چىرايلىق گۈلسارە

چىرايلىق گۈلسارە

作者:شەبنەم | 阅读:818 次


📑 章节目录

第3章:3-قىسىم


-   ئانا بولدى قىلساڭچۇ .  ئىليار ئاكام شۇنچە ياخشى تۇرسا .  گۈلگىنە شۇنداق دەپ ئايىمخاننىڭ بېشىنى تارتىپ قويدى .
-   ئۆزلىرىمۇ ئاڭلىدىلا قوشنام .  ئوغلۇمنىڭ گۈلسارەگە ئازراقمۇ قىزىقىشى يوق ئىكەن .  مۇشۇنداق تۇرسا يەنە ئىككىسىنىڭ ئىش پەش تارتىشى مۇمكىنمۇ .
-   ئانام توغرا دەيدۇ .  بۈگۈن مەن گۈلسارەگە ياردەم قىلاي دەپ ئازراق ئوت ئېلىشىپ بەردىم خالاس .  ئۇنىڭغا باشقا غەرىزىم يوق .
-   مانا ئەمەسمۇ ئايىمخان ئوغلۇم ئىليار تازىمۇ ئاقكۆڭۈل بالا  بولدى دېسە .
-   شۇنى دەيمەن . ئىليار ئاكا  بۇنىڭدىن كېيىن ئوتنى گۈلسارەگە ئېلشىپ بەرمەي ماڭا ئېلىشىپ  بېرىڭچۇ؟
گۈلگىنە تىللاخاننىڭ گېپىگە ئۇلاپلا شۇنداق دېدى .
-   بوپتۇ سىلەر شۇنداق دېگەن ئىكەنسىلە مەن سىلەرگە ئىشىنەي .
يۈر ئۆيگە قايتايلى! ناۋادا مۇشۇنداق گەپنى يەنە ئاڭلاپ قالدىغان بولسام چاچلىرىڭنى بىرنى قويماي يۇلىۋىتمەن
  ئايىمخان   گۈلسارەگە دوققىغىنىچە تىللاخاننىڭ ھويلىسىدىن چىقىپ كەتتى .
-   خوش ئەمىسە ئىليار ئاكا .  گۈلگىنە كۆزلىرىنى ئوينىتىپ ئىليار كاسكى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ھويلىدىن چىقىپ كەتتى .
-   بۇ يەرگە بىكاردىن بىكار كەلدىڭ دېسە ئادەمنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ  ئىليار ئاكام . قانداقمۇ بۇ گۈلسارە دېگەن  تومپاينى ياقتۇرۇپ قالسۇن  ئانا ،  ...
-   سەن شۇنداق دېگەن  بىلەن گۈلسارە دېگەن بۇ قانجۇق  بەئەينى بىر ئېزىتقۇدەكلا چوڭ بولدى،   قىزىم سېنىڭ   ئىليار كاسكىغا  كۆڭلۈڭ بار ئوخشىمامدۇ ؟
-   ئانا . ...   ئادەمنى خىجىل قىلمىغىنە .
-   راستىڭنى ئېيتە قىزىم . ئۇنىڭغا كۈيۈپ قالغان ئوخشىمامسەن؟   ئايىمخان شۇنداق دەپ ، سەت ھىجاراپ قويدى .
-   ئىليار ئاكام   شۇنداق كېلىشكەن تۇرسا ، قايسى بىر قىز ئۇنى ياخشى كۆرمەي تۇرالىسۇن ؟
-  ھە مانا ئەمدى راس گەپ قىلدىڭ،   ۋاي ، مېنىڭ چىرايلىق قىزىم  تاتلىق قىزىم .  ئايىمخان شۇنداق دەپ گۈلگىنەنى ئەركىلىتىپ قويدى .
ئانا بالا ئىككەيلەن شۇنداق پاراڭلاشقاچ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
گۈلسارە بولسا ئۇلارنىڭ ئارقىسدىن  ئەگىشىپ كېتىۋاتاتتى .    ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم ئىدى ،  باياتىن ئاڭلىغان  ئىزا ئاھانەت  تىل دەشناملىرى  ئۇنىڭ كۆڭلىنى راستىنلا بىئارام قىلدى.
ـ  ھەي...   ئۇنىڭغا ياردەم قىلدىم دەپ، بىر مۇنچە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىپ بېرىپتىمەن دېسە .  خەپ! رابىخان دېگەن دەللال .  ئاشۇ ئەر ئالمىغان قىزىڭنى ...  ئەر  ئالماس قىلىۋەتمەيدىغان بولسام ، ئىليار كاسكى بولماي كېتەي .  گۈلسارە كەتكەندىن كېيىن ، گۈلسارەگە  قاتتىق ئىچى ئاغرىغان ئىليار   قوشنىسى رابىخاننىڭ كەينىدىن شۇنداق قاقشىدى .
كىچە  سۈتتەك ئايدىڭ .  ئۇيقۇسى قاچقان گۈلسارە ئۆي ئىچىدەئۆزى يالغۇز يوتقىنىنى مەھكەم قۇچاقلاپ خىيالغا پاتقان بولۇپ  سىرىتتىن  چىكەتكىلەرنىڭ سايراشلىرى ۋە پاقىلارنىڭ كۇرۇلدىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بۈگۈن ئۇباشقىلارنىڭ ئالدىدا ھاقارەتلەندى، ئۇ شۇنچىلىك خىجىل بولدىكى  ئانىسى ئايىمخان ئۇنى جاھاندىكى ئەڭ پەسكەش ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى ،ئۇ تۇرۇپلا  ھىچ ئىش قىمماي تۇرۇپ ئۆزىنى ئاشۇنداق پەسكەش قىزغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئايىمخانغا شۇنچىلىك نەپرەتلەندى، ئارقىدىن ئۇ ئۆز ئانىسىنى ئەسكە ئېلىپ قاتتىق يىغا تۇتتى.
ـ   مېنى  بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇپ .  نېمە دەپ تاشلاپ كەتكەن بولغىيتتىڭىز ئانا، ئۆزىڭىز ياشىمايدىغان ئادەم مىنى نىمىشقا  ياشاشقا مەجبۇر قىلىسىز ئانا . مىنى قىزىم دەپ باغرىڭىزغا باسالمايدىغان ئادەم نىمىدەپ ھايات قالدۇرسىز، مىنىمۇ ئۆزىڭىز بىلەن قۇشۇپ بىلەن ئېلىپ كەتسىڭىز بولماسمىدى،  ئەجىبا مىنىڭ مۇشۇنداق خورلۇق تارتىپ چوڭ بولشۇمنى خىيالڭىزغا كەلتۈرۈپ باقمىغانمىدىڭىز، مىنىڭ يېنىڭىزغا كەتكۈم بار سىزنى بىر قېتىم بولسىمۇ ... بىر قېتىم بولسىمۇ قۇچاقلاپ ئانا دەپ چاقىرۋالغۇم ئانىلىق مىھرىگە ئېرىشىپ باققۇم بار ئانا ...  ھۈ ھۈ ھۈ گۈلسارە  يوتقىنىنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ ئۇيقۇغا كەتتى...
ئەتىسى سەھەر
گۈلسارە ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلا ئارامنى سۈپۈرۈپ  ئانىسى ئايىمخان بىلەن گۈلگىنەگە ناشتىلىق تەييارلاۋاتاتتى.
ـ  ھەي گۈلسارە مىيەگە كەلگىنە تىز بۇياققا چىقە!
گۈلسارە قولىدىكى ئىشىنى قۇيۇپ  ھويلىنى چۆرىدەپ قوپۇرۇلغان  ئېگىزلىكى بىر يېرىم مىتىرچە  كېلىدىغان تامدىن  بوينىنى سوزۇپ ئۆزىنى توۋلاۋاتقان ئىليار كاسكىغا كۆزى چۈشتى.
ـ  ئىليار ئاكا؟  سەھەردە نىمىگە كەلدىڭ؟
ـ  ھەي  بۇ گەپنى قويۇپ تېز سىرتقا چىققىنە .  ساڭا دەيدىغان گېپىم بار .
ـ   ئانام كۆرۈپ قالىدۇ ئىليار ئاكا .  ئۆزۈڭمۇ كۆردۈڭ . ئۇ مىنى...
ـ  ھەي بولدى مەن  بۇلارنى بىلىمەن!  گەپنى  ئاز قىلىپ ، تېز سىرتقا چىقساڭچۇ .
ئىليار گۈلسارەنى  قېشىغا چىقىشقا ئالدىراتتى.
گۈلسارە ئايىمخاننىڭ ئويغىنىپ كېتىپ  ھويلىغا چىقىپ ئىليار كاسكىنى كۆرۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ .   قولىدىكى قىلىۋاتقان ئىشنى تاشلاپ دەرۋازىنىڭ سىرتىغا قاراپ ماڭ .  ئۇ ئايىمخاننىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئارقىسىغا  پات - پات قاراپ قوياتتى .
گۈلسارە سىرىتقا چىقىپ سەل يىراقتا تامنىڭ تۈۋىدە تۇرغان ئىليارنى كۆرۈپ ئارقىسغا قارىۋەتكەندىن كىيىن ئىليارنىڭ يېنىغا كەلدى،
-  ئۇف...   ئەتىگەندە نېمە گېپىڭ بار ئىدى، ئۆيگە ئىزدەپ كەلگۈدەك .
