چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:822 次
📑 章节目录
第27章:27-قىسىم
- مىنى سېغىنىپ كەتكەن ئىدىڭىزغۇ ئەركىن ئاكا، ئاۋال ئۆيىڭىزگە بارايلى ئاندىن نىمىش قىلىشنى ئويلاشساقمۇ ئۈلگۈرمىز،
گۈلگىنە ناز قىلغۇچە شۇنداق دېدى .
گۈلگىنەنىڭ بۇ گېپىدىن ئەركىن سەل تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدى . ئۇ ئۆز كۆڭلىدە تېخى ئاخشامقى سورۇنىنىڭ يىغىشتۇرۇلمىغانلىقى، ئېسىگە ئالدى . يەنە تېخى ھېلىقى ئىككى ساھىبجامالنىڭمۇ كەتكەن كەتمىگەنلىكى نامەلۇم ئىدى .
- ھە، سىزنى راستىنلا بەك سېغىندىم جېنىم، بىراق ئۆي سەل قالايمىقان . قاسىم ئىزدەپ كىپتىكەن ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇش قىلغان ئىدۇق . ئۆيلەرنى تېخى تازىلىمىغان!
ئۇ گۈلگىنەدىن يوشۇرمايلا شۇلارنى دېدى .
- ھېچقىسى يوق ، ئەركىن ئاكا، مېنى شۇنداق يات كۆرەمسىز .
مەن بارغاندىن كېيىن تازىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
- ھە ، ياقەي ، ئۇنداق ئەمەس . سىز دېگەن مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئادىمى، بولىدۇ ئۆيگە بارساقمۇ بارايلى . بىراق ئاۋۋال بازارغا كىرىپ سىزگە بىر قانچە قۇر كىيىم ۋە ياخشىراق يېگۈدەك نەرسە كېرەكلەرنى سېتىۋالايلى ئاندىن بارساقمۇ ئۈلگۈرىمىز .
ئەركىن قەستەن ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ شۇلارنى دىدى،
- بولدى ئەركىن ئاكا . ئالدىنقى قېتىم سىز ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنىمۇ تېخى تۈزۈك كىيىپ بولالمىدىم، ئۇنداقتا بىز شەھەرگە كىرىپ تاماق يەۋېلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيگە كىرىپ كېتەيلى .
- بولىدۇ بولىدۇ ماڭايلى ئەمىسە . ئەركىن ، يەنە تالاش تارتىش قىلىۋەرسە گۈلگىنەنىڭ گۇمانلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ماشىنىنى قوزغاتتى .
قاسىم بولسا گۈلسارەگە شۇنچە يالۋۇرۇپمۇ ئۇنى بازارغا بىللە ئېلىپ بېرىشقا كۆندۈرەلمىدى،
- سىزگە گەپ قىلغىنىم ھەرگىزمۇ سىزنى قوبۇل قىلغانلىقىم ئەمەس . سىز مېنى نابۇت قىلدىڭىز، مەن بۇ تويغا مەجبۇرىي ماقۇل بولدۇم . شۇڭا ئەمدى مېنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە بازار ئايلىنىشقا ۋە باشقا ئىشلارغا مەجبۇرلىمىغان بولسىڭىز . گۈلسارە قاسىم بۈرگىگە شۇنداق دېدى .
- ھە ، ياق ، ياق ، گۈلسارە ، سىزنى مەجبۇرلىغىنىم ئەمەس . سىزنى بۇ ئۆيدە ئولتۇرىۋېرىپ زېرىكىپ قالغانمىدۇ دەپ شۇنداق دېگەن ئىدىم . ناۋادا بارغۇڭىز بولمىسا ، مەن بۇ گېپىمنى قايتۇرۋالاي .
گۈلسارە ئېغىر بىرنى تىنىپ قويغاندىن كېيىن قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيلەرنى تازىلاشقا باشلىدى . قاسىم بۈرگە خېلى ئۇزۇن ئولتۇرغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ كەتتى . ئۇنىڭغا قانچە قىلسىمۇ گۈلسارەنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمايدىغاندەك بىلىنۋاتاتتى،
ئۇ سىرتقا چىقىپ ماشىنىسىنى شەھەر تەرەپكە قاراپ قوزغاتتى،
مەريەمخان ئوغلىنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىنى گۈلسارەنىڭ ئۆي ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە مەمنۇن بولدى .
- ئوغلۇم بىلەن بىللە يۈرۈشكە ماس كېلەتتىمۇ ، بۇ تومپاي . مۇشۇنداق بولغاندا ئوغلۇمنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى بۇ تومپايدىن ئكۆڭلى قالىدۇ . مۇشۇنداق بولغىنى تولىمۇ ياخشى ئىش . مەريەم خان ئۆز ئۆزىگە شۇنداق دېدى .
قاسىم كېتىۋاتقاچ نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدى، ئۇ گۈلسارەنىڭ ئۆزىنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى . ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتۈشىنى ئويلايتى، ئەمما بۇ ئىشلار مەڭگۈ ئۇنىڭغا كەلمەيدىغاندەك بىلىنىۋاتاتتى .
ئەركىن بىلەن گۈلگىنە شەھەرگە يېتىپ كېلىپ مەلۇم بىر ئاشخانىغا كىرگەندىن كېيىن بىر نەچچە خىل قورۇمىلارنى قورۇتۇپ تاماق يېيىشكە باشلىدى،
ئەركىن ھېلىھەم ئۆز كۆڭلىدە دەككە دۈككىدە ئىدى . ئۇ گۈلگىنەنىڭ ئاخشامقى ئىشلارنى بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئامال بار تاماق ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈشكە تىرىشتى .
- ھە، بۇ قورۇمىلار ئوخشاپتۇ، جىقراق يەڭ .
- مەن بەك تويۇپ كەتتىم ئەركىن ئاكا . ئەمدى يەۋەتسەم سەمىرىپ كېتىمەن .
- ۋوي ۋوي ، سىز شۇنداق ئورۇق تۇرۇپ سەمىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەمسىز، ھېچنېمە بولمايدۇ ، قېنى جىق - جىق يەڭ ھە .
ئۇلار بىر بىرىگە يېگۈزۈشۈپ بىر بىرىنىڭ تەخسىلىرىگە قورۇمىلارنى ئېلىشىپ دېگۈدەك تاماقنى خېلى ئۇزۇن يېگەندىن كېيىن ئەركىننىڭ ئۆيىگە ماڭدى .
ئەركىن ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ ئاچقۇچنى ئىشىكىگە سېلىپ ئىشىكنى ئاچتى .
ئۆي ئىچىنى ھاراقنىڭ ئاچچىق پۇرىقى بىر ئالغان بولۇپ . يەردە ۋە جوزا ئۈستىدە تاشلاقلىق ھاراق بوتۇلكىلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى .
ئەركىن يۈرىكىنىڭ قاتتىق سوقۇشىغا ئەگىشىپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ ياتاق ئۆيگە كۆز يۈگۈرتتى . ئۇ ياتاق ئۆيدە ھېچكىمنىڭ يوقلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن يۈرىكى سەل ئىزىغا چۈشكەندەك بولدى .
- ۋاي ۋۇي ، بۇ ئۆي نېمانچە سېسىق پۇراپ كەتتى ئەركىن ئاكا، دېرىزىلەرنىمۇ ئاچماپسىز .
- ھە ، سىزگە دېدىمغۇ گۈلگىنە ئۆينى تازىلىمىغان دەپ . لېكىن سىز يەنىلا بارايلى دەپ تۇرۇۋالدىڭىز .
- ئەمىسە نەگە بارىمىز ؟
- ھە ، ھېچقىسى يوق . مەن تازىلىۋېتەي . سىز بىردەم ماۋۇ يەردە ئارام ئالغاچ تۇرۇڭ .
ئەركىن شۇنداق دەپ گۈلگىنەنى كىرىسلوغا باشلىدى .
گۈلگىنە كىرىسلوغا كېلىپ ئۆزىنى تاشلاپ ياتقاندىن كېيىن . تېلېفوننى قولىغا ئالدى .
ئەركىن ئالدىراپ ئاۋۋال ياتاق ئۆيگە كىرىپ ، ياتاق ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى . ئۇ ياتاق ئۆيدىكى كىرلىكلەرنى ئالماشتۇرپ، يەرلەدىكى قەغەز پارچىللىرنى تازلاپ ئۆينى پاكىز ھالىتگە ئەكىلۋەتكەندىن كىيىن كۆڭلى جايىغا چۈشتى،
ئۇ گۈلگىنەنىڭ ياتاق ئۆيگە كىرمەي كىرسلودا يېتىپ ئارام ئېلىپ تۇرغىنىدىن بەكلا خۇش بولدى،
ئەركىىن ئۆينى پاكىز قىلۋەتكەندىن كىيىن كىيملىرنى ئالماشتۇرۇپ كىرىسلودا ياتقان گۈلگىنەنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى،
- ئەمدى ئېيتىڭە گۈلگىنە . ماۋۇ كۈنكى گەپ زادى قانداق گەپ ؟
- قايسى گەپنى دەيسىز ؟
- سىز ماڭا ناۋادا مەن بالىڭىزغا ھامىلدار بولسام مەن بىلەن توي قىلامسىز دېگەن ئىدىڭىز . بۇ گەپ راستمۇ؟
- گۈلگىنە ئەركىننىڭ بۇ ئىشنى قايتا سورايدىغانلىقىنى، ئويلىمىغان ئىدى . دېمەك ئەركىن بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقاندەك تۇراتتى .
- مەندە شۇنداق ئۆزگىرىش بادەك تۇرىدۇ، بىراق تېخى ئېنىق ئەمەس، تەكشۈرۈش قىلىپ باقساق ئاندىن بىلىمىز، گۈلگىنە ئانىسى ئايىمخاننىڭ گىپىنى ئەسكە ئېلىپ ئەركىنگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيىتىشنى ئويلاشتى، بىراق ئۇ كۆڭلىدە ئىليار ئاكىسىدىن پەقەتلا ۋاز كىچەلمەيۋاتاتتى،
- ئۇنداقتا تەكشۈرۈتۈپ باقايلى ئۇمۇقۇم، بالامغا ھامىلدار بولسىڭىز بىز تىزراق تويىمىزنى قىممىساق بولمايدۇ، ئەركىن گۈلگىنەنىڭ بۇرنىنى چىمدىپ ئەركىلتىپ قويدىدە ئۇنى يىنىك قۇچاقلىدى،
- بىز ھازىرلا بېرىپ تەكشۈرتۈپ كېلەيلى گۈلگىنە . مېنىڭ راستلا بەك بىلگۈم بار . ئەركىن گۈلگىنەگە شۇنداق دېدى .
- بولىدۇ .
ئۇلار ھەش پەش دىگۈچە دوختۇرخانىغا بېرىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقتى .
ئەركىن بىلەن گۈلگىنە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتكەندىن كىيىن ئۇلار تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلىپ دوختۇرنىڭ يېنىغا كىردى،
ـ سىز ھامىلدار بوپسىز قىزچاق ھامىلىگە 8ھەپتە بولدى ، دوختۇر گۈلگىنەگە قاراپ شۇنداق دىدى،
ـ ھە، ئۇنداقتا مەن دادا بولدىغان بوپتىمەندە، رەھمەت سىزگە دوختۇر، دوختۇرنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان ئەركىن ھاياجان بىلەن گۈلگىنەنىڭ دوختۇرغا جاۋاپ قايتۇرشىنىمۇ كۈتمەي شۇلارنى دەپ ئۈلگۈردى،
ـ رەھمەت ئېيىتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ھامىلىنىڭ يۈرەك سۇقىشى ناھايىتى نۇرمال، ياخشىراق كۈتۈنۈپ، ۋاقتى ۋاقتىدا ھامىلە تەكشۈرشى قىلپ تۇرۇڭ،
ـ بولىدۇ بولىدۇ، رەھمەت سىزگە دوختۇر، يۈرۈڭ گۈلگىنە،
ئەركىن خۇشاللىغىدا گۈلگىنەنى ئېلىپ دوختۇر ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتتى ، ئەركىن بەكلا خۇش بولغاندەك كۈرۈنەتتى،
ـ ئەمدى قانداق قىلمىز ئەركىن ئاكا،
ـ قانداق قىلاتتۇق ئەلۋەتتە تۇيمىزنى قىلىپ بالىنى ياخشى باقىمىز، قۇسقىڭىزنى قۇزامنى تەسەۋۇر قىلىپ خۇش بوپ كىتىپ بارىمەن دىسە، ھى، ھى ھى،
ئەركىن گۈلگىنەنىڭ قۇسقىغا قۇلىنى قۇيۇپ شۇنداق دىدى،
ـ توي قىلامدۇق؟
ـ ئەلۋەتتە، مەن تىزلا ئۆيىڭىزگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىمەن، تۇيمىزنى قىلىپ سىزنى ئۆيۈمگە ئەكىلۋالمىسام بولمايدۇ، بولمىسا سىز جاپا تارتىپ قالىسىز ئۇمۇقۇم،
گۈلگىنە سەل جىمىپ قالدى، ئۇ ئەركىن بىلەن پەقەت كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈنلا يۈرگەن، بىراق ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ بالىسغا ھامىلدار بوپ قالدى، مۇشۇ سەۋەپ تۈپەيلى ئۇنىڭ ئىليار ئاكىسغا ياتلىق بولۇش خىيالى كۆپۈككە ئايلىنىش ئالدىدا تۇراتتى،
ـ ھازىر مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويسڭىز بولامدۇ ئەركىن ئاكا، مەن سەل چارچاپ قالدىم، ئۇنىڭ يەنە ئەركىن بىلەن بۇ تېمىدا پاراڭلاشقۇسى كەممىدى بوغاي ئۆيگە قايتىشنى ئويلاشتى،
ـ ھە، ئەلۋەتتە بولىدۇ جىنىم، قۇسقىڭىز ئاچسا ياخشى نەرسىلەرنى يەڭ نىم يىگۈڭىز بوسا ماڭا دەڭ، مەن ئاپىرىپ بىرمەن، سىزنى ئۇزۇن ساقلاتمايمەن، بۇ ئىشنى دادام ئاپاملاغا ئېيتىپ تىزلا تۇيىمىزنى قىلمىز، ئەركىن خۇشلىقىدا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي شۇلارنى دىگەچ ماشىنىنى گۈلگىنەنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ھەيدىدى،
گۈلگىنە ماقۇل دىگەن مەنىدە يىنىك باش لىڭشىتقاندىن باشقا ھىچنىمە دىمىدى،
ئارىدىن ھەپتە ئۈتتى، ھەش پەش دىگۈچە گۈلسارە توي قىلغىلى بىر ئايچە بولاي دىگەن ئىدى،
ئۇنىڭ تۇرمۇشى رەت تەرتىپكە سېلىپ قويغاندەكلا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى . ئۇ ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاش تاماق ئېتىش ئۆي ئىشى قىلىشقا كىرىشىپ كەتسە كۈن كەچ بولاتتى . مەريەمخان گۈلسارەنىڭ ئىشچانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈنەتتى . ئۇ گۈلسارەنى كېلىنى ئەمەس ، بەلكى بىر ئائىلە خىزمەتچىسىدەك كۆرەتتى .
گۈلسارە ئەزەلدىن بۇنداق تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا . مەريەمخاننىڭ بۇ قىلىقلىرىنى كۆڭلىگە ئالمايتتى . ئۇ ئۆز كۆڭلىدە تەقدىر پىشانىسىگە مۇشۇ خىل تۇرمۇش پۈتۈلگەندەك ھېس قىلىپ قالدى،
ـ گۈلسارە ۋوي گۈلسارە . تېز بېرىپ قايماق ئېلىپ كىلىڭ، سەل تۇرۇپ مېھمانلار كەلسە ئۇلارغا قايماق چاي دەملەيمىز .
بۈگۈن مەريەمخان ئۆيگە مېھمان چاقىرغان بولۇپ . ئۇ ئەتىگەندىن بېرى گۈلسارەنى نەچچە خىل تاماق ئېتىشقا بۇيرۇغاندىن سىرت . يەنە ھەرخىل تاتلىق تۈرۈم ۋە مېۋە چېۋىلەرنى ئېلىپ كېلىپ داستىخانغا تىزدۇردى .