چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:821 次
📑 章节目录
第4章:4-قىسىم
- ۋاي ـ ۋۇي مىنىڭ مەلىكەم نىمدىگەن چىرايلىق، كۈزۈمنى ئۈزەلمەي قالدىمغۇ!
ـ ھى، ھى، ھى ئانا ماڭا پۇل بەرگىنە دوسلۇرۇم بىلەن شەھەرگە كىرىپ ئويناپ كىلىمىز دىيىشكەن ئىدۇق، گۈلگىنە ئانىسى ئايىمخانغا قاراپ ئەركىلەپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى.
ـ بولىدۇ قۇزام، ياخشى ئويناپ كەلگىن ئايىمخان شۇنداق دىگەن گۈلگىنەگە ئىككى يۈز يۈەن پۇلنى تۇتقۇزدى،
ـ مىنىڭ ئانام بەك ياخشى جۇمۇ گۈلگىنە ئانىسنىڭ مەڭزىگە مەڭزىنى يېقىپ قويۇپ قۇلىدىكى پۇلنى ئالغاندىن كىيىن نايناقلىغىنىچە سىرىتقا قاراپ ماڭدى.
ـ بالدۇراق كەلگىن قىزىم!
ـ ماقۇل ئانا ...
گۈلگىنە سىرىتقا چىقىپ ئۇدۇل ئىليار كاسكىنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇ ئۆز كۆڭلىدە بۈگۈن ئىليار كاسكىنى ئۇچۇرشىشقا تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە شەھەرگە كىرىپ ئويناپ كەممەكچى بولدى ...
ـ ئىليار ئاكامنىڭ تۈنۈگۈنكى گىپىگە قارىغاندا مەن بىلەن كۈرۈشكۈسى با ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئىليار كاسكىنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ دەرۋازا ئالدىدا بىردەم تۇرغاندىن كىيىن دەرۋازىنى چىكىشكە باشلىدى.
ـ تاڭ! تاڭ! تاڭ!
ئىليار ئاكا، ئىليار ئاكا!
ـ ھە مانا كەلدىم،
ئۆي ئىچىدىن تىللاخان يۈگۈرۈپ چىققپ كەلدى،
بۇ چاغدا ئىليار كاسكى ئاللىقاچان ئېتىزلىققا ماڭىدىغان يولدا گۈلسارەنى ساقلاۋاتقان بولۇپ گۈلسارە يىراقتىن ئىليارنىڭ يېنىغا كىلۋاتاتتى ...
تىللاخان ئالدىراپ دەرۋازىنى ئېچىپ، دەرۋازا ئالدىدا گۈلدەك ئېچىلىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرغان گۈلگىنەنى كۈرۈپ سەل ھەيران قالدى.
- سىز ... بىرە ئىشىڭىز بارمىدى گۈلگىنە؟
- تىللاخان ھامما مەن ئىليار ئاكامنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم، ئۇنى چاقىرىپ قويسىڭىز!
- ئىليارنى؟
- ھەئە.
- ئۇنىڭدا نىمە ئىشىڭىز بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلۇم ئۆيدە يوق ئۇ سىرىتقا چىقىپ كەتكەن، تىللاخان گۈلگىنە قاراپ شۇنداق دىدى.
- ھە؟ ئىليار ئاكام ئۆيدە يوقما؟ ئۇ نەگە كەتتى؟
- نەگە كەتكىننى مەنمۇ بىلمەيمەن، بىراق ئۇ سەھەردە چىقىپ كەتكەن. ئېيىتڭە ئوغلۇمنى ئىزدەپ كەلگۈدەك نىمىشڭىز بارئىدى، مەن يەتكۈزۈپ قۇياي،
- بۇ ... مىنىڭ باشقا ئىشىممۇ يوق شۇ كۈرۈشكەچ ئۈتۈپ كىتەي دىگەن تىللاخان ھامما بولمىسا مەن ھازىر قايتىپ تۇراي ئىليار ئاكام كەلسە مىنىڭ ئۇنى ئىزدەپ كەلگىنىمنى يەتكۈزۈپ قۇيۇڭ!
گۈلگىنە گەرچە ئىليار بىلەن كۈرۈشەلمىگىنىدىن ئەپسۇسلانغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا تىللاخانغا بۇنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن شۇنداق دەپ قۇيۇپ ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قايتىپ ماڭدى.
گۈلگىنە ئىليار كاسكىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي ئىچى پۇشتى، ئۇ كوچا دوقمۇشىغا كلىپ دوقمۇشتىكى دۇكاننىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان قىزىل پىكاپقا كۆزى چۈشتى .
- ۋۇي بۇ ھېلقى قاسىم بۈرگىنىڭ ماشىنىسى ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئۆز ئۆزىگە شۇنداق دىگەچ ئەتراپقا سەپ سالغاندىن كىيىن ،
ـ ئىليار ئاكام زادى نەگە كەتكەندۇ؟ ئاران دېگەندە شەھەرگە كىرىپ ئويناپ كىلىش پۇرسىتى كەلگەندە . يوقاپ كەتكىنىنى كۆرمەمدىغان . ئۇ ئۆز ئۆزىگە قاخشاپ قويدى.
تۇيۇقسىز دوقمۇشتىكى دۇكان ئىچىدىن قاسىم بۈرگە بىلەن ئۇنىڭ ئاغىنىسى ئەركىن چىقىپ كەلدى.
ـ يۈرە ئاداش بۈگۈن ھېلىقى قىزلانى چۇقۇم قولغا كەلتۈرۈپ ئويناپ كىلەيلى، قاسىم بۈرگە ئەركىنگە شۇنداق دەۋېتىپ .
ئۆزلىردىن سەل نېرىراقتا ئۇياق - بۇياققا قاراپ تۇرغان گۈلگىنەگە كۆزى چۈشتى،
- سەل ساقلاپ تۇرە ئاداش . ئاۋۇ جايدا گۈلگىنە سەتەڭ تۇرامدۇ نىمە مەن بېرىپلا كىلەي،
ـ قايسىى گۈلگىنە سەتەڭنى دەيسەن!
ـ ھېلىقى چىرايلىق گۈلسارەنىڭ سىڭلىسى گۈلگىنە نايناق بولمامدۇ.
ـ ۋاي ۋۇي ، كاساپەت ئالامەت چىرايلىقكەنغۇ ئەركىن گۈلگىنەگە قاراپ تامىقىنى چاكىلدىتىپ قويدى.
ـ ھە ، مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ باقاي ، سەن مېنى بۇ يەردە ساقلاپ تۇر .
قاسىم بۈرگە يېنىدىكى ئاغىنىسى ئەركىنگە شۇنداق دەپ قۇيۇپ گۈلگىنەنىڭ يېنىغا ماڭدى .
- ۋوي كىپىنەكتەك نىمانچە چىرايلىق، كىمكىن دىسەم گۈلگىنە قىزغۇ بۇ؟
ـ ۋوي قاسىمجان ئاكا . چاقچاققا ئۇستىكەنسىز جۇمۇ، ھى، ھى، ھى
كۈلۈپ ناز قىلىپ ئەركىلەپ كۈلۈپ قويدى.
ـ گۈلگىنە ئەجەپ بۇ دوقمۇشتا ئۇياق- بۇياققا تەلمۈرۈپ تۇرۇپ كېتىپسىزغۇ؟ قاسىم بۈرگە گۈلگىنەنىڭ ئۈستى بېشىغا سەپ سالغاچ شۇنداق دىدى.
ـ ھە، مەن شەھەرگە كىرمەكچى ئىدىم . بۇ يەردە بىر دوستۇمنى ساقلاۋاتىمەن . سىزچۇ قاسىمجان ئاكا ئەجەپ بۇيەردە تۇرىسىزغۇ؟
- ھە مۇنداق دەڭ مەنمۇ شەھەرگە ماڭغان ئىدىم، ئۇسساپ كىتىپ دۇكاندىن سوغوق ئىچىملىك ئەپ ئىچەيلى دەپ، دۇكانغا كەلگەن، بولمىسا سىلەرنىمۇ شەھەرگە ئالغاچ كەتسەممۇ بولىدۇ،
بۇ گەپنى ئاڭلىغان گۈلگىنە كۆڭلىدە تولىمۇ خۇش بولدى، بىراق ئۇ ئىليار كاسكى بىلەن شەھەرگە بىللە كىرمەكچى ئىدى، بىراق ئۇ تېخى ئىليار ئاكىسىنى تاپمىغان شەھەرگە بىللە ئويناپ كىرىش پىلانىنىمۇ ئۇنىڭغا ئېيىتمىغان تۇرسا ئىليار گۈلگىنەنىڭ ئۆزىنى بۇ دوقمۇشتا ساقلاپ تۇرغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن .
بۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن گۈلگىنە سەل ئۈمۈدسىزلەندى.
- نىمىش بولدى گۈلگىنە قىزچاق،، تازا خالىمامسىز نىمە؟ مەنمۇ سىلەرگە قولايلىق بولسۇن دەپ شۇنداق دەۋاتىمەن ناۋادا خالىمىسڭىز مەيلى ئەمىسە. قاسىم بۈرگە گۈلگىنەنىڭ تۇرۇپلا ئۈمۈدسىزلىك ئەكىس ئەتكەن چىرايىغا قاراپ شۇنداق سورىدى.
- ياق قاسىمجان ئاكا شۇ ... شۇ مىنىڭ دوستۇم كىلەلمەيدىغان ئوخشايدۇ، شۇڭا... ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ شەھەردە دوستلىرىممۇ يوق . شۇڭا يالغۇز قېلىشمدىن ئەنسىرەۋاتىمەن،
- ۋاي ـ ۋۇي ئەسلىدە مۇنداق ئىشكەندە، بۇنىڭ ئەنسىرگىدەك يىرى بامۇ گۈلگىنە، ناۋادا يالغۇز قېلىشتىن ئەنسرسىڭىز مەندەك قاسىمجان ئاكىڭىز با ئەمەسمۇ، شەھەرگە كىرگەندە سىزنى ھەرگىز يالغۇز قويمايمەن،
ـ قارىغاندا بۈگۈن بېشىمغا ئامەت قۇشى قۇنۇپ گۈلسارەگە ئېرىشىشنىڭ پۇرسىتى كەلگەن ئوخشايدۇ، ماۋۇ نايناقتىن پايدىلنىپ گۈلسارەنىڭ ۋەسلىگە يەتسەم بۇنىڭدىن ياخشى ئىش بومماس.
قاسىم بۈرگە شۇلارنى ئويلاپ ئۆز كۆڭلىدە گۈلگىنەدىن پايدىلنىپ گۈلسارەگە ئېرىشىشنىڭ چوتىنى سوقىۋاتاتتى.
ـ بۇنداق قىلساق بولامۇ قاسىمجان ئاكا، سىز يا بىكاچى ئادەم بولمىسىڭىز مەن سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئەپ قويسام ...
ـ ۋاي ياق مەن بۈگۈن بىكا شەھەرگە كىرىپ بىر چاڭ ئويناپ چىقىمىز قېنى يۈرۈڭ گۈلگىنە.
ـ ھى، ھى، ھى، بولىدۇ قاسىمجان ئاكا
گۈلگىنە قولى بىلەن ئېغىزنى تۇسۇپ تۇرۇپ غىلجىڭشىغىنچە كۈلۈپ قويغاندىن كىيىن قاسىمنىڭ بۈرگىنىڭ ماشىنىسغا چىقىش ئۈچۈن ماڭدى،
ـ ھەراس، سىزنىڭ بىر ئاچىڭىز بار ئىدىغۇ؟ ئۇنىمۇ ئېلۋالساقمۇ مەيلى جۇمۇ؟ قاسىم بۈرگە گۈلگىنەدىن گەپ ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق دىدى.
ـ ھە؟ چاقچاق قىمماڭە قاسىمجان ئاكا، مىنىڭ ئاچام يوق، بىزنىڭ ئۆيدىكى ئۇ تومپاي دىگەن ئۆلۈپ كەتكەن ھاممامنىڭ قىزى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەزەلدىن شەھەرگە كىرىپ باقمىغان ئۇيۇن تاماشا دىگەننى ئەسلە بىلمەيدۇ، ئۇنى ئېلۋالساق بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆكىدۇ.
ـ ھە، مۇنداق دەڭ، ئۇنداق بولسا مەيلى ئەمىسە قاسىم بۈرگە گۈلگىنەگە ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى ، گۈلگىنە ماشىنىنىڭ ئارقىدىكى ئورۇنغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن قاسىم بۈرگە شوپۇر ئورۇنغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئاغىنىسى ئەركىننىڭ تېخىچە دۇكان ئالدىدا تۇرغىنىنى كۈرۈپ ماشىنىنىڭ سىگنالىنى چېلىپ قويدى . ئەركىن قاسىم بۈرگۈنىڭ ئۆزىنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تېزلىك بىلەن يېتىپ كەلدى دە . ياردەمچى شوپۇر ئورۇنغا چىقىپ ئولتۇردى، ئەركىن ماشىنىغا چىقىپ ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان گۈلگىنەگە كۆزى چۈشتى .
ـ ۋوي قاسىم ماۋۇ گۈزەلنى نەدىن تاپتىڭ ئەمدى، نىمانچە چىرايلىق قىز بۇ؟ ئەركىن گۈلگىنەگە سەپسېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن ، ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي گۈلگىنەنى ماختاشقا باشلىدى .
ـ سىلەرنى تونۇشتۇرۇپ قوياي ، بۇ شەھەرلىك ئاغىنەم ئەركىن . بۇ بىزنىڭ مەھەللىنىڭ گۈزىلى گۈلگىنە قىزچاق بولىدۇ .
قاسىم بۈرگە ئەركىن بىلەن گۈلگىنەنى تونۇشتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ، ماشىنىنى يېنىك ئوت ئالدۇردى .
ـ گۈلگىنە قىزچاق بەكلا چىرايلىق ئىكەنسىز جۇمۇ .
ـ ھى، ھى، ھى، بەكلا ئاشۇرىۋەتتىڭىز .
ـ نەدىكىنى كۆزۈمنى ئۈزەلمەيلا قالدىم مەن، ئەركىن ھە دىگەندە ئارقىسىغا قاراپ خۇمارلىق كۆزلىرى بىلەن گۈلىنەگە باقاتتى.
ـ ئەركىن ئاداش ئالدىڭغا قاراپ ئولتۇر گۈلگىنەگە قارۋىرىپ شالۋىقىڭمۇ ئېقىپ كەتتى مانا .ھا، ھا، ھا، قاسىم بۈرگە شۇنداق دەپ ئەركىننى مازاق قىپ قۇيدى.
ـ قانداق قىلىمەن ئەمدى، ئۇ شۇنچە چىرايلىق تۇرسا . بىردەمدىلا ئەقلى ھۇشۇمنى يۇقاتتىم دىسە، ...
ـ ھى، ھى، ھى، چاقچاققا بەكلا ئۇستا ئىكەنسىز جۇمۇ . ئادەمنى خىجىل قىلىپ گۈلگىنە سەل خىجىل بوغاندەك ئەركىلەپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى.
ئۇلار ، شۇ تەرىقىدە يول يۈرۈپ ھەش - پەش دېگۈچە شەھەرگە يېتىپ كەلدى . يولدا كەلگەچ ئۇلارنىڭ كۈلكە چاقچاق پارىڭى پەقەتلا ئۈزۈلمىگەن ئىدى .
- ھە ، شەھەرگىمۇ يېتىپ كەلدۇق . قېنى ئېيىتە ئەركىن ئەمدى نەگە بارىمىز،
- ئەلۋەتتە ئوينىغلى بارىمىزدە، تىلفۇنۇڭنى قولۇڭغا ئال ئاداش بىر قانچە قىزلىرىڭنى چاقىر، ئاندىن بارىدىغان جاينى مەن ئورۇنلاشتۇرىمەن،
قاسىم بۈرگە ئەركىننىڭ گېپىدىن كېيىن تېلېفونىنى قولىغا ئالدى دە ، بىر دەمدە بىر قانچەيلەنگە تېلېفون قىلدى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي . تولىمۇ جەزبىدار ئىككى قىز ئۇلار تۇرغان ئورۇنغا يىتىپ كەلدى،
قاسىم بۈرگە ماشىنىدىن چۈشۈپ قىزلا بىلەن سالاملاشقاندىن كىيىن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئۇ قىزلارنى ماشىنىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى . قىزلار ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن گۈلگىنە بىلەن ئاددىلا سالاملاشقاندىن كىيىن ئۆزلىرنى تۇنۇشتۇردى.
- قانداق ئەھۋالىڭىز مېنىڭ ئىسمىم ئەقىدە مۇشۇ شەھەردىن!
- مېنىڭ ئىسمىم خالنۇر مەن يېزىدىن كەلدىم . چېچى مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرغان يۈزى يۇمىلاق ئاق يۈز كەلگەن قىز ئۆزىنى شۇنداق دەپ تۇنۇشتۇردى،
- مېنىڭ ئىسمىم گۈلگىنە مەنمۇ يېزىدىن كەلدىم . مەن قاسىمجان ئاكام بىلەن بىر يېزىدىن . گۈلگىنە ئاتايىتەن قاسىم بىلەن بىر يېزىدىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى .
- ھە ، شۇنداق ، مەن گۈلگىنە بىلەن بىر يېزىدىن بولىمىز . گۈلگىنە تولىمۇ ياخشى قىز .
- ھە مۇنداق دەڭ قاسىمجان ئاكا . ئەقىدە گۈلگىنە سەپ سېلىپ قارىغاچ شۇنداق دىدى.
- ئەمدى ماڭايلىمۇ ئەركىن ئاداش . بىزنى نەگە باشلىماقچى بولۇۋاتىسەن ؟
ـ مەنچۇ سىلەرنى مۇشۇ شەھەردىكى ئەڭ كاتتا جايغا باشلايمەن . شۇنداق ، قىلىپ ئەركىننىڭ باشلىشى بىلەن ئۇلار شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان . كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىغا كىرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى ھايالشىمايلا ئۇلار كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىنىڭ ئالدىغا كەلدى .
ئۇلار ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن ، گۈلگىنە ئەتراپقا سەپ سېلىپ قاراپ قاسىمنىڭ يېنىغا يېقىن كېلىپ تۇردى .
ـ قاسىمجان ئاكا . مېنىڭ يېزىدىن كەلگىنىم بۇ يەردە چېنىپ قالمىغاندۇ .
ـ ياقەي ، نەدىكى گەپلەرنى قىلدىكەنسىز، سىز شۇنداق نوچى تۇرمامسىز مانا .
شۇنى دەيمەن قىزىل گۈلنىڭ ئۆزى ، يۈركۈم سوقۇشتىن توختاپ قالغىلىۋاتدۇ شۇ تاپتا ئەركىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ گۈلگىنەنىڭ پۇتىنىڭ ئۇچىدىن بېشىنىڭ ئۇچىغىچە سەپ سېلىپ قارىغاچ گەپ قىستۇردى .