چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:834 次
📑 章节目录
第23章:23-قىسىم
ئەتىسى سەھەر ئايىمخاننىڭ قوروسى،
گۈلسارە ياتلىق بولۇپ كەتكەندىن كىيىن ئۆينىڭ پۈتۈن ئىشى ئايىمخانغا قالدى، ئايىمخان سەھەردە تۇرۇپ ھويلا ئارامنى تازلاپ ئاران دىگەندە بىكا بولۇشىغا قورسىقى ئېچىپ تاراقشىشقا باشلىدى،
- ۋاي - ۋۇي قېرىغاندا نىم جاپا دەيمەن ماڭا، گۈلسارە دىگەن جۇۋاينىمەكنىڭ ئەرگە تەككۈسى كىلىپ كەتمىگەن بولسا بۇ جاپالاغا قاممماستىم، نىمدەپ بېقىپ چوڭ قىلغان بولغىيتىم ئۇ مەرەزنى، بۇنداق جانغا ئەسقاتمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام ئاللىقاچان خەققە بىرۋىتەكەنمە
ئايىمخان ئۆز - ئۆزىگە قاخشىغاچ ناشتىلىق تەييارلاش ئۈچۈن ئاشخانىغا ماڭدى.
- ئانا، ئانا گۈلگىنە ئايىمخاننى جېنىنىڭ بارىچە توۋلاپ ئاڭلىتالماي سىرىتقا چىقتى،
- ۋاي ھە نىم بولدى قىزىم، نىمانچە تولايسەن دەيمەن،
- قوسقۇم ئېچىپ كەتتى ئانا،
- بولىدۇ ھازىرلا ناشتىلىق تەييا بولىدۇ،بىردەم ساقلاپ تۇر ھە،
- تىزراق بول، گۈلگىنە ئاىىمخانغا شۇنداق دەپ قۇيۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى،
ئايىمخان ناشتىلىق تەييالاپ گۈلگىنەنى چاقىرغاندىن كىيىن ئىككىسى ھويلىدىكى كاتتا بىللە ناشتىلىق قىلىشقا باشلىدى،
- ئانا، گۈلسارەمۇ ياتلىق بوپ بولدى، ئەمدى مەنمۇ ياتلىق بولاي دىگەن ئىدىم، سەن قاچان ماڭا بەرگەن ۋەدەڭنى ئىشقا ئاشۇرىسەن،
- ئەلۋەتتە بولىدۇ تاتلىق قىزىم سەن دىگەن مەھەللىنىڭ گۈلى، مەلىكىسى ياتلىق بولىمەنلا دىسەڭ سىنى ئالىدىغان يىگىتلە ساماندەك
- ئانا، مىنىڭ ئۇ يىگىتلەگە ياتلىق بولغۇم يوق، سەن ماڭا بەرگەن ۋەدەڭنى ئۇنتۇپ قاممىغانسەن.
- قايىسى ۋەدىنى دەيسەن قىزىم،
- ۋاي - ۋۇي ئۇنتۇپ قاغىنىڭنى قارىمامدىغان، سەن مىنى ئىليار ئاكامغا ياتلىق قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئەمەسمىدىڭ، ئۇنتۇپ قالغىنىڭنى كۆرمەمدىغان.
- ھى، ھى، ھى، قارىغاندا ئىليار كاسكىغا ياتلىق بولۇش ئارزۇيۇڭدىن تېخى ۋاز كەچمەپسەندە،
- ئەلۋەتتە ئانا، مەن ئۇنى ياخشى كۈرىمەن، ياتلىق بولسام ئىليار ئاكامغا ياتلىق بولىمەن، بولمىسا ھىچكىمگە ياتلىق بولمايمەن،
- قارا ما قىزنى، ئۇنداقتا سىنىڭ ئەركىن ئاكاڭچۇ، ئەجىبا ئۇنى ياخشى كۆرمەمسەن،
- ئەركىن ئاكامنىمۇ ياخشى كۆرىمەن بىراق مەن چۇقۇم ئىليار ئاكامغا ياتلىق بولىمەن،
- ماڭا قارا قىزىم ناۋادا ئىليار كاسكىغا ياتلىق بولىدىغان ئىشىڭ بولسا ئەمدى ئەركىن ئاكاڭ بىلەن كۈرۈشمە بولمىسا مەھەللىدىكىلە سۆزچۆچەك قىلىشدۇ،
- بۇنى دىمىسەڭمۇ بىلىمەن ئانا،ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشمەيمەن، بۇنىڭدىن كىيىن ئىليار ئاكام بىلەن توي قىلىشقا تىرىشمەن،
- بۇ گىپىڭ جايىدا قىزىم،
- ھۆ، گۈلگىنە ئايىمخان بىلەن پاراڭلىشۋېتىپ تۇيۇقسىز ھۆ قىلىشقا باشلىدى،
- ۋاي ۋۇي نىمىش بولدى، بىرە يىرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ جىنىم قىزىم،
- ئانا بۇ تاماقنى يىگۈم كەممەيۋاتىدۇ، بۇرنۇمغا بەكلا سېسىق پۇراپ كەتتى،
- ھە؟ بۇ ... بۇ ھىچقانداق پۇراق يوققۇ، قىزىم نىمىشقا كۆڭلۈڭ ئېلىشپ كەتكەندۇ،
- بىلمەيمەن ئانا، بولدى يىمەيمەن، پەقەت مىجەزىم يوق گۈلگىنە شۇنداق دەپ قاچىدىكى تاماقنى ئىتتىرىپ قويدى،
ئايىمخان بىر ئاز تۇرىۋەتكەندىن كىيىن گۈلگىنەنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغان ئىھتىماللىقى بارلىقىنى ئەسكە ئالدى،
- بىز دوختۇرخانىغا بېرىپ باقايلى تۇرە قىزىم،
- ياق ئانا، ئۇنچە ئېغىر ئەمەس ئارام ئاساملا ياخشى بوپ كىتىمەن،
- تىز تۇرە دەيمەن قارىغاندا ھامىلدار بوپقاغان ئوخشىمامسەن،
- ھە؟ مىنى قورقۇتمىساڭچۇ ئانا،
- مىنىڭچە چۇقۇم شۇنداق تىز بول، ئايىمخان شۇنداق دەپ گۈلگىنە ئالدىرتىپ ئۇنى تەكشۈرتۈپ بېقىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ماڭدى،
ئۇلار ھەش پەش دىگۈچە شەھەرگە كىلىپ دوختۇرخانىغا كىردى دە، ئاياللا بۈلۈمىگە تەكشۈرتۈش ئۈچۈن كىردى، دوختۇر گۈلگىنە تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كىيىن ئايىمخاننى چاقىرتتى،
- قىزىڭىز ھامىلدار بوپتۇ، ھامىلە 6ھەپتە بولاي دەپتۇ،
- ھە؟ قىزىم راستىنلا ھاملدارمىكەن دوختۇر،
- شۇنداق ،
ئايىمخان گۈلگىنەنىڭ يېنىغا كەلدى،
- ئانا دوختۇر نىمە دەيدۇ؟ ھامىلدار بوپ قالمغاندىمەن،
- شۇنداقكەن قىزىم، بۇ ھلىقى ئەركىن ئاكاڭنىڭ بالىسى شۇنداقمۇ؟
- ھەئە، ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا بىرى چېقىلىپ باقمىغان تۇرسا، قورسىقىمدىكى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بالىسى .
- شۇنداق بولغان ئىكەن . ئەركىن ئاكاڭ چوقۇم بۇ بالىغا مەسۇل بولۇشى كېرەك .
- بۇ سىنىڭ نىم دىگىنىڭ، بالىنىڭ دادىسى شۇ دەپلا مىنى شۇنىڭغا ياتلىق قىممايدىغانسەن، مىنىڭ كىمگە ياتلىق بولغۇم بارلىقىنى بىلىسەنغۇ!
- بۇنى بىلىمەن، بىراق ھازىر قۇسقۇڭدا خەقنىڭ بالىسى تۇسا ئىليار كاسكى سىنى ئالاتتىمۇ.
- ئىشقىلىپ كارىم يوق، مىنىڭ ئىليار ئاكامغا تەككىنىم تەككەن، بولمىسا مەن ھەرگىز ياشىمايمەن، ئىليار ئاكام ئۈچۈن قۇسقۇمدىكى بۇ بالا ھىچنىمە ئەمەس.
ئايىمخان گۈلگىنەنىڭ جايىللىقىنى ئۇنىڭغا گەپ يۈگۈزۈشنىڭ تەسلىكىنى بىلەتتى،ئايىمخان بىر ئاز ئويلىنىۋەتكەندىن كىيىن دىدى.
ـ يۈرە قىزىم ئۆيگە قايتايلى، ئۆيگە قايىتىپ ئاندىن دىيشەيلى،
ئۇلار دوختۇرخانىخاندىن چىقىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى،
ئىليار گۈلسارە توي قىلىپ كەتكەندىن كىيىن مەھەللىدىكى زابايىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ ئۇ كۈندىلا دىگۈدەك مەس ھالەتتە مەھەللە دوقمۇشىدىكى ئۇ داۋاملىق گۈلسارەنى ساقلايىدغان جايغا كىلۋېلىپ شۇ يەردە ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇراتتى،
گۈلسارە قاسىم بىلەن شەھەردىكى داچىسىدا بىرقانچە كۈن تۇرغاندىن كىيىن قاسىمنىڭ ئانىسىنىڭ پىكىرى بىلەن مەھەللىگە قايتىپ كىلپ ئاتا ئانىسى بىلەن بىرمەزگىل بىللە تۇرۇش ئۈچۈن مەھەللىگە كىلۋاتاتتى،
گۈلسارە ماشىنىدا ئولتۇرۇپ مەھەللە دوقمۇشىغا كەلگەندە، مەھەللە دوقمۇشىدا مەسلىكتىن بېشىنىمۇ كۆتۈرەلمەي ئولتۇرغان ئىليار كاسكىغا كۆزى چۈشتى،
ئۇ ئىليارنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ ئۆز ئۆزىدىن شۇنچىلىك نەپرەتلەندى، بىراق ئۇ نىمىمۇ قىلالىسۇن، تىللاخان يىراقتىن كىلىپ ئىليارنى يۆلىگىنىچە ئۇنى ئۆيى تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى، تىللاخان ئىليارنى يۆلەپ ھويلىغا ئېلىپ كىرىشىگە دادىسى تۇرسۇن قاتتىق ئاچچىقلانغان ھالدا سۆزلەشكە باشلىدى،
ـ ھۇ يارماس، ئوغۇل بالا تۇرۇپ بىر قىزنى دەپ مۇشۇنداق تۈگۈشۈپ كەتكەن بارمۇ، مەھەللە كويدا يۈزىمىز پوق بولدى، خەق تويىنى قىلىپ خەقنىڭ خۇتۇنى بوپ بولسا سەن بۇيەردە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرۈپ يۈزمىزنى تۆكتۈڭ، ئەمدى ھۇشۇڭنى تاپمايدىغان بولساڭ سەندەك ئوغلۇم يوق،
ـ بولدى قىسىلا داداىسى، ئۇنىڭ قۇلقىغا بۇ گەپلەر ھازىر كىرەتتىمۇ،
ـ ھۇ نۇمۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان، ئاناڭ ئىككىمىزنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق مەس بولۇشتىن ئۇيالمامسەن،
ـ قا... قارا دادا مەن ئۆزۈم، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزنى باشقىلاغا ياتلىق قىلۋەتكەن خۇمسى، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ باشقىلا بىلەن توي قىلشىغا يول قويغان يارماس، مەن نۇمۇس قىلىشنى ھېق... نۇمۇس قىلىشنى ئۇيۇلىشنى بىلمەيمەن، مىنى مال بازىرغا ئاپىرىپ مەدىكالىققا سېتىۋەت، شۇن ... شۇندىلا مەندىن قۇتۇلسەن.
ئىليار دادىسى تۇرسۇنغا مەسلىكتە ئاغزى كەگەننى دىيشىكە باشلىدى
ـ ھۇ ھايۋان تېخى ماڭا گەپ ياندۇرۇپ سۆزلەۋاتامسەن، تۇرسۇن غەزەپلىنىپ ئىليارغا ئېتىلىپ كىلۋىدى، تىللاخان ئالدىغا ئۆتۈپ تۇسۇۋالدى،
ـ ھەي دادىسى نىمانچە قىلىسىز، ئوغلىڭىزغا شۇنچە كۈيەتتىڭىزغۇ، بۇ يا ئۇنىڭ خاتالىقى بولمسا، ئۇنى بۇنچە تىللاپ نىمە قىلىسز دەيمەن،
ـ ماڭا قارا خۇتۇن ئۇنىڭغا ئامراقلىقىمدىن شۇ يۈركۈم چقدىمايۋاتسا بىر قىزبالا توي قىپ كەتكەنگىمۇ شۇنچە قىلپ كەتكەن بامۇ دەيمەن، تويوڭنى قىپ قۇياي دىسە ھىچقانداق قىزنى ئالمايمەن دەيدۇ، بۇ بىزنى تەتۈر قىينىغانلىق بولماي نىمە ئەمدى،
تۇرسۇن بىلەن تىللاخان ئىليار كاسكىنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ يىغلاپ قاخشاپ كىتىشتى،
ئىليار ئانىسى بىلەن دادىسنىڭ تاپا تەنىسنى قۇلقىغا كىرمىگەن ھالدا يەردە ئولتۇراتتى،
تىللاخان بىر ھازا يىغلىغاندىن كېيىن ئىليارنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئۇنى ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى .
ئايىمخان گۈلگىنە بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن . گۈلگىنەنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى قانداق قىلىش ئۈستىدە ئويلاندى .
ـ ماڭا قارا تاتلىق قىزىم . سىنىڭ راستىنلا ئەركىن ئاكاڭغا ياتلىق بولغۇڭ يوقمۇ، قورسىقىڭدىكى بالىنى قۇلۇم قوشنىلا بىلىپ قالسا يۈزمىزگە سەت،
ـ ئانا . مەندىن بۇلارنى سوراۋەرمىگىن . مېنىڭ ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇش ئويۇم بولسا . ئاللىقاچان ئۇنىڭغا ياتلىق بولغان بولاتتىم . مەن بۇ بالىنى ئالدۇرۋېتىپ ئىليار ئاكامغا ياتلىق بولىمەن، بىز ئەتىلا دوختۇرخانىغا بارايلى.
ـ ناۋادا راستىنلا شۇنداق قىلماقچى بولساڭ، بۇنىڭغىمۇ مەيلى، بىراق بىز بۇ بالىنى ئالدۇرۋەتمىسەكمۇ سەن ئىليار كاسكىغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن بۇ بالىنى تۇغۇپ ئۇنىڭ بالىسى قىلىپ چوڭ قىلساڭمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
ـ بۇ نىم دىگىنىڭ ئانا، نەدىمۇ شۇنداق ئىش بولسۇن،
ـ مەنلا بولدىكەنمەن ھەممە ئىش بولىدۇ، قېنى قاراپ تۇر،
ئايىمخان شۇنداق دەپ قويۇپ گۈلگىنەنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقىپ كەتتى.
گۈلسارە بىلەن قاسىم بۈرگە قاسىمنىڭ مەھەللىدىكى ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندىن ، كېيىن بىر ھۇجرىغا ئورۇنلاشتى .
ـ قاراڭ گۈلسارە . بۇ ئۆيدە بىز ئايرىم تۇرساق بولمايدۇ، شۇڭا ئەمدى ماڭىمۇ ئامال يوق، بىراق خاتىرجەم بولۇڭ مەن سىزگە يامان نىيەتتە بولمايمەن،
قاسىم شۇنداق دەپ گۈلسارەدىن ئارلىق ساقلاپ كارۋاتقا كىلىپ ياتتى،
گۈلسارە قاسىمغا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى . ئۇ توي قىلغاندىن بىرى قاسىمغا زۆرۈر بولمىسا گەپ قىلمايتى.
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتتى . گۈلسارە ئىشچان كېلىن بولۇپ ، قاسىمنىڭ ئۆيىدە، ئۆي تازىلاپ، ئاش تاماق ئېتىپ دېگۈدەك كۈنلىرى ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى . قاسىمنىڭ ئانىسى گۈلسارەنى ھېلى ئۇ ئىشقا ، ھېلى بۇ ئىشقا سالاتتى . قاسىم بولسا ئەتىگىنى بىر چىقىپ كەتسە كەچتە قايتىپ كېلەتتى . ئۇنىڭ گۈلسارەنىڭ ئۆزىگە ھېچ بىر ئېچىلىپ گەپ قىلمىغىنىدىن ئىچى پۇشاتتى . ئۇنىڭ گۈلسارە بىلەن مۇڭداشقۇسى كېلەتتىيۇ بىراق ئۇنى رەنجىتىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلالمايتى،
ئايىمخان گۈلگىنەنىڭ قورسىقىنىڭ يوغىناپ كىتىشىدىن ئەنىسرەپ گېلىدىن تاماق ئۆتمەي ئاخىرى ئىليار كاسكىنى قانداق قىلىپ بۇ قاپقانغا دەسسىتىش توغرۇلۇق پىلان تۈزۈشكە باشلىدى .
ـ ئاڭلىدىڭىزمۇ قوشنام . مەھەللىدىكى تىللاخاننىڭ ئوغلى ئىليار كاسكى . ئايىمخاننىڭ بېقىۋالغان قىزى گۈلسارەنىڭ تويدىن كېيىن بىر ھاراقكەشكە ئايلىنىپ كېتىپتۇ، ئۇ كۈندە مەھەللە دوقمۇشىدا ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ يېتىپ قالىدىكەن . تىللاخان ئوغلىنىڭ دەردىدە نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ كېتىپتۇ،
ـ ئاڭلىمامدىغان قوشنام ، بىر مەھەللىدە بولۇۋاتقان ئىشنى ئاڭلىمايدىغان ئىش بولامدۇ . تىللا خاننىڭ بىر تاللا يالغۇز ئوغلى بار ئىدى . ئوغلىنىڭ دەردىنى بولغۇچە تارتتى دېسە .
يولنىڭ ياقىسىدا تۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتقان بىر قانچە ئايالنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئايىمخاننىڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز كاللىسى يورۇپ كەتتى .