چىرايلىق گۈلسارە

چىرايلىق گۈلسارە

作者:شەبنەم | 阅读:817 次


📑 章节目录

第2章:2-قىسىم

ئىليار بىلەن گۈلسارە بىردەمدىلا ئىككى خالتا ئوتنى ئېلىپ .  خالتىنى لىققىدە توشقۇزغان ئىدى .
-   ئىليار ئاكا ، ئەمدى قايتىپ كېتەيلى ، مەن بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن .
-  ۋاي ۋۇي ، مەن بار يەردە نېمىدىن قورقىسەن دەيمەن يۈرە قايتساق قايتتۇق .  ئىليار كاسكى  خالتىنى ئۆشنىسىگە ئارتقىنىچە قوناقلىقتىن سىرتقا قاراپ ماڭدى .
ئۇ قوناقلىنىڭ قىرىغا چىقىپ .
-   قارا گۈلسارە ، بۇ ئىككى خالتا ئوتنى سەن ئۆيگە كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتەلمەيسەن ، شۇڭا مەن ساڭا ئاپىرىشىپ بېرەي .
-   بولمايدۇ .  خەق كۆرۈپ قالسا سۆز چۆچەك قىلىشىدۇ!
-   مەن ساڭا ئىككىمىز بىللە كېتەيلى دەۋاتمايمەن ئوتنى ئاپىرىپ بېرەي دەۋاتىمەن .  مەن ئوتنى ئېلىپ بىرىپ ئىشىكىڭنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويىمەن .
-   ناۋادا ئانام كېلىپ قالسا . ...
-   خاتىرجەم بول!  ، ئۇ سېنىڭ دەللال ئاناڭ   ھېلىقى   ئەركە نايناق مىكىجىننى ئېلىپ  بازارغا كەتتى .  مەن ئۇلارنىڭ بازار تەرەپكە كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم .  ھازىر قايتىپ كېلىشى مۇمكىن ئەمەس .  سەن مۇشۇ يەردە بىردەم ئېلىۋېلىپ    ئاندىن ئۆيۈڭگە بارساڭمۇ ئۈلگۈرىسەن .  
-   شۇنداق ، قىلساق بولامۇ؟
-   بولمايدىغان نەرى با   بۇ مېنىڭ ساڭا قىلغان ياردىمىم بولۇپ قاسۇن.
-   ماقۇل ئەمىسە . رەھمەت ساڭا ئىليار ئاكا .
ـ گۈلسارە ماڭا رەھمەت ئېيىتمىساڭمۇ بولىدۇ، ئىككىمز دوس تۇرساق...
ئىليار كاسكى شۇنداق دەپ .  ئوتنى ئۆشنىسىگە ئارتتى دە گۈلسارەنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
رابىخان بولسا ئوغرىلىقچە  ئىليار كاسكىنىڭ گۈلسارەگە دېگەن گېپىنى ئەينەن ئاڭلاپ تۇرغان ئىدى  .
گۈلسارە قىر تۆپىدە بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن .  كۈننىڭ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى بولغاي ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆي تەرەپكە ماڭدى .
گۈلسارە  ئۆيگە يېقىن تۆت دوقمۇشقا كەلگەندە .  ئۇنىڭ ئالدىغا قاسىم بۈرگە ئۇچرىدى .   قاسىم بۈرگە مەھەللىدىكى بايلارنىڭ بىرى بولۇپ .    ئۇنىڭ بۈرگىگە ئوخشاش ھەممە يەردە چېپىپ يۈرگىنىدىنمۇ ئەيتاۋۇر مەھەللە كويدىكىلەر ئۇنى  قاسىم بۈرگە دەپ ئاتىشاتتى،   ئۇنىڭغا بۇ لەقەم سىڭىپ قالغاچقىمۇ ئۇنىڭ بۇ لەقەمنى ئاڭلىغاندا ئاچچىقى كەلمەيتتى .
قاسىم  تۆت كوچا ئېغىزىدا ماشىنىسىنى توختىتىپ قويۇپ .  مەھەللىدىكى دۇكاندىن چىقىۋاتقان بولۇپ، ئەمدى ماشىنىغا چىقاي دەپ ئۆزىدىن سەل يىراقتا  كېلىۋاتقان گۈلسارەگە كۆزى چۈشتى .
-   ھەي ، مۇشۇ كاساپەتنىزە  مەھەللىنىڭ بىردىنبىر گۈلى  دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ .  قاسىم بۈرگە شۇ سۆزلەرنى ئۆزـ  ئۆزىگە دەۋېتىپ كۆزلىرىدىن ، شەھۋەت ئۇچقۇنى چاقناپ ئۆتتى .
ئۇ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان گۈلسارەگە قاراپ تاماكىسىنى قاتتىق بىرنى شورىۋېتىپ يەرگە تاشلىدى دە ، ئۇنى كۈچەپ دەسسەپ ئېزىۋەتكەندىن كېيىن  ماشىنىسىغا چىقتى.
ماشىنىدا ئۇنىڭ يېقىن دوستى ئەركىن ئولتۇراتتى .  ئۇ قاسىم بۈركۈنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ سورىدى .
ـ   ۋوي ئاداش .   ساڭا بىرە ئىش بوممىغاندۇ؟
ـ  خىڭ ...   ياقەي .  مەھەللىمىزنىڭ تۇمۇچۇقىنى كۆرۈپ كەيپىياتىم سەل بۇزۇلۇپ قالدى شۇ .
ـ   ئاۋۇ قىزنى دەمسەن .
ـ  شۇنداق!
ـ   چىرايىغۇ خېلى بولىدىكەن .  بىراق شەھەرنىڭ گۈزەللىرىگە يەتمەيدىكەن جۇمۇ .   ياسىنىشلىرى مەتولا...
ـ  چىك ...  ئا   سەن نېمىنى بىلەتتىڭ!  نۇقسان تېپىلمايدىغان قىز ئۇ، كاساپەتنىڭ مىنىڭ قۇلۇمغا چۈشمەي تۇرۇپ ئەرگە تىگىپ كىتىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن ...
ـ  ئەمىسە خۇتۇنلۇققا ئاساڭلا بوممىدىمۇ، ھا، ھا، ھا.
ـ    ئۇچۇ خوتۇن بولۇشقا يارىمايدۇ ؟  ئائىلىسى نامرات .  ئاتا ئانىسىنىڭمۇ تايىنى يوق!   مەن ئېلىشنى خالىغان تەقدىردىمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ قوشۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس .  ئۇنىڭ ئۈستىگە .  شەھەرگە ئاپىرىپ ئۇنى خوتۇن قىلىمەن دەپ ئولتۇرسام ، مېنىڭ يۈزۈمگىمۇ سەت ئەمەسمۇ .
ـ   ئۇ دېگىنىڭمۇ توغرا .
ـ   ئامال قىلىپ ئۇ ئەرگە تېگىشتىن بۇرۇن . ئۆزۈمنىڭ قىلۋالسام ياخشى بولاتتى.   قاسىم بۈرگە شۇلارنى دەپ بىر نېمىلەرنى خىيال قىلىدى.
ـ  ھە،  ھە ، بولدى ئاداش ، ھازىر بۇلانى قوي!  بىز ماڭايلى ھازىر مۇھىم ئىشىمىز بار ، بۇ ئىشلارنى باشقا ۋاقىتتا ئويلاشساڭمۇ ئۈلگۈرىسەن .  ھازىر بېرىپ شەھەردىكى گۈزەل سەتەڭ قىزلار بىلەن كۆڭۈل ئاشمىساق بوممايدۇ تېخى، قېنى يۈر...
ئەركىن بىلەن  قاسىم بۈرگە شۇنداق قىلىپ شەھەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
گۈلسارە ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ دەرۋازىنى ئېچىپ  ئۆينىڭ ئالدىغا قۇيۇپ قويغان ئىككى خالتا ئوتنى  ھويلىغا ئېلىپ كىردى دە . قوتاندىكى تەرەپ-  تەرەپتىن مەرەپ كەتكەن قويلارنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ  ئوتلارنى قويلارغا سېلىپ بەردى.
گۈلسارە قوتاندىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ .  ئايىمخان بىلەن گۈلگىنەنىڭ تېخىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىدىن  كۆڭلىدە  سەل پەل خوش بولدى .
-   ئۇلار كەلگۈچە تاماقنىمۇ پىشۇرۇۋالاي .  بوممىسا يەنە گەپ ئاڭلايدىغان گەپ ئۇ ئۆز ـ ئۆزىگە شۇنداق دېگەندىن  كېيىن،  قوللىرىنى يۇيۇپ تاماق ئېتىشكە كىرىشىپ كەتتى .
ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ ئايىمخان بىلەن گۈلگىنە دەرۋازىدىن كىرىپ كەلدى.
-    ئاش بەگەنگە مۇش بە.  ئادەمنىڭ بالىسىنى باقساڭ ، ئاغزى بۇرنۇڭنى قان ئېتە،  ھايۋاننىڭ بالسىنى باقساڭ ، ئاغزى بۇنۇڭنى ياغ ئېتە دەپ .   ۋاي ، مەن نەدە قوياي بۇ يۈزۈمنى،   ھۇ نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان پاسكىنا .گۈلسارە، ھوي گۈلسارە  ئايىمخان دەرۋازىدىن شۇنداق دەپ قاقشاپ  ۋارقىرىغىنىچە كىرىپ كەلدى .
-   ھە ، ئانا .  مانا مەن كەلدىم .  مېنى چاقىرغانمىدىڭىز؟ نىمىش بولدى ئانا!
-   ھۇ نومۇس دېگەننى بىلمەيدىغان .  يۈزى قېلىن پاسكىنا .  ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق دەپ .  قارا  قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭنى .  تېخى يىگىرمىگە كىرە كىرمەي .  خەق بىلەن قوناقلىقتا ئىش پەش تارتىشىپ يۈرۈپسەن!  يەنە نىمىش بولدى دەۋاتقىنىنى كۆرمەمدىغان!  ۋاي ، مەن مەھەللە كوينىڭ ئالدىدا نەگە قوياي بۇ يۈزۈمنى،   سەن يېتىمەكنى باققۇچە ئەينى چاغدىلا  باشقىلارغا بېرىۋەتسەم  بوپتىكەن .  ئايىمخان شۇنداق دەپلا گۈلسارەگە ئېتىلىپ كەلدى .
- زادى  نېمە ئىش بولدى  ئانا ، مەن نېمە قىپتىمەن ؟
-   نېمە قىپتىمەن ؟  كۈندۈزدىن قىلىپ يۈرگەن  ئىشىڭنى مېنى بىلمەيدۇ دېمە .  مەھەللە كويدىكىلەر  ھەممىنى ئېنىق كۆرۈپتۇ .  بالدۇرراق دېسەڭ ئەرگە بېرىۋەتسەم دېسەم بولماسمىدى سەن نۇمۇسسىزنى  ۋاي ئىسىت ... بۈگۈن مەن ساڭا ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويمىسام!  ئايىمخان شۇنداق دەپ گۈلسارەنىڭ چېچىدىن ئالدى .
-  ۋايجان  ئاغرىپ كەتتى ئانا چېچىمنى قويۇۋېتىڭ .  مەن ھېچ ئىش قىلمىدىم .
-   يەنە ھېچ ئىش قىلمىدىم دەيسەنغۇ .  تۇرسۇننىڭ ئوغلى ئىليار كاسكى بىلەن  تۇرغۇننىڭ قوناقلىقىدا ئىش پەش تارتىپ ، يۈرگىنىڭنى مېنى بىلمەيدۇ دېمە .
-   مەن . ...   مەن ئانا .  بۇ ئۇنداق ئىش ئەمەس .
-  نىمە؟   تېنىۋالماقچىمۇ سەن .  يۈرە مەن سېنى ئىليار كاسكىنىڭ ئۆيىگە ئاپىراي.  ئىككىڭ قوناقلىقتا زادى نېمە ئىش قىلىشتىڭ ؟ بۈگۈن چۇقۇم ئېنىق ئېيىتىش بوممىسا مەن ئىليار كاسكىنى قىزىمغا پوخۇرلۇق قىلدى دەپ، ئەرىز قىلمەن ...
-  بۇ، ئىليار ئاكام  ئۇنداق ئادەم ئەمەس  ئانا .  ھەممىنى قىلغان مۇشۇ بۇزۇق!   ئۇنى ئازدۇرغان گەپ . ئانىسنىڭ بۇ گپنى ئاڭلىغان گۈلگىنە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئارىغا گەپ قىستۇردى .
-  ئاۋال بېرىپ زادى نىمىش قىلىشتىڭ گەپنى ئېنىق ئايرىىش، ئاندىن قاغان گەپنى دىيشىمىز! ،    ئايىمخان شۇنداق دەپ  گۈلسارەنى سۆرەپ  ئىليار كاسكىنىڭكىگە ئېلىپ ماڭدى . گۈلگىنەمۇ ئايىمخان بىلەن گۈلسارەنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.
ئۇلار ھايالشىمايلا ئىليار كاسكىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى .
ـ تاڭ!  تاڭ!  تاڭ!
-   تىللاخان .ھۇي تىللاخان ما  دەرۋازىلىرىنى ئاچسىلا .
-  ھە مانا مانا كەلدىم ۋاي ـ  ۋۇي نىمىش بوغاندۇ؟
تىللاخان ئالدىراپ كىلىپ دەرۋازىنى ئاچتى.
ـ   قېنى كىرىشسىليە ئايىمخان ،  نېمە ئىش بولدى،  دەرۋازىنى بۇنچىۋالا ئۇرۇپ كەتكۈدەك؟
ـ  نېمە ئىش بولاتتى بۇنى ئاۋۇ  ئوغۇللىرى ئىليار كاسكىدىن سورىسىلا .
ـ   بۇ نېمە دېگەنلىرى ؟
ـ   نېمە دېگىنىم بولاتتى تىللاخان، بۈگۈن بازارغا كەتسەم،  ماۋۇ يىتىمەك  بىلەن،   سىلنىڭ ئاۋۇ ئوغۇللىرى  قوناقلىقتا ئىش پەش تارتىشىپ  رابىيخچامغا تۇتۇلۇپ قاپتۇ ؟
ـ  بۇ؟   بۇ قانداق گەپ ؟
ـ   بۇ باغۇ شۇنداق گەپ .  ئوھۇش ماڭسىلا ئاۋۇ   قاغىدىن ئاق كىرپىدىن يۇمشاق ئوغۇللىرىنى چاقىرسىلا .
ـ   ئانا، ئىليار ئاكامدا خاتالىق يوق .  ھەممىسى مۇشۇ پاسكىنىنىڭ ئىشى .
ـ   گۈلگىنە سەن . ...
ـ   نېمە ماڭا گېپىڭ بار ئوخشىمامدۇ ؟  ئىليار ئاكامنى ئازدۇرۇپ،   ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالغىنىڭ يالغانما؟  خىڭ... سىنىڭ ئويۇنىڭنى مىنى بىلمەيدۇ دىمە ...
ـ مىنى ئاچاڭ قاتارىدا كۆرمىسەڭمۇ مەيلى، بىراق بۇ يەردە تۇلا ئاغزىڭغا كەلگەننى جۆيلىمە گۈلگىنە
ـ  چاڭ!
-خىڭ...  ماڭا گەپ ياندۇرغىدەك بولدۇڭما تېخى، بۈگۈن ساڭا جان كىرىپ قاپتىغۇ، گۈلگىنە نەچچە قەدەم چامداپ كىلىپ گۈلسارەنىڭ كاچىتىغا كەلتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالدى.
-  سەن!  گۈلسارە ئوتتەك قىزىپ ئېچىشۋاتقان مەڭزىنى تۇتقىنىچە كۆزلىردىن مارجاندەك ياشلار ئېقىپ چۈشتى.
ـ ۋاي ـ  ۋۇي مەن ئوغلۇمنى چاقراي، بۇنچە قىپ كەتكۈدەك زادى نىمىش بولدى،   ئىليار .  ھوي  ئىليار ئوغلۇم  مىيەگە  چىقە! .
ـ   ھە ، ئانو  يامان بى توۋلاپ كەتتىڭيا .  نىمىش بولدى ؟
ئىليار كاسكى ھويلىغا چىقىپ،   كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇۋاتقان گۈلسارەگە كۆزى چۈشتى .
ـ   ۋوي ۋوي نېمە ئىش بولۇپ كەتتى مەۋەدە،   گۈلسارە نېمىگە يىغلايسەن ؟  ئانا ئۇنىڭغا نىمە بوپتۇ ؟
ـ   نېمە بوپتۇ دەپ كەتكىنىنى ؟  نېمە بولاتتى ؟ ئەرگە تەككىسى كەپتۇ!  ئايىمخان ئىليار كاسكىغا قاراپ شۇنداق دېدى .
ـ  ئەمما ، لېكىن چىرايلىق گەپ قىلىشنى بىلمەيدىغان خوتۇن ئىكەنلا جۇمۇ .  ياشقا چوڭ ئىكەن دېمىسەم .  ئاغزىمغا بەلەن گەپ كەپتى جىما ...
ـ   قارا ، ئوغلۇم .  بۈگۈن زادى نېمە ئىش بولدى،  
 ئايىمخان قوشنام .  قىزىم گۈلسارە بىلەن ئوغلىڭىز ئىليار قوناقلىقتا ئىش - پەش تارتىشىپتۇ دەيدۇ .
-   قارا ئانا   مەن گۈلسارە بىلەن كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان .  ئۇ  مەن چاقچاق قىلىپ ئىش پەش تارتىشىپ يۈرۈيدىغان قىزلار ئەمەس .  ناۋادا ئاۋۇ گۈلگىنە سەتەڭ بولغان بولسا ھى، ھى، ھى ...
-   ئاڭلىدىڭمۇ ئانا ئىليار ئاكامدا خاتالىق يوق،  ئۇ گۈلسارەنى ھەرگىز ياراتمايدۇ .  گۈلگىنە ئانىسى ئايىمخاننىڭ يېنىغا كېلىپ بوش ئاۋازدا شۇنداق دېدى .
-   قارا ئوغلۇم ، بۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس .  ناۋادا گۈلسارە ئىككىڭلار بىر بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈپ،  يۈرۈۋاتقان بولساڭلار بىزگە چىرايلىق ئېيتساڭلار بىزمۇ ، بۇ ئىشلارنى ھەل قىلساق بولىدۇ .  سەنمۇ كىچىك ئەمەس ، گۈلسارەمۇ شۇ .  توي قىلىش يېشىغا يەتسەڭلار تويۇڭلارنى قىلىپ قويساقمۇ بولىدۇ .  گۈلسارەمۇ ياخشى قىز بولدى .  بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىليار كاسكىنىڭ كۆزلىرى يورۇپ كەتتى .  بىراق ئايىمخاننىڭ خۇي پەيلىنى بىلگەچكە ئارتۇق گەپ قىلىپ  كۆڭلىدىكىنى ئېيتالمىدى.
-   بۇ نېمە دېگەنلىرى تىللاخان  مەن تېخى بۇ يىتىمەكنى سىلىنىڭ ئۆيىگە كېلىن قىلىپ بېرىمەن دەپ ئەكەلگىنىم يوق .  ئوغۇللىرى ئۇنىڭغا چېقىلدىمۇ يوق ، شۇنى بىلىپ باقاي دەپ كەلدىم .
-   ماڭا قارىسىلا ئايىمخان ئاچا .  مەن ئۇنداق قىلىقنى ئاۋۇ قىزلىرى گۈلگىنەگە قىلسام قىلىمەنكى ھەرگىز گۈلسارەگە قىلمايمەن .  گۈلگىنەنىڭ ئۇ يەر ، بۇ يەرلىرىنى چىمدىپ ئاشۇ ...  ھى، ھى، ھى
-  ھەي  تاز  ئاغزىڭنى يۇمغىنە بىردەم . ...  تىللاخان ئىليار  كاسكىغا قاراپ شۇنداق دېدى .