ئانام كۆرۈپ قالسا .  يەنە بولغۇچە دەشنام ئاڭلايدىغان گەپ .
-  مەنمۇ دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كەلدىم گۈلسارە،    سېنىڭ ئۇ دەللال ئاناڭ   قاچانلا قارىسا ساڭا ئازار بەرگىنى بەرگەن .  ماڭا قارا گۈلسارە .  ئەگەر  ماڭا ئىشەنسەڭ مەن سېنى يىراقلارغا ئېلىپ كېتەي .
-   بۇ نېمە دېگىنىڭ ئىليار ئاكا!   يىراقلارغا ئېلىپ كېتەي دېگەن نېمە گەپ ئەمدى؟
-    بۇ گەپلەرنى سەن چۈشەنمەيدىغان يەردە ئەمەس گۈلسارە ،   ئەجەبا سەن بىر ئۆمۈر مۇشۇ دەللال ئاناڭ بىلەن  ئاشۇ ئەركە نايناق سىڭلىڭنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتمەكچىمۇ؟  بىز بىللە كېتەيلى گۈلسارە   مەن سېنى بەخىتلىك قىلىمەن ماڭا ئىشەن!
ئەمەلىيەتتە تۈنۈگۈنكى ئىشتىن بىر كېچە ئۇخلىيالمىغان ئىليار كاسكى  ئەتىگەن سەھەردە بىر نىيەتكە كېلىپ گۈلسارەگە كۆڭۈلدىكىلىرىنى ئېيتىش ئۈچۈن  كەلگەن ئىدى.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان گۈلسارە ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدى .
-   سەن نېمە دەۋاتىسەن ئىليار ئاكا ؟  بىز نەگە كېتىمىز ؟
-   سەن ماقۇل دېسەڭلا نەگىلا بولسا بولىۋېرىدۇ ؟  مەن ساڭا ياخشى قارايمەن ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن ماڭا ئىشەن!
دەمالىققا  نېمە دېيىشنى بىلەلمىگەن گۈلسارە بىر ئاز ھەيرانلىق تېڭىرقاپ قالدى.
-  گۈلسارە ھوي گۈلسارە قېنى سەن! ھەي گۈلسارەك!
ئۆي ئىچىدىن ئۇيقۇسىنى ئاران ئېچىپ چىققان ئايىمخان ھويلىغا چىقىپلا   گۈلسارەنى توۋلاشقا باشلىدى .
ئايىمخاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان گۈلسارە جىددىيلەشكىنىچە .
-   تېز ئىليار ئاكا ، تېز بۇ جايدىن كەتكىن . ئانام ئۇ مىنى توۋلاۋاتىدۇ.
-  بولىدۇ مەن ھازىر كىتەي بىراق سەل تۇرۇپ ئېتىزلىققا ماڭىدىغان يولدا سىنى ساقلايمەن،   ساڭا  دەيدىغانلىرىم تېخى تۈگىمىدى گۈلسارە .
-  بولىدۇ،  ئاۋۋال سەن قايتىپ تۇرغىن .
گۈلسارە  ئالدىراپ  ھويلىغا كىرىپ كەتتى .
-  ھە مانا، مانا كەلدىم ئانا!
گۈلسارەنىڭ سىرىتتىن كىرگىنىنى كۆرگەن ئايىمخاننىڭ ئاغزى ئېچىلدى.
-   ئەتىگەندە نەگە قەلەندەچىلىك قىلغىلى باردىڭ،   قارىغاندا ماۋۇ ئۆيدە ئىش تۈگەپ بىكار قالغان ئوخشىمامسەن .  ھۇ يېتىمەك!
-  ھە  مەن ...   قوشنىلارنىڭ  ئۆيگە چىققان ئىدىم ئانا .
-ئەتتىگەندە  قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە  پوق بامىكەن ساڭا ماڭا تىز ناشتىلىق تەييارلا،  ئاندىن قويلارغا ئوت ئېلىپ كەل!
ئايىمخان گىپىىنى تۈگىتىپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
-  ئۇف  ئەجەب قورقتۇم دېسە .  گۈلسارە چوڭ بىر تىنۋالغاندىن كىيىن ئاشخانا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
ئۇ ھەش ـ  پەش دىگۈچە ئايىمخان بىلەن گۈلگىنەگە ناشتىلىق تەييارلاپ بولۇپ ئۆزىمۇ ناشتا قىلۋالغاندىن كىيىن تىزلا ئوتىغۇچ ۋە خالتىسنى كۆتۈرۈپ قويلارغا ئوت ئېلىش ئۈچۈن ئېتىزلىققا ماڭدى، ئۇ ئەمدىلا دەرۋازىدىن چىقاي دەپ تۇرشىغا ئايىمخاننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
ـ   ھەي،   ئوتنى تىزراق ئېلىپ قايتىپ كەل!  ئاندىن ئۆيلەرنى پاكىز تازلا كۈندە  بىكالىق ئاش نان يوق ساڭا بېرىدىغان .   قىلغان ئىشىڭنىڭ  تايىنى يوق .  بىكار نان يەپ يېتىشنىلا بىلگەن!
ـ  بىلدىم ئانا، گۈلسارە شۇنداق دەپ قۇيۇپ دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى.
ـ   ئۇنى بەكلا ئەركە ئۆگىتىپ قويدۇڭ جۇمۇ ئانا . ئۇنى پۇل تاپقىلى سالساڭ ياخشى بولاتتى.
گۈلگىنە چاي ئىچكەچ ئايىمخانغا قاراپ شۇنداق دېدى .
ـ   نېمە ئۇنى پۇل تاپقىلى سالامدۇق ؟
ـ   شۇنداق .  ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى يوق ، شۇڭا ئىليار ئاكامنى ئازدۇرۇپ يۈرۈپتۇ ئەمەسمۇ ئەڭ ياخشىسى بىز ئۇنى پۇل تاپقىلى سالايلى .
ـ  ئۇنى قانداق پۇل تاپقىلى سالمىز قىزىم؟
ـ  خەقنىڭ قىپ بولالمىغان ئىشلىرى بولسا قىلىشپ بەسە بىزگە پۇل بىرىدۇ ئەمەسمۇ؟
ـ  قانداق ئىشى دەيسەن؟
ـ  ۋاي -  ۋۇي سەن نىمانداق دۆت ئانا، ئۆينىڭ ئىشى بولامدۇ ئېتىزنىڭ ئىشى بولامدۇ، باقامىغان بالىسى بولامدۇ، كالىسى بولامدۇ ئىشقىلىپ قانداق ئىشى بولسا قىلىشپ بەسە مۇۋاپىق ھەق بەسە بولمىدىمۇ، بۇنداق بوغاندا بىزگىمۇ پايدىسى كۆپ!
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئايىمخاننىڭ كاللىسى بىردىنلا يورۇپ كەتتى.
-  توغرا دەيسەن، مەن نىمدەپ بۇلارنى بالدۇراق ئويلاشمىغاندىمەن. مىنىڭ قىزىم نىمانچە ئەقىللقتۇ، شۇ تاپتا خۇشاللىقتىن  ئايىمخاننىڭ ئېغىزلىرى يۇمۇلماي قېلۋاتاتتى،
ـ مەھەللىدىكى باي خۇتۇنلارنىڭ ئۇنداق ئىشلىرى كۆپ  قىغىلى ئادەم تاپالماي تۇرغاندا گۈلسارە بۇ ئىشلارنى قىلىپ پۇل تاپسا ياخشى ئەمەسمۇ ئۇچاغدا ئايىمخانمۇ چوڭ چوڭ خەجلەپ يۈرەلەيدۇ ئايىمخان شۇلارنى ئويلاپ ئىچ ئىچىدىن خۇش بولۋاتاتتى.
- ئانا مەن سىرىتقا چىقىپ كىرەي گۈلگىنە ئورنىدىن تۇرغاچ ئايىمخانغا قاراپ شۇنداق دىدى.
-  ھە نەگە بارىسەن قىزىم،
 دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارىمەن! گۈلگىنە ئايىمخانغا شۇنداق دەپ قۇيۇپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتتى، ئۇ بىرئازدىن كىيىن ئۆچ ئىچىدىن چىقىپ ئايىمخاننىڭ ئالدىغا كىلىپ
-  قارىغىنە ئانا بۇ كىيىم ماڭا يارىشىپتىمۇ؟
گۈلگىنە ئۇچىسىغا ھال رەڭ كوپتا-  يوپكا كىيىپ پۇتىغا  ئاق، پەشىنلىك ئاياق كىيۋالغان ئىدى،  بۇ كىيىم ئۇنىڭغا تولىمۇ ياراشقان بولۇپ،   ئۇنىڭ يەنە يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇردىغان تەبىي بۈدۈر چاچلىرى ئاق يۈزىگە قىلۋالغان گىرىمى بىلەن قۇشۇلۇپ كىشىنىڭ تولىمۇ ھەۋىسىنى قوزغايتى،