چىرايلىق گۈلسارە

چىرايلىق گۈلسارە

作者:شەبنەم | 阅读:816 次


📑 章节目录

第5章:5-قىسىم


گۈلگىنەنىڭ پۇتىنىڭ ئۇچىدىن بېشىنىڭ ئۇچىغىچە سەپ سېلىپ قارىغاچ گەپ قىستۇردى .
ـ  ھى، ھى، ھى،   گەپلىرىڭىز بەكلا تاتلىق ئىكەن جۇمۇ  ئەركىن ئاكا . قىز دوستىڭىز يامانلاپ قاممىسۇن يەنە،   گۈلگىنە شۇنداق دېگەچ خالنۇر بىلەن ئەقىدەگە قاراپ قويدى .
ـ   ۋاي ۋۇي ، نەدىكى قىز دوستنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسىز ئۇلار دېگەن  بىزنىڭ ئادەتتىكى ھەمراھلىرمىز خالاس.
ئەركىن شۇنداق دىگەندىن كىيىن ـ
 ھە ، بولدى ، بۇ يەردە  قاراپ تۇرىۋەرمەي .  تېز ئىچىگە كىرەيلى .
-   يۈرۈڭلار .  ئۇلار شۇنداق دېيىشىپ كېچىلىك كۇلۇبقا كىرىشىپ كەتتى،   بۇ چاغدا كەچ بولۇشقا خېلى ۋاقىت بولغاچقا  كەچلىك كۇلۇبتا ئادەم كۆپ ئەمەس بولۇپ .  ئۇلار خالىيراق بىر جايغا كىرىپ جايلىشىپ ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن .  قاسىم بۈرگە ھەر خىل ئىچىملىك ۋە پىۋا قاتارلىقلارنى بۇيرۇتتى .
-  ئاداش گۈلگىنەنى ماڭا بىرەمسەن، مەن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
 ئەركىن قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق قاسىم بۈرگىگە مۇنۇ خەتلەرنى  ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتتى.
قاسىم بۈرگە ئەركىننىڭ ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كىيىن ئەركىنگە مەنىلىك قاراپ قۇيۇپ ؛
-  بولىدۇ، ئۇنى بەرسەممۇ بىرەي بىراق گپىمىزدىن چىقماس قىممىساڭ بوممايدۇ، دەپ ئۇچۇر قايتۇردى،
ئەركىن قاسىمنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كىيىن،
-  چاتاق يوق دىگەننى ئىككى ئېغىز سۆزنى قاسىم بۈرگىگە قايتۇردى.
-  قېنى تارتىنماي ئولتۇرۇڭلا قىزلا، قايسى ئىچىملىكنى كۆڭلۈڭلا تارىتسا شۇنى ئىچىڭلا ئەركىن شۇنداق دىگەچ جوزىغا تىزىلغان ئىچىملىكلەرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قويدىدە ئارىسىدىن بىرتال گازلىق ئىچىملىكنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ گۈلگىنەگە  سۇندى.
-  قېنى بۇنى ئىچىڭە گۈلگىنە بۇ بەك ياخشى،
-  رەھمەت سىزگە ئەركىن ئاكا،
 گۈلگىنە كۆزلىرنى خۇمارلاشتۇرۇپ ئەركىنگە قارىغاچ ئۇنىڭ قولىدىكى ئىچىملىكنى ئالدى.
ئەمدى گەپنى يېزىدىكى ئېتىزغا ماڭىدىغان يولدا قالغان گۈلسارە بىلەن ئىليار كاسكىغا يۆتكەيلى.
ئىليار كاسكى گۈلسارەنى ئېتىزغا ماڭىدىغان يول بويىدا خېلى ئۇزۇن كۈتكەندىن كېيىن گۈلسارە يېتىپ كەلدى .
-   بەك ساقلىتىپ قويدۇممۇ ئىليار ئاكا،   گۈلسارە خىجىللىق بىلەن يەرگە قارىغاچ ئىليارغا قاراپ شۇنداق دېدى .
-   ياقەي ، سېنى قانچە ساقلىساممۇ ئەرزىيدۇ،
  قېنى ئېيتە گۈلسارە،   مەن بىلەن بىللە  يىراقلارغا بىللە كېتىشنى خالامسەن ؟  سېنى بۇ مەھەللىدىن يىراق جايلارغا ئېلىپ كەتكۈم .  سېنى بەخىتلىك قىلغۇم بار .
ـ   بىز يەنىلا بۇ يول بويىدا پاراڭلاشمايلى ئىليار ئاكا .  باشقىلار كۆرۈپ قالىدۇ .
ـ  بولىدۇ قېنى يۈر بىز ئۆستەڭ بويىغا بارايلى، شۇنداق قىلىپ
ئۇلار مەھەللىنىڭ سىرتىدىكى يولنى بويلاپ خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن ئۆستەڭ بويىغا يېتىپ كەلدى .
ـ   ئەمدىغۇ جاۋاب بېرەسەن .  سەن مەن بىلەن بىللە ئۆتۈشنى خالامسەن ؟
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ، گۈلسارەنىڭ مەڭزى قىزىرىپ خىجىللىقتىن قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى .
-  ئەجىبا  سەن مېنى ياقتۇرمامسەن ؟
ئىليار ئۈمىدسىزلىك بىلەن گۈلسارەگە باقتى .
-   ئۇنداق ئەمەس  ئىليار ئاكا .  مەن بىر شور پىشانە قىز .  تۇغۇلغاندىن تارتىپ  ئازاب ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاپ كەلدىم .  مەن ئۆزۈمگە كەلگەن بۇ ئازابلارنى ساڭىمۇ ئېلىپ كېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن . گۈلسارەنىڭ كۆزى ياشقا تولدى،
-   ھەي ، ئەخمەق قىز .  كىم سېنى شور پىشانە دەيدۇ،   سېنىڭ ئاشۇ دەللال ئاناڭ بىلەن  نايناق سىڭلىڭ  تا ھازىرغىچە سېنى ئازابلاپ كەلدى .  مېنى بۇنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلامسەن .  سەنمۇ خۇشال خۇرام ياشاشقا،   ئۆزۈڭ خالىغان تۇرمۇشنى كەچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق،  ماڭا ئىشەن گۈلسارە بۇ تۇرمۇشنى مەن ساڭا بېرەلەيمەن . مەن سىنى قەدىرلەيمەن،
ئىليار گۈلسارەنىڭ قوللىرىنى .  قولىنىڭ ئالقىنىغا ئالدى .
شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ سۇقىۋاتقان بولۇپ گۈلسارە خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۋاتاتتى،
-  سەن بىلمەيسەن ئىليار ئاكا .  ئايىمخان ئانام   ھەرگىزمۇ مېنى ساڭا ياتلىق قىلمايدۇ .
-   مەن بۇنى بىلىمەن گۈلسارە ، شۇڭا مەن ساڭا  بۇ يەردىن كېتەيلى دەۋاتىمەن . بىز يىراق جايلارغا كىتەيلى ماقۇل دىگىن،   ئىليار كاسكى گۈلسارەگە يالۋۇرۇش نەزىرى بىلەن قارىدى .
-   بۇ دىمەككە  ئوڭاي بولغىنى بىلەن .  ئۇنچە ئوڭاي ئىش ئەمەس . سىنىڭ مىنى دەپ  ئاتا ـ  ئاناڭنى  ئائىلەڭنى يۇرت ماكانىڭنى تاشلاپ كېتىشىڭنى خالىمايمەن ئىليار ئاكا  . مەن سىنىڭ خۇشاللىقىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن.
ـ   نېمىلەرنى دەيدىغانسەن گۈلسارە .  مېنىڭ خۇشاللىقىم سەن .  ئاتا ئانامغا كەلسەك بىز ئۇلارنى يوقلاپ تۇرساق بولىدۇ ئەمەسمۇ .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان گۈلسارە بىر ئاز جىمىپ كەتتى،
ئۇ ھەقىقەتەن ئىككىلىنىۋاتاتتى .
ـ  مەن سېنى ھازىرلا جاۋاب بېرىشكە قىستىمايمەن گۈلسارە .  سەن ياخشىراق ئويلىنىپ باق .  ناۋادا مەن بىلەن ياشاشقا ئىشەنچىڭ بولمىسا،  مەن سېنى زورلىمايمەن .  بىراق ماڭا ئىشەن   مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن سەندىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمەن .
ئىليار كاسكى شۇ گەپلەرنى دەپ بولغاندىن كېيىن . گۈلسارەنىڭ قوللىرنى ئاستاغىنە قوللىردىن ئاجىراتتى.
گۈلسارە خىجىل بولغان ھالدا بېشىنى كۈتۈرۈپ ئىليارغا قارىدى، ئىليارنىڭ بۇ سۆزلىرى گۈلسارە ئىشەنىچ ئاتا قىلغان ئىدى، بىراق ئۇ يەنىلا قورقاتتى، چىقارغان قارارىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئىلياركاسكىغا ئازاپ ئەپ كىلىشدىن ئەنسىرەيتى.
ـ   دەيدىغانلىرىڭ تۈگىدىمۇ ئىليار ئاكا .  تۈگىگەن بولسا مەن ماڭغاچ تۇراي .
ـ  بولىدۇ ماڭغىن  مەن سىنىڭ جاۋابىڭنى كۈتىمەن، ئىليار كاسكى گۈلسارەگە قاراپ شۇنداق  دېگەندىن كېيىن   گۈلسارە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئاستا ئاستا بۇ يەردىن ئايرىلدى .
ئىليار گۈلسارەنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە  ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ تۇردى.
گۈلسارە بىر خىل گاراڭلىق ئىچىدە  كېتىۋاتاتتى ، ئۇ  كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان قاچانلا قارىسا ئۇنى  قوغداشنى خالايدىغان ئىليار ئاكىسى بۈگۈن ئۇنىڭغا ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى .  گۈلسارە تۇرۇپلا ئىليار كاسكىنىڭ بايىقى سۆزلىردىن ئۆزىنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلدى،
ـ   ھاياتىمىدا تۇنجى قېتىم بىرى مىنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى، ئىليار ئاكام ھەقىقەتەن ياخشى يىگىت، ئۇ ئىليار كاسكىنى ئويلىغانسىرى يۈزلىرى قىززىرىپ يۈركى خۇشاللىققا چۆمىۋاتاتتى.
ـ  كاشكى ئۇنىڭ بىلەن مەھەللىدىكى كىشىلەر ئالدىدا توي قىلالىغان بولسامچۇ؟  تىللاخان ھاممام مىنى ياقتۇردىغانلىقىنى ئېيىتقان بىراق ئانامنىڭ ئەسلا مىنى ئىليار ئاكامغا ياتلىق قىلىش خىيالى يوق ئۇنىڭ ئۈستىگە ...
گۈلسارەنىڭ بۇلارنى ئويلاپ كۆڭلى غەشلىككە تولدى .
ئۇ ئەنە شۇنداق خىياللار ئىچىدە   قويلارغا ئوت ئېلىشقا باشلىدى،
شەھەرنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان  كۆڭلى ئېچىش كۇلۇبىدا  قاسىم بۈرگە ۋە ئەركىن گۈلگىنە قاتارلىقلار  كۈلكە چاقچاق بىلەن ئولتۇرشاتتى،
ـ   ھەي  گۈلگىنە .  تۇرىڭە ئىككىمىز بىر قول تانسا ئوينايلى .
ـ  ھە  بولىدۇ ئەركىن ئاكا .  گۈلگىنە ئەركىلىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى .
ئەركىن  گۈلگىنەنىڭ ئىنچىكە بەللىرنى تۇتقىنىچە لەرزان تانسىغا چۈشتى .
ـ  راستىنلا بەكلا گۈزەل ئىكەنسىز گۈلگىنە .  سىزدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەيلا قېلىۋاتىمەن جۇمۇ .
ـ  ھى، ھى، ھى،   راستما ئەركىن ئاكا .
ـ   ئەلۋەتتە راست بولمايچۇ .  مەن سىزگە ئاشىق بولۇپ قالدىم .
ناۋادا سىز خالىسىڭىز  بۇنىڭدىن كېيىن ئارىلىشىپ ئۆتەيلى .  بىزمۇ ئەسكى بالا ئەمەس .  شەھەرگە  كېلىپ ئوينىماقچى بولسىڭىز شەھەرنىڭ بىلمەيدىغان يېرىمىز يوق .  ئاسماندىكى يۇلتۇزنى ئېلىپ بېرەلمىسەكمۇ .  كۈچىمىز يېتدىغانلىكى  نەرسىنىڭ ھەر قاندىقىنى  دېسىڭىز تەل قىلالايمىز .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان گۈلگىنەنىڭ خوشلۇقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى .
ـ  ھى، ھى،  ھى   تازىمۇ قىزىقچى ئىكەنسىز ئەركىن ئاكا .  بۇنداق ياخشى گەپ قىلىۋاتسىڭىز خالىمايدىغان ئىش بولامدۇ .
ـ   مېنى بەكلا خوش قىلىۋەتتىڭىز جۇمۇ  جېنىم .  سۆزلىرىڭىز بەكلا تاتلىق ئىكەن .  ئەركىن شۇلارنى دەپ بولۇپ گۈلگىنەنىڭ بېلىدىن ئۆزىگە يېقىن تارتىپ قويدى.
شۇنداق قىلىپ ئەركىن گۈلگىنەنى مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا قارمىقىغا ئىلىندۈردى.
سورۇن مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىپ  ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتتى .  كەچ كىرىشكە  ھېچقانچە ۋاقىت قالمىغان بولۇپ  گۈلگىنەنىڭ ھېچ ئۆيگە قايتىش خىيالى  باردەك قىلمايتتى .
قاسىم بۈرگە  ئەركىننى  سەل يانغا تارتىپ سورىدى .
ـ   قانداق بولدى ئاداش .  ئەمدى بۇ جايدىن كەتسەك بولاتتى ھېلىمۇ ئۇزۇن ئولتۇرۇۋەتتۇق .  قانداق گۈلگىنەنى كەلتۈرەلىدىڭمۇ ؟
ـ   ئەلۋەتتە . ئۇ ھازىر مەن نىم دىسەم چۇقۇم ماقۇل دەيدۇ.
ـ   ئۇنداقتا ئۇنى بۈگۈن كەچ شەھەردە قوندۇرۇپ قالاسەن؟   قاسىم بۈرگە سەت ھىجارىغىنىچە شۇنداق دېدى .
ـ  ۋاي -  ۋۇي  نىمانچە ئالدىرايسەن،  بۈگۈن ئۇنى  ئۆيگە بالدۇرراق ئاپىرىپ قۇيۇپ ئاۋال  ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەي .  ئاندىن ئالدىرىماي كەسەكمۇ ئۈلگۈرىمىز .
ئەركىن ھىيلە ئارلاش كۈلگەچ شۇنداق دىدى.
-   بۇنداق ئويلىغان بولساڭمۇ مەيلى ئاداش .  ماڭا پەقەت ئۇنىڭ ئاچىسى گۈلسارە كىرەك،  ۋاقتى كەلگەندە گۈلگىنە دېگەن بۇ تۇمۇچۇق ئارقىلىق .  ئۇنىڭ ئاچىسى گۈلسارەگە  چوقۇم ئېرىشىمەن.  مېنىڭ بۇ ئىشىمغا ياردەم قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما .
-  ئەلۋەتتە .  سېنىڭ ئۇ سەھرا گۈزىلىڭ،   سېنىڭ قولۇڭغا ھەرگىز چۈشمەي قالمايدۇ ئاداش خاتىرجەم بول .   يۈرە بۇ جايدىن قايتساق قايتايلى ،    ئاۋۋال ئاۋۇ ئىككى سەتەڭنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن  گۈلگىنەنى  ئۆيگە ئاپىرىپ قويايلى سىنىڭچە قانداق!
ـ   بولىدۇ ، يۈر!
  -   ئەمدى قايتىپ كېتەيلى قىزلار ، بۇ يەردە ھېلىمۇ بولسىمۇ ئولتۇرىۋەتتۇق .  ناۋادا باشقا جايغا بارغۇڭلا بولسا باشقا جايغا بارساقمۇ بولىدۇ .
-  ۋاي-   ۋۇي   قاسىمجان ئاكا  باشقا جايغا بارايلى دەيسىزغۇ ، مەن ھېلىمۇ بەك مەست بولۇپ كەتتىم ھازىر ، خېلى بۇرۇنلا  ھاراقنىڭ تەسىرىدىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي ئولتۇرغان ئەقىدە بېشىنى تەسلىكتە كۈتۈرۈپ  قاسىم بۈرگىگە شۇنداق  دېدى .
ـ  ھە،  ئۇنداقتا مەيلى  ئەمىسە سىلەرنى ئۆيۈڭلارغا ئاپىرىپ قوياي.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى  خالنۇرمۇ ئاللىقاچان مەست بولۇپ كەتكەن بولۇپ پەقەت گۈلگىنەلا سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەن ئىدى، ئەسلىدە گۈلگىنە  ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى  بۇنىڭدىن كېيىن شەھەرگە يالغۇز ئەۋەتمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ سوغۇق ئىچىملىكلا ئىچكەن ئىدى .
ئەركىن بىلەن قاسىم بۈرگىمۇ گۈلگىنە بىلەن  تۇنجى قېتىم  سورۇندا ئولتۇرشى بولغاچقا ئۇنىڭغا ئارتۇق زورلىمىغان ئىدى
شۇنداق ، قىلىپ ئۇلار خالنۇر بىلەن ئەقىدەنى يۆلەشتۈرۈپ كوڭۈل ئىچىش كۇلۇبىدىن قايتىپ چىقتى