چىرايلىق گۈلسارە
作者:شەبنەم | 阅读:818 次
📑 章节目录
第6章:6-قىسىم
ھەش پەش دېگۈچە ئۇلار خالنۇر بىلەن ئەقىدەنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن ، ئەركىن قاسىم بۈرگىنى ماشىنىنى بىر سودا ساراينىڭ ئالدىدا توختىتىشنى ئېيىتتى .
ـ ماشىنىدىن چۈشىڭە گۈلگىنە سىزگە بىر قانچە قۇر كىيىم ئېلىپ بېرەي . ئەركىن ماشىنىدىن چۈشۈپ ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئېچىپ گۈلگىنەنى پەسكە چۈشۈردى .
ـ ئاداش ، خاپا بولماي بىردەم ساقلاپ تۇرغىنە بىز تېزلا قايتىپ چىقىمىز .
ئەركىن بىلەن گۈلگىنە قول تۇتۇشۇپ بىردەمدىلا سودا ساراي ئىچىگە كىرىپ كەتتى . ئەركىن داڭلىق ماركىلىق كىيىملەردىن بىر نەچچە قۇر گۈلگىنەگە كىيدۈرگەندىن كېيىن ھەممىسىنى دۇكاندارغا قاچىلاتقۇزدى .
ـ ۋاي ۋۇي ئەركىن ئاكا ، سىز نېمانداق ياخشى . رەھمەت جۇمۇ ، سىزگە . گۈلگىنە ئەركىننىڭ بىلىكىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ ئەركىلەپ شۇ سۆزلەرنى دىدى.
ـ نېمىگە رەھمەت دەيسىز جېنىم، بۇ دېگەن قانچىلىك ئىش ئىدى، سىزلا خالىسىڭىز نېمىنى دېسىڭىز شۇنى ئېلىپ بېرىمەن .
ئەركىن گۈلگىنەنىڭ قوللىرىنى سىيلاپ قويدى.
ـ ھى، ھى، ھى، ماقۇل ئەركىن ئاكا . .
- يۈرۈڭ، ئەمدى سىزنى ئۆيڭىزگە ئاپىرىپ قويايلى .
ئۇلار سېتىۋالغان كىيىم كېچەكلەرنى كۆتۈرۈشۈپ ، سودا سارايدىن چىقىپ كەلدى . شۇنداق ، قىلىپ ئۇلار ھەش پەش دېگۈچە گۈلگىنەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى .
- مېنى ئەكىلىپ قويغىنىڭىلارغا رەھمەت ئەركىن ئاكا . ئەمىسە مەن كىرىپ كەتتىم .
گۈلگىنە ئەركىنگە قاراپ ئەركىلەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى .
- بولىدۇ ئۇمۇقۇم، مەن يەنە سىزنى ئىزدەپ كىلمەن، بىز يەنە باشقا جايلارغا بېرىپ كۆڭۈللۈك ئوينايمىز .
- ماقۇل .
گۈلگىنە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ماشىنىدىن چۈشتى، ئۇ ئەتراپقا قاراپ قويۇپ ماشىنىدىكى ئەركىنگە قاراپ كۆزىنى قىسپ قويغاندىن كىيىن دەرۋازىدىن كىرىپ كەتتى.
- ھەي كاساپەت ئالامەت شوخ ئىكەن دېسە . ساڭا دېسەم ئۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىكەن . ئەركىن قاسىم بۈرگىگە قاراپ شۇنداق دېدى .
- ھەي ، مەن يەنىلا گۈلسارەدەك قىزلارنى ياخشى كۆرىمەن يۈزى تۆۋەن ھەم تارتىنچاق . ئۇنداق قىزلارنىڭ يېنىغا كەلسەڭ ئادەمدىن قورققۇمسىرايدۇ، دەل ئاشۇنداق قىزلارلا مېنىڭ قىزغىنلىقىمنى قوزغىيالايدۇ . قاسىم بۈرگە بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا كۆزلىرىدىن شەھۋەت ئۇچقۇنى ئۇچقۇنداپ ئۆتتى .
- بولدى يۈرە ئاداش، قايتىپ كېتەيلى . سېنىڭ گۈلسارەڭمۇ ھامىنى قولۇڭغا چۈشىدۇ . ئارتۇق غەم يېمىگىنە، ھا، ھا، ھا،
شۇنداق ، قىلىپ قىزىل رەڭلىك پىكاپ گۈلگىنەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئايرىلدى .
گۈلگىنە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە كەچ كىرگەن بولۇپ، ئايىمخان ھويلىدىكى كارىۋاتتا گۈلسارە ئېتىپ بەرگەن تاماقنى يەپ ئولتۇراتتى .
- ۋاي ۋۇي ، مېنىڭ ئوماق مەلىكەم قايتىپ كەپتىغۇ . بەكلا كەچ قالدىڭىغۇ قىزىم؟
- ھە ، دوستلىرىم بىلەن بازار چۆگىلىدۇق ئانا . ئۇنى بۇنى يەپ ئايلىنىپ كەچ بولغانلىقىنى بىلمەي قاپتىمەن . گۈلگىنە شۇنداق دەپ قۇيۇپ ھۇجۇرسىغا ماڭدى .
- قولۇڭدا كۆتۈرۈۋالغىنىڭ نېمە ئۇ ؟
- ھە. بۇ بىر قانچە قۇر كىيىم ئانا . سودا سارايدا كىيىملەرنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپتىكەن بىر قانچە قۇر سېتىۋالدىم .
- شۇنداقمۇ ؟ ياخشى بوپتۇ قىزىم، تېزراق چىقىپ تامىقىڭنى يېگىن .
- گۈلسارە گۈلگىنەگە تاماق ئېلىپ كەل .
ئايىمخان ئاشخانا ئۆيدە تاماق يەۋاتقان گۈلسارەنى توۋلىدى.
- ھە ، مانا ئانا . ھازىرلا ئەپ چىقاي،
گۈلگىنە ھۇجرىسىدىن چىقىپ ئايىمخاننىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن . ئۆزىگە تاماق ئېلىپ چىققان گۈلسارەنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارىدى .
- تېز تامىقىڭنى يە قىزىم، سوۋۇپ قالىدۇ .
- ھەي ، نومۇسسىز . سەن بۈگۈن يەنە ئىليار ئاكام بىلەن كۆرۈشكەن ئوخشىمامسەن،
گۈلگىنە گۈلسارەنى كۆرۈپ تۇيۇقسىز ئەتىگەندە ئىليار كاسكىنىڭ ئۆيىدە يوق ئىكەنلىكى ئېسىگە كېلىپ . گۈلسارەگە بۇ گەپلەرنى قىلۋاتاتتى.
- بۇ نېمە دېگىنىڭ گۈلگىنە . مەن نەدە ئىليار ئاكام بىلەن كۆرۈشۈپتىمەن،
- خىڭ ... ئىليار ئاكام سەن بىلەن كۆرۈشكىلى بارمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ بىكاردىن ئۆيدە يوق بولۇپ قالامدىكەن؟
- سەن نېمە دەۋاتىسەن ئۇنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشۈشتىن باشقا قىلىدىغان ئىش يوقمىكەن .
گۈلسارە گۈلگىنەنىڭ بىشەملىكىدىن ئۇنىڭغا ئەمدى يول قويماسلىق قارارىغا كەلگەندەك قىلاتتى .
- ھەي يېتىمەك . بۈگۈن ئەجەب يۈرىكىڭ يوغىناپ قاپتا سېنىڭ! قاراپ تۇرۇپ كۆز ئالدىمدا مېنىڭ ئەتىۋارلىق قىزىم بىلەن گەپ تالاشقۇدەك بولدۇڭما؟ راستىڭنى ئېيتە بۈگۈن ئىليار دېگەن ئۇ كاسكى بىلەن كۆرۈشتۈڭمۇ كۆرۈشمىدىڭمۇ؟
- بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئانا ، ئىليار ئاكام ئۆيدە بولمىغانغىلا مەن بىلەن كۆرۈشكىلى بارامدىكەن ؟
- ھە ، گۈلگىنە قىزىم بۇ گەپچە ئەتىگەندە تىللاخاننىڭ ئۆيىگە بارغان ئوخشىمامسەن .
- ياقەي ، ئانا . يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ ئىليار ئاكام بىلەن كۆرۈشۈپ كېتەي دەپ كىرگەن ئىدىم ، بىراق ئۇ ئۆيدە يوق ئىكەن .
- ھە تىللاخان ئىليارنى بىرەر ئىش بىلەن شەھەرگە ئەۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن قىزىم . يەنە كېلىپ تۈنۈگۈنمۇ ئىليار كاسكى ئوچۇق قىلىپ ئېيتتىغۇ ، مەن گۈلسارە قىززىقمايمەن دەپ ...
- مەن ئىليار ئاكامغا ئىشىنىمەن ، لېكىن ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمەن ئانا .
گۈلگىنە گۈلسارەگە قاراپ شۇنداق دېدى .
- ماڭا ئىشەنمىسەڭ مەيلى . لېكىن ماڭا قار چاپلىما.
گۈلگىنە شۇنداق دەپ قويۇپ ئاشخانا ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
- ئانا قارىغىنە ئۇ نېمانداق قىلىدۇ، ئۇ بۈگۈن ئەجەب نوچى بولۇپ كېتىپتا؟ گۈلگىنە ئايىمخانغا باتناپ قولىدىكى چوكىنى جوزىغا تاراققىدە تاشلىۋەتتى .
- ھەي قىزىم! ئۇ يىتىمەككە باتناپ تاماقنى يېمىسەڭ قانداق بولىدۇ ؟ ئاۋۋال تاماقنى يېگىن .
- ئانا . مەن ساڭا دېگەن ئىش قانداق بولدى .
- قايسى ئىشنى دەيسەن ؟
- ئاۋۇ قانجۇقنى خەقنىڭ ئىشغا سېلىپ پۇل تاپىدىغان ئىشچۇ .
- ھە، شۇ ئىشمىدى . مەھەللىدىكى بىر نەچچە خوتۇنلار بىلەن دېيىشىپ قويدۇم . ئەتىدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ ئۆيلىرىنى تازىلاپ بېرىدىغان بولدى.
- ھە ، ياخشى بوپتىغۇ، ئۇنداقتا ئىش ھەققىنى دېيىشتىڭمۇ ؟
- ھەئە ، دېيىشتىم قىزىم . ئەمدى خەج خىراجەتتىن بەك غەم قىلمىساقمۇ بولىدىغان بولدى . گۈلسارە دېگەن بۇ قانجۇق ئەمدى ھەرگىزمۇ بىكا قاممايدۇ، ھى، ھى، ھى،
- بەك ياخشى بوپتۇ ئانا گۈلگىنە خوشلۇق بىلەن تاماق يېيىشكە باشلىدى .
- ھە ، تاماق دېگەننى مۇشۇنداق خۇشاللىق بىلەن يېگۈلۈك قىزىم نەدىكى ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن باتناپ قورسىقىڭنى ئاچ قويساڭ قانداق بولىدۇ دەيمەن، ئايىمخان گۈلگىنەنىڭ چاچلىرىنى سىيلاپ قويدى .
كىچە ئاي قاراڭغۇسى بولۇپ، كېچىنىڭ نەم ھاۋاسى دىماققا ئورۇلاتتى . گۈلسارە غۇۋا چىراغ يورۇقىدا ئولتۇرۇپ . كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئاچتى . ئۇ قەلەمنى قولىغا ئېلىپ خاتىرىنىڭ بېتىگە مۇنۇ قۇرلانى يازدى.
بولسا گەر قىسمىتىم ئازاپلىق كەچمىش
سەن ئۈچۈن ھەرۋاقىت كۈلۈپ ياشايتىم
ئىچسەك گەر ۋىسال شەربەتلىرنى
ئازاپلىق كەچمىشنى ئۇنتۇپ كىتەتتىم
بىلسەڭ گەر بۇ سۆيگۈڭ ھاياتىم تەختى
سەن ئۈچۈن ھەرۋاقىت قۇربان بىرەتتىم
يەتسەم گەر چىن سۆيگۈ ئارزۇ ئارمانغا
يىتىملىك دەردىنى ئۇنتۇپ كىتەتتىم
- مېنى كەچۈرگىن ئىليار ئاكا . مەندەك يېتىم . ناتىۋان قىزغا . سەندەك ياخشى يىگىت . ھەرگىزمۇ لايىق كەلمەيدۇ، سەن بىلەن يىراقلارغا كېتەلمەيمەن، سېنىڭ مىنى دەپ جاپا مۇشەققەتتە ، قىلىشىڭنى . ئائىلەڭدىكىلەرنى رەنجىتىشىڭنى خالىمايمەن .
بۈگۈن سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلىغاندىن كېيىن . يۈرىكىمدە سىنىڭ بارلىقىڭنى ھىس قىلدىم، بىراق ماڭا نىم ئامال، مەن سىنى ياخشى كۈرۈشكە، قۇلۇڭنى تۇتۇپ يىراقلارغا كىتىشكە ئامالسىز...
گۈلسارەنىڭ كۆزلىرى لىققىدە ياش قۇتۇلۇپ داۋاملىق خەت يېزىشتىن توختاپ قالدى، ئۇ قەلبىدىكى ئىليارغا بولغان مېھىر مۇھەببىتىنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كۆممەكچى بولدى .
ئەتە سەھەر تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشىگە گۈلسارە ئورنىدىن تۇردى . ئۇ ھويلا ئاراملارنى سۈپۈرۈپ تازىلىۋەتكەندىن كېيىن . ناشتىلىق تەييارلاپ بولۇپ ئەمدىلا ئېتىزلىققا ماڭماقچى بولىۋىدى، ئايىمخان ھۇجۇرسىدىن چىقىپ گۈلسارەنى توۋلىدى.
- ھەي يىتىمەك ئېتىزلىققا بېرىپ تىز قايتىپ كەل، قوشنا مەھەللىدىكى بىرەيلەننىڭ ئۆيىنى تازلىغلى بارىسەن، ئەگەر بىر سائەتكىچە قايتىپ كەممەيدىغان بوساڭ چېچىڭنى يۇلۇپ قولۇڭغا ئەپ بىرمەن بىلدىڭمۇ؟
- بىلدىم ئانا.
گۈلسارە ئايىمخاننىڭ قوشنا مەھەللىدىكى بىرەيلەننىڭ ئۆيىنى تازىلىغىلى بارىسەن دېگەن گېپىنى ئانچە چۈشەنمىگەن بولسىمۇ ، بىراق ئايىمخانغا جاۋاب قايتۇرماسلىق ئۈچۈن ھېچنېمە دېيەلمىدى.
گۈلسارە تېز تېز قەدەملىرى بىلەن ئېتىزلىققا يۈرۈپ كەتتى .
ئۇ ھەش پەش دېگۈچە بىر خالتىنى توشقۇزۇپلا ئۆيگە قايىتتى
- گۈلگىنە قىزىم . تېز ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ناشتا قىلىۋالغىن . مەن ئاۋۇ گۈلسارە دېگەن قانجۇقنى قوشنا مەھەللىگە ئاپىرىپ قويۇپ كېلەي ، ئۇنىڭغىچە قورسىقىڭنى توقلاپ تۇر .
ئايىمخان گۈلگىنەنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى شۇنداق دەپ ئويغىتىشقا باشلىدى .
- بىلدىم ئانا سەن مېڭىۋەر! گۈلگىنە ئۇيقۇسىنى ئاچالماي ئايىمخانغا شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى .
بۇ چاغدا گۈلسارە بىر خالتا ئوتنى كۆتۈرۈپ دەرۋازىدىن كىرىپ كەلدى .
- ھە ، ماۋۇ ئوتنى تېز قويلارغا سېلىپ بېرىپ تېز تەييار بول ھازىرلا ماڭىمىز . ئايىمخان دەرۋازىدىن كىرىۋاتقان گۈلسارەگە قاراپ شۇنداق دىدى.
- بولىدۇ ئانا، گۈلسارە قويلارغا ئوتنى ئىلەشتۈرۈپ سېلىپ بەرگەندىن كېيىن قورسىقىغا ئاز تولا بىر نەرسە يىيىش ئۈچۈن ئاشخانىغا ماڭدى.
- ھەي گۈلسارە نەگە ماڭدىڭ ھازىر ماڭىمىز دىگىنىمنى ئاڭلىمغان ئوخشىمامسەن.
- قورسىقىمغا ئازراق بىرنەسە يەي دىگەن ئانا.
- ۋاي ـ ۋۇي ، يەنە شۇ قورساقنىڭ غېمىمۇ . يېتىمنىڭ قارنى تويمايدۇ دەپ . كەچكىچە قورساقنىڭ غېمىدە يۈرگەن، قىلغان ئىشىڭنىڭ تايىنى يوق . بولدى تېز مەن بىلەن ماڭ . كەچتە كەلگەندە يېسەڭمۇ بولىدۇ . ئايىمخان جاۋىلدىغىنچە ئىككى چاقلىق توكسىكلىتقا مىنىپ تەييار بولدى .