چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:840 次
📑 章节目录
第29章:29-قىسىم
ـ ھە ، بولىدۇ بولىدۇ . ئەمىسە يوقاپ كەتمە ھە،
ئىليار كاسكى ماقۇل دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويغاندىن كېيىن . ئايىمخاننىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
بۇ چاغدا قاسىم دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇ گۈلسارەنى ماشىنىدىن كۆتۈرۈپ ئېلىپ ، دوختۇرخانا ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
ـ دوختۇر ئايالىم ھوشىدىن كەتتى، ئۇنى تەكشۈرۈپ باقسڭىز،
- ئۇنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۈلۈمىگە ئېلىپ كىرىڭ، دوختۇر قاسىمغا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنى كۆرسەتتى .
قاسىم گۈلسارەنى ئۇدۇللا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن . تەكشۈرۈش ئۆيىدە ياتقۇزدى .
دوختۇر خېلى ئۇزۇن بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى قىلغاندىن كېيىن . قاسىم بۈرگە جىددىيلىشىپ دوختۇردىن سوراشقا باشلىدى
ـ دوختۇر ، ئايالىم زادى نېمە بوپتۇ، ئۇ نېمىشقا ھوشىدىن كېتىپتۇ،
ـ بىر ئاز ساقلاپ تۇرۇڭ ، ھازىر تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىۋاتىدۇ .
ـ ھە ، ماقۇل ، ماقۇل .
ـ ئايالىڭىز ھوشىغا كەلدى . قاسىم دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن گۈلسارەنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كىردى،
گۈلسارە بىمار كارۋىتىدا كۆزىنى ئېچىپ ياتاتتى .
ـ ھە نېم بولسا ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز گۈلسارە ، مېنى كەچۈرۈڭ سىزگە كۆڭۈل بۆلمىدىم . مەن ئادەم ئەمەس . قاسىم بۈرگە ئاۋۋالقىدەكلا ئۆزىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى .
گۈلسارە كۆزنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالدى ئۇنىڭ كۆزىدىن نەچچە تامچە ياش سىرغىپ چىقىۋاتاتتى ، ئۇ شۇ تاپتا ، ئىليار كاسكىنى شۇنچىلىك سېغىنغان ئىدى ـ
كاشكى مەڭگۈ ئويغانمىغان بولسامچۇ ! ھېچنېمىنى ئەسلىيەلمىگەن ھېچنېمىنى ئۇقمىغان پېتى ، مەڭگۈ مۇشۇ پېتى ياتقان بولسامچۇ . ئۇ ئۆز ـئۆزىگە شۇنداق دەپ پىچىرلايتتى .
ـ ئايالىڭىز ھامىلدار بوپتۇ، تۇيۇقسىز دوختۇرنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىغا كىلىپ ئېيتقان سۆزى گۈلسارە بىلەن قاسىم بۈرگىنى ھەيرانلىقتا قالدۇردى .
ـ بالىڭىز ، ئالتە ھەپتىلىك بولاي دەپتۇ، ھازىرقى مەزگىل تولىمۇ مۇھىم . بۇ مەزگىل كۈتۈنۈش مەزگىلى، ھامىلىنىڭ ئورنى ھازىر مۇقىم ئەمەس ، شۇڭا كۆپ ھەرىكەت قىلىشىڭىزغا، چارچاپ كېتىشىڭىزگە بولمايدۇ، ياخشى كۈتۈنۈڭ .
دوختۇرنىڭ گەپلىرى گۈلسارەنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيۋاتاتتى . ئۇ دوختۇرنىڭ بايىقى گەپلەرنى ئۆزىگە ۋە ياكى باشقىلارغا ئېيتىۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىپ قېلىۋاتاتتى .
ـ دو... دوختۇر . كىم ھامىلدار ئىكەن؟ گېپىڭىزنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم . قاسىم ھەيرانلىقتا سورىدى ؟
ـ ئايالىڭىز ھامىلدار ئىكەن . ھامىلە ئالتە ھەپتىلىك بوپتۇ .
ـ راسما دوختۇر . مېنىڭ بالام، ئايالىمنىڭ قورسىقىدا مېنىڭ بالام بارمىكەن .
ـ بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئەمدى ئايالىڭىزنىڭ قورسىقىدا سىزنىڭ بالىڭىز بولماي كىمنىڭ بالىسى بولسا بولاتتى . قانداق دېگەن گەپ بۇ،
ـ ياق ، ياق ، دوختۇر . ئايالىم راستىنلا ھامىلدارمىكەن دېمەكچى ئىدىم .
ـ شۇنداق، تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنداق چىقتى ، ئەمىسە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ .
دوختۇر شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .
ـ رەھمەت سىزگە گۈلسارە . مەن دادا بولىدىغان بوپتىمەن .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان گۈلسارەنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى .يەنە ئەزەلدىن ياخشى كۆرمەي نەپرەتلىنىدىغان كۆز ئالدىدىكى بۇ كىشىنىڭ بالىسىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى پەقەتلا قوبۇل قىلالمايۋاتاتتى .
ئادەم ھاياتتا قانچە قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانسېرى شۇ ئىشقا يولۇقىدۇ . ھەم شۇ ئىش تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرىدۇ . ئۇ قاسىم بۈرگىدىن قۇتۇلۇشنى قانچە ئارزۇ قىلغانسېرى ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ باغلىنىپ قېلىۋاتاتتى . ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ بالىسى گۈلسارەنىڭ قورسىقىدا . ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن قانداقمۇ نەپرەتلىنىپ يۈرەلىسۇن، ئۆز بالىسىنىڭ دادىسىدىن نەپرەتلىنىپ بىر ئۆمۈر ئۇنىڭغا تەتۈر قاراپ يۈرەلىسۇنمۇ.
ـ سىزگە ۋەدە بېرەي، گۈلسارە بۇنىڭدىن كېيىن . سىزگە ياخشى قارايمەن . قوزام ئىككىڭلارنى ھەرگىز جاپا تارتقۇزمايمەن .
ـ ئۆيگە قايتىپ كېتەيلى . گۈلسارە شۇنداق دېگەچ ئورنىدىن تۇردى .
ـ ھە ، بولىدۇ بولىدۇ ، بىز ئۆيگە قايتايلى . ئاۋۋال ئۆيگە قايتىپ ياخشىراق كۈتۈنۈپ ئارام ئېلىڭ . قاسىم بۈرگە شۇنداق دەپ گۈلسارەنىڭ قولتۇقىدىن يۈلەپ تۇرغۇزدى .
ئۇلار دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن قاسىم بۈرگە گۈلسارەنى ماشىنىغا سېلىپ مەھەللىدىكى ئۆيگە قايتماي شەھەردىكى داچىسىغا ئېلىپ ماڭدى .
ـ مەھەللىگە قايتمامدۇق . گۈلسارە ھەيرانلىقتا سورىدى،
ـ ھە ، ئەمدى مەھەللىگە قايتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق گۈلسارە . يېزىدىكى ئۇ ئۆيدە قىينىلىپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن . بۇ ئۆيدە مەن ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن ، خاتىرجەم بولۇڭ .
ـ بىراق ، ئاپام ...
ـ ھېچقىسى يوق ، بۇ ئىشنى ئاپامغا مەن دەيمەن . بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ سىز بۇلاردىن ئەنسىرىمەي ياخشى كۈتۈنۈپ ياخشى ئارام ئېلىڭ، قوزامنىڭ ھالىدىن ياخشىراق خەۋەر ئالمىساق بولمايدۇ . قاسىم بۈرگە شۇنداق دېگەچ گۈلسارەنىڭ قورسىقىغا قاراپ قويدى .
ھەش پەش دېگۈچە ئۇلار شەھەردىكى داچىسىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ گۈلسارە ئۈندىمەستىن ماشىنىدىن چۈشتى .
ـ ھە ، قېنى قېنى ئاۋايلاپ چۈشۈڭ ھە ، يۈرۈڭ ئۆيگە كىرەيلى . قاسىم بۈرگىنىڭ ھەددىدىن ، زىيادە تەكەللۇپ قىلىپ گۈلسارەنى ئاۋايلىشى گۈلسارەنى سەل بىئارام قىلىۋاتاتتى .
ئۇ قاسىم بۈرگىدىن قانچە بىزار بولۇپ ، يىراق تۇرغۇسى كەلگەنسېرى كاج تەقدىر ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇۋاتاتتى .
ـ سىز يېتىپ بىردەم ئارام ئالغاچ تۇرۇڭ ، مەن ئاپامغا تېلېفون قىلىۋېتىپ سىزگە ئازراق يەيدىغان نەرسە سېتىۋېلىپ كىرەي،
قاسىم بۈرگە گۈلسارەنى كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ كەتتى . ئۇ ھويلىغا چىقىپ ئانىسى مەريەمخانغا تېلېفون قىلدى .
ـ ۋەي ئانا . ساڭا دەيدىغان خوش خەۋەر بار .
ـ نېمە خوش خەۋەر . ئايالىڭ ئۆلۈپ كەتمىگەندۇ . مەريەمخان قايتۇرۇپلا سورىدى .
ـ ۋاي ۋۇي ئانا ، سەن نېمانچە شۇم ئېغىز4 دەيمەن، گۈلسارە ئۆلۈپ كەتسە خۇش خەۋەر دەمدىمەن . كېلىنىڭنى ئۇنداق يامان كۆرمە ئانا . ئۇ ھازىر سېنىڭ نەۋرەڭگە ھامىلدار بولدى، ئۇنىڭغا ياخشىراق كۆيۈنۈپ قويغىن .
ـ نېمە ئۇ ھامىلدارمىكەن؟ ۋاي، شۇۋا قۇرغۇر بۇ نېمە كەلگۈلۈك ئەمدى بىزگە . ئۇ ئۆزىنى سەندىن ئېپ قېچىپ يۈرمەمتى . ئەسلىدە ئۇ ياق ياق دەيمەن، موك موك يەيمەننىڭ بىرى ئىكەندە . مېنىڭ ئارزۇلۇق بىر تال ئوغلۇم ئەمدى مۇشۇ قەلەندەرنىڭ قىزى بىلەن ئۆتۈپ كېتەرسەنمۇ؟ قاسىم بۈرگىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان . مەريەمخان ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي زارلىنىشقا باشلىدى .
ـ بۇ نېمە دېگىنىڭ ئانا! ئوغلۇڭ دادا بولسا خۇش بولماي بىر مۇنچە يامان سۆزلەرنى قىلىسەنغۇ . گۈلسارە ئۇنداق ناچار قىزلاردىن ئەمەس ئانا، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇ سېنىڭ خىزمىتىڭنى ياخشى قىلدى ئەمەسمۇ ؟ ئۇنى ئۇنداق يامان كۆرىۋەرمىگىن .
ـ ۋاي ، بولدى بولدى، خوتۇنۇڭغا يان بېسىۋەرمىگىن . كېلىن بولغاندىن كېيىن قىلىدۇ ئۇنچىلىك ئىشلارنى . بۇ يىتمەكنىڭ بىزنىڭ ئاىلىگە كېلىن بولۇپ كىرگىنى ، ئۇنىڭ بەخت تەلىيى .
ـ ھە ، بولدى بۇ گەپلەرنى قويۇپ تۇرغىنە، گۈلگىنەنىڭ ھامىلدار بولغىنىدىن سەنمۇ خەۋەر تاپتىڭ ، ھەراس دادامغا ئۇنىڭ بوۋا بولغىنىنى يەتكۈزۈپ قوي . ئەمدى بىز مەھەللىدىكى ئۆيگە قايتمايمىز . گۈلسارە شەھەردىكى داچىدا ئارام ئېلىپ ياخشى كۈتۈنمىسە بولمايدۇ ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالىمەن .
ـ نېمە ؟ ئايالىڭ ھامىلدار بولسا ئۇنىڭ ھالىدىن سەن خەۋەر ئالامسەن . ساڭا زادى نېمە بولدى ئوغلۇم ؟ نەدىمۇ خوتۇن كىشىنىڭ ھالىدىن ئەر كىشى خەۋەر ئالغان بار .
مەريەمخان چالۋاقاپلا كەتتى .
ـ ئانا ئۇنىڭ ھالىدىن مەن خەۋەر ئالمىسام ، كىم خەۋەر ئالىدۇ ئۇنىڭ قورسىقىدا مېنىڭ بالام بار تۇرسا نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن بولدى تېلېفوننى قويىۋەتتىم .
ـ ھا ھا ھا ھا . ئوغلۇڭنىڭ بۇ تەرىپى ھەر ھالدا سېنى دورىماپتۇ . سەندەك باغرى تاش . ئۆزىنى ئويلايدىغان ئايالنىڭ ئۇنىڭدەك بالىسى بولغىنى ھەيران قالارلىق ئىشتە، گۈلسارە ياتلىق بولۇپ كىرگەندىن بېرى ئىزچىل گۈلسارەنىڭ ئىش ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ ، ئۇنىڭ ۋاپادار ، ئىشچان ، ئاقكۆڭۈل ، قىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن قاسىمنىڭ دادىسى ، ئوغلىنىڭ گۈلسارەگە ئۆيلەنگەنلىكىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانىدى، قاسىمنىڭ دادىسى مەريەمخاننىڭ بايىقى سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۈلۈپ كېتىپ مەريەمخانغا شۇ سۆزلەرنى دېدى .
ـ ئوھوش، جىلە بولۇپ قان بېسىمىم ئۆرلەپ كەتكىلى تۇرغاندا ، تولا چىشىمغا تەگمىسىلە .
ـ نېمىگە جىلە بولىسەن كېلىنىڭ ھامىلدار بوپتۇ نەۋرە كۆرىدىكەنسەن، بىر تاللا يالغۇز ئوغلۇم بار دەپ قاقشايتتىڭ، نەۋرەڭ تۇغۇلسا خوش بولمامسەن .
ـ گۈلسارە مەن ئارزۇ قىلغان كېلىن ئەمەس . مەن قاسىمجان ئوغلۇمنى . ئۆزىگە ماس كېلىدىغان قىز بىلەن توي قىلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ئويلىمىغان يەردىن ، بۇ شور قورغۇر بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولىدىغان بولدى، دۇنيالىقتىكى بىر تاللا ئوغلۇم مۇشۇنداقلا بەخىتسىز بولۇپ قالىدىغان بولدى . مەريەمخان مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى .
ـ خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دەپ بىكار ئېيتماپتىكەن . ئوغلۇڭنىڭ گۈلسارەنى تاللىغىنى ئۇنىڭ بەختى ، ئۇ قىز تولىمۇ ئىشچان ئەقىللىق ، ھەم ئاقكۆڭۈل ، ۋاپادار قىز ئىكەن . ئۇنىڭدەك ياخشى قىزغا ئۆيلەنگەن ئىكەن ، بۇ ئۇنىڭ تەلىيى .
قاسىمنىڭ دادىسى مەريەمخانغا بىر مۇنچە سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ ، مەريەمخان ئىچىدە قايىل بولمىدى . ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ گىپىنى قىلىپ قاخشىغىنچە قاسىمنىڭ شەھەردىكى ئۆيىگە بېرىپ گۈلسارە بىلەن قاسىمنى قايتۇرۇپ كىلىش قارارىغا كەلدى،
گۈلسارە قاسىم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن چوڭقۇر خىياللارغا غەرق بولدى . ئۇ ئاستا قورسىقىنى سىيلاپ قويغاندىن كېيىن . قورسىقىدىكى بالىسىنى خىيال قىلىشقا باشلىدى، ئۇ ئىليار كاسكىدىن ئايرىلغاندىن بېرى . ئۆزىنى بۇ دۇنيادا يەككە يىگانە ھىس قىلغان . شۇ تاپتا ئۇنىڭ قورسىقىدىكى تۇغۇلمىغان بالىسى ئۇنىڭغا ھەمرا بولۋاتاتتى ئۇنىڭدا تۇيۇقسىز ياشاشقا ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد تۇغۇلدى . چۈنكى ئانىسى گۈلسارەنى تۇغۇپلا ، بۇ دۇنيادىن ۋاز كېچىپ ئۇنى تاشلاپ كەتكەن . گۈلسارە ھەرگىزمۇ ئانىسىغا ئوخشاش بالىسىنى تاشلاپ كېتىپ ئۇنىڭغا گۈلسارە كۆرگەن كۈنلەرنى كۆرسىتىشنى خالىمايدۇ . شۇڭا ئۇ قورسىقىدىكى تۇغۇلمىغان بالىسىغا ئۈمىد باغلاپ . بالىسى ئۈچۈن بولسىمۇ ، ھازىردىن باشلاپ ياخشى ياشاش قارارىغا كەلدى . شۇ تاپتا ئۇ ھاياتنىڭ مەناسىنى چۈشەنگەندەك بولۇۋاتاتتى .
گەرچە ئۇنىڭ بالىسى تېخى تۇغۇلمىغان بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئانا . ئانا ئۇ بالا قورسىقىدا يېتىلىۋاتقان ۋاقىتتىن تارتىپ بارلىقىنى پەرزەنتىگە بېغىشلىغۇچى .
ـ ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىڭ گۈلسارە ، سىزگە يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كەلدىم . قاسىم تۇيۇقسىز ئالدىراپ كىرىپ كەلدى ئۇنىڭ سۆزى گۈلسارەنىڭ خىياللىرىنى بۆلىۋەتتى .
گۈلسارە ئورنىدىن تۇرۇپ قاسىم ئېلىپ كەلگەن يېمەكلىكلەردىن يېيىشكە باشلىدى .
ـ بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقتى ۋاقتىدا تاماق يەپ ياخشى ئارام ئېلىڭ، مەن سىزگە ھەمراھ بولىمەن . قاسىم بۈرگە گۈلسارەگە قاراپ شۇنداق دېدى .ئەسكەرتىش: بۇ روماننىڭ مەزمۇنى ئىجادىي بولۇپ، مۇقاۋا رەسىمى AI تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىشلەندى.