پىكسىل ئۇقۇمى بەزى كەسىپداشلارنى قىيناۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، بۈگۈن مەن مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس توختالماقچى.
ئۇنداقتا پىكسىل دېگەن نىمە؟ نوقتا زىچلىقى دېگەنچۇ؟(پەرىقلەندۈرۈش نىسپىتى، پىكسىل زىچلىقى، نوقتا زىچلىقى) 分辨率 دىگىنىمىز نىمە، ئىنگىلىز سۇڭ زىچلىقى ۋە سانتىمىتىر زىچلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز ۋە قانداق پايدىلنىمىز؟ فوتو-ئاپاراتلارنىڭ ياكى سۈرەتلەرنىڭ ئېنىقلىقىنىڭ قانچە پىكسىل ئىكەنلىكىنى قانداق ھېسابلايمىز؟ تۆۋەندە مۇشۇ سۇئاللارنىڭ ھەممىسىگە تەپسىلىي جاۋاب بىرىپ چىقىمەن.
پىكسىل ئەسلى ئىنگىلىزچە ئاتالغۇ بولۇپ، ئەسلى يېزىلىشى Pixel بۇ سۈرەتنى ھاسىل قىلغۇچى نوقتا سانىنىڭ بىرلىكى. (ھازىرقى رەقەملىك ئۈسكۈنىلەردىكى سۈرەتلەرچوڭ جەھەتتىن ئىككى خىل بولىدۇ. يەنى پىكسىللىق سۈرەت ۋە ۋېكتورلۇق سۈرەت. ئەمما مەن بۇ يەردە پەقەت پىكسىللىق سۈرەت ئۇقۇمى ئۈستىدىلا توختىلىمەن.) ھەربىر پارچە سۈرەت نۇرغۇنلىغان نوقتىلاردىن تۈزۈلىدۇ. ھەربىر نوقتا بىرلا خىل رەڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. شۇڭا بىر پارچە سۈرەتنى ئىپادىلەشتە ئەڭ كامىدا نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈز نوقتا، كۆپ بولغاندا نەچچە مىلىيۇن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ نوقتا لازىم بولىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان سۈرەت ئېنىقلىقىدىكى مانچە مىلىيۇن پىكسىل دەل مۇشۇ تەرەپنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ھەربىر نوقتا بىر پىكسىل ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن مەلۇم بىر سۈرەتنىڭ ئېگىزلىكى 6000 نوقتا كەڭلىكى4000 نوقتا بولسا ئۇنداقتا بۇ سۈرەتنىڭ ئېنىقلىقى;
6000 X 4000 = 24,000,000
دېمەك بۇ سۈرەتنىڭ ئېنىقلىقى 24مىلىيۇن نوقتا يەنى 24 مىلىيۇن پىكسىل بولىدۇ. سۈرەت ئېنىقلىقىنى ئاساسەن مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھېسابلايمىز. فوتو-ئاپاراتنىڭ سۈرەت ئېنىقلىقىنى ھېسابلىغاندىمۇ شۇئاپاراتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا تارتالايدىغان سۈرەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن، يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن ھېسابلاپ چىقساق بولىدۇ.
تۆۋەندە ھەرخىل ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەرنىڭ پىكسىللىق قۇرۇلمىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
12 پىكسىللىق سۈرەت
1200 پىكسىللىق سۈرەت
120000 پىكسىللىق سۈرەت
12,000,000 پىكسىللىق سۈرەت
يۇقارقىلار بىر پارچە سۈرەتنىڭ ھەرخىل ئېنىقلىقتىكى ئىپادىلنىشى.
سۈرەتنىڭ نوقتا زىچلىقى ھەققىدە
ئەمدى سۈرەتنىڭ پىكسىللىق زىچلىقى يەنى نوقتا زىچلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز. يەنى 分辨率 فىنبىيەنلۈ دېگەن ئۇقۇم شۇ.
بۇنىڭ ئادەتتە ئىككى خىل زىچلىق بىرلىكى بار. بىرسى نوقتا ھەر ئىنگىلىز سۇڭى، يەنە بىرى نوقتاھەر سانتىمىتېر.
ئۇنداقتا بۇئىككىسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
بىرلىكىدىنلا مەلۇم. يەنى ھەر ئىنگىلىز سۇڭى ئۇزۇنلۇقتا مانچە نوقتا بار ياكى ھەر سانتىمىتىرئۇزۇنلۇقتا مانچە نوقتا بار دېگەندەك. بىر ئىنگىلىز سۇڭى ئۇزۇنلۇق 2.54 سانتىمېتىربولىدۇ. شۇڭا 300 نوقتا ھەر ئىنگىلىز سۇڭى دېگىنىمىزنىڭ زىچلىقى 300 نوقتا ھەرسانتىمىتېر نىڭ زىچلىقىدىن تۆۋەن بولىدۇ.
ئاۋۋال ئاتالغۇلارنىڭ ھەرخىل يېزىلىشلىرى ھەققىدە بىر ئىزاھات بىرىۋىتەي
پىكسىل = 像素 = Pixel
مېتىر = 米 = m
سانتىمېتىر = 厘米 = cm
مىللىمېتىر = 毫米 mm
ئىنگىلىز سۇڭى = 英寸 = in
نوقتا ھەر سانتىمېتىر= 像素/厘米
نوقتا ھەر ئىنگىلىزسۇڭى = 英寸/厘米
يۇقارقى سېلىشتۇرما سۈرەتتىن ئىنگىلىز سۇڭى زىچلىقى ۋە سانتىمېتىر زىچلىقى ئارىسىدىكى پەرقنى ئازراق ھىس قىلالايسىز.
يۇقارقى سۈرەتتىكى قىزىل دائىرە ئىچىدىكى بۆلەك فوتوشوپ دېتالىدا بەت ئاچقاندىكى بەت ئۆلچىمىنى بىكىتىدىغان ئاساسلىق بۆلەك. بۇنىڭ ئىچىدىكى سېرىق رامكا ئىچىدىكىسى بولسا بەتنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. يېشىل رەڭلىك دائىرە بولسا سۈرەتنىڭ نوقتا زىچلىقىنى بەلگىلەيدۇ،
بۇ سۈرەتتىكى قىزىل رامكىلىق دائىرە نوقتا زىچلىقىنىڭ ئىككى خىل ھالىتى. ئادەتتە بەت ئاچقاندا مۇشۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز. بولۇپمۇ سۇڭلۇق سۈرەت بىر تەرەپ قىلغاندا ئەسلى سۈرەتنىڭ نوقتا زىچلىقىنىڭ بىرلىكى قانداق بولسا كېيىن ئاچقان بەتنىڭمۇ چوقۇم شۇخىل بىرلىكتە بولۇشى كېرەك. بولمىسا سۈرەتنى بىر بەتتىن يەنە بىر بەتكە يۆتكىگەندە سۈرەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا بەت ئاچقاندا پەقەت بەتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، سۈرەتنىڭ نوقتا زىچلىقىغا دىققەت قىلمىساق بىر قىسىم مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.
يەنە بىر موھىمنوقتا
يۇقارقى ئىككى سۈرەتتىكى ئىككىلىسى بەش سۇڭ سۈرەتنىڭ ئۆلچىمىدە ئېچىلغان بەت. پەقەت بەتنىڭ نوقتا زىچلىقىدىلا پەرق بار. شۇ خىل ئەھۋالدا ئىككى سۈرەتنىڭ ئومومىي ئېنىقلىقىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، قايسىسىنىڭ ئېنىقلىقى يۇقىرىكەن؟
来源: Esnaphotoshop