چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:826 次
📑 章节目录
第21章:21-قىسىم
ـ شۇ ئەمەسمۇ، يەنە بۇ يەردە ئولتۇرىۋەرسەكمۇ قاملاشماس
- قېنى چاي ئىچسىلە تىللاخان ھامما، گۈلگىنە نىمە قىلارىنى نىم دىيىشنى بىلەلمىگەن تىللاخانغا چاي قۇيۇپ سۇندى، تىللاخاننىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ئۇ ئوغلى ئىليارنىڭ سۆزىنى ئەسكە ئالغاچ ئۆز ـ ئۆزىگە
ـ مەن بۇنداقلا قايتىپ كەتسەم بولمايدۇ، گۈلسارە ئۇ چۇقۇم بۇ تويغا مەجبۇرلاندى،مەن ئايىمخان بىلەن يەنە پاراڭلىشاي دىگىنىچە قايتىپ كىتىشتن ۋاز كىچىپ جىممىدى ئولتۇردى،
ھايالشىمايلا ئۆي ئىچىدىن ئەلچىلىككە كەلگەنلە قايتىپ چىقىشتى،
ـ ھە بولىدۇ ئەمىسە ئايىمخان ئاچا، بىز بۇ قېتىم مۇۋاپىق كۈندىن بىرنى تاللاپ توينى بىكىتۋىتەيلى ئەمىسە،
ـ بولىدۇ، بولىدۇ مەريەمخان،
ئايىمخان ئۇلارغا شۇنداق دەپ باش لىڭشىتتى، ئەلچىلە قىزغىن پاراڭ بىلەن ئايىمخاننىڭ ھويلىسىدىن قايتىپ چىقىپ ئۆيلىرگە قايتىش ئۈچۈن ماڭدى ،
ئايىمخان مەريەمخان قاتارلىق بىرقانچەيلەننى يولغا سېلۋەتكەندىن كىيىن قايتىپ كىرىپ تېخىچە كاتتا ئولتۇرغان تىللاخان قاتارلىقلارغا قاراپ دىدى،
ـ تىللاخان تېخىچە قايتىپ كىتەي دىمەي ئولتۇرلىغۇ، سىلىگە گەپنىمۇ ئۇچۇق دىدىم، ئۆزلىرى كۆردىلە مانا گۈلسارەنىڭ توي ئىشىمۇ بىكىتىلىپ بولدى، ئەمدى بۇ ئىشنى ئۆزگەرىتكىلى بولمايدۇ،
ـ ماڭا قارىسلا ئايىمخان، قىزلىرى گۈلسارە بىلەن ئوغلۇم ئىليارنىڭ بىر بىرگە كۆڭلى باركەن، شۇ بالىلارنىڭ بەختىنى دەپ بولسىمۇ بۇ ئىشقا ماقۇل بولسىلا، قاسىم بۈرگىنىڭ قانداق ئادەملىكى مەھەللىدىكى ھەممە ئادەمگە بەش قولدەك ئايان، گۈلسارە ئۇنىڭغا ياتلىق بولسا بەخىتلىك بولالامدۇ، ياخشىراق ئويلاپ باقسىلا دەيمەن،
ـ ۋوي بۇ گەپلىرچە سىلنىڭ ئوغۇللىرى ئىليار كاسكى بەكلا ياخشى بالا ئوخشىمامدۇ، قاسىم بۈرگىنىڭ نەرى ئوغۇللىردىن كەمكەن، ئۇنىڭدا پۇل نام ئابروي با، ئەجىبا سىلنىڭ ئوغۇللىرىدەك بىكا تەلەت بىلەن توي قىلسا ئاندىن بەخىتلىك بولامدىكەن،
ـ ئايىمخان، مەن سىلنىڭ بىزنى يارامايدىغانلىقرىنى بىلىمەن بىراق بالىلا بەختىنى تاپسا كىيىن پۇل دىگەننى تاپقىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ!
ـ ئوھوش تولا نېرۋامنى چاچماي تۈگەتسىلە مۇشۇ گەپلىرنى، مەن بوممايدۇ دىگەنكىن بوممايدۇ،
ـ ئۇنداقتا ئاخىرقى بىر تەلىۋىم با ئايىمخان،
ـ نىمە تەلەپ، سىلى مەندىن نىم تەلەپ قىمماقچى، مىنىڭ سىلگە قەرزىم بامىكەن!
ـ ھە ياقەي ئۇنداق ئەمەس، شۇ گۈلسارەنىڭ ئۆزى بىلەن بىر كۈرشەي، ئۇنڭدىن سورايدىغان نەچچە ئېغىز سۇئالىم باتى،
ـ كىتىدىغان ئىشلىرى بولسا بىر سورۋاسىلا، گۈلسارە ھوي گۈلسارە تىز مىيەگە چىقە، ما تىللاخاننىڭ سەندىن سورايدىغان سۇئالى باكەن
ئايىمخان جىلى بولغان ھالدا ئىشتانغا چىقىرۋىتىدىغاندەك ۋارقىراپ گۈلسارەنى چاقىردى،
گۈلسارە ئايىمخاننىڭ تىللاخاننىڭ سەندىن سورايدىغان سۇئالى باركەن دىگەن گىپىگە سەل ئىككىلنىپ تۇرىۋىدى، ئايىمخاننىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى،
ـ ھۇ بېششىڭنى يەيدىغان مەن سىنى مەۋەگە چىق دىدىم، ما تىللاخاننىڭ سوئالىغا جاۋاپ بىرىپ ماۋۇ مىھمانلىنى يولغا سال،
ئايىمخان يەنىمۇ چىڭقىلىپ توۋلاشقا باشلىدى،
گۈلسارە ئامالنىڭ يۇقىدىن ئاستا سىرىتقا چىقىپ تىللاخاننىڭ ئالدىغا كەلدى،
تىللاخان سەل تۇرىۋەتكەندىن كىيىن گۈلسارەگە قاراپ سورىدى،
ـ ماڭا ئېيتىڭە قىزىم، سىزنىڭ ئوغلۇم ئىليارغا كۆڭلىڭىز بامۇ؟
ـ بۇ قانداق سۇئال ئەمدى تىللاخان، نومۇس قىلىش دىگەن نەرسە بامۇ يا سىلىدە، خىجىل بولماي بۇنداق سوئال سورىغانلىرى نېمىسى ؟ ئايىمخان يەنە كوتۇلداشقا باشلىدى،
ـ بولىدۇ، بولىدۇ، قېنى ئېيىتڭە قىزىم، سىزنىڭ راستىنلا قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولغىڭىز بارمۇ؟
ـ ۋوي تىللاخان بۇ يەنە قانداق سۇئال ئەمدى، ئۇ ياتلىق بولىمە دىمىسە مەن مەجبۇرىي ياتلىق قىلىمەن دەپتىمەنمۇ بۇ جۇۋاينىمەكنى، سىلى مۇشۇنداق سوئال سوراپ زادى نىمە دىمەكچى،
ـ گىپىمنى دىگىلى قۇياملا يوق ئايىمخان،
ـ تىللاخان ھامما، مەن ئىليار ئاكامغا ياتلىق بولالمايمەن سىزنى نائۈمۈدتە قويىدغان بولدۇم، قايتىپ كىتىڭ،
گۈلسارە ئايىمخاننىڭ تىللاخانغا يەنە كوتۇلداشلىردىن ۋە يەنە تىللاخاننىڭ ئۆزىدىن نىمىشقا ئوغلۇم ئىليارنى تاللىمايسىز دىيىشدىن ئەنسىرەپ تىللاخانغا ئۇچۇقلا جاۋاپ بەردى،
ـ راستىنلا ماڭا كىلىن بولغىڭىز يوقمۇ قىزىم،
تىللاخاننىڭ ئىچى قاتتىق ئىچىشتى بوغاي ئاۋازىمۇ تىتترەپ چىقىۋاتاتتى،
ـ ئىم،
گۈلسارە يىنىك بېشىنى لىڭشىتقاندىن كىيىن ئارقىسغا ئۆرۈلۈپ ھۇجۇرا ئۆيىگە قاراپ ماڭدى،
ـ ئەمدىغۇ قايىتپ كىتەلا تىللاخان، ياكى بولمىسا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ قايتاملا،
ـ ئاپا ... بولدى قىلساڭ بولمامدۇ،
گۈلگىنە ئايىمخاننى يىنىك تارتىپ قويدى،
تىللاخان ئەمدى ھىچنىمە دىمەستىن ئورنىدىن تۇرۇپ باشلاپ كەلگەن ئەلچىلەرنى ئېلىپ ئايىمخاننىڭ ھويلىسىدى چىقىپ كەتتى،
ئۇ يول بويى ئوغلى ئىليارغا نىمە دىيىش ئۈستىدە ئويلاندى،
ئىليار كاسكى ئانىسى تىللاخاننى ئۆز ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان بولۇپ ئۇ ئانىسنىڭ كەلگىنىنى كۈرۈپ يۈگۈرۈپ ئالدىغا باردى،
ـ ئانا، قانداق بولدى، گۈلسارە بىلەن كۈرشەلىدىڭمۇ، ئۇلار قۇشۇلدىمۇ؟
ـ بىز ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى ئوغلۇم،
تىللاخان يىنىك كۈلۈمسىرەپ ئوغلى ئىليارنىڭ قولىنى ئالقانلىرغا ئېلىپ ھويلىغا كىرىپ كەتتى،
ئىليار ھويلىغا كىرىپلا تىللاخاننى ھويلىدىكى كارۋاتقا تارتىپ ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزۇپ يەنە سوراشقا باشلىدى،
ـ تىز ئېيىتساڭچۇ ئانا، ئايىمخان نىمە دىدى،
ئايىمخان ئوغلى ئىليارنىڭ يەنە ئۈمۈد كۈتۈپ يۈرىشىدىن ئەنسىرەپ نەق گەپنى دىيىش قارارىغا كەلگەن بولۇپ ئۇ ئاستاغىنە ئېغىز ئاچتى،
ـ قارا ئوغلۇم، گۈلسارەنىڭ ساڭا ياتلىق بولغۇسى يوقكەن، يەنە كىلىپ بۈگۈن ئۇنىڭغا ئەلچىلە كەپتۇ، گۈلسارە مەھەللىمىزدىكى قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولغۇدەك،
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىليار كاسكىنىڭ چىرايى ئۆڭدى، ئۇ بۇ گەپلەرنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمىگەندەك سورىدى،
- بۇ ... بۇ مۇمكىن ئەمەس ئانا، گۈلسارە ئۆز ئاغزى بىلەن مىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيىتقان، ماڭا بۇنداق چاقچاق قىلما بولامدۇ،
- مەن چاقچاق قىلمىدىم ئوغلۇم، گۈلسارە بۈگۈن ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق دىدى، ئۇنىڭ سەن بىلەن توي قىلغۇسى يوقكەن،
-ياق! بۇ چۇقۇم ئايىمخاننىڭ ئويۇنى! مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن، مەن ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمەن!
ئىليار شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپلا ئورنىدى تۇرۇپ يۈگۈرگىنىچە ھويلىدىن چىقىپ كەتتى.
- ئىليار ئوغلۇم، نەگە بارىسەن توختا،
تىللاخاننىڭ كۆزلىردىن ئىسسىق ياشلىرى سىرغىپ چۈشكەن ھالدا ئوغلى ئىليارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدى.
ئايالى بىلەن ئوغلى ئىليارنىڭ بايىتنقى گەپ سۆزلىرنى ئاڭلىغان تۇرسۇن تىللاخاننىڭ ئارقىسىدى چىقىپ،
- مەن مۇشۇنداق بولدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلەتتىم، ئايىمخان دىگەن بۇ خۇتۇن پۇلغا ئامراق، ئۇ نەپ چىقمىسا بىر ئىش قىلاتتىمۇ، ئوغلۇڭغا ياخشى چۈشەندۈر، ئەمدى تۇلا ئەخمەقلىق قىلىپ يۈرمىسۇن، مەن مەھەللىدىكى ياخشى ئائىلىنىڭ قىزلىردىن بىرنى تېپىپ ئۇنى ئۆيلەپ قۇيىمەن، تۇرسۇن تىللاخانغا شۇنداق دىگەندىن كىيىن كىرىپ كەتتى.
گۈلسارە تىللاخان قايتىپ كەتكەندىن كېيىن . ئايىمخانغا دېدى .
- مەن ھېچكىمگە ياتلىق بولمايمەن ئانا . مەن قاسىم بۈرگىگىمۇ ئىليار ئاكامغىمۇ ياتلىق بولمايمەن . كىم مېنى ياتلىق بولىدۇ دەيدۇ،
ئەمدى كىمدى كىم مېنى ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلايدىكەن . مەن ئۇنىڭغا ئۆلۈپ بېرىمەن . گۈلسارە ئايىمخانغا قاراپ مۇشۇ گەپلەرنى دەۋەتكەندىن كېيىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ كەتتى دە ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدى .
- ۋوي . قارا ماۋۇ جۇۋاينىمەكنى، ۋۇ بېشىڭنى يەيدىغان . قارىغاندا قىلغان ئىشىڭدىن بەك پەخىرلىنىپ كەتكەن ئوخشىمامسەن .
خەقنىڭ ئوغلىنى ئازدۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنى سۇلاپ بىرىپ يەنە تېخى ياتلىق بولمايمەن دەپ نازلىنىشلىرىڭدىن ئۆرگىلەي! ئۆلۈپ بېرەمسەن تېخى .
- ۋاي ۋۇي بولدى قىلە ئانا . ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنى ئۇپرىتىپ نېمە قىلىسەن! نازلىنىپ قويىۋاتىدۇ شۇ، ئۇنىڭ قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولۇش خىيالى بولمىسا بۈگۈن مەريەمخان بەرگەن ئۈزۈكنى ئالاتتىمۇ . بولدى يۈرە ئارام ئالايلى .
- ئۇغۇ شۇ . ياق ياق دەيدۇ ، موك موك يەيدۇ دېگەن شۇدە . ئەرگە تەككىسى كەلگىنىنى كىم بىلمەيدۇ بۇنىڭ،
- شۇ ئەمەسمۇ ...
ئايىمخان بىلەن گۈلگىنە غوتۇلدىشىپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
ئارىدىن بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتۈپ . ئايىمخاننىڭ دەرۋازىسى قاتتىق ئۇرۇلدى .
- تاڭ! تاڭ! تاڭ!
- كىمۇ .
گۈلگىنە ھويلىغا چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىش ئۈچۈن ماڭدى .
- مەن ئىليار .
گۈلگىنە ئىليارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ سەل تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن . دەرۋازىنى ئاچتى .
- ھە ، كەپ قاپسىزغۇ ئىليار ئاكا ؟
- مېنىڭ گۈلسارەگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى ، گۈلگىنە .
- ھە ، قېنى بولىدۇ ئىچىگە كىرىڭ .
گۈلگىنە ئىككىلەنمەستىن ئىليار كاسكىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى .
- ساقلاپ تۇرۇڭ ئاكا ، مەن گۈلسارەنى چاقىرىپ چىقاي .
- بولىدۇ،
گۈلگىنە گۈلسارەنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنى يەنە چەكتى،
- ئىشىكنى ئاچقىن گۈلسارە . ئىليار ئاكام كەپتۇ ئۇنىڭ ساڭا دەيدىغان گېپى بار ئىكەن .
گۈلسارە گۈلگىنەنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا ھېچنېمە دەپ جاۋاب قايتۇرمىدى .
گۈلگىنە ئىشىكنى قايتا قايتا چەككەندىن كېيىن . قايتىپ كەلدى .
- ئۇ ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ . ئىشىكنى ئاچمىدى .
- ئۆزۈم باراي!
ئىليار گۈلگىنەنىڭ گەپ قىلىشنى كۈتمەيلا گۈلسارە تۇرغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى،
-بۇ مىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كىلىشم گۈلسارە ئىشىكنى ئاچقىن، ساڭا دەيدىغان گىپىم بار، ناۋادا مىنى كۆرگۈڭ بولمىسا مۇشۇنداق تۇرۇپ ئاڭلاپ جاۋاب قايتۇرساڭمۇ بولىدۇ .
- قېنى ئېيتە، سىنىڭ قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولۇشۇڭ ئاناڭنىڭ مەجبۇرلىشىدىن بولدىمۇ؟
- ۋوي . سەن يەنە نەدىن پەيدا بولدۇڭ ئەمدى . كانىدەك چاپلىشىپ .
ئىليار كاسكىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئايىمخان ئۆي ئىچىدىن چىقىپ كەلدى .
- ماڭا جاۋاب بېرەي گۈلسارە . ئاناڭ سىنى مەجبۇرلىغان شۇنداقمۇ؟
گۈلسارەدىن جاۋاپ كەلمىدى،
- قانچە قېتىملاپ يۈزۈڭنى قىلغىنىم مېنىڭ ماڭا ھاقارەت قىلساڭمۇ جىم تۇرۇشۇمدىن دېرەك بەرمەيدۇ ؟ مەن ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلدىم ئۇنى مەجبۇرلاپ ئەرگە بېرەمدىم ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بېرەمدىم بۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشى . تېز ئۆيۈمدىن ، چىقىپ كەت!
قاتتىق خۇيى تۇتقان ئايىمخان ئىليار كاسكىغا شۇلارنى دىدى
- خىڭ ... ناۋادا راستىنلا گۈلسارەنى ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلىغان ئىش بولسا ، بۈگۈن مەن بۇ ئۆيگە ئوت قويۇپ ئۈزۈم بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن .