چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:827 次
📑 章节目录
第24章:24-قىسىم
يولنىڭ ياقىسىدا تۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتقان بىر قانچە ئايالنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئايىمخاننىڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز كاللىسى يورۇپ كەتتى .
ئۇ كەچ كېلىشىنى كۈتتى كۈن كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈشىگە ئايىمخان مەھەللە دوقمۇشىغا يېتىپ كەلدى، ئۇ ئەتراپقا سەپ سېلىپ غەرق مەست بولۇپ . مەھەللە دوقمۇشتىكى تۈۋرۈككە يۆلىنىپ ئولتۇرغان . ئىليار كاسكىغا كۆزى چۈشتى،
ـ ۋوي ئىليارجان بالام . ئەجەب بۇ يەردە ئولتۇرۇپسەنغۇ .
ئىليار ئايىمخاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئايىمخانغا قارىدى .
ـ ئايىمخان ھامما، سىزنى گۈلسارە ئەۋەتتىمۇ . ئۇ ياخشى تۇرىۋاتامدۇ .
ئىليار كاسكى مەستچىلىكتە ئايىمخاندىن شۇنداق دەپ سورىدى .
ـ ھە، گۈلسارەمۇ ئۇ ياخشى، ياخشى تۇرۋاتدۇ، بىراق ئۇ...
ـ ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولدى ئايىمخان ھامما، تېز ئېيتىڭە ، ئۇ زادى نېمە بوپتۇ،
ئىليار ئايىمخاننىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن جىددىيلىشىپ دەلدەڭشىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى .
ـ گۈلسارە ئۇ ئاغرىپ قاپتۇ .
ـ نېمە! ئۇ ئاغرىپ قاپتىمۇ ؟ ئۇ ھازىر قەيەردە ئايىمخان ھامما ، قېنى ئېيتىڭە! ئۇ قەيەردە؟
ـ جىددىيلەشمە ئوغلۇم، ئۇ ھازىر ئۆيدە سىنڭ كىلىشڭنى ساقلاۋاتىدۇ، ئۇنىڭ سەن بىلەن كۈرۈشكۈسى بار ئىكەن،
ـ راس دەۋاتامسىز ئايىمخان ھامما . ئۇنىڭ راستىنلا مەن بىلەن كۆرۈشكۈسى بارمىكەن .
ـ ئەلۋەتتە ئۇ سىنىڭ كىلىشڭنى كۈتىۋاتىدۇ، ئايىمخان ئالدىراپ شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى .
ـ بولىدۇ ، مەن ھازىرلا باراي ، مەن ھازىرلا گۈلسارەنىڭ قېشىغا بارىمەن .
ئىليارنىڭ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرى تۆكۈلدى . ئۇ ئالدىراپ ماڭماقچى بولدى، بىراق ئۇ بەكلا قاتتىق مەست بولغاچقا . يولنىمۇ ئوڭلاپ ماڭالمايۋاتاتتى .
ئايىمخان ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ . ئۇنى يۆلەپ ئېلىپ ماڭماقچى بولدى .
ـ ھە ، مەن سېنى يۆلىۋالاي كېلە ئوغلۇم .
ئايىمخان ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئېلىپ ماڭدى،
شۇنداق ، قىلىپ ئايىمخان ئىليارنى ئېلىپ ئۆيگە بىردەمدىن كېيىن . ئۆيگە يېتىپ كەلدى .
بۇ چاغدا گۈلگىنە ھۇجرىسىدا ئارام ئېلىۋاتقان بولۇپ ئايىمخان . ئىليارنى يۆلەپ گۈلگىنەنىڭ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىردى،
ـ ھە ، كېلە ئوغلۇم مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئېلىۋال، مەن گۈلسارەنى چاقىرىپ قوياي .
بۇ چاغدا ئىليار ئاللىقاچان خۇدىنى يوقاتقان بولۇپ ئۇ كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپلا ياتتى .
گۈلگىنە چۆچۆپ ئورنىدن تۇرۇپ ئايىمخانغا قارىۋىدى، ئايىمخان ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ قۇلقىغا بىرنىمىلەرنى پىچىرلىدى
گۈلگىنە ئايىمخاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن چىرايىدىن خۇشاللىق ئەكىس ئەتتى ، ئۇ بېشىنى يىنىك لىڭشىتىپ قويغاندىن كىيىن ئايىمخان ئىشىكنى يېپىۋېتىپ چىقىپ كەتتى .
گۈلگىنە ئايىمخان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن . ئاستاغىنە ئىليار كاسكىنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭ ساقال بېسىپ كەتكەن يۈزلىرنى سىلاشقا باشلىدى ، بۇ چاغدا ئىليار كاسكى ئاللىقاچان قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ گۈلگىنە ئۇنىڭ پۈتۈن كىيىملىرنى سالدۇردى دى ئارقىدىن ئۆزىنىڭمۇ كىيملىرنى پۈتۈنلەي سېلۋىتىپ ئىلياركاسكىنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپ ياتتىدە ئۇيقۇغا كەتتى .
ئەتىسى سەھەر
ئايىمخان سەھەردىلا ئىليار كاسكىنىڭ ئۆيىگە ماڭدى، ئۇ پىلانى بويىچە تىللاخان بىلەن تۇرسۇنغا ئوغلىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىش ئۈچۈن كىتىۋاتاتتى،
ـ تاڭ، تاڭ، تاڭ،
تىللاخان ھۇي تىللاخان ما دەرۋازىنى ئاچسىلا چاتاق چىقتى،
ئەتىگەن سەھەردە ئايىمخاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان تىللاخان ئالدىراپ يۈگۈرۈپ بېرىپ دەرۋازىنى ئاچتى،
ـ نىمىش بولدى ئايىمخان ئەتىگەن سەھەردە نىمىگە كەللە؟
ـ نىمىش بولاتتى، ۋاي ئىسىت مىنىڭ يۈزۈم مەن قانداق قىلاي ئەمدى، مىنىڭ بىرتاللا قىزىم بار ئىدى، ئوغۇللىرى ئۇنى نابۇت قىپتۇ،
ئايىمخان شۇنداق دېگىنىچە ھەپشەرەپ يىغلاشقا باشلىدى .
ـ بۇ نىم دىگەنلىرى كىم كىمنى نابۇت قىپتۇ؟
تىللاخان ئايىمخاننىڭ سۆزلىرنى چۈشنەلمەي ھەيرانلىقتا سوردى،
يەنە كىم بولاتتى سىلىنىڭ ئوغۇللىرى ئىليار قىزىم گۈلگىنەنى نابۇت قىپتۇ تىللاخان،
ئايىمخاننىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلىغان تىللاخان كىچىدىن بىرى ئوغلى ئىليارنىڭ ئۆيگە قايىتىپ كەلمىگەنلىكىنى، مەھەللە دوقمۇشىغا بېرىپمۇ ئۇنى تاپالماي كەلگىنىنى ئەسكە ئالدى،
ـ بۇ ... بۇ ئوغلۇم قەيەردە؟ ئۇ نىمىش قىپتۇ؟
ـ نىمىش قىلتى، قىزىمنى قىلدىغاننىڭ ھەممىنى قىپتۇ، تۇلا بۇيەردە كىكەچلەپ تۇماي يۈرسىلە ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆسىلە،
ئايىمخان شۇنداق دەپ كاپلا قىلىپ تىللاخاننىڭ قۇلىدىن تارتىپ ماڭدى،
ـ نىمىش بوپتۇ ئانىسى،
تۇرسۇن ئۆي ئىچىدىن چىقىتى.
ـ ھە دادىسى سىز ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ، مەن ئايىمخاننىڭكىگە بېرىپلا كىلمەن،
تىللاخان تۇرسۇننىڭمۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈرەك كىلسىنىڭ تۇتۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالدىراپ ئايىمخان بىلەن چىقىپ كەتتى،
بۇ چاغدا گۈلگىنە ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئىليارنىڭ تېخىچە ئۇخلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ، يالغاندىن مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى،
ئىليار گۈلگىنەنىڭ مىشىلداپ يىغلىغان ئاۋازىدىن ئاستا كۆزىنى ئېچىپ ئەتراپقا قاراپ چۆچۆپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،
ـ بۇ ... بۇ زادى نىمىش؟ گۈلگىنە سىز بۇيەدە نىمىش قىلسىز!
ـ بۇ نىم دىگىنىڭىز ئىليار ئاكا، بۇ مىنىڭ ئۆيۈم مەن بۇيەدە بولماي ئەجىبا نەدە بولسام بولاتتى،
ـ سىز ... سىز نىمىشقا كىيىملىرڭىزنى سېلۋەتتىڭىز تىز كىيۋېلىڭ، بىرەسى كىرىپ قالىدۇ،
ـ ئەمىسە سىزچۇ ئىليار ئاكا، سىز مۇشۇنداق تۇرامسىز؟
گۈلگىنە يالغاندىن مىشىلدىغاچ شۇنداق دىدى،
ـ ھە؟
ئىليار گۈلگىنەنىڭ گىپىدىن كىيىن ئاندىن ئۆزىنىڭمۇ قىپيالىڭاچ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ دەرھال يوتقانغا ئورنىۋالدى،
ـ بۇ زادى نىمىش؟ مەن قانداق بوپ سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە بولىمەن، تىز كىيملىرىمنى ئېلىپ بىرىڭ،
ئىليار ھودۇقۇپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى،
ـ ئەجىبا مىنىڭ ھالىمغا كۆڭۈل بۆلمەمسىز ئىليار ئاكا، مەن ... مەن گۈلگىنە گىپىنىڭ ئاخىرنى دىيەلمەيلا يىغلىۋەتتى،
ـ ھەي ... سىز بۇ نىمىگە يىغلايسىز دەيمەن، تىز كىيمىڭىزنى كىيۋېلىپ مىنىڭ كىيىملىرمنى ئېلىپ بىرىڭ،
ـ ماڭا نىمىشقا بۇنداق ۋاقىرايسىز ئىليار ئاكا، مەن نىمىنى خاتا قىلدىم، ئەجىبا كىچىدىن سىزنىڭ بولغىنىم مىنىڭ خاتالىقىممۇ گۈلگىنە ئايىمخاننىڭ تېخىچە كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ قەستەن ۋاقىتنى ئارقىغا سۈرۋاتاتتى،
ـ نىمە، كى ... كىچىدىن سىزنىڭ بولغىنىم، بۇ قانداق گەپ، تۇلا جۆيلىمەڭ! ئىليارنىڭ گۈلگىنەنىڭ سۆزىگە ئىشەنگۈسى كەلمەي قايتۇرۇپ ۋاقىردى،
ئايىمخان تىللاخاننى ئۇدۇل گۈلگىنەنىڭ ھۇجۇرسى ئالدىغا ئېلىپ كەلدىدە، ئىليارنىڭ ۋارقىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ھۇجۇرىغا ئۈسۈپلا كىردى،
ـ مانا تىللاخان سىلنىڭ ئوغۇللىرى، ئەتىگەن سەدە گۈلگىنەنى ئويغىتاي دەپ كىرسەم ئىككىسى بىللە ئۇخلىغىلى تۇرۇپتۇ، قانداق قىلىشنى بىلەمەي سىلىنى ئىزدەپ باردىم، ھەرقانچە بولسىمۇ قىزىمنى ئويلاشمىسام بولماس تىللاخان،
ـ زادى نىمىش بولدى گۈلگىنە قېنى ئېيىتە ئىليار سىنىڭ ھۇجۇراڭدا نىمىش قىلىدۇ، مەن ئاناڭ بولساممۇ، بۇنداق ئىش قىلىپ يۈرشىڭنى ھەرگىز كەچۈرەلمەيمەن. ئايىمخان گۈلگىنەدىن قەستەن قاتتىقلىق بىلەن بۇ سۇئالنى سورىدى،
ـ ھۈ، ھۈ، ھۈ ئانا مىنى كەچۈرۈڭ، مەنمۇ بۇنداق بولىشىنى خالىمايتىم، كىچە ئۇخلاۋاتسام ئىليار ئاكام كىرىپ كەلدى، ئۇ ھويلىمىزغا تامدىن ئارتىلىپ چۈشكەن ئىكەن، كىيىن ... كىيىن ...
ـ كىيىن نىمىش بولدى گۈلگىنە؟
ـ كىين ئۇ ماڭا زورلۇق قىلدى، ئۇ بەكلا مەسكەن، مەن قانداقلا قارشى تۇراي ئۇ ئوغۇل بالا بولغاچقا پەقەتلا كۈچۈم يەتمەي ئاخىرى، ھۈ ھۈ ھۈ ئاخىرى پاكلىقىمنى يۇقاتتىم، گۈلگىنە شۇنداق دىگەچ ئاپپاق كىرلىكتىكى ئالىقانچىلىك قىزىل رەڭنى كۆرسىتىپ قويدى،
ـ قۇرۇق گەپ! مەن ھىچكىمگە چېقىلمىدىم، مەن مەس بولساممۇ ئۆزۈمنىڭ نىمىش قىلغىنىمنى ئوبدان بىلىمەن، سىلە چىقىپ كىتىڭلا مەن كىيملىرمنى كىيىپ بولۇپ ئاندىن ئانا بالا ئىككىڭلا بىلەن ئوبدان دىيىشمەن،
ئىليار شۇنداق دەپ ۋارقىردى،
ـ ۋوي تىللاخان قارىغاندا ئوغلىڭىزنى ساقچىغا مەلۇم قىلمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ، قارىڭە ئۇنىڭ قىلدىغاننى قىلىپ بولۇپ . تېنىۋېلىشقا پېتىنۋاتقىنىنى،
ـ قارىسلا ئايىمخان ئاۋال بىز چىقىپ تۇرايلى باللا كىيملىرنى كىيۋالسۇن ئاندىن دىيشسەكمۇ ئۈلگۈرمىز
تىللاخان شۇنداق دەپ ئايىمخاننى تارتىپ ھۇجۇردىن چىقىپ كەتتى،
ھەش پەش دىگۈچە گۈلگىنە بىلەن ئىليار كاسكى كىيملىرنى كىيىپ ئۆي ئىچىدىن چىقتى،
ـ يۈرە ئانا قايتىپ كىتمىز، مىنىڭ بۇ پەسكەش ئانا بالىغا دەيدىغان گىپىم يوق! ئىليار كاسكى چىقىپلا تىللاخانغا قاراپ شۇنداق دىدى،
ـ ياخشىغۇ ئىليار كاسكى سەن قىلدىغاننى قىلىپ نىمەڭگە شۇنچە يوغانچىلىق قىلىسەن! قىزىم ئالدىڭدا شۇنچە ئەرزىمەسمىكەن، تېخى ياش تۇرۇپلا يامان نام ئاتاققا قاممىسۇن، بۇ ئىشلانى ياخشى بىر تەرەپ قىلايلى دەپ ئاناڭنى باشلاپ كەلسەم، ئەجەپ يوغانچىلىق قىلسەنغۇ سەن، ئايىمخان ئاغزى بىسىقماي سۆزلەشكە باشلىدى،
ـ خىڭ ... سىلنىڭ كۆڭەللىردىكىنى كىم بىلمەيدۇئايىمخان ئاچا يەنە ماۋۇ نايناق ئەر ئاممىغان قىزلىقىنى ئاللىقاچان يۇقاتقان قىزلىرى، ئۆزىدەك تىشىلىپ كەتكەن تۈشۈكنىڭ ئىگىسى بولىدۇ دەپ ئويلاپ قاغان بوسا ئۇخلىماي چۈش كۈرۈپتۇ، ئەمدى ماڭا يامان نام ئاتاق بىرەمسىلە نىمە قىلغۇڭلا كەلسە شۇنى قىلىڭلا، مىنىڭ خىيالىمغا كەممەيدۇ،
ـ مىنىڭ ياشىغۇم يوق ئانا ... مەن مەن ئىليار ئاكا مىنى بۇنداق ھاقارەتلىسىڭىز قانداق بولىدۇ، مەن ئاللىقاچان سىزنىڭ ئادىمىڭىز بوپ بوغان تۇرسام ھۈ ھۈ ھۈ گۈلگىنە شۇنداق دەپ يەردە ئولتۇرۇپلا يىغلاشقا باشلىدى
- مىنى بىلمەيدۇ دىمەڭ گۈلگىنە، خاتالاشمىسام سىز ئاللىقاچان قاسىم بۈرگىنىڭ ئاغىنىسى ئەركىننىڭ ئادىمى بوپ بوغانغۇ دەيمەن، مىنىڭ خەق يىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۈلەيدىغان خۇيۇم يوق ياخشىسى مەندىن يىراق تۇرۇڭ، مىنى بۇلغايمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ،
ـ ئۆزىڭىزچە مەن ياخشى كۈردىغان گۈلسارە پۈتۈن جاھاندىكى ھەممە قىزلاردىن پاك دەپ ئويلامسىز ئىليار ئاكا، گۈلسارەمۇ توي قىلماي تۇرۇپلا ئاللىقاچان قاسىم بۈرگىنىڭ ئادىمى بوپ كەتكەن، شۇڭا ئۇ سىزنى ئەمەس قاسىم بۈرگىنى تاللىدى، سىز ئۇنى يەنە پاك ياخشى قىز دەپ قارامسىز؟ ئىليار كاسكىنىڭ ھاقارەتلىرىگە چىداپ تۇرالمىغان گۈلگىنە قەستەن ئىليار كاسكىنىڭ يارىسنى تاتىلاشقا باشلىدى،
ـ بولدى! گۈلسارەگە بۇنداق ھاقارەت قىلىپ تىل تەككۈزشىڭىزگە يول قويمايمەن، كۈزۈمدىن يوقۇلۇڭ! ئىليارنىڭ رەڭگى ئۆڭگەن ھالدا خۇددى ئۆزىنى يەۋىتىدغاندەك قاردىشىدىن قورققان گۈلگىنە چۆچۆپ كەتتى،
ـ بولدى قىزىم بىز يەنىلا ئۇنى ساقچىغا مەلۇم قىلايلى يۈرە ئايمخان گۈلگىنەنى يۆلەپ تۇرغۇدى،