چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:833 次
📑 章节目录
第28章:28-قىسىم
بۈگۈن مەريەمخان ئۆيگە مېھمان چاقىرغان بولۇپ . ئۇ ئەتىگەندىن بېرى گۈلسارەنى نەچچە خىل تاماق ئېتىشقا بۇيرۇغاندىن سىرت . يەنە ھەرخىل تاتلىق تۈرۈم ۋە مېۋە چېۋىلەرنى ئېلىپ كېلىپ داستىخانغا تىزدۇردى .
ـ ھە مانا ئاپا ھازىر باراي . گۈلسارە مەھەللىگە قايتىپ كەلگەندىن بېرى ئەزەلدىن سىرتقا چىقىپ باقمىغان بولۇپ . ئۇ تۇرۇپلا جايىدا توختاپ قالدى .
ـ ھە ، ئانا! قايماقنى نەدىن ئېلىپ كېلىمەن .
ـ نەدىن ئېلىپ كېلەتتىڭىز . مەھەللە دوقمۇشىدىكى ھەمراخاننىڭ دۇكىنىدا قايماق ساتىدۇ . شۇ دۇكاندىن ئېلىپ كېلىسىز ئەلۋەتتە .
ـ ھە ، ماقۇل ئانا ، مەن ھازىرلا باراي گۈلسارە ئالدىراپ ئىشىكتىن چىقتى . ئۇ مەھەللە دوقمۇشىغا قاراپ ماڭدى .
ئۇ كېتىۋېتىپ ئىليارنى ئەسكە ئالدى .
ـ ناۋادا ئىليار ئاكام ئۇچراپ قالسا قانداق قىلارمەن، ئۇنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارامەن، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزىگە يىغا ئولىشىپ يولنىمۇ كۆرەلمەي قالدى .
گۈلسارە شۇ خىياللار بىلەن كېتىۋېتىپ مەھەللە دوقمۇشىغا يېتىپ كەلدى، ئۇ مەھەللە دوقمۇشىغا كەلگەندە يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ . قاتتىق يىغا تۇتتى .
تونۇش جاي ، تونۇش ئورۇن . ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ مۇشۇ جايدا ئىليار كاسكىنى ساقلاپ كەلگەن ئۇلار مۇشۇ جايدا ئۇچرىشىپ بىللە ئوينايتتى، بىللە قوي باقاتتى، ئەمما ھازىر ھەممە ئۆزگەردى، ئەمدى ئۇ بۇ جايدا ھەرگىزمۇ ئىليار ئاكىسىنى ساقلىيالمايدۇ،
گۈلسارە خېلى ئۇزۇن تۇرغاندىن كېيىن . ئېسىنى يىغىپ ھەمراخاننىڭ دۇكىنىغا كىرىپ كەتتى .
ـ ۋاي ۋۇي ، گۈلسارە قىزىم قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ توي قىلغاندىن بېرى سىزنى پەقەتلا كۆرمىدىمغۇ . ھەمراخان ئىشىكتىن كىرگەن گۈلسارەنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن سورىدى .
ـ تويدىن كېيىن ئالدىراش بولماي دېسەكمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدىكەنمىز ھەمراخان ھامما . ئايىمخان ئانامنىمۇ يوقلاپ كېلەلمىدىم .
ـ ئۆزىڭىزچۇ ياخشى تۇرۋاتامسىز قىزىم . ھەمراخان گۈلسارەگە كۆيۈنگەن ھالدا سورىدى .
ـ مەن ياخشى . ئانام قايماق ئەكىلىڭ دېۋىدى .
ـ ھە ، قايماقمۇ قايماق بار قىزىم قېنى كېلىڭ . ھەمراخان ئىككى قاچا قايماقنى ئېلىپ گۈلسارەگە تۇتقۇزدى .
ـ رەھمەت ھەمراخان ھامما، ئەمىسە مەن قايتاي بۇ پۇلنى سىزگە بېرەي .
ـ گۈلسارە شۇنداق دەپ قولىدىكى پۇلنى ھەمراخاننىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندىن كېيىن دۇكاندىن چىقىپ كەتتى .
گۈلسارە ھەمراخاننىڭ دۇكىنىدىن چىققاندىن كېيىن . ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى،
ـ گۈلسارە، ھەي گۈلسارە. تونۇش ئاۋاز . تۇيۇقسىز گۈلسارەنىڭ يۈرىكى قاتتىق سوقۇپ قەدەملىرى جايىدا توختاپ قالدى . ئۇ بەئەينى ئىزىدا قاتۇرۇپ قويغاندەك مىدىرلىيالمايۋاتاتتى .
ـ قانداق ئەھۋالىڭ گۈلسارە . ياخشى تۇرۋاتامسەن . يېقىندىن بېرى كۆرۈنمەيسەنغۇ ؟ ئىليار كاسكى ئاۋۋالقىدەك سوئال سوراشقا باشلىدى .
ـ مەن ياخشى ئىليار ئاكا رەھمەت ساڭا . گۈلسارە مىڭ تەسلىكتە ئېغىزدىن بۇ سۆزلەرنى چىقارغاندىن كېيىن ماڭماقچى بولدى .
ـ توختاپ تۇرغىن گۈلسارە سەندىن سورايدىغان بىر نەچچە ئېغىز سوئالىم بار .
ـ سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئىليار ئاكا . ماڭا گەپ قىلمىغىن . ماڭا ياخشى بولسۇن دېسەڭ ، ماڭا ئەمدى گەپ قىلمىغىن .
گۈلسارە يالۋۇرۇش تەلەپپۇزىدا شۇنداق دېدى .
- گۈلسارە مەن ...
گۈلسارە گېپىنى تۈگىتىپلا ئىليار كاسكىنىڭ گىپىنىمۇ ئاڭلىماستىن كېتىپ قالدى . ئىليار چۈشۈنەتتى، گۈلسارە ھازىر بۇرۇنقى گۈلسارە ئەمەس ، ئۇ ھازىر ئاللىقاچان . باشقىلارنىڭ ئايالى بولۇپ بولدى . ناۋادا ئۇنىڭ بۇ دوقمۇشتا ئىليار كاسكى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغىنىنى باشقىلار كۆرۈپ قالسا ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يۈزى تۈكۈلەتتى، شۇڭا ئۇ گۈلسارەنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشتىن توختاپ قالدى.
گۈلسارە ئارقىسىغىمۇ ئۆرۈلمەستىن ئىليار كاسكىنىڭ يۈزىگە بىر قېتىم قاراپمۇ قويماستىن كېتىپ قالدى .
ئازابتىن يۈرىكى يېرىلغۇدەك بولغان ئىليارنىڭ كۆزلىرگە ياش كەلدى . ئۇ بىراۋنى شۇقەدەر ياخشى كۈرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى . ئامالسىزلىق چىكىگە يەتتى، چبىراۋنى كېچە كۈندۈز سېغىنىپ كېچە كۈندۈز ئەسلەپ . ئۇنى ئۇچراتقاندا كۆڭلىكىنى ئېيتىش تۈگۈل يۈزىنى بىر كۈرۋېلىشمۇ ئۇنىڭغا نىسىپ بولمىدى، ئۇ ئۆز تەقدىرىدىن زارلاندى،ئۇنىڭ يۈركىدىكى گۈلسارەگە بولغان چوڭقۇر مۇھاببىتى ئاجىزلىشىش تۈگۈل كۈنسىرى چوڭقۇرلاپ مېڭىۋاتاتتى، ئىليار يول بويىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇردى.
ئۇ تۇرۇپلا گۈلسارەنى ئۆزىدىن ئايرىۋەتكەن ئايىمخان گۈلگىنە ۋە قاسىم بۈرگىدىن نەپرەتلەندى.
ـ سەنلەرنىڭ نېمە ھەققىڭ بار ئىدى، بىزنى مۇشۇ كۈنگە قويغىدەك بىز زادى سەنلەرگە نېمە قىلغان، مەن ھەممىڭنى بوش قويىۋەتمەيمەن، مەن چۇقۇم سەنلەرنى ۋەيران قىلىپ ئازاپقا قۇيىمەن، مەن سەنلەرگە ئازاپنىڭ تەمىنى تېتىتىمەن ئىليار ئۆز ئۆزىگە پىچىرلاپ قويدى،
گۈلسارە بولسا تىز تىز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ مەريەمخاننىڭ تاپا تەنلىرىدىن قورقۇپ ئالدىراپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى . ئۇ يىغلاشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئىدى . ئۇنىڭ يۈرىكى لەختە بولۇپ كەتتى . ئۇ يۈرىكىنىڭ ئېچىشىغاقارىماي، ئۆز تەقدىرىدىن زارلىنىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي مەريەمخاننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە تاماق ئېتىشكە باشلىدى،
قاسىم بۈرگە بولسا خېلى ئۇزۇن گۈلسارەنىڭ ئىشقا پېراقىدا كۆيۈپ يۈردى . ئۇ سىرىتتىن شۇنچە خۇشاللىق ئىزدەپمۇ ئۆز خۇشاللىقىنى تاپالمىدى، يېقىندىن بىرى قاسىم قانچە قىلىپمۇ گۈلسارەنىڭ كۆڭلىنى ئالالمىغاندىن كېيىن ئاساسەن گۈلسارە بىلەن كارى بولمايدىغان بولدى .
مەريەمخان ئوغلىنىڭ گۈلسارە بىلەن كارى بوممىغىنىدىن سۈيۈنۈپ گۈلسارەنى ئەتىدىن كەچكىچە بىكا قويماس بولغان ئىدى،
ـ گۈلسارە تىز چاي ئەپ كىلىڭ، تاماقلارنى تىز تىز ئۇسۇپ چىقىڭ.
مەريەمخان بۈگۈنمۇ گۈلسارەنى توختىماي ئىشقا بۇيرۇپ ھالىنى قويمىدى، گۈلسارە چارچاپ تەرلەپ ھالىدىن كەتكەن بولسىمۇ توختىماي مەريەمخان بۇيرىغان ئىشلارنى قىلىپ ئۈلگۈرەتتى.
ـ كىلىنىڭىز بەكلا چاققان ھەم قولى گۈلكەن جۇمۇ مەريەمخان،
مەريەمخاننىڭ مىھمانلىرى گۈلسارەنى ماختاپ قويدى،
ـ شۇ، شۇ، مىھمانلا قېنى بېقىشسىلا مەريەمخان شۇنداق دىگەچ چالا ھىجىيىپ قويدى،
ـ قېنى ئەمدى گۈلسارە چىقىپ قايماق چاينى دەملەپ چىقىڭ،
ئايىمخان گۈلسارەنى چاي ئەپ كىلىشكە بۇيرىدى،
ـ خوپ ئانا، گۈلسارە چىقىپ كىتىپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپلا تۇيۇقسىز بېشى قېيىپ يىقىلىپ چۈشتى،
مەريەمخان خېلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ گۈلسارەنىڭ تېخىچە كىرمىگىنىدىن . گۈلسارەنى توۋلاشقا باشلىدى .
ـ گۈلسارە، ۋوي گۈلسارە قېنى بۇ چاي .
مەريەم خان بىر قانچە قېتىم توۋلىغان بولسىمۇ ، گۈلسارە يەنىلا جاۋاپ قايتۇرمىدى،
ـ مەن چىقىپ چاينى ئېلىپ كېلەي مېھمانلا، مەريەمخان گۈلزارەدىن جاۋاب كەلمىگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ . سىرتقا چىقتى . ئۇ ئاشخانا ئۆيگە كىرىش ئۈچۈن ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ يەردە ياتقان گۈلسارەگە كۆزى چۈشتى .
ـ ۋاي ۋۇي ، ماۋۇ قىزنى كۆرمەمدىغان . بىر كۈن ئىشقا سېلىپ قويسام ، بۇ يەردە يېتىۋاپتىغۇ ئەمدى .
ـ قاسىمجان ۋوي قاسىمجان . مەۋەگە چىقە بالام قاسىمجان، مەريەمخان ياتاق ئۆيگە بېكىنىپ ئۇخلاۋاتقان قاسىمنى توۋلىدى . قاسىم تاڭ سەھەر ئولتۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ ئۇ تېخىچە ئۇخلاۋاتاتتى .
مەريەمخان قاسىمنىڭ تېخىچە چىقمىغىنىنى كۆرۈپ ئالدىراپ ياتاق ئۆيگە كىردى .
ـ ئورنۇڭدىن تۇرە بالام . ئاۋۇ مەلىكە خوتۇنۇڭ، ئازراق ئىشقا سېلىپ قويسام ئاشخانا ئۆيدە يەردە ياتىدۇ، ئۇنىڭغا نېمە بولدىكىن بىلمىدىم، مەريەمخان شۇنداق دەپ قاسىمنى سىلكىپ ئويغىتىشقا باشلىدى .
ـ كىم يەردە ياتىدۇ ئانا، نېمە دەۋاتىسەن مېنى ئۇخلىغىلى قويساڭ بولمامدۇ، نېمە ئىش بولسا گۈلسارەگە دە . ئۇ قىلىپ بەرسۇن .
ـ ۋاي ۋۇي ، مەن شۇ گۈلسارەنى ياتىدۇ دەۋاتىمەن تۇرە ئۇنىڭدىن ، ھۇ گۇينىڭ بالىسى .
ـ گۈلسارە نەدە ياتىدۇ ؟ ئۇنىڭغا نېمە ئىش بوپتۇ ؟ قاسىم بۈرگە ئايىمخاننىڭ گۈلسارە يەردە ياتىدۇ دېگەن گېپىدىن ئورنىدىن تۇردى .
ـ گۈلسارە ئاشخانا ئۆيدە يەردە ياتىدۇ دېدىم بالام ، ئاۋۋال بىر ئورنۇڭدىن تۇرۇپ سىرتقا چىققىنە .
قاسىم بۈرگە ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئاشخانا ئۆيگە يۈگۈردى . ئۇ ئاشخانا ئۆيىگە كىرىپ يەردە ھوشسىز ياتقان گۈلسارەنى كۆردىدە يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى قۇچىقىغا ئالدى .
ـ گۈلسارە كۆزىڭىزنى ئېچىڭە سىزگە زادى نېمە ئىش بولدى ؟ كۆزىڭىزنى ئېچىڭە گۈلسارە . ئانا ئۇنى نېمە قىلدىڭ!
ـ مەن ... مەن ئۇنى نېمە قىپتىمەن . ئۇنى تاماق ئەتكىلى سالدىم شۇ .
ـ ۋاي ۋۇي ، ئۇنى ئىشقا سالساڭمۇ ئۇنى شۇنچىۋالا چارچىتىۋىتەمسەن دەيمەن، ئۇ يا تۆمۈر ئادەم بولمىسا . تېز بول ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى .
ـ ۋوي ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ . مەن ئۇنى ئېتىزغا ئېلىپ چىقىپ كەتمەن چاپقىلى سالمىدىم ئاش تاماق ئەتتى شۇ . ئازراق ئىش قىپ قويغانغا بۇ يەردە ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ يېتىۋالسا . مەن قانداق قىلىپ بېرەي، دوختۇرخانىغا ئۆزۈڭ ئاپا ، مېنىڭ ۋاقتىم يوق . ئوھوش،
مەريەمخان گېپىنى تۈگىتىپ كۆزنى ئالايتقىنىچە مېھمانلىرىنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتى .
قاسىم بۈرگە گۈلسارەنى كۆتۈرۈپ ماشىنىسىغا سالغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتى .
ـ مېنى كەچۈرۈڭ گۈلسارە، سىزنى ماڭا كۆڭۈل بەرمىدى دەپ سىزدىن ئاغرىنىپ سىزگە قارىماي قويدۇم . سىزگە كۆڭۈل بۆلەلمىدىم . مەن نامەرىد، راستىنلا ئادەم ئەمەسكەنمەن،
قاسىم بۈرگە يول بويى ئۆز ئۆزىگە سۆزلەيتى،
بۇ چاغدا ئىليار كاسكى، مەھەللە دوقمۇشىدا ئاغىنىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى . ئۇ قاسىم بۈرگىنىڭ ماشىنىسىنىڭ يىراقتىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يۈرىكى سەل مۇجۇلغاندەك بولدى .
ـ نېمە بولدى ئاداش ، ئەجەب ئۇ قاسىم باينىڭ ماشىنىسىغا قاراپ كەتتىڭغۇ ؟ ئارىدىن ئىليار كاسكىنىڭ ئاغىنىلىرىدىن بىرى شۇنداق دېدى .
ـ ھە ، ھېچنېمە ، قاراپ قويدۇم شۇ .
ـ ساڭا دېسەم ئاداش . قاسىم بۈرگىنىڭ ئاغىنىسى ئەركىننى تونۇمسەن؟ ئاڭلىسام گۈلگىنە سەتەڭنىڭ بويىدا بارمىش ئۇ دەل شۇ قاسىم بۈرگىنىڭ ئاغىنىسى ئەركىننىڭ بالىسىمىش . ئەركىن نەچچە كۈندە بىر كېلىپ گۈلگىنەنى يوقلايدىكەن ، ئۇلار بۇرۇنلا بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپتىكەن . پات ئارىدا تويى بولغۇدەك، ئاڭلىسام ئەركىن دېگەن بۇ سولتەك، قاسىم بۈرگىدىنمۇ بەكرەك باي ئىكەن . ئەسلى بۇ گۈلگىنە دېگەن گۈلسارەگە قىلغانلىرىغا لايىق جاجىسىنى تارتقان بولسا ياخشى بولاتتى . باي ئەرگە تىگىپ ياخشى كۈنگە ئېرىشدىغان بولغىنىنى كۆرمەمدىغان .
ئىليار ئاغىنىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سەل ئىچى ئاچچىق بولدى . ئۇ ئالدىنقى قېتىم ئايىمخان بىلەن گۈلگىنەنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىگە بۆھتان چاپلاپ گۈلگىنەنىڭ ئۆزىگە ياتلىق بولۇش پىلانىنى تۈزگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى .
ـ ئاداش ، ئازراق ئىشىم بار ئىدى ، ساڭا سەل تۇرۇپ تېلېفون قىلاي . ئىليار تۇيۇقسىز ئاغىنىسىگە شۇنداق دېدى .
ـ ھە ، بولىدۇ بولىدۇ . ئەمىسە يوقاپ كەتمە ھە،
ئىليار كاسكى ماقۇل دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويغاندىن كېيىن . ئايىمخاننىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .