كۆپ قىسىم كەسىپداشلار يۇقارقى سۈرەتنى كۆرگەن، بۇ سۈرەتنى مەن ئىلگىركى بىر تېمامدىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ سۈرەتتىكى قىزىل سىزىق كېسىشكە بولمايدىغان ئورۇنلار، يىشىل سىزىق بولسا كەسسەك ئەڭ ياخشى چىقىدىغان ئورۇنلار كۆرسەتمىسى.
بەلكىم كۆپىنچىڭلار سۈرەتكە تارتىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتا قېلىپقا كىرىۋالساق ياخشى بولمايدۇ دەپ ئويلىشىڭلار مومكىن. بۇ قاراشنى پۈتۈنلەي خاتا دېمەيمەن. بىراق ئەڭ موھىمى شۇ قېلىپقا قارىسىغىلا كىرىۋېلىش ياكى ئۆز ئىجادىيتىمىزگە سىڭدۈرۈش ئارىسىدىكى چۈشەنچىدە پەرق بار. بۇ ھەقتە بەك تەپسىلىي توختالمايمەن. ئەمما تۆۋەندىكى بىرقىسىم سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باقساڭلار بىر قىسىم جاۋابقا ئېرىشەلىشىڭلار مومكىن.
يۇقىرىدىكى خاتا ئورۇندىن كېسىلگەن سۈرەتلەر
يۇقىرىدىكىسى توغرا ئورۇندىن كېسىلگەن سۈرەتلەر
تۆۋەندىكىلىرى بولسا ئىككى خىل ھالەتتە كېسىلگەن سۈرەتلەرنىڭ ياككە ھالەتتىكى سېلىشتۇرمىلىرى
يەنە بىر موھىم نوقتا بولسا سۈرەت كەسكەندە ئادەمنىڭ يۈزى قارىغان تەرەپتىن ئازراق بوشلۇق قالدۇرۇپ قويساق سۈرەتكە بىرخىل ئازادە تۇيغۇ بىرىدۇ.
يەنە سۈرەتنىڭ قۇرۇلمىسىغا دائىر نۇرغۇن نەزىرىيەلەر بار، ئىمكان بار شۇ ھەقتىكى ماتېرياللارنى كۆپ كۆرۈپ بەرسىڭىز سۈرەت ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە كۆپ قىينالمايسىز، ھەم تارتقان سۈرەتلىرىڭىز تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق چىقىدۇ.
来源: Esnaphotoshop