانچەيلەن قوللىردىكى  ئېلىپ كەلگەن بىرنەچچە داستىخانغا ئورالغان ئىسىل رەخىت ۋە نەچچە گىراملىق ئالتۇن ئۈزۈكنى ئېچىپ ئايىمخاننىڭ ئالدىغان قويدى.
-  بۇ؟  ...  بۇ نىمىش؟  مەريەمخان،   ئايىمخان ئىشنىڭ نېمىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، بىراق بىلمەسكە سېلىپ قەستەن سورىدى .
- ھە بۇ مۇنداق ئىش ئايىمخان ئاچا، بىز قىزلىرى گۈلسارەنى ئوغلۇم قاسىمجانغا ئەپ بىرەيلى دىگەن، شۇڭا كىلشىمىز ئىدى،
-  ھە، ھى، ھى، ھى،   بۇ بەكلا ياخشى ئىش بوپتۇ مەريەمخان،
-   ئۇنداقتا سىلى بۇ ئىشقا قوشۇلدىغان ئوخشىماملا  ئايىمخان ئاچا .
-   ئەلۋەتتە قوشۇلىمەن دە .  گۈلسارە دېگەن بۇ جىنتەكنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەپتۇ . ئۇنىڭ سىلنىڭ ئائىلگە كىلىن بولغىنىڭ ئۈزى ئۇنىڭ بەختى،
-  ھى، ھى، ھى  رەھمەت ، سىزگە ئايىمخان ئاچا .  ئۇنداقتا گۈلسارەنى چاقىرىپ قويسىڭىز،  ئوغلۇم قاسىمجان ئۈزۈكنى ئۇنىڭ قۇلىغا ئۆز قۇلۇم بىلەن سېلىپ قۇيۇشۇمنى ئېيىتقان ئىدى،
-  ھە بولىدۇ بولىدۇ مەريەمخان مەن ھازىرلا گۈلسارەنى چاقىراي،
ئايىمخان ھويلىغا چىقىپ تېخىچە كاتتا ئايىمخاننى ساقلاپ ، ئولتۇرغان ،تىللاخان قاتارلىق بىر قانچەيلەنگە  كۆزى چۈشتى .
-   ئايىمخان ،  مەريەمخان نېمىگە كەپتۇ ؟
-   ئوھوش  ئادەم ئالدىراش ۋاقىتتا گەپكە سالمىسىلا تىللا خان .  نەدىكى ۋاقىتتا ئەلچىلىككە كەلگەنلىرنى كۆرمەمدىغان .  سىلىگە ئالدىنقى قېتىممۇ ئېيتتىم گۈلسارەنى  ئوغۇللىرى ئىليارغا ياتلىق قىلمايمەن دەپ .  مەريەمخان گۈلسارەگە ئەلچىلىككە كەپتۇ .
بۇ گەپنى ئاڭلىغان تىللاخان ھەيرانلىقتا قالدى،
-   مۇشۇنداقمۇ   توغرا گەپ قىلىش بولامدۇ دېسە . ئايىمخان .  سىلى بۇ ئىشقا ماقۇل دېمىگەنلا .
-   مەن ماقۇل دېمىگەن تەقدىردىمۇ گۈلسارە دېگەن ئۇ جۇۋاينىمەك بۇنىڭغا قوشۇلامتى .  ئۇنىڭ قاسىم بۈرگىگە  ياتلىق بولغۇسى بار ئىكەن .  شۇڭا  بولغان ئىشلار بۇ تىللاخان.
-  نىمە؟   گۈلسارەنىڭ قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولغۇسى بامىكەن .  بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن .
-   ۋاي ۋۇي ، مېنىڭ بۇلارنى  سىلىگە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرغىلى ۋاقتىم يوق تىللاخان .
ئايىمخان تىللاخانغا شۇنداق دەپ پىشىنى قېقىپ قويۇپ كېتىپ قالدى ، ئۇ گۈلسارەنىڭ ھۇجرىسىنى  كۈچەپ مۇشلىدى .
-   گۈلسارە ھوي گۈلسارە  تېز ئىشىكنى ئاچ .  ئەمدى ئىشىكنى ئاچمايدىغان بولساڭ ئىشىكنى چېقىۋېتىمەن .
گۈلسارە ئاستا كېلىپ ئىشىكنى ئاچتى .
-   تېز بول .  قاسىمجاننىڭ ئانىسى ئەلچىلىككە كەلدى .  ئۇنىڭ ساڭا دەيدىغان گېپى بار ئىكەن .
-   مېنىڭ كۆرۈشكۈم يوق .  گۈلسارە شۇنداق دېدى .
-   ۋوي ئەتىۋار خېنىم مەن .  مەن ساڭا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈڭ بارمۇ يوقمۇ دەپ سوراۋاتمايمەن .  تولا ئوغامنى قايناتماي تېز چىق .
-   مەن قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولمايمەن .
-   ئەمدى ئاغزىڭنى يۇم  گۈلسارە .  سەن ئۆزۈڭنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ!   خەق ئالدىڭغا كېلىپ ئىززىتىڭ بىلەن ئالاي دەۋاتسا .  ناۋادا قاسىمجانغا ياتلىق بولمايمەن دىسەڭ . ياشايمەن دەپ  ئاۋارە بولماي ئاناڭنىڭ يېنىغا كەت!  مېنىڭ سەندەك  ئىززىتىنى قىلغاننى بىلمەيدىغان پەسكەشنى  يەنە ئۆيۈمدە ساقلاپ يۈرگۈم يوق .
ئايىمخان گېپىنى تۈگىتىپ گۈلسارەنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ ماڭدى .
گۈلسارە ئۆزلىردىن سەل يىراقتا  ھويلىدىكى كاتتا ئولتۇرغان   تىلللاخان قاتارلىقلارغا كۆزى چۈشتى .
-   تىللاخان ھاممام نېمىگە كەلگەندۇ ؟  ئەجەبا  ئۇمۇ ؟ ئۇلارنى ئىليار ئاكام ئەۋەتكەنمىدۇ؟
شۇ تاپتا گۈلسارەنىڭ يۈرىكى پۇچىلنىپ كىتىۋاتاتتى،
ئايىمخان تىللاخاننىڭ يېنىغا كىلىپ توختاپ دىدى
-   ھە ، تىللاخان .  سىلىگە دەيدىغىنىم شۇ .  گۈلسارەنىڭ توي ئىشى بىكىتىلىپ بولدى ئەمدى قايتىپ كەتسىلە،
-  گۈلسارە قىزىم سىز راستىنلا قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولدىغان بولدىڭىزمۇ؟ ئەجىبا ئىليار ئىككىڭلار؟
-  بولدى ئايىمخان نەدىكى گەپنى قىممىسلا قۇدا تەرەپ ئاڭلاپ قالسا قىزىمنىڭ  ئەخلاقىدىن گۇمانلىنىپ قالمىسۇن يەنە .  
ئايىمخان شۇنداق دېدى .
گۈلسارە بولسا ھېچنېمە دېمەستىن يەرگە قاراپ تۇراتتى .
-  يۈر،  ئۆي ئىچىگە كىرەيلى،  
 ئايىمخان گۈلسارەنى باشلاپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
گۈلسارە ئارقىسغا ئۆرۈلۈپ تىللاخانغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئايىمجانغا ئەگىشىپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
-  ھە مانا گۈلسارەنى باشلاپ كەلدىم مەريەمخان،
گۈلسارەگە سەپسىلىپ قارىۋەتكە مەريەمخان سۆز باشلىدى
-  ۋاي ۋۇي گۈلسارە ھەقىقەتەن چىرايلىق قىز بوپتۇ ئايىمخان ئاچا، ئوغلۇم قاسىمجان بىلەن ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەكلا ماس كەپتۇ دىسە،  قېنى كىلڭە قىزىم بەخىتلىك بولۇڭلا
مەريەمخان ئۈزۈكنى ئېلىپ گۈلسارەنىڭ بارمىقىغا سېلىپ قويدى،
گۈلسارە ھىچنىمە دىمەستىن تۇراتتى،
ئايىمخان گۈلسارەنىڭ يەنە بىرنىمىلەرنى دەپ ئىشنى بۇزۇشىدىن ئەنىسرەپ ئۇنى چىقىپ كىتىشكە بۇيىرىدى،
ھويلىدا گۈلگىنە تىللاخاننىڭ ئالدىغا ھەرخىل نازۇ نىممەتلەرنى تىزىپ قويغان بولۇپ تىللاخان ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە ئۆي ئىچىدىن چىقىپ ھۇجۇرسىغا كىرىپ كىتىۋاتقان گۈلسارەگە قاراپ ئولتۇراتتى.
ـ ۋوي تىللاخان مەريەمخان گۈلسارەگە ئەلچىلىككە كەپتۇدە بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى بولمىسا بىز قايتىپ كەتمەيلىمۇ ئارىدىن تىللاخان بىلەن بىللەن كەلگەن بىرى ئېغىز ئاچتى
ـ  شۇ ئەمەسمۇ، يەنە بۇ يەردە ئولتۇرىۋەرسەكمۇ قاملاشماس
-  قېنى چاي ئىچسىلە تىللاخان ھامما،