چىرايلىق گۈلسارە

چىرايلىق گۈلسارە

作者:شەبنەم | 阅读:820 次


📑 章节目录

第7章:7-قىسىم

-   ۋاي ـ  ۋۇي ،  يەنە شۇ قورساقنىڭ غېمىمۇ .  يېتىمنىڭ قارنى تويمايدۇ دەپ .  كەچكىچە قورساقنىڭ غېمىدە يۈرگەن،  قىلغان ئىشىڭنىڭ تايىنى يوق .  بولدى تېز مەن بىلەن ماڭ .  كەچتە كەلگەندە يېسەڭمۇ بولىدۇ . ئايىمخان جاۋىلدىغىنچە   ئىككى چاقلىق   توكسىكلىتقا مىنىپ تەييار بولدى . گۈلسارە ھېچنېمە دېيەلمەي ئايىمخاننىڭ يېنىغا كىلىپ  توكسىكىلىتقا مىندى،  ئايىمخان  مەھەللىسىدىكى بىر تونۇشىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن قوشنا مەھەللىدىكى بىرەيلەننىڭ ئۆيىنى تازلاپ بىرىشكە ئالدىن ھەق ئېلىپ قويغان بولۇپ  گۈلسارەنى دەل شۇ قوشنا مەھەللىدىكى ھېلىقى تازلىماقچى بولغان ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى ،  ـ   ئايىمخان دېگەن بۇ خوتۇن گۈلسارەنى زادى نەگە ئېلىپ ماڭغاندۇ؟    مەھەللىدىكى دوقمۇشتا  بىر قانچە ياشلار بىلەن تۇرغان ئىليار كاسكى ئايىمخاننىڭ گۈلسارەنى  توكسىكلىتنىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۆز - ئۆزىگە شۇنداق دېدى . -   بۇ خوتۇن يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقاندۇ ، ئۇ ھەرگىزمۇ گۈلسارەگە ياخشى ئىش قىلمايدۇ .  ئىليار شۇلانى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئۆيى تەرەپكە ماڭدى، ھايالشىمايلا ئايىمخان گۈلسارەنى ئېلىپ ، قوشنا مەھەللىدىكى ھېلىقى ئۆيگە يېتىپ كەلدى . -  تاڭ!  تاڭ!  تاڭ! 35-40ياش  -   كىم ؟  ئۆي ئىچىدىن  بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى . -   ھە ،   ئۆينى تازىلىغىلى  ئادەم ئېلىپ كەلگەن ئىدىم . -   ھە ، مانا كەلدىم .  دەرۋازا ئېچىلىپ ئىچىدىن  ئوتتۇز ياشلار ئەتراپىدىكى  تولىمۇ  ئېسىل سۈپەت كىيىم كىيگەن بىر ئايال چىقىپ كەلدى .  بۇ قورۇ قاراشتىلا بايلارنىڭ قورۇسىدەك قىلاتتى. -   ھە ، قانداق ئەھۋالىڭىز خانىم .  -   ياخشى .  ئۆينى تازىلايدىغان ئادەمچۇ؟ -   مانا بۇ قىز شۇ .  ئايىمخان گۈلسارەنى كۆرسىتىپ شۇنداق دېدى . -   كىچىكلا قىز ئىكەنغۇ ؟ پاكىز تازىلىيالامدۇ؟ -   ئەلۋەتتە .  ئۇ بەكلا ئىشچان . -  ھە ، مەيلى ئەمىسە قېنى كىرىڭ .  ئايال گۈلسارەنى  قورۇ ئىچىگە كىرگۈزدى. -   ئەمدى سىز قايتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ ئىش تۈگىگەندە  سىزگە خەۋەر قىلىمىز .  ئايال ئايىمخانىغا قاراپ شۇنداق دېدى . -  ھە  قالغان ئىش ھەققىنى .... -   قالغان ئىش ھەققىنى ، ئىش تۈگىگەندە بېرىمەن . -   ھە ، بولىدۇ .  بولىدۇ ئەمىسە .   ئايىمخان گۈلسارەگە كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ كېتىپ قالدى . باياتىن بېرى ئايىمخان بىلەن ئايالنىڭ گېپىدىن،  ئۆزىنىڭ  بۇ ئۆينى تازىلاشقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى چۈشەنگەن گۈلسارە ھېچنېم دىمىدى. - ھە  ئۆي تازىلاشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆي ئىچىدە،    ھازىردىن باشلاپ  تازىلاشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ ، مەن كەچتە كېلىمەن ئۆيلەرنى پاكىز تازىلاپ بولۇپ ، ھويلا ئاراملارنى پاكىز  تازىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ .  ئاۋۋال ئۆينى تازلاڭ. -   بولىدۇ . ئايال  گېپىنى تۈگىتىپ   ھويلىدىكى چىرايلىق ماشىنىسىنى ھەيدىگىنىچە قورۇ ئىچىدىن چىقىپ كەتتى . گۈلسارە  ئۆي ئىچىگە  سەپ سېلىشقا باشلىدى،  ئۆي ئىچى چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ،   قارىماققا بۇ ئۆيدە ئادەم ئولتۇرمىغىلى ئۇزۇن بولغاندەك قىلاتتى .  ئۇ ئۆي تازىلاشتا ئىشلىتىدىغان كېرەكلىك نەرسىلەرنى تاپقاندىن كېيىن ئۆي تازىلاشنى باشلىۋەتتى . گۈلسارە نەچچە سائەتلەپ ئۆينىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە تازىلاپ ئۆينى پارقىرىتىۋەتكەندىن كېيىن .  ھويلىغا چىقتى،   شۇ تاپتا ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كوكىراپ كېتىۋاتاتتى .  ئۇ ئۆي ئىچىدىن يىگۈدەك بىرنەسە ئىزدىدى،  بىراق ئادەم ئولتۇرمىغىلى ئۇزۇن بولغان بۇ ئۆيدە  بىرەر پارچە ناننىڭ پۇچىقىمۇ كۆرۈنمەيتتى . گۈلسارە ئامالنىڭ يوقلىقىدىن ئۆيلەرنى تېزراق تازىلىۋېتىپ قايتىپ كېتىشنى خىيال قىلدى . ئۇ ھويلا ئارامنى سۈپۈرۈش ئۈچۈن قولىغا ئۇزۇن سۈپۈرگىنى ئالدى دە، ھويلا ئارامنى سۈپۈرۈشكە باشلىدى،   گۈلسارە ھويلا ئاراملارنى سۈپۈرۈپ پاكىز تازىلىغاندىن كېيىن .  سۈرۈتكىدەكلا  يەرلەرنى پاكىز سۈرتتى .  ئۆي تازلاش نەچچە سائەت داۋاملاشقان بولۇپ گۈلسارە  قورسىقىنىڭ ئېچىشىغا ئەگىشىپ ھېرىپ چارچاپ ھالىدىن كەتكەن ئىدى. 
كۈن چۈشتىن قايرىلغان چاغ  شۇ تاپتا كەچ بولۇشقا خېلى ۋاقىت بار بولۇپ. گۈلسارە  ئۆيلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك پاكىز بولماي قېلىپ ئايىمخاندىن ، يەنە تىل داشنام ئاڭلاشتىن قورقۇپ   ئۆيلەرنىڭ پاكىز بولغان بولمىغانلىقىنى بىر بىرلەپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى . 
ئۇ قايتا قايتا سۈرۈتۈپ تازلىغاندىن كىيىن ھويلىدىكى كارىۋاتقا چىقىپ  ھېلىقى ئايال بىلەن ئايىمخانىنىڭ  كېلىشىنى كۈتۈپ   ئولتۇردى .   گۈلسارە بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن چارچاپ كەتكەنلىكتىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇيقۇغا كەتتى . ئارىدىن بىرە سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ،  دەرۋازىنى بىرەيلەننىڭ قاتتىق ئۇرغان ئاۋازى ئاڭلاندى .  گۈلسارە ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ .  دەرۋازىنى ئاچتى . بۇ چاغدا ئۆي ئىگىسى قايتىپ كەلگەن بولۇپ ئۇ ماشىنىنى  سىرتتا  قالدۇرۇپ  قورو ئىچىگە كىرىپ كەلدى، ئۇ ھويلا ئارامغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن، گۈلسارەگە قاراپ. 
-   تازلاپ بولغان ئوخشىمامسىز؟  - ھەئە تازلاپ بولدۇم، گۈلسارە ئايالغا قاراپ يېقىملىق كۈلۈمسىردى. ئايال ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتتى،  ئۇ ھەممە ئۆيگە بىر بىرلەپ كىرىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن .  ئۇنىڭ چىرايىدىن مەمنۇنلۇق ئەكس ئەتتى . -   ھەقىقەتەن پاكىز تازىلاپسىز سىڭلىم .  جاپا چەكتىڭىز . -  ھىچقىسى يوق ھەدە، -   ئەمدى قايتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ .  ھە راست ئانىڭىزمۇ كەلمەپتۇ،    ئۆيىڭىز يىراقمۇ؟ -   ئۆيۈم قوشنا مەھەللىدە . -   ئۇنداقتا مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي . -   ھە ، ياق ، بولدى ھەدە مەن مېڭىپ كەتسەممۇ بولىدۇ . -   ۋاي ۋۇي ، تارتىنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .  مەنمۇ ھازىر قايتماقچى ئىدىم . ئايال گېپىنى تۈگىتىپ ماڭايلى دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى، گۈلسارە  ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى،  ئايال ئۆينىڭ ئىشىكىنى مەھكەم تاقاپ .  دەرۋازىغا قۇلۇپنى سالغاندىن كېيىن .  ماشىنىغا چىقتى . -   قېنى چىقىڭە .  ئايال گۈلسارەگە قاراپ شۇنداق دېدى . گۈلسارە ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن .  ئايال ماشىنىنى قوزغىتىپ گۈلسارەنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى، ھەش پەش دېگۈچە ئۇلار گۈلسارەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى . -   مۇشۇ ئۆي شۇ رەھمەت سىزگە ھەدە . -   رەھمەت ، دېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .  بۇ سىزنىڭ قالغان ئىش ھەققىڭىز . ئايال  شۇنداق  دەپ گۈلسارەگە ئەللىك يۈئەن پۇلنى تۇتقۇزدى،  -   ھە  راست سىڭلىم  ئەسلىدە ئانىڭىز بىلەن ئەللىك يۈئەنگە دېيىشكەن ئىدىم .  قارىسام ئۆيلەرنى بەكلا پاكىز تازىلاپسىز .  شۇڭا يىگىرمە يۈئەن قوشۇپ بەردىم .  ئانىڭىزغا  تۈنۈگۈن يىگىرمە يۈئەن پۇل بېرىپ بولغان،   ماۋۇ قالغىنى ئەمىسە . -   ماقۇل ، ھەدە .  گۈلسارە شۇنداق دەپ ئايالنىڭ قولىدىكى ئەللىك يۈئەن پۇلنى ئالدى دە،  ئايال بىلەن خوشلىشىپ  ئۆيگە كىرىپ كەتتى . چارچاپ ھالىدىن كەتكەن  گۈلسارە قەدەملىرىنى ئېغىر يۆتكىگىنىچە ھويلىغا كىرىپ كەتتى ، نېمە دېگەن تەڭسىز جاھان بۇ ھە .  گۈلگىنە بىر كۈندە بازارغا بېرىپ نەچچە يۈز يۈئەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتسە .  گۈلسارە بولسا بىر كۈن كەچكىچە ئېشەكتەك ئىشلەپ ئاران دېگەندە ئەللىك يۈئەن پۇل تاپتى . بۇ نىمىدىگەن تەڭسىزلىك، ... گۈلسارە ئاستاغىنە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ . بىر پارچە ناننى ئېلىپ چايغا تەگكۈزۈپ يېيىشكە باشلىدى . ئايىمخان،   ھۇجرىسىدىن چىقىپ . ئاشخانا ئۆيگە سۇ ئىچىش ئۈچۈن كىرىپ گۈلسارەنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى . -  ۋاييەي،  نەدىن پەيدا بولدۇڭ سەن .  ئادەمنى قورقۇتۇپ . ئاچ قالغان ئوخشىمامسەن بۇ يەردە   ئوغرىلىقچە نان يەپ .  ئايىمخاننىڭ تۇرۇپلا گۈلسارەنى ئەتىگەندە  قوشنا مەھەللىگە ئۆي تازلاشقا  ئاپىرىپ قويغىنى يادىغا يەتتى .  ئەسلىدە ئۇ ئەتىگەننىڭ ياقى يېتىپ ئۇخلاپ گۈلسارەنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. -  ۋوي   سەن يىتىمەك بۇ يەردە يۈرۈيسەنغۇ .  سەن قوشنا مەھەللىدىن قاچان كەلدىڭ؟   مەن سېنى خەقنىڭ ئۆيىنى تازىلا دېسەم ...   ئارقامدىن ئىز بېسىپ قايتىپ كەپسەن دېگىنە .    -   ياق ، ئانا .  مەن ھازىر كەلدىم .  بۇ قالغان ئىش ھەققى  گۈلسارە شۇنداق دەپ ئەللىك يۈەن پۇلنى ئايىمخانغا سۇندى . ئايىمخان گۈلسارەنىڭ قولىدىكى پۇلنى كاپلا قىلىپ ئالدىدە .   سەككىز چىشلىق كېۋەزدەك ھىجاراپ تۇرۇپ -   ۋاي ۋۇي ، مۇنداق دە  مەن تېخى .  ئىشنى تۈگەتمەي تۇرۇپ يېنىپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن .  ھە بولدى بولدى نېنىڭنى يەۋەرگىن .  ھە راست ، گۈلگىنە ئىككىمىزنىڭ بەكلا قورسىقىمىز ئېچىپ كەتتى نېنىڭنى يەپ بولۇپ ئوخشىتىپ بىر لەغمەن ئەتكىن ھە . ھى، ھى، ھى، -   ماقۇل ، ئانا .  ئايىمخان ھىجارىغىنىچە ، ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ گۈلگىنەنىڭ ھۇجرىسىغا ماڭدى . -   قارا ، قارا قىزىم .  مانا كۆردۈڭمۇ ئىش ھەققىنى دېيىشكەندىن يىگىرمە يۈئەن ئارتۇق بېرىپتۇ تېخى .  بۇ جۇۋاينىمەك خېلى ئىشقا كاغا كەپتۇ دېسە . ئايىمخان گۈلگىنەنىڭ يېنىغا كىرىپلا شۇنداق دېدى . -   ھە ، ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ دە ، مەن دېمىگەن بولسام يادىڭغىمۇ يەتمەيتتى سېنىڭ!   بىكا نان بېرىپ بېقىۋېرەتتىڭ ئۇ قانجۇقنى. -   شۇڭا مېنىڭ قىزىم ئەمەسمۇ سەن ھەم ئەقىللىق ھەم چىرايلىق .  ئالە قىزىم ، بۇ پۇلنى سەن خەجلە .  ئايىمخان شۇنداق دېگىنىچە يىگىرمە يۈئەن پۇلنى گۈلگىنەنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ئەللىك يۈئەننى يانچۇقىغا  سالدى. شۇنداق قىلىپ كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى گۈلگىنە كۈندە دېگۈدەك خەقنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلاش كىر قاتلىرىنى يۇيۇش بىلەن ئايىمخاننىڭ پۇل تېپىش ماشىنىسغا ئايلاندى. ئۇ چارچاپ ھالىدىن كىتىۋاتاتتى،  ئىليار كاسكى بولسا گۈلسارە بىلەن پەقەتلا كۆرۈشەلمەيۋاتاتتى . -   ئانا . ئاۋۇ ئايىمخان دىگەن خۇتۇننىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقساڭچۇ .  گۈلسارەنى خەقنىڭ ئىشىغا سېلىپ پۇل تاپقىلى تۇرۇپتۇ دەپ ئاڭلىدىم . 48ياش  -  ۋوي خەق ئۆزىنىڭ قىزىنى ئىشقا سېلىپ پۇل تاپسا ، مەن نېمە دەپ بېرىپ باقىمەن ئەمدى ؟ -   سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئانا .  گۈلسارە ئۇ بەكلا جاپا تارتىپ كېتىۋاتىدۇ . -   قارا ، ئوغلۇم .  مېنى بىلمەيدۇ دېمە،   گۈلسارەگە كۆڭلۈڭ بارلىقىنى بىلىمەن،  بىراق ئايىمخان دېگەن ئۇ خوتۇن   بىلەن قۇدا   بولالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس . -   بۇنى بىلىمەن ئانا .  بىراق گۈلسارە بىلەن توي قىلىۋالساملا ئايىمخان بىلەن نېمە كارىمىز،  ئىليار ئاخىرى كۆڭلىدىكىنى تىللاخانغا دەۋەتتى . -    بالام ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن تىللاخان  گۈلسارەنى  ھەرگىزمۇ ساڭا  بەمەيدۇ،  -  ئاۋۋال دادام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقمامسەن،  بېرىپ باقماي تۇرۇپ بەرمەيدۇ دېگىنىڭ نېمىسى . ئىليار كاسكى ئانىسىغا  نارازى بولۇپ  شۇنداق دېدى . تىللاخان ، ئىليار كاسكىنىڭ ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلمىغىنى بىلەن كۆڭلىدە گۈلسارەگە مەيلى بارلىقىنى بۇرۇنلا بىلەتتى . -  ماقۇل ئوغلۇم،  مەن داداڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقاي  . قېنى ئۇ نېمە دەكىن ،  تىللا خان ئوغلى ئىليارغا شۇنداق دىگەچ  ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .