سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز.
بۇ تۆت سۆزنى دەپ ئېغىز ئاچماق بەكلا تەسكە توختايدۇ. بىز كۆڭلىمىزدە نەچچە قېتىم نەچچە يۈز قېتىم دەپ مەشىق قىلغان بولساقمۇ ئەمەلىي سورۇندا ئېغىز ئاچىدىغان چاغدا ئادەم بىر خىل تارتىنىپ ئېغىزدىن چىقارغىلى بولمايدۇ. مېنى ياخشى كۆرەمسىز بۇ جۈملىنى بەك بالدۇر دېيىشكىمۇ بولمايدۇ بەك كېچىكتۈرۈپ. دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. بەك بالدۇر دەپ قويساق كېيىنكى بارلىق جەريانغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن، بەك كېچىكىپ دەپ قويساق بەلكىم ئەھمىيىتى قالماسلىقى مۇمكىن. مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا قارشى تەرەپتىن سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سورىسىڭىز ئۇنىڭغا سىزنىڭ ئۇنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى. ئۇنى كۆڭلىڭىزدە بېكىتىپ بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. شۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلاردا سىز ئۇنى بەكرەك ياخشى كۆرىسىز. ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمىسە. سىز كۆزيېشى قىلغان ھالەتتە ئۇنىڭدىن؟ سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سورىسىڭىز، ئەلۋەتتە. سىز ئاللىبۇرۇن كېچىككەن بولىسىز. بەزى ئىشلاردا سىز كېچىكىپ بېرىپ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىز ئاخىرىدا سىزنى ئەخمەق ياكى دۆتتەك كۆرسىتىپ قويىدۇ. ئەگەر كارۋات ئۈستىدە قارشى تەرەپتىن مېنى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سورىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بەك قورقۇنچاق قىز بالا ئىكەنسىز. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ھەر قانچە ئەخمەق بولسىمۇ، سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن دەپ جاۋاب بەرمەيدۇ. ئىش يۈز بېرىپ بولغاندا سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سورىسىڭىز بەكلا كېچىككەن بولىسىز، ئۇ چاغدا ئۇنداق سورىغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق. سىز بىر چوڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ياكى تاسادىپىيلىق يۈز بېرىپ كېيىنكى يېرىم ھاياتىڭىزدا ئۇنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭدىن مېنى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سورىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ بەلكىم ئازراق شەخسىيەتچىلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بالىسى بار ھالدا ئۇنىڭدىن مېنى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سورىسىڭىز سىزنىڭچە، سىز تېخى كىچىك، بالىمۇ ئاللىبۇرۇن كېچىكتىڭىز. قانداق ۋاقىتتا سوراش كېرەك؟ سورىغىلى بولىدىغان ۋاقىت ئۇنچە كۆپ ئەمەس. بەلكىم ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان، سىز ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن، سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سورىسىڭىز. ئېنىق بولمىغان ۋاقىتتا سوراپ قانداق قىلىسىز؟