چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:16 次
📑 章节目录
第1章:1-قىسىم
1-قىسىم بۇ يايلاق ئەجەپ يايلاق ئەجەپمۇ يايلىيالمادىم ئەجەپمۇ يايلىيالمادىم .
بۇ يايلاق ئەجەپ يايلاق يايلىيالمادىم، ئەجەپمۇ يايلىيالمادىم،
يايلىساممۇ يايلادىم ئۇتۇڭغا چىدىيالمادىم، دەرتكە پايلىيالمادىم،
يايلىساممۇ يايلادىم ئۇتۇڭغا چىدىيالمادىم دەرتكە پايلىيالمادىم .
يازنىڭ مەيىن شامىلىدا دەرەخلەرنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىغا قۇشۇلۇپ كەتكەن گۈلسارەنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئېتىزلىقتىن ئاڭلىنىۋاتاتتى.
ئېتىزلىققا كەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولسىمۇ ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەن گۈلسارەنى ئىزدەپ كەلگەن ئايىمخان ئىتىزنىڭ قىرغىقىغا كىلىپ ناخشا ئېيىتقاچ قوناق ئوتاۋاتقان گۈلسارەنى توۋلىدى:
- ھەي گۈلسارە ... ھەي گۈلسارەك ۋايجان ھۇ بېشىڭنى يەيدىغان . كەچكىچە ھاڭگا ئىشەكتەك توۋلاپ قوناقلىقتىن چىقمايسەن، بىرەسى تىگىگە بېسىۋامىغاندۇ سىنى چىقە مەۋەگە.
ئايىمخان قىر تۈۋىگە كىلىپ، بولىشىغا گۈلسارەنى توۋلاشقا باشلىدى .
- ھە، ھە ، مانا ئانا، مانا كەلدىم . گۈلسارە ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كۆينىكىنىڭ ئېتىكىنى قوللىرى بىلەن تۈزلىگىنىچە بىر قولىدا ئوتىغۇچنى تۇتۇپ يەنە بىر قولىدا ئوتلىرىنى يىغىشتۇرۇپ خالتىسىغا سالغاندىن كېيىن ، خالتىسىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ ئالدىراپ قوناقلىق ئىچىدىن چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ماڭدى، ئۇنىڭ ئۆزىگە خوپمۇ ياراشقان ئىككى ئۆرۈم چېچى بەللىرىگە چۈشۈپ تۇرغان بولۇپ ، كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايتتى . ئىسسىقتا تەرلەپ كەتكەنلىكتىنمۇ ئېيتاۋۇر ،ئۇنىڭ مەڭزىلىرى توغاچتەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، قۇيۇق كىرپىكلىرى ئاستىدىكى بۇلاقتەك كۆزلىرى ۋە گىلاستەك لەۋلىرى ئادەمنى ئىختىيارسىز ئىشىق ئوتىغا سالاتتى ...
- ھەي ، يېتىمەك ئەتىگەننىڭ ياقى يوقاپ كېتىپ ئالغىنىڭ ئاران مۇشۇ بىر خالتا ئوتما؟ كۈن چۈش بولدى ھازىر، قورساق ئېچىپ ما دۈمبىگە چاپلىشىپ كەتتى ھازىر، قۇناقلىقتا بىرەسى بىلەن ئىش پەش تارتىشىپ يۈرگەن ئوخشىمامسەن!
- مەن ... مەن ئۇنداق ئىش يوق ئانا . شۇ ئوتلا تېخى ئاغىدەك بومماپتىكەن ...
- تولا باھانە ئىزدىمەي . تېز ئۆيگە بېرىپ تاماق ئەت . ئاندىن كېلىپ ئىككى خالتا ئوت ئال . سەن يېتىمەكنى باققانغا تۇشلۇق ئىش قىل يىگەن نېنىڭ قىلغىن ئىشىڭدىن جىق ...
- ماقۇل ئانا ...
گۈلسارە ئايىمخاننىڭ ئالدىغا چۈشۈپ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى ...
- قاراڭلا گۈلسارە كىلۋاتىدۇ ئاۋۇ گۈلسارە ئىكەن . يۈرۈڭلا ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋالايلى .
يىراقتىن گۈلسارەنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرگەن مەھەللىدىكى بىر قانچە كەپسىز بالىلار گۈلسارە تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشۈپ كەلدى . ...
- ھوي گۈلسارە ئالغان ئوتۇڭدىن بىزگە ئازراق بەرسەڭچۇ . بىزنىڭ ئۆيدىكى قوزىچاقنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كېتىپتۇ . ھى، ھى، ھى
- ماڭىمۇ ئازراق بەگىنە مىنىڭ ئۆچكەمنىڭ قۇسقىمۇ بەك ئېچىپ كىتىپتۇ ... ھى، ھى ھى
- ھەي ئۇنداق قىمماڭلا ھەي... گۈلسارە دولىسىدىكى خالتىنى تارتىپ كىتىۋاتقان بالىلاردىن خالتىسنى قاچۇرغاچ بالىلارنىڭ قوللىرنى ئىتتىردى.
بالىلار شوخ ھەم كەپسىز ئىدى . بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنىڭ كۆزى گۈلسارەنىڭ پۇتىدىكى كەيگىلى نەچچە ئاي بولغان كونىراپ يىرتىلىپ كەيگىدەك ھالى قاممىغان ئايىقىغا چۈشتى ؛
- ھوي ، گۈلسارە ئايىغىڭ يىرتىلىپ كېتىپتىغۇ ؟ ئاپاڭ ساڭا ئاياغ ئېلىپ بەمىدىما، ياكى بوممىسا مەن چوڭ بولغاندا ماڭا ياتلىق بول مەن ساڭا ئەپ بىرەي ھى، ھى، ھى،
- ھەي يىتمەك نىم ماڭماي تۇرىسە ما قۇساق ئېچىپ كەتتى دەتىمە ساڭا ئايىمخان ئارقىسىغا قاراپ گۈلسارەنىڭ ئۆزىدىن سەل يىراقتا بالىلار بىلەن تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى .
- ھە... مانا ئانا ... مېڭلا نېرى بېرىپ ئويناڭلا گۈلسارە بالىلارغا شۇنداق دەپ قۇيۇپ ئايىمخاننىڭ ئارقىسدىن ئەگىشىپ ئۆي تەرەپكە قاراپ تىز تىز يۈرۈپ كەتتى.
ئۇلار ھەش پەش دىگۈچە ئۆيگە كەلدى.
- ھەي تولا مىسىلدىماي تىز بېرىپ ئوتلارنى قويلارغا سەپ بېرىپ تاماق ئەت بىكا چېچىڭنى يولىۋەتمەي يەنە .
ئايىمخان گۈلسارەگە كايىپ قۇيۇپ ئەتىۋارلىق قىزى گۈلگىنەنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتى.
گۈلسارە ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن سىڭلىسى ئايگۈلنىڭ قىزى ئىدى، ئەينى يىلى ئايگۈل كىسەل سەۋەبىدىن بالدۇرلا بۇھايات بىلەن خوشلاشقان بولۇپ، ئۇ قىزى گۈلسارەنى دۇنيالىقتىكى بىردىبىر قېرىندىشى ئايىمخاننىڭ بېقىپ چوڭ قىلىشغا قالدۇرغان، ئايىمخان سىڭلىسنىڭ دادىسنىڭ كىملىكى نامەلۇم قىزىنى بېقىپ چوڭ قىلىشقا قۇشۇلۇپ سىڭلىسى ئايگۈلگە ۋەدە بەرگەن ئىدى، ئايىمخان ھەقىقەتەن سىڭىلىسغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە گۈلسارەنى بېقىپ چوڭ قىلدى، بىراق گۈلسارەنىڭ بىر كۈنىمۇ تاياق دەشنامسىز ئۈتۈپ باققان ئەمەس، ئايىمخاننىڭ گۈلسارەدىن بىر ياش كىچىك قىزى گۈلگىنە كىچىكىدىن تارتىپ گۈلسارەنى مالىيى ئورنىدا كۈرۈپ چوڭ بولدى.
گۈلسارە تۇرمۇشىدا بىر ئۆزگىرىش بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، بىراق ئۇ ئانىسنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى دادىسنىڭ كىملكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئايىمخاننىڭ ئاغزىدىن تۇلا ئاڭلىغاچقا بۇنداق خام خىيالىدىن ئاللىقاچان ۋاز كەچتى ...
گۈلسارە قازان بېشىدا چۆرگىلەپ ھېلى ئۇچاققا ئوتۇن سالسا ھېلى سەي توغراپ ھېلى قازاندىكى سەينى قورۇپ دىگۈدەك تاماقنى پىشۇردى.
ئايىمخان قىزى گۈلگىنە بىلەن ئۆي ئىچىدىن چىقىپ تاماق يىيىش ئۈچۈن تاماق ئۈستىلگە كەلدى.
- ھەي يىتىمەك تامىقىڭ نىمانداق پىشمايدۇ، كەچكىچە قولۇڭدىن ئىش چىقمىغان قاچانمۇ كىشىگە يارىغىدەك ئىش قىلىشنى ئۆگىنىسەن دەيمەن، ئەتە ئۆگۈن كىممۇ خۇتۇن قىلا سىنى ...
- پىششتى ئانا، مانا ھازىرلا ئەكىلمەن
گۈلسارە ئالدىراپ قاچىغا ئۇسقان ئاشنىڭ ئۈستىگە سەي قۇيۇپ ئايىمخاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
- ۋاي - ۋۇي ئاپا، ئۇنى ئەرگە بىرىپ نىمە قىلسەن دەيمەن، كىممۇ ئالىدۇ بۇ تومپاينى قارىماسەن ئۇنىڭ تۇرقىغا ئەرگە تەككۈدەك نەرى با بۇنىڭ.
گۈلگىنە گۈلسارەگە قاراپ مەنسىتمەسلىك بىلەن شۇنداق دىدى.
- شۇ شۇ قىزىم كىلە تامىقىڭنى يەۋال ئاندىن بازاغا بېرىپ ساڭا چىرايلىق كىيىم ئەپ بىرەي.
گۈلسارە ئايىمخاننىڭ گۈلگىنەنى پەپىلەشلىرگە زوق بىلەن بىردەم قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ پۇتىدىكى ئايىقىغا كۆزى چۈشتى. ئۇ بىر ئاز تۇرىۋىتىپ ئايىمخانغا قاراپ ئاستاغىنە دىدى.
- ئانا ماڭىمۇ ئاياق ئېلىپ بەرسىڭىز ئايىقم يىرتىلىپ...
- ئوھوش خېنىم ئايدا بىر ئاياق كەيمىسەڭما بولا، پۇل دېگەن دەرەخنىڭ غازىڭى ئەمەس، ئايدا بىر ئاياغ ئېلىپ كىيىدىغان . بىز دېگەن دېھقان ئادەم . ئۆزۈڭچە ئۆزۈڭنى باينىڭ قىزى دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسەن . ئاناڭدىن ماڭا ئالتۇن كۈمۈش مىراس قاممىغان سەندەك بىر سۆگەل مىراس قالغان،
ئايىمخان گۈلسارەگە دوق قىلغىنچە شۇنداق دىدى،
- شۇنى دەيمەن، ئاياق دىگەننى ياراشقىدەك پۇتى با ئادەم كىيدىغاندۇ ئانا، بەك بوممىسا مىنىڭ كونا ئاياقلىرىمدىن بىرەنى بەسەممۇ بىرەي، مىنىڭ كىيىملىرنى پاكىز يۇيۇپ بەر ...
- ھە؟ گۈلسارە گۈلگىنەگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالدى، چۈنكى گۈلگىنە دىگەن بۇ ھازازۇل سىڭلىسى ئەزەلدىن بىرەر تال ، كىيىم كېچەك ياكى ئاياغ دېگەندەك نەرسىسىنى ئەزەلدىن گۈلسارەگە تۇتقۇزۇپ باققان ئەمەس . بۈگۈن تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ئايىقىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
- نىمە؟ مېنىڭ ئايىقىمنى كونا دەپ ياراتمايۋاتقان ئوخشىمامسەن .
- ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس . مەن خۇش بولىۋاتىمەن سىڭلىم.
- مىنى سىڭلىم دىمە، ساڭا نەچچە قېتىم دىدىم، مەن سىنىڭ سىڭلىڭ ئەمەس دەپ ،ئەمدى يەنە شۇنداق دەيدىغان بوساڭ سىنى پۇشايمان قىلدۇرۋىتىمەن.
- ۋاي ۋاي ۋاي ئاغزىڭ قىچىشىدۇ ھە سىنىڭ، گۈلگىنە قىزىم ئايىقىنى بىرەي دەپ قويغانغا سىنىڭ سىڭلىڭ بوپ قاممايدۇ ھەي يىتىمەك، تىز كەچۈرۈم سورا!
ـ مەن خاتا گەپ قىپ قۇيۇپتىمەن ئانا، ئەمدى دىققەت قىلاي، كەچۈرگىن گۈلگىنە،
گۈلسارە گۈلگىنەگە قاراپ كەچۈرۈم سورىغاندىن كىيىن،
گۈلگىنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتتىدە ئۆي ئىچىدىن كونىراپ ئەسكىرەپ كەتكەن ئايىقىدىن بىرنى ئەچىقىپ گۈلسارەنىڭ ئالدىغا تاشلىدى.
- مە، ئالە مانا.
- ھە ماۋۇ ئاياقنى كىيىپ قاچا -قۇچىلارنى يىغۇشتۇرۋىتىپ قۇناقلىققا بېرىپ ئوت ئەپ كەل .
ئايىمخان شۇ گەپلەرنى دىگەندىكىن كىيىن قىزى گۈلگىنەنى ئېلىپ بازارغا بېرىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى.
گۈلسارە بولسا يەردىكى ئاياققا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئاياقنى قولىغا ئېلىپ لاتا بىلەن سۈرتۈپ خېلىلا يېڭى ھالىتىگە ئەپ كەلگەندىن كىيىن ئۇنى پۇتىغا كىيىۋالدىدە ئورنىدىن تۇرۇپ قاچىلارنى يىغۇشتۇرۇشقا باشلىدى، ئۇ قاچا قۇچىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ بولۇپ ئوتىغۇچى بىلەن خالتىسىنى ئالدىدە، دەرۋازىغا قۇلۇپنى مەھكەم سېلىپ ئاچقۇچنى ئايىمخان ھەمىشە تىقىپ قۇيىدىغان يەرگە تىقىپ قويغاندىن كىيىن ئوت ئېلىش ئۈچۈن ئېتىزلىق تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
- ھەي گۈلسارە، ھوي گۈلسارە دەۋاتىمە يوغان يوغان چامداپ نەگە ماڭدىڭ .
گۈلسارە ئارقا تەرىپىدىن تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قەدىمىنى توختاتتى . ئۇ ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ئۆزىگە قاراپ ھىجىيىپ تۇرغان ئىليار كاسكىغا كۆزى چۈشتى، ئىليار مۇشۇ مەھەللىدىن بولۇپ ئۇ ئۆزى كىلىشكەن ئاقكۆڭۈل يىگىت ئىدى، بىراق ئۇ تۇلا گەپ قىلغانلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر ، ئۇنىڭ لەقىمى كاسكى ئىدى .
- ھى، ھى، ھى، ماڭا قارا گۈلسارە . سېنى توۋلىسام نېمانداق ئاڭلىماسقا سېلىپ كېتىۋېرىسەن دەيمەن، توۋلاۋېرىپ گېلىممۇ ئاغرىپ كەتتى مېنىڭ .
- نېمە گېپىڭ بار ئىدى ئىليار ئاكا . مەن ئالدىراش مېنى تولا ئاۋارە قىلمىغىنە .
- مېنىڭمۇ باشقا گېپىم يوق . قارىسام يامان ئالدىراش مېڭىپسەن ، شۇڭا نەگە ماڭغاندۇ دەپ سوراپ باقاي دەپ . ھە، شۇڭا توۋلىشىم ئىدى .
- مۇشۇ گەپمىدى ؟ نەگە ماڭاتتىم شۇ ئېتىزلىققا ئوت ئالغىلى ماڭمامدىم ؟
گۈلسارە گېپىنى تۈگىتىپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولدى .
- ھەي ، توختاپ تۇرغىنە ؟ ساڭا دەيدىغان گپىم بار، بەك بولمىسا ، مەن ساڭا ئوت ئېلىشىپ بېرەي .
- ياق بولدى، ئۈزۈم ئالالايمەن . گۈلسارە ئۆرۈلۈپلا كىتىپ قالدى، ئىليار كاسكى گۈلسارەنىڭ ئارقىدىن بىرھازا قاراپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇھسىنىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى .
ئىليار ئۇنىڭ بىلەن كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، ئادەتتە مەھەللىدىكى ياشلار گۈلسارەنى بوزەك قىلماقچى بولسا ئىليار كاسكى ھەر ۋاقىت ئۇنى قوغدايتتى . ئۆگەي ئانىسى ئايىمخاننىڭ گۈلسارەگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى .
ئىليار گۈلسارەنىڭ ئارقىسىدىن قەدەممۇ قەدەم ئەگىشىپ گۈلسارە قوناقلىق ئىچىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن قوناقلىقنىڭ قىرىغا كېلىپ توختىدى . ئۇ گۈلسارەگە ئىچ ئاغىرتاتتى، ھەم ئۇنىڭغا يۇشۇرۇن كۈيەتتى، كۆڭلىدىكىنى ئاشكارلاشنى شۇنچە ئويلاشقان بولسىمۇ بىراق گۈلسارەنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيتى .
ئىليار قوناقلىقنىڭ قىرىدا خېلى ئۇزۇن ئولتۇرغاندىن كىيىن گۈلسارە بىر خالتىنى ئۆشنىسىگە ئارتقىنىچە قوناقلىق ئچىدىن چىقىپ كەلدى .
- ۋوي، بىردەمدىلا قايتىپ چىقىپسەنغۇ، ئوتنى ئېلىپ بولدۇڭما؟
- ياق، كۈندە نەچچە ۋاق ، نەچچە مو يەرنى غىداۋىرپ ئالغۇدەك ئوتمۇ قالماپتۇ دىسە، ئۆيدىكى قويلارغا ئېتىزلىقتا ئوت يوق ئىكەن دېسەم گىپىمنى يا چۈشەنمىسە، قانداقمۇ قىلامەن ئەمدى، گۈلسارە بۇ سۆزلەرنى شۇنچىلىك ئوماق ئېيىتتىكى .ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرگەن ئىليار كاسكىنىڭ يۈركى دۈپۈلدەپ سۇقۇپ كەتتى.
- ، ۋاي ۋۇي گۈلسارە مۇشۇنىڭدىنمۇ غەم يەمسەن دەيمەن ؟ يۈرە ئاۋۇ قوناقلىقتا ئوت كۆپ، بىللە بارايلى مەن ساڭا ياردەملىشەي .
- ھە؟ ئۇ دېگەن خەقنىڭ قوناقلىقى تۇرسا . كۆرۈپ قالسا ...
- ھېچقىسى يوق . كۆرمەيدۇ كۆرۈپ قالسىمۇ مەن قىلدىم دەيمەن . يۈرە ... ئىليار شۇنداق دەپ گۈلسارەنىڭ قولىدىن تارتىپ قوشنىسى تۇرغۇنجاننىڭ قوناقلىقىغا كىرىپ كەتتى .
- ۋاييەي ئىليار ئاكا . مەن بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن . خەق كۆرۈپ قالسا ...
- گەپنى ئاز قىلغىنە گۈلسارە . تېز بول ، ئاۋۇ ئوتلارنى كۆردۈڭمۇ؟
- ھە؟ كۆردۈم . ۋاي ۋۇي ، بۇ تۇرغۇنجان ئاكامنىڭ قويلىرى ئوت يېمەمدۇ نېمە ؟ ئوتلارنى پەقەتلا ئالماپتىغۇ.
- بولدى، بولدى ، سەن ئۇلارنى ئويلاشماي ، تېز بول! ئوتلارنى ئېلىپ تېزراق قوناقلىقتىن چىقىپ كېتەيلى .
ـ ھە، ماقۇل
ئىليار كاسكى بىلەن گۈلسارە تېزلىك بىلەن ئوت ئېلىشقا باشلىدى . بۇ چاغدا ياندىكى قوناقلىققا ئوت ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن رابىيە خان ئىليار كاسكى بىلەن گۈلسارەنىڭ تۇرغۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن ئوت ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى .