كىنىشكا رەسىمى (ئادەتتە سۇڭلۇق رەسىممۇ دەپ قويىمىز) تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئادەتتە قىزىل تەگلىك، كۆك تەگلىك، ئاق تەگلىك قاتارلىق بىر قانچە تۈرلىرى بار. ئۇنداقتا بۈگۈن بىز كىنىشكا رەسىمىنىڭ تەگلىك رەڭگىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى.
بىرىنچى خىل ئۇسۇل:
تەسۋىر (图像)- تەڭشەش (调整)- رەڭ ئالماشتۇرۇش (替换颜色)
بۇ مەشغۇلاتنى قىلغاندىكىن كېيىن مائۇس ئىسترېلكىسىنىڭ پىپېتكا (吸管) شەكلىگە ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقايسىز، بىز بۇ ئارقىلىق بەت يۈزى ياكى ئالدى-ئارقا رەڭ ئىستونىدىكى رەڭلەرنى تاللاپ، رەڭ فازىسى ۋە رەڭلەرنىڭ تويۇنۇش دەرىجىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق سۈرەتنىڭ تەگلىك رەڭگىنى ئالماشتۇرساق بولىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل بولسا: رەسىم قەۋەت باشقۇرۇش رايونىدىكى تەيجى بەلگىسى ياكى تىزىملىك ئىستونىدىن سۈرەت (图像)- تەڭشەك (调整) ئىچىدىكى رەڭ فازىسى ۋە تويۇنۇش دەرىجىسى (色相饱和度)نى تاللاپ كىچىك قول بەلگىسىنى چېكىپ بەت يۈزىدىكى ياكى ئالدى-ئارقا رەڭ ئىستونىدىكى رەڭلەرنى تاللاپ ئىشلىتىپ سۈرەتنىڭ تەگلىك رەڭگىنى ئالماشتۇرساق ياكى رەڭ فازىسى (色相)، تويۇنۇش دەرىجىسى (饱和度)ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسى (明度)يورۇقلۇق دەرىجىسى قاتارلىقلارنى تەڭشەش ئارقىلىق سۈرەتنىڭ تەگلىك رەڭگىنى ئالماشتۇرساق بولىدۇ.
ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل:
بۇ ئۇسۇلدا ئالدى بىلەن سۈرەت ئىچىدىكى شەخسنى ئويۇپ (抠图) ئېلىۋالىمىز، رەسىم ئويۇشنىڭ بىرقانچە خىل ئۇسۇلى بار، سېھىرلىك تاياق قورالى (魔棒工具) ياكى تېز سۈرئەتتە تاللاش قورالى (快速选取工具)، قەلەم قورالى (钢笔工具) قاتارلىق بىرقانچە ئۇسۇللىرى بار.
بىز بۇيەردە ئاسانراق بولغان ئۇسۇلنى ئۆگەنسەك: تىزىملىكتىن تاللاش (选择) ئىچىدىكى سۇبيېكت (主体) ئىقتىدارىدىن بايدىلىنىپ شەخسنى تاللىۋالغاندىن كېيىن قارايدىغان بولساق شەخسنىڭ چاچ قىسمى تولۇق تاللانماپتۇ.
بىز توسۇش (选择并遮)نى چېكىپ گىرۋەك تەڭشەش قەلەم قورالى (调整边缘画笔工具)نى تاللاپ تاللانماي قالغان قىسىملىرىنى تاللىۋالىمىز، ئەمدى مۇھىم نۇقتىغا كەلدۇق: خاسلىق (属性) ئىستونىدىن رەڭ تازىلاش (净化颜色)قا توغرا بەلگىسى ئۇرۇۋەتكەندىن كېيىن مۇقىملاشنى بېسىۋەتسەكلا رەسىم ئويۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولىدۇ.
بۇ مەشغۇلات بىزگە يېڭى رەسىم قەۋىتى قۇرۇپ بېرىدۇ بىز شۇ رەسىم قەۋىتىنىڭ ئاستىغا يېڭى قەۋەتتىن بىرنى قۇرۇپ، قۇرىۋالغان قەۋەتكە خالىغانچە رەڭ تولدۇرۇش ئارقىلىق سۈرەتنىڭ تەگلىك رەڭگىنى خالىغانچە ئۆزگەرتسەك بولىدۇ.