چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:824 次
📑 章节目录
第22章:22-قىسىم
- خىڭ ... ناۋادا راستىنلا گۈلسارەنى ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلىغان ئىش بولسا ، بۈگۈن مەن بۇ ئۆيگە ئوت قويۇپ ئۈزۈم بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن .
ئىليار كاسكىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان گۈلسارە چۆچۈپ كەتتى .
- نېمە! ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن ؟ سەن ماڭا تەھدىت سېلىۋاتامسەن . ئۇ ئۆزى خالاپ ئۇنىڭغا ياتلىق بولماقچى، يەنە كېلىپ ئۇ . ...
گۈلسارە ئايىمخاننىڭ گېپىنىڭ ئايىغىنى ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ پەرەز قىلىپ بولدى بوغاي تېزلا جاۋاب قايتۇردى .
- بولدى . بولدى قىلىڭلار . بۇ ئىشلارنىڭ سىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىليار ئاكا . مەن ئۆزۈم خالاپ قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولماقچى، ئەمدى تولا مېنى ئىزدەپ كېلىپ ئاۋارە قىلىۋەرمەڭ.
- ھا، ھا، ھا، ئاۋارە قىلدىممۇ . سېنى ئاۋارە قىلدىممۇ گۈلسارە . ئۆزۈڭ خالاپ قاسىم بۈرگىگە ياتلىق بولىدىغان ئادەم . نېمە دەپ ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان . نىمىدەپ سىزگە ياتلىق بولىمەن دىگەن سەن نېمانچە تاش يۈرەك!
گۈلسارە ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ ئۈنىنى چىقارماستىن بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى،
- ئېيتە گۈلسارە بۇنداق قىلىشىڭدىكى سەۋەب نېمە ؟ سەن نېمە دەپ قاسىم بۈرگىنى تاللايسەن . ئەجىبا بۇنىڭ بىرە سەۋەبى يوقمۇ؟
- چۈنكى ، چۈنكى ئۇ مېنى بەخىتلىك قىلالايدىغان ئادەم . ئەمدى قايتىپ كەتكىن مەندىن سوئال سوراۋەرمە .
- سېنى بەخىتلىك قىلالايدىغان ئادەم . بولىدۇ مەن قايتىپ كېتىمەن . بىراق ئىسىڭدە بولسۇن سەن خاتالىشۋاتىسەن، سەن راستىنلا خاتالىشۋاتىسەن گۈلسارە بۈگۈن ئاخىرقى قېتىم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي . سەن يەنە بىر قېتىم قايتىدىن ئويلاشقىن، مەن سىنى سۆيىمەن گۈلسارە سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا بۇنداق باغرى تاشلىق قىلمىغىن، مەن چۇقۇم تىرىشپ سەن ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشنى ساڭا ئاتا قىلىمەن، بىراق مەن بىلىمەن سەن ھەرگىزمۇ بايلىق قوغلىشىدىغان قىز ئەمەس، بۇنداق قارار چىقرىشىۇغا زادى نىم سەۋەپ بولدى، سەن ئاناڭ سىنى ماڭا ياتلىق قىلغىچە مىنى ساقلايدىغان بولغانغۇ، بۇ زادى نىمە قىلغىنىڭ ... ئىليار كاسكى بۇ گەپلەرنى قىلۋىتىپ يىغلاپ كەتتى، ئۇ گۈلسارە تۇرغان ئۆينىڭ ئالدىدا يەردە يۈكۈنگەن پېتى ئولتۇراتتى.
ئىليارنىڭ بوغۇق ئاۋازدا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاۋاتقان گۈلسارەنىڭ كۆز ياشلىرى مارجاندەك تۆكۈلدى . ئۇنىڭ يۈركى قاتتىق ئاغرىدى، بىراق ئۇ ھەقىقەتەن ئامالسىز . ئۇ نىمىمۇ دېيەلىسۇن . ئۇ ھازىر ئىليار سۆيىدىغان پاك غۇبارسىز گۈلسارە ئەمەس.
- بولدى ، ئەمدى قايتىپ كەت . گۈلسارەنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلىدىڭ . ئەمدى تولا بىزنى پاراكەندە قىلىۋەرمە .
ئايىمخان گۈلسارەنىڭ ھازىر ھەرگىزمۇ سىرتقا چىقمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن دوكولدۇپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
- ئەمدى بولدى قىلىڭ ئىليار ئاكا . سىزگە نېمە قويۇپتۇ بۇنچىۋالا قىلىپ، گۈلسارە خالىمىغان ئىكەن . بۇنچە ئازابلىنىشىڭىزنىڭ نېمە ھاجىتى،
گۈلگىنە ئىليار كاسكىغا قاراپ شۇنداق دېدى .
- مۇشۇنداقلا تۈگەمدۇ، مۇشۇنداقلا تۈگەيدىغان ئىش بولسا مەن نىمىشقا شۇنچە ئازابلىنىمەن؟ سىنى دەپ كىچە ـ كىچەلەپ سۈرگەن خىياللىرىم ، ئارزۇ ئارمانلىرىم نېمىگە ھېساب گۈلسارە، مەن ۋاز كەچكەن تەقدىردىمۇ ، مىنىڭ كۆڭلۈم قانداقمۇ ۋاز كەچسۇن، مەن ئامالسىز ساڭا نەپرەتلىنىشكە سىنىڭ ئىسمىڭنى يۈركۈمدىن ئۈچۈرۋىتىشكە قەلبىمگە ئورناپ كەتكەن شۇ سىمايىڭنى ئۆچۈرۈشكە يۈركۈمگە نەشتەردەك ئۇرغان خەنجەرنى تارتىپ ئېلۋىتىپ سىنى ئۇنتۇپ كىتىشكە ئامالسىز، ئۆزۈمنى يۇقاتقان ھالدا سىنى سۆيگەن شۇ كۈنلىرىمنى ساناپ تۈگىتەلمەيمەن، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي بۇ ئىشلارنى ماڭا يالغان دىگىن، سىنى ئالداپ قويدۇم دىگىىن، سەندىن ئۆتۈنەي ھۈ ھۈ ھۈ ... ئىليار يەنە يىغلاپ كەتتى ئۇنىڭ سۆزلىرى كىشىنىڭ يۈركىنى ئىزەتتى، بىراق ئۆي ئىچىدىكى گۈلسارە ئەسلا جاۋاپ قايتۇرمىدى،
شۇ تاپتا ئىىليار كاسكىنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ يۈرىكى ئېچىشقان گۈلگىنەمۇ يىغلاپ كەتتى .
ئۇ ئىليارنىڭ مۇھاببىتگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى، گۈلگىنە ئۆز كۆڭلىدە، ئىليار ئاكام گۈلسارە توي قىپ كەتسە چۇقۇم مىنى تاللايدۇ دەپ ئويلىغان بىراق ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ ئىچى ئاغرىپ قالدى.
خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن گۈلگىنە ئاستا ئىليارغا يېقىنلاپ كىلىپ دىدى.
ـ ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ ئىليار ئاكا . يەردە ئولتۇرىۋەرمەڭ .
گۈلگىنە شۇنداق دەپ ، ئىليار كاسكىنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزماقچى بولدى .
ـ مېنى قويۇۋېتىڭ . ئۆزۈم تۇرالايمەن .
ئىليار ئورنىدىن تۇرۇپ ئايىمخاننىڭ ھويلىسىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتتى.
2كۈندىن كىيىن ...
ئايىمخاننىڭ ئۆيى مىھمان بىلەن تولغان بولۇپ مەريەمخان ئوغلى قاسىم بۈرگە بىلەن گۈلسارەنىڭ توي كۈنىنى بېكىتىۋېتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى . . ،
ـ بالىلار نەچچە كۈن ئىچىدە توي خېتى ئېلىپ ، توي مۇشۇ ئاي ئىچىدە بولسا قانداق دەيلا ئايىمخان ئاچا . مەريەمخان ئېغىز ئاچتى .
ـ بولىدۇ مەريەمخان ئەلۋەتتە بولىدۇ . ئۇنداقتا تويلۇق پۇلى...
ـ ھە . گۈلسارەنىڭ ئالتۇن كىيىم كىچەك ھەممە نەرسىسى تۇلۇق بولىدۇ ئايىمخان ئاچا بىز دېگەن نام- ئابرويلۇق كىشىلەر . يەنە كېلىپ بىر تاللا ئوغلىمىز بار . بۇ تەرىپىدىن خاتىرجەم بولسىلا .
- بولىدۇ مەريەمخان،
شۇنداق ، قىلىپ گۈلسارەنىڭ توي مەسلىھەتىمۇ پۈتتى .
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قاسىم بۈرگە ئەركىننى باشلاپ ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىپ . گۈلگىنەنى گۈلسارەنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىدى،
گۈلگىنە گۈلسارەنى باشلاپ چىققاندىن كېيىن . ئۇلار شەھەرگە توي خېتى ئېلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى .
گۈلسارە بىلەن قاسىم بۈرگە توي خېتى ئېلىپ بولۇپ ھەپتە ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ توي خوشاللىق كۈنى بولدى،
مەھەللىدىكىلەر توي خوشاللىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئىليار بولسا ئۆيگە بىكىنىۋالغىلى نەچچە كۈن بولغان بولۇپ ئانىسى تىللاخان بىلەن تۇرسۇن ئوغلىنىڭ بۇ ھالىنى كۈرۈپ يۈركى ئېچىىشپ كىتىۋاتاتتى،
بۈگۈن گۈلسارەنىڭ توي كۈنى ، بۈگۈن ئۇنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ كۈپۈككە ئايلانغا كۈيى، گۈلسارە ئاپپاق توي كۆينىكى ئىچىدە يۈركى قاتتىق ئازاپتىن ئېچىشقان ھالدا قايغۇ ئەلەم بىلەن ئولتۇراتتى،
ئەكىسچە قاسىمنىڭ بولسا خۇشاللىقتىن ئاغزى يۇمۇلماي قالغان بولۇپ ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ئېرىشەلىگىنىدىن قاتتىق ھاياجانلانماقتا ئىدى،
ـ سىنىزە قاسىم ئاداش بىزدىن يۇشۇرۇن كۈيۈپ يۈرگەن ئادىمىڭ بار ئىكەن دەيلى ئەسلى نى نى سەتەڭلىنى ئەخمەق قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر سايىپجامالغا ئۆيلىنۋاپسەن،
ـ ھا، ھا، ھا، ئوغۇل بالا بولغاندىن كىيىن ئەلۋەتتە ئۆزىمىز ھەقىقىي سۆيگەن قىزغا ئۆيلىنمىزدە ئاداش
قاسىم شۇنداق دىگەچ كۆزلىرىنى گۈلسارەگە تىكتى، ئۇنىڭ بۇ قارىشىدىنلا گۈلسارەنى ياخشى كۆردىغانلىقىنى بىلۋالغىلى بولاتتى.
ـ مۇنداق دە ئاداش، بوپتۇ بەخىتلىك بولۇڭلا،
ـ بەخىتلىك بولۇڭ قاسىمجان ئاكا، تۇيۇقسىز قاسىمنىڭ ئاغىنلىرى ئارقىسىدىن ئەقىدەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، قاسىم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ سەل ھۇدۇققان بولسىمۇ يەنىلا چاندۇرماستىن.
ـ ھە رەھمەت سىلەرگە ئەمىسە سەل تۇرۇپ توينى قىززىتىش ئىشى سىلەرگە قالدى مەن يەنىلا ئايالىمغا ھەمرا بولاي
قاسىم گىپىنى تۈگىتىپ گۈلسارەنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى، ئۇ قولىنى سۇنۇپ گۈلسارەنىڭ قوللىرنى ئالقانلىرغا ئالدى.
گۈلسارە قاتتىق ئەندىكىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا رايىشلىق بىلەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇشقا مەجبۇر ئىدى،
قاينام تاشقىنلىققە تولغان توي خوشاللىقى داۋام ئەتمەكتە، بۇ توي شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك بولدىكى كىشىلەر خالىغانچە يەپ ئىچىپ ئۇسسۇل ئويناپ توي شاتلىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.
كەچ بولۇپ تويمۇ ئاخىرلاشتى گۈلسارەنى كۈچۈرگىلى كەلگەنلەر قاسىم بىلەن گۈلسارەنى قاسىمنىڭ شەھەردىكى ھېلىقى داچىسىغا ئېلىپ كەلدى، بۇ دەل قاسىم گۈلسارەنى نابۇت قىلغان ھېلىقى داچا بولۇپ گۈلسارە داچىغا كىرىپ شۇ كۈنكى ئىشنى يادىغا ئېلىپ شۇنچىلىك بىئارام بولدى، شۇ تاپتا ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئىرى قاسىمدىن شۇنچىلىك نەپرەتلنىپ كىتىۋاتاتتى.
ـ قىنى ئىچىگە كىرڭە گۈلسارە بۇ ھۇجۇرنى يېڭىدىن بىزەتتىم، ياقتۇردىڭىزمۇ
قاسىم ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن دوسلىرىنى يولغا سېلۋىتىپ گۈلسارەنى ئىچىگە باشلاپ كىردى، گۈلسارە ئۈندىمەستىن ھۇجۇرغا كىردى،
گۈلسارە تولىمۇ چىرايلىق بىزەلگەن ھۇجۇرغا بىر ئاز قارىۋەتكەندىن كىيىن كارىۋاتقا كىلىپ ئولتۇردى،
قاسىم گۈلسارەنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ سۆز باشلىدى،
ـ بۈگۈن بەكلا چارچاپ كەتتىڭىز شۇڭا بالدۇراق ئارام ئالايلى، كىيملىرڭىزنى ئالماشتۇرۋېلىڭ مەن ئاۋال كىرىپ يۇينىۋېلىپ چىقاي،
قاسىم گىپىنى تۈگىتىپ مۇنچىغا كىرىپ كەتتى،
قاسىم كىرىپ كىتىشگە گۈلسارەنىڭ ياشلىرى قۇيۇلدى، ئۇ ئىليار كاسكىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكىنىنى پەرەز قىلالايتى، مىنى كەچۈرۈڭ ئىليار ئاكا مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن گۈلسارە ئۆز ئۆزىگە شۇنداق دىگەندىن كىيىن كۆز ياشلىرنى سۈرۈتتى، ئۇ قاسىمنى قانداقلا قىلسا كەچۈرۋىتەلمەيتى، ئۇنىڭ يولدىشى بولغان ئۇ ئەر ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىدىن ئايرىدى، ئۆزى بىلەن بىللە ئۆتۈشكە مەجبۇرلىدى
- مەن قانداق قىلىمەن ئىليار ئاكا، ھەرۋاقىت كۆز ئالدىمدىن خىيالىمدىن كەتمەيسىز ، نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ زادى نىمىشقا شۇ تاپتا گۈلسارەنىڭ يۈركى ئازاپتىن يېرىلاي دىگەن ئىدى،
قاسىم مۇنچىدىن چىقىپ گۈلسارەنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىگە قاراپ ئىچى سىرىلدى، ئۇ ئاستا گۈلسارەنىڭ يېنىغا كىلىپ يەردى ئولتۇردى،
- مىنى كەچۈرۈڭ گۈلسارە مەن راستىنلا خاتا قىلدىم، ئەسلى سىزنى مەجبۇرلىماسلىقىم سىزگە زورلۇق قىمماسلىقىم كىرەك ئىدى، مەن شەخسىيەتچى ھايۋان سىزنى نابۇت قىلدىم، مەن بىر يارماس مەن ھايۋان ئادەم ئەمەس قاسىم بۈرگە شۇنداق دىگەچيۈزىگە كاچاتلىدى،
- بولدى قىلىڭ، مىنىڭ ئەمدى بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغۇم يوق گۈلسارە قاسىمنىڭ چىرايىغىمۇ قارماستىن ئۇنى بۇ ھەرىكىتىدىن توختاتتى، -
- ماڭا ئىشنىڭ گۈلسارە مەن بۇنىڭدىن كىيىن سىزگە ياخشى قارايمەن، مەن قىلغانلىرىمنىڭ ئورنىنى تۇلۇقلاپ سىزنى مەڭگۈ بەخىتلىك قىلىمەن، مەن سىزگە ۋەدە بىرەي، سىز مىنى خالىمىغىچە مەن سىزگە چېقىلمايمەن،
قاسىم گۈلسارەگە ئەنە شۇنداق خېلى ئۇزۇن يالۋۇرغاندىن كىيىن گۈلسارەنىڭ قولىنى تۇتتى، گۈلسارە قاسىمنىڭ قولىدىن قولىنى ئاجىرتىپ ھىچنىمە دىمەستىن جىمجىت ئولتۇراتتى،
قاسىم بىر ئاز تۇرىۋەتكەندىن كىيىن گۈلسارەنىڭ خاترجەم ئارام ئېلىشى ئۈچۈن ئۇنى بۇ ھۇجۇردا قالدۇرۇپ ياندىكى ھۇجۇرغا چىقىپ كەتتى،
گۈلسارە قاسىم چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇزۇندىن ئۇزۇن خىيالغا چۆكتى،