چىرايلىق گۈلسارە

چىرايلىق گۈلسارە

作者:شەبنەم | 阅读:830 次


📑 章节目录

第26章:26-قىسىم


   قاسىم ئويغىنىپ قوينىدا شىرىن ئۇيقۇدا ياتقان سايىپجامال قىزغا قارىدى،  تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئېسىگە گۈلسارە كەلدى دە. ئاستا قىزدىن ئاجراپ ئورنىدىن تۇردى،
ـ سەھەر تۇرۋاپسىزغۇ؟
قىز قاسىمنىڭ ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرغىنىدىن ئويغىنىپ كەتكەن بولسا كىرەك نازلىنىپ تۇرۇپ سورىدى،
ـھە، ئازراق ئىشىم بار ئىدى، سىز يەنە بىردەم ئۇخلىۋېلىڭ،
ـ ئۇنداقتا، ئەمدى يەنە قاچان كۈرشىمىز، تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنىمۇ قالدۇرۇپ قويمامسىز، قىز تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويدى،
ـمەن ئەركىندىن سىزنىڭ نۇمۇرىڭىزنى ئېلىپ سىزنى ئىزدەيمەن، ياخشى ئارام ئېلۋېلىپ ئاندىن قايتىڭ،
قاسىم شۇنداق دەپ قۇيۇپلا ئالدىراش كىيملىرنى كىيىپ   مېھمانخانا ئۆيگە چىقتى .. ،
مىھمانخانا ئۆيدىكى جوزا ئۈستىدە قالايمىقان تاشلانغان بوتولكىلا ۋە ھەرخىل يىمەكلىكلەر خالتىسى، يەردە بولسا ئەركىن بىلەن يەنە بىر قىزنىڭ  كىيملىرى تاشلاقلىق تۇراتتى، قاسىم ئەركىنگە خوشمۇ دىمەستىن ئۆي ئىچىدىن چىقىپ كەتتى، ئۇ ئۆز كۆڭلىدە تىزراق ئۆيىگە بېرىپ گۈلسارەنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتاتتى،
ئەركىن قاسىم چىقىپ كەتكەندىن كىيىن كۆزىنى ئېچىپ ئەتراپقا قاراپ ئاخشامقى ئىشنى ئىسىگە ئالدى،
ئاخشام ئۇ قوينىدىكى قىز بىلەن خېلى ئۇزۇن تانسا ئوينىدى ئارقىدىن نەچچە رومكا ئىچىپ يان تىلفۇنىدىكى گۈلگىنەنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىغا كۆزى چۈشتىدە ئۇنىڭغا تىلفۇن قايتۇردى،
ئەركىن خېلى ئۇزۇن ئەسلەپمۇ ئاخشام گۈلگىنە بىلەن نىمە دىيشىكىنىنى ئەسكە ئالالمىدى،
ئۇ كاللىسغا بىر قانچىنى شاپىلاقلاپ قويغاندىن كىيىن ئورنىدىن تۇرماقچى بولىۋىدى، يېنىدىكى قىز كۆزىنى ئاچتى،
-  ھە، ھى ھى ھى ئويغاندىڭىزمۇ تۇمۇچۇقۇم، ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟
-  نەدە ياخشى ئۇخلايمەن، مىنى بەكلا بوزەك قىلدىڭىز جۇمۇ،  قىز ناز قىلىپ شۇنداق دىدى،
-  ۋوي ھى ھى ھى، ما ئىشنى كۆرمەمدىغان ئاخشام بەكلا مەس بوپ كىتىپ، بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئوخشايمەن جېنىم، پەقەتلا يادىمدا يوق،
-  ھە؟  يادىڭىزدا يوقما، ئۇنداق بولسا ھازىر يەنە بىر كىلەيلى،بۇ قېتىم چۇقۇم  ئىسىڭىزدىن چىقىرالمايسىز، قىز  ئەركىلگەچ شۇنداق دەۋاتاتتى.
-  ۋاي ۋۇي سىز نىمانچە تاتلىق دەيمە ئۇمۇقۇم، بىراق ھازىر مىنىڭ بەك مۇيىم ئىشىم با، بۈگۈن سىز قايىتقاچ تۇرۇڭ باشقا كۈنى بولسۇن بولامدۇ؟ ماۋۇ پۇلغا ئاۋۇ دوستىڭىز بىلەن ياقتۇرغان كىيم كىچەكلەرنى ئېلىپ كىيىڭلا، بۇ قېتىم ئىككىمىز بىللە بوغاندا كۆڭلىڭىز خۇش قىمماي قويمايمەن، ماقۇل دەڭ.
ئەركىن قىزنىڭ قۇلىغا بىر تۇتام يۈز كويلۇق پۇلنى تۇتقۇزغاندىن كىيىن ئۇنىڭ قۇلاق تۈيىگە پىچىرلاپ شۇ سۆزلەرنى قىلدىدە ئورنىدىن تۇردى،
-  ئەمىسە مەن ماڭاي تۇمۇچۇقۇم سىز ئارىمىڭىزنى ئېلۋېلىپ ئاۋۇ دوستىڭىزنى ئېلىپ  بازاغا بېرىڭلا، مەن سىزگە تىلفۇن قىلىمەن شۇنداق بولسۇن ئەمىسە، ئەركىن ئالدىراپ گىپىنى تۈگۈتۈپ قىزنىڭ ماقۇللىقىنىمۇ ئالماستىن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى،
شۇتاپتا ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى گۈلگىنەدە ئىدى، گۈلگىنە قانداقلا بولمىسۇن ئەركىنگە تەۋە قىز، ئۇ ئاخشامقى ئىشلىرى تۈپەيلى گۈلگىنەدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتى، ئۇ ئاللىقاچان ئۆز كۆڭلىدە ناۋادا گۈلگىنە خالىسا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بىللە ئۈتۈشنىمۇ كۆڭلىگە پۈككەن، ئەركىننڭ كۆڭلىدە گۈلگىنە ئەركە ھەم ئۇششۇق بولسىمۇ، پاك ھەم ئىنتايىن سەبىي قىز ئىدى،
تۇيۇقسىز ئالدىراش ماشىنىسىنى ھەيدەپ گۈلگىنەنىڭ ئۆيىگە ماڭغان ئەركىننىڭ يان تىلفۇنى سايىرىدى،
-ۋەي ئەركىن ئاداش،، گۈلسارەدىن ئەنسىرەپ ساڭا خوشمۇ دىمەي مەھىللىگە قايتتىم مەندىن رەنجىپ قاممىغانسە،
تىلفۇندىن قاسىم بۈرگىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،
-  ۋاي ياقەي ، مەنمۇ ھازىر  گۈلگىنەنىڭ يېنىغا ماڭدىم،
-  ھە؟ گۈلگىنەگە بىرە ئىش بوپتىمۇ؟
-  ئۇنداق ئەمەس ئاداش، ئاخشام مەسچىلىكتە ئۇنىڭغا تىلفۇن قىپ نىم دىگىنىم يادىمدا يوق،
-  ھە مۇنداق دە، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسرەپ قاپسەندە،
-  شۇ شۇ ئاداش، يۈرەك چىدىمايدۇ دىگىنە،
-  ھە بولىدۇ، ئەمىسە كىيىن ئالاقىلشايلى، مەنمۇ ئۆيگە كەپ قالدىم،
-  بولىدۇ،
ئۇلار خوشلاشقاندىن كىيىن قاسىم بۈرگە تىلفۇننى قۇيۇپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، ئۇ ھويلىغا كىرىپ گۈللەرگە سۇ قۇيىۋاتقان گۈلسارەگە كۆزى چۈشتى،
گۈلسارە پۈتۈن دىققىتى بىلەن ناخشىغا غىڭشىغاچ گۈللەرگە سۇ قۇيۋاتقان بولۇپ ئۇنىڭ بۇ تۇرقى قاسىمغا شۇنچىلىك گۈزەل كۈرۈندى.
-  قانداق ئەھۋالىڭىز گۈلسارە ئاخشام ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟
تۇيۇقسىز ئارقىدىن ئاڭلانغان قاسىمنىڭ ئاۋازى گۈلسارەنى ھەرىكىتىدىن توختاتتى، ئۇ ئارقىسغا ئۆرۈلۈپ ئۆزىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرغان قاسىم بۈرگىنى كۆرۈپ ياخشى دىگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتقاندىن كىيىن ئىشىنى داۋاملاشتۇردى،
-  مەندىن ئاخشام نەگە باردىڭىز دەپ سورىمامسىز گۈلسارە، قاسىم گۈلسارەدىن يەنە سۇئال سورىدى،
گۈلسارە بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كىيىن دىدى،
ـ سىزنىڭ چۇقۇم مۇيۇم ئىشىڭىز چىقىپ قالدى، بولمىسا چۇقۇم قايتىپ كىلەتتىڭىز،
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قاسىمنىڭ يۈركى قاتتىق ھاياجانلاندى، ئۇ ئاخشام قىلغان قىلمىشىدىن نۇمۇس قىلىپ، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى، ئۇ ئۆز كۆڭلىدە گۈزەل ئادەمنىڭ قەلبىمۇ،  ئويلىغان ئويىمۇ گۈزەل بولىدىكەن دىگەنلەرنى ئويلىدى،
ـ ماڭا ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت گۈلسارە، سىز بەكلا ئەقىللىق ئىكەنسىز،مەن سىزگە لايىق ئەر بولۇشقا ترىشمەن،
قاسىمنىڭ بۇ گىپىىدىن گۈلسارە توختاپ قالدى، ئۇ ئۆز كۆڭلىدە ئىتراپ قىلىشنى خالىمسىمۇ ،  ئۇنىڭ قاسىم بۈرگىنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەت ئالدىدا   بۇ ئىشلارنى  قۇبۇل قىلماسلىققا ئامالى يوق ئىدى ،
گۈلسارە قولىدىكى چەينەكنى قويۇپ ئۆي ئىچىگە ماڭدى .
ـ  نەگە بارىسىز گۈلسارە .  قاسىم گۈلسارەنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغاچ دېدى .
ـ  سىزگە ناشتىلىق تەييارلاپ بېرەي .
قاسىم بۈرگە گۈلسارەنىڭ بۇ سۆزىدىن تېخىمۇ ھاياجانلاندى .
ئۇ گۈلسارەنىڭ كەينىدىن  ئەگىشىپ كىرىپ .  ئۇنىڭ  ئۆزىگە ناشتىلىق تەييارلاپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇردى .
ـ  گۈلسارە  بۈگۈن ئىككىمىز بازار ئايلىنىپ كەلسەك قانداق دەيسىز؟
ـ  بولمايدۇ .  مېنىڭ ئۆيدە قىلىدىغان ئىشىم بار .  ئۆزىڭىز ئايلىنىڭ .  گۈلسارە شۇنداق دەپ قويۇپ قاسىمنىڭ ئالدىغا نان ۋە ھەر خىل تاتلىق تۈرۈمدىن ئېلىپ كەلدى.
ـ  قىلىدىغان ئىشىڭىزنى ئەتە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ .  بۈگۈن ماڭا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىشىپ بېرىڭ بولامدۇ،
گۈلسارە ھېچنېمە دېمەي جىممىدە ئولتۇردى .
ـ ۋاي-  ۋۇي ، خوتۇن كىشى بىلەن  بازار ئايلىنىپمۇ ئىشمۇ ئوغلۇم .  بازار ئايلانغىنىڭ بولسا دوستلىرىڭ بىلەن ئايلان .  بۈگۈن گۈلسارەنىڭ ئۆيدە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بار .
مەريەمخان ئوغلى قاسىم بۈرگىنىڭ سۆزىنى  ئاڭلاپ ئۆي ئىچىگىلا كىردى،
-   ئەتە قىلسىمۇ بولىدىغۇ ئانا .  بەك بولمىسا سەنمۇ بىللە بارغىن،   سىلەرگە بىر قانچە قۇر كىيىم ئېلىپ بېرەي .
قاسىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان مەريەمخان قاشلىرىنى يىمىرىپ قويدى،
مەريەمخان ئۆز كۆڭلىدە گۈلسارە بىلەن بازار  ئايلىنىشنى خالىمايتتى .
-  ھە ، بولدى بولدى ، سىلەر بېرىڭلار،  ئۇ شۇنداق دەپ قويۇپ  چىقىپ كەتتى .
ئەركىن گۈلگىنەنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن .  دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ گۈلگىنەگە تېلېفون قىلدى .  بۇ چاغدا گۈلگىنە ، تېخى ئۇخلاۋاتقان بولۇپ .   ئېرىنچەكلىك بىلەن تېلېفوننىڭ ئېلىش كۇنۇپكىسىنى باستى .
-  ۋەي ئەركىن ئاكا، قاق سەھەردە  نېمىگە تېلېفون قىلدىڭىز ؟  ئۇخلىغىلى قويسڭىز بوممامدۇ دەيمەن،
گۈلگىنەنىڭ   ئەركە ئارىلاش دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئەركىننىڭ يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى .  ئۇ ئۆز كۆڭلىدە گۈلگىنەنىڭ  ئۆزىدىن . رەنجىپ قالمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن .  ئېغىز ئاچتى،
-   ۋاي ـۋۇي ، ئاپپاق مەلىكەم .   تاڭ ئاتقىلى نە ۋاق، ئەمدى ئورنىڭىزدىن تۇرسىڭىزچۇ .  سىزنى ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىدا ساقلاپ كەتتىم دەيمەن،
گۈلگىنە ئاخشامقى ئىشنى ئېسىگە ئالدى، ئاخشام  گۈلگىنە ئەركىنگە تېلېفون قىلغاندا ئەركىن ئالمىغان، كېيىن ئەركىن تولىمۇ مەس ھالدا  ئۇنىڭغا تېلېفون قايتۇرۇپ .  ئۆزىنى جېنىدىن ئەزىز بىلىپ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى .
گۈلگىنە ئەركىننىڭ ئاخشامقى شېرىن شېكەر سۆزلىرىنى ئېسىگە سەل مەسىتخۇشلانغان ھالدا دىدى،
ـ  سىز راستىنلا ئىشىك ئالدىدىما ئەركىن ئاكا،  ئاخشام مەسچىلىكتە دىگەن سۆزىڭىز يادىڭىزدا بادۇ؟  گۈلگىنە تولىمۇ يېقىملىق ئاھاڭدا ، بۇ سۆزلەرنى دىدى،
ئەركىن گۈلگىنەنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشتىن،  ئۆزىنىڭ ئاخشام گۈلگىنەگە  شېرىن شېكەر سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى،
ـ ئەلۋەتتە يادىمدا ئۇمۇقۇم،  شۇڭائەتىگەن سەھەردىلا  سىزنى سېغىنىپ  يېنىڭىزغا كېلىشىم .  تېزراق چىقىڭە جېنىم . .
ـ ھى، ھى،  ھى، ۋاي ۋۇي گەپلىرڭىز نىمانچە تاتلىق بوپ كەتتى دەيمەن، ناۋاتتەك گەپ قىلسىزغۇ،
ـ سىز دىگەن مىنىڭ مەلىكەم، يۈركۈم باغرىم تىز بولۇڭ، سىزنى ساقلاپ تاقىتىم تاق بولدى،
-  ماقۇل، سەل ساقلاڭ بىردەمدىلا چىقىمەن،
گۈلگىنەنىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلىپ ئورنىدىن تۇردى دە ، كىيىملىرىنى كىيىپ جابدۇشقا باشلىدى .  ئۇ ھەش پەش دېگۈچە گۈلدەك ياسىنىپ ھويلىغا چىقتى .
-   قىزىم نەگە باراي دەيسەن،   ئەتىگەندە ياسىنىپ تەييار بوپسەنغۇ،، ئايىمخان  ئىرغاڭلاپ كېلىپ گۈلگىنەدىن سورىدى .
-  ئەركىن ئاكام كەپتۇ ئانا، ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈپ كىرەي،  ناۋادا شەھەرگە كىرىپ كەتسەم مەندىن ئەنسىرمىگىن .
-   ياخشى بوپتۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىپ قورسىقىڭدىكى بالىنىڭ ئىشىنى ھەل قىل .
ئايىمخاننىڭ گىپىدىن  گۈلگىنەنىڭ  ئېسىگە قورسىقىدىكى بالىسى كەلدى .
-    بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق ئانا، ئەسكەرتمىسەڭمۇ بولىدۇ .
-  ماقۇل، ماقۇل سەندىن ئەنسرەپ شۇنداق دەيمەن تاتلىق قىزىم،
-    خاتىرجەم بولە ئانا، مەن ھەل قىلىمەن .
گۈلگىنە شۇنداق دەپ قويۇپلا  دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى .
ئۇ دەرۋازىدىن چىقىپ سەل نېرىراقتا توختىتىپ قويۇلغان .  ئەركىننىڭ ماشىنىسىغا كۆزى چۈشتى .  ئۇ ماشىنىنىڭ يېنىغا  كەلگەندە ئەركىن ماشىنىدىن چۈشۈپ گۈلگىنەگە ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى .
-   ياخشى تۇردىڭىزمۇ مەلىكەم، نىمانچە چىرايلىق بوپ كەتتىڭىز
-  ياخشى ئەركىن ئاكا، سىزنى سېغىندىم ،   گۈلگىنە شۇنداق دەپ ماشىنىغا چىقتى،
-   مېنى سېغىنغىنىڭىزدىن بەكلا خۇش بولدۇم جۇمۇ جېنىم .
ئەركىن ماشىنغا چىقىپ گۈلگىنەنىڭ كۆزلىرگە باققاچ ئۇنىڭ قوللىرنى ئالقىنىغا ئالدى،
-  دەڭە ئۇمۇقۇم بۈگۈن نىمىش قىلغۇڭىز بار، سىز نىمىش قىلىشنى خالىسڭىز شۇنى قىلىمىز،
-  مىنى سېغىنىپ كەتكەن ئىدىڭىزغۇ ئەركىن ئاكا، ئاۋال ئۆيىڭىزگە بارايلى ئاندىن نىمىش قىلىشنى ئويلاشساقمۇ ئۈلگۈرمىز،  
گۈلگىنە ناز قىلغۇچە شۇنداق دېدى